تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 9199|ئىنكاس: 39

يانغىن: مۇھەببەتنىڭ كۆزى قارىغۇ(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

4

دوست

403

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
ئەزىز ئىمىر يانغىن
تۆھپە
62
مۇنبەر پۇلى
310
ئىشەنىچ
62
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 01:49:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.jpg






تاغ تەرەپتىن گۈركىرەپ سوقىۋاتقان سوغوق شامال قەبرىستانلىقتىكى تۇغ-ئەلەملەرنى ئېچىنىشلىق تىترىتەتتى .بۇ يەرگە كېلىپ قالغان ئادەملەرنى ئىختىيارسىز قورقۇنچ بېسىپ يۈرىكىمۇ ئاشۇ تۇغ -ئەلەملەردەك تىترەپ كېتەتتى . ئاشۇ قەبرىستانلىقتىكى توپا يۆلەپ قۇيۇلغان قەبرە ئالدىدا بىر ئانا بۇقۇلداپ يىغلىماقتا .يۈرىكىدىكى ھەسرەتلىرنى ئاشۇ قەبرىگە سىڭدۈرمەكتە .قەبرە ئاستىدا ياتقان ئوغلىغا قەلبىدىكى بارلىق ھىسىياتنى ئۆكسىگىنىچە بايان قىلماقتا . شامال گۈركىرىمەكتە ، قاياقتىندۇر لالما ئىتلارنىڭ قاۋىغان ئاۋازى ئاڭلانماقتا ...ئانىنىڭ ئاۋازى بارغانسىرى كۈچىيىپ كېتىۋاتاتتى . ئۇ گويا يۈرىكىنى بېسىپ ياتقان پۇشايمېنىنى كۆز يېشى بىلەن يۇيۇپ چىقىرۋەتمەكچى بولغاندەك ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ يىغلايتتى . يىراقتىن بالا كۆتۈرۋالغان بىر ياش چوكان ئانىنىڭ يېنىغا يېتىپ كەلدى ۋە ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇنى يۆلەشتۈرگىنىچە قەبرىلەر ئارىسىدىكى تار چىغىر يول بىلەن يۈرۈپ كەتتى . يول ياقىسىدىكى دەل -دەرەخلەرمۇ ئۇلارغا ھېسداشلىق قىلىۋاتقاندەك ئاستا لىڭشىپ تۇراتتى .ئۇلارنىڭ سىماسى بارا -بارا كۆزدىن غايىب بولدى .

ئاۋغۇستىنىڭ مەلۇم بىر كۈنى . شەرىقتىن بالقىغان قۇياش كائىناتقا ئۆزىنىڭ ئالتۇن نۇرلىرىنى سېخىيلىق بىلەن چاچماقتا ئىدى . ئۇنۋىرستتىكى كۆل بويىدا بىر قىز جىمجىت ئولتۇرۇپ كىتاب كۆرىۋاتاتتى . كەينىگە تاشلاپ بىرلا يەردىن بوغۇلغان چېچى ۋە ھالرەڭ ئۇزۇن كۆڭلىكى ئۇنى بەئەينى كېپىنەككە ئوخشىتىپ قويغانىدى . چىرايى خۇددى قاشتېشىدەك سۈزۈك ، قاپقارا كۆزلىرىدىن نۇرلار ياغاتتى .چاقناپ تۇرغان كۆز قارچۇقلىرى كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ ، كاماندەك قاشلىرى جانلارنى مەھلىيا قىلاتتى . ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن قىز ئوقۇۋاتقان كىتابىنى قاتلاپ ئورۇندۇق ئۈستىگە قويدى -دە ، چىرايلىق بېشىنى سەل قىڭغايتىپ ئۇزاقتىن -ئۇزاق خىيالغا چۆمدى . دەرەخ شاخلىرىنىڭ ئۇچىدا ئىككى قۇچقاچ تىنماي ۋىچىرلاشماقتا ئىدى . بىر چاغدا قىز ئورنىدىن تۇردى ۋە دەرەخلىك ئارىسىدىكى خىش ياتقۇزۇلغان تار يولدا رىتىملىق مۇزىكا پەيدا قىلىپ ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ يولغا ئالدى .
- سىزنىڭ ...كىتابىڭىز ئۇنتۇلۇپ قالدى!
قىسقا ،ئەندىككەندەك ئاۋاز قىزنى توختاتتى . ئۇ نازاكەت بىلەن قايرىلدى ، چىرايىغا قىزىللىق تەپتى .
- رەھمەت سىزگە !- قىز شۇنداق دىگىنىچە يىگىتكە قاراپ كۈلۈمسىردىيۇ يىگىتنى نەدىدۇر كۆرگەندەك ھېس قىلدى . يىگىتنىڭ گەدىنىنى يېپىپ تۇرغان قارا چېچى ، چېكىلگەن يارىشىملىق بۇرۇتى ، چاچراپ تۇرىدىغان قوڭۇر كۆزى ، ئۇچۇپ كېتىۋاتقان سانى ئەسلىتىدىغان ئەگمەچ قاشلىرى قىزغا شۇنچىلىك تۇنۇش بىلىنىۋاتاتتى .
- سىز قانۇن فاكۇلتىتىدا ئوقۇيسىز ھە ؟- دەپ سورىدى يىگىت خۇددى قىزنىڭ خىيالىنى بىلىۋالغاندەك.
- ھەئە ، سىز مېنى تونۇمسىز ؟
- شۇنداق ، مېنىڭ بىر يېقىن ئاغىينەم سىلەرنىڭ سىنىپتا ئوقۇيدۇ . شۇنى ئىزدەپ سىنىپىڭلارغا نەچچە قېتىم بارغان .شۇ چاغدا سىزنىمۇ كۆرگەن .
ھەئە ، ئەسلىدە يىگىتنىڭ تۇنۇش چىراي كۆرۈنگىنى بىكار ئەمەسكەندە ،- دەپ پىچىرلىدى قىز كۆڭلىدە .
- ئىسمىڭىزنى بىلسەم بۇلامدۇ ؟- دەپ سورىدى يىگىت .
- زاھىرە ، - دېدى قىز چېچىنى ئۇياتچان قىزلارغا خاس بىر ناز بىلەن تۈزەشتۈرۈپ تۇرۇپ.
- مېنىڭ ئىسمىم ئەكرەم ، چەتئەل تىللىرى فاكۇلتىتىدا ، سىزدىن بىر قارار يۇقىرى يىللىقتا ئوقۇيمەن . سىز بىلەن تۇنۇشقىنىمغا خۇشالمەن ،- يىگىت سۆزلىگەچ قولىنى قىزغا ئۇزاتتى ، قىزمۇ تارتىنىپقىنا قولىنى سۇندى . ئاشۇ دەقىقىدە قىزنىڭ يۇمشاق ئالقىنىدىن ئاجايىب بىر ھارارەت تاراپ يىگىتنىڭ يۈرىكىنى جىغىلداتتى .

ئۇلار ئەنە شۇنداق تۇنۇشۇپ قالدى . ھەئە ، شۇ ئىشتىن كېيىن پات -پات كۆرۈشۈپ تۇردى. بۇ ئەكرەمنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئاخىرقى يىلى بولغاچقا ، زاھىرە دەرستىن چۈشسىلا ئۇنىڭغا ھەمراھ بۇلۇپ كۈنلىرىنى كۇتۇبخانىدا دەرس تەكرارلاش بىلەن ئۆتكۈزدى . شۇنداق قىلىپ ئارىدىن بىر ئاي ئۆتتى . ئەكرەم زاھىرەنى بارغانسىرى ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتاتتى . ئۇ ئۆز سۆيگۈسىنى ئىزھار قىلىشقا پۇرسەت ئىزدەيتتى. شۇنچە پىنھانلىقتا ساقلاپ كەلگەن ، يۈرىكىنىڭ ئەڭ چوڭقۇرلىقىدا تۇرىۋاتقان تۇنجى سۆيگۈسىنى چېچەكلىتىشنى ، ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشنى ئىستەيتتى . زاھىرەنىڭ ئۆزىگە نىسبەتەن قانداق ھىسىياتتا بولىۋاتقانلىقىنى بىلمەكچى بولاتتى .بىراق ،ئۇنىڭ پەرۋاسىز ، سېھرىگەر كۆزلىرىدىن ھېچنىمىنى ھېس قىلالماي قىينىلاتتى . ھەرقېتىم ئېغىز ئاچاي دېگەندە ئۇنىڭ مۇڭ تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان كۆزلىرىدىن ئىشەنچىسىنى يوقىتاتتى .
بۈگۈن ئۇلار مۇزاكىرىنى بالدۇرلا تۈگىتىپ ئىككىسى تۇنجى رەت تۇنۇشقان كۆل بويىغا كەلدى. تولۇنئاي ئەتراپنى سۈتتەك يۇرىتىپ تۇراتتى ، يۇلتۇزلار بولسا ئۇلارغا ھەۋەسلىنىپ كۆزلىرىنى چىمچىقلىتاتتى . مەيىن شاماللار زاھىرەنىڭ يۈزلىرىگە سۆيۈپ نىمىلەرنىدۇر شىۋىرلىشاتتى . كۆلمۇ جىمجىت ئۇيقۇغا چۆمگەن ئىدى ، ئۇلار كۆل بويىدىكى ئۇزۇن تاش ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇشتى . خېلى ۋاقىتقىچە ئۈن -تىن چىقارماي كۆلگە قارىشىپ تۇرۇشتى . ئاخىرى ئەكرەم غەيرەتكە كېلىپ سۆز باشلىدى :
- زاھىرە ، سىز ھازىرغىچە بىرەر يىگىتنى چىن كۆڭلىڭىزدىن ياخشى كۆرۈپ باققانمۇ ؟
- سىزچۇ ئەكرەم ،- قىز يىگىتنىڭ سوئالىغا سوئال بىلەن جاۋاب قايتۇردى .
- شۇنداق ، ياخشى كۆرۈپ باققان .
- ئارزۇيىڭىزغا يىتەلىدىڭىزمۇ ؟
- ياق ، تېخى ئۇ قىزغا ئاشكارلاپ باقمىدىم .
-مەن تونۇيمەنمۇ ؟نىمە ئۈچۈن قىزغا مۇھەببىتىڭىزنى ئىزھار قىلمىدىڭىز ؟
-تونۇيسىز زاھىرە ،ئۇ قىز مېنىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلىقىمنى بىلەمدۇ يوق ،ئۇنىسى ماڭا نامەلۇم .ئەمما خېلى ئۇزۇندىن بۇيان ئۇ قىزنى غايىبانە ياخشى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن .
- ئۇ قىزغا كۆڭلىڭىزنى ئاشكارلاشقا جۈرئىتىڭىز يوقكەندە ؟
- ئۇنداقمۇ ئەمەس ، پۇرسەت كۈتتۈم شۇ . ئۇنى قايىل قىلىپ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرگەندە ئاندىن ئېغىز ئېچىشنى ئويلاشقانتىم .
- قىزنىڭ مايىللىقىنى سۈكۈتتە تۇرۇپ قولغا كەلتۈرىمەن دېسىڭىز ئۇ قىزنى ئۈمۈدسىزلەندۈرۈپ قويىسىز ئەكرەم ، ئوغۇلبالا دېگەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسىنى نامايان قىلىشى كېرەك .
زاھىرەنىڭ سۆزلىرى ئەكرەمنىڭ ئەسلىدىنلا تىترەپ تۇرغان يۈرىكىنى تېخىمۇ قوزغىۋەتتى. بۇ سۆزلەر خۇددى ئۇنىڭغا مەدەت بېرىۋاتقاندەك تۇيۇلدى .قانداق بولۇپ زاھىرەنىڭ قولىنى تۇتىۋالغانلىقىنى ئۆزىمۇ سەزمەيلا قالدى .
- بىلسىڭىز ،ئۇ قىز دەل - سىز !سىزنى تۇنجى كۆرگەندىن باشلاپ ياخشى كۆرۈپ قالدىم .بارغانسىرى تەلۋىلەرچە ياخشى كۆرۈپ قېلىۋاتىمەن ،مۇھاببىتىمگە جاۋاب بېرىڭ زاھىرە ، مېنى سۆيگۈ قاينىمىدا يالغۇز تاشلىۋەتمەڭ .مەن سىزگە چىن دىلىمدىن شۇنداق ۋەدە بىرىمەنكى ، ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرغىچە بىر سىزنىلا سۆيىمەن ...- ئەكرەم ھاياجانلانغېنىدىن سۆزىنى داۋاملاشتۇرالمىدى.
- مەن ...مەن ...- زاھىرە دۇدۇقلىغىنىچە گەپ قىلالماي قالدى .بىراق ئۇ ئەكرەمنىڭ ئالقىنىدىكى قوللىرىنى تارتىۋالمىدى. زاھىرە ئەسلىدە '' مەنمۇ سىزنىڭ پاك -سەمىمىي قەلبىڭىزنى ،ھەققانىيەتنى سۆيىدىغان قەيسەر ئىرادىڭىزنى ، ئۆزگىچە خارەكتىرىڭىزنى ياخشى كۆرىمەن '' دېمەكچىدى، بىراق قىزلىق غورۇرى بۇلارنى دېيىشكە يول قويمىدى . ئۇ پەقەت جاۋاب تەرىقىسىدە ئەكرەمگە قاراپ ئىللىق كۈلۈمسىرىدى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىكى چاقناۋاتقان ئۇچقۇندىن قەلب نىداسى ئايان بولدى .
- رەھمەت زاھىرە، رەھمەت ! مەن سىزنى چوقۇم بەختلىك قىلىمەن !
ئەكرەم شۇنداق دېگىنىچە زاھىرەنى باغرىغا باستى .ئۇنىڭ يۈرىكى زاھىرەنىڭ يۈرىكى ئۈستىدە سوقاتتى .مەڭزىدىكى ئاتەش يۈزلىرىنى ئۆرتەيتتى . دىماقلىرىغا دىللارنى مەھلىيا قىلغۇچى خۇشپۇراقلار ئۇرۇلاتتى . زاھىرەنىڭمۇ يۇمران ۋە ئىللىق ۋۇجۇدى ئەكرەمنىڭ باغرىدا شىددەتلىك ۋولقان بۇلۇپ ياناتتى ...ئۇلار شۇ تەرىزدە خېلى ئۇزۇن تۇرۇشتى .بىر ھازادىن كېيىن زاھىرە ئۇيقۇدىن چۆچۈگەندەك :
- قايتايلى ئەكرەم ، ياتاقنى تاقايدىغانغا ئازلا قالدى ،- دېدى .
-يۇلتۇزلۇق كېچە نەقەدەر گۈزەل ھە ! ئىشىنىمەنكى بىزنىڭ كەلگۈسىمىزمۇ مۇشۇنداق گۈزەل بۇلىدۇ ،-دېدى ئەكرەم ئاستاغىنە پىچىرلاپ .
-ئاللاھ بەختىمىزنى بېرەر ئەكرەم ...-زاھىرە يەنە نىمىلەرنىدۇ دېمەكچىدى ، بىراق ۋاقىتنىڭ بىر يەرگە بېرىپ قالغانلىقىنى ئويلاپ گېپىنىڭ داۋامىنى يۈتۈۋەتتى .
-تېز بولۇڭ ئەكرەم ، ياتاقنى تاقايدىغانغا ئازلا قاپتۇ ، چاپسان قايتايلى ،- دېدى ئۇ نازۇك بېلىكىدىكى سائىتىگە قاراپ . ئۇلار بىر-بىرىنىڭ قوللىرىنى مەھكەم تۇتۇشۇپ كۈمۈشرەڭ ئايدىڭلىققا چۆمگەن يولدا گويا بىرى كەينىدىن قوغلاپ كېلىۋاتقاندەك يۈگۈرۈشكىنىچە ياتاق بىناسى تەرەپكە قاراپ يول ئالدى ...

قاينام تاشقىنلىق سىتۇدىنتلىق ھاياتىغا يېڭى مەنا قۇشۇلۇپ ، بۇ ئىككى ياشنىڭ مۇھاببىتى تېخىمۇ قۇيۇقلىشىپ بارماقتا ئىدى . ئۇلار ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئىمتىھانلىرىغا تەييارلىق قىلىۋاتاتتى . ئۇلارنىڭ كۈنلىرى ئاساسەن دەرسخانا ، كۇتۇبخانا ، ياتاق ئارلىقىدا ئالدىراشچىلىق ئىچىدە ئۈتۈپ كېتىۋاتاتتى . ئۇنۋىرستىت ھاياتى ئۇلارغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ھېس قىلدۇردى. كىمكى ھاياتنىڭ ئەگرى -توقاي يوللىرىنى راۋان بېسىپ ئۆتىمەن ، ئادەمدەك ياشايمەن دەيدىكەن داۋاملىق ئالغا قاراپ مېڭىشى ، توسقۇنلۇقلاردىن ، جەبىر -مۇشاقەتلەردىن دادىللىق بىلەن ئۆتىشى كېرەك . ھەش -پەش دېگۈچە ئەكرەم ئوقۇشىنى ياخشى نەتىجىلەر بىلەن تاماملاپ يۇرتىغا قايتماقچى بولدى . زاھىرە يەنە بىر يىلدىن كېيىن ئوقۇش پۈتتۈرەتتى .
سۆيگەن يىگىتىدىن ئايرىلىشنىڭ ئازابىنى ئاشۇ زاھىرەگە ئوخشاش ئايرىلىش ھىجرانىنى تېتىغانلارلا تۇللۇق چۈشىنەر بەلكىم . گەرچە بۇ ۋاقىتلىق ئايرىلىش بولسىمۇ ھەرئىككىلىسىنىڭ يۈرىكىنى ئېزىۋەتتى . ئۇلار تۇنجى سۆيگۈسىنىڭ باشلىنىش قەدىمى بولغان كۆل بۇيىغا بېرىپ ، بىر-بىرىگە قېنىشماي ، بۇنداق ئايرىلىشنىڭ تەمىنى تېتىپ باقمىغاچقا ، تەقدىرنىڭ ئۇلارغا قىلغان بۇ ئازابىدىن زارلىنىپ تۇراتتى . زاھىرەگە قاراپ ئەكرەمنىڭ كۆڭلى تېخىمۇ بۇزۇلدى.-بولدى يىغلىماڭ جېنىم زاھىرە ...سىز يىغلىسىڭىز مىنىڭ يۈرىكىم ئاغرىيدىكەن ،- دېدى ئەكرەم زاھىرەنىڭ قوللىرىنى چىڭ سىقىپ تۇرۇپ .-بىلەمسىز ئەكرەم ...مىنىڭ ئەڭ قورقىدىغىنىم سىزدىن ئايرىلىپ قېلىش ئىدى ، سىزدىن ئايرىلىپ قانداق ئوقۇيمەن ، مەن يىغلىماي كىم يىغلىسۇن....-زاھىرە تېخىمۇ بۇغۇلۇپ كەتتى .- ياق زاھىرە ، بۇ پەقەت ۋاقىتلىقلا ئايرىلىش. بىز پات يېقىندا يەنە كۈرىشىمىز ئەمەسمۇ ، سىز ئوقۇشىڭىزنى پۈتتۈرگىچە مەن سىزنى ساقلايمەن ، ئوقۇشىڭىز پۈتكەن ھامان تۇيىمىزنى قىلىۋالىمىز ، بىزنى ھېچكىم ئايرىۋىتەلمەيدۇ ، مەن سىزنى سۆيىمەن ...ئاخىرقى تىنىقىم قالغۇچە سۈيىمەن . ماڭا ئىشىنىڭ گۈلۈم ، مەن سىزنى ساقلايمەن !-ئەكرەم شۇنداق دەپلا زاھىرەنى ئۆزىگە تارتىپ ئۇنى چىڭ قۇچاقلىۋالدى.مۇھەببەتلىك لەۋلەر بىر -بىرىگە چىڭ جىسىپلاشتى ، ئاي ئۇلارنى كۈرۈپ خىجىل بۇلۇپ ئۇماق جىلمايدى .شۇنداق قىلىپ ئەكرەم بەش يىللىق ھايات ئىزنالىرى ، نۇرغۇن تاتلىق ئەسلىمىلىرى ، خۇدى چۈشكە ئوخشاش گۈزەل مۇھەببەت كۈيلىرىنى ياڭراتقان مەكتىپىدىن ئايرىلىپ يۇرتىغا قاراپ يول ئالدى . زاھىرە كۆز ياشلىرىنى يۇم -يۇم تۈكۈپ ئەكرەمدىن ئايرىلدى ، ئەكرەممۇ ئۇنىڭغا ئەڭ ساپ ، پاك بولغان ۋەدىلەرنى ، بەخىتلەرنى تىلىدى .
ئەكرەم ئۆزىنىڭ ئوقۇغان كەسپىگە ئاساسەن ساياھەت ئىدارىسىغا تەقسىم قىلىندى. ئۇ ئىشقا چۈشۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆزىنىڭ تەشكىللەش جەھەتتىكى ماھىرلىقى بىلەن ھەممىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان ئىستىقباللىق ياشقا ئايلاندى .
''بۈگۈن يەكشەنبە ، ياتاقتا يالغۇز ئولتۇرۇپ زىرىكتىم . خۇددى سىز ئۇچراپ قالىدىغاندەك كوچىغا چىقىپ نىشانسىزلا ئايلاندىم . ئادەمنى ۋەھىمىگە سالىدىغان بۇ چوڭ شەھەردە ئالدىراش پېتى مىغىلداپ كىتىۋاتقان ئادەملەر ئارىسىدا مەن يەككە -يىگانە . ئوقۇشۇم تېزراق پۈتسە دەپ كېچە -كۈندۈز خىيال قىلىمەن . بەزىدە ئوقۇشتىن بىزار بۇلۇپمۇ قالىمەن . بىراق، يەنە تېزلائۆزۈمگە قايتىمەن ، دائىم ئەقىل بىلەن ھىسىيات ئارىىسدا مانا شۇنداق تېڭىرقايمەن. سىز مىنىڭ يۆلەنچۈكۈم ، سىز بولسىڭىزلا مەن ھەرقانداق جاپاغا چىدايمەن ، سىز مەن ئۈچۈن بولسىمۇ ئۆزىڭىزنى ئاسراڭ . ''
زاھىرە چىن يۈرىكىدىن چىققان ،سېغىنىشلىق ھىسياتى ئۇرغۇپ تۇرغان خەتنى يېزىپ بۇلۇپ ، ئۆزى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ چىقتى . شۇئان ئۇنىڭ مەمنۇنلۇق ئالامەتلىرى چىقىپ تۇرغان گۈزەل چېھرىدە چىرايلىق زىناق پەيدا بۇلۇپ ، بۇ گۈزەل قىزنى تېخىمۇ ئوماق تۈسكە كىرگۈزۋەتتى .زاھىرە تەتىل ئاخىرلىشىپ مەكتەپكە قايتىپ كىلىپ ، ئەكرەمنى ئويلىماسلىققا تىرىشىپ بىر نەچچە ھەپتىنى ئۆتكۈزگەن بولسىمۇ ، ئاخىرى تاقەت قىلالمىدى . خەتنى چىرايلىق قاتلاپ ، كونۋىرتقا سالغاندىن كىيىن كۈندىلىك ئادىتى بۇيىچە ياستۇقنىڭ ئاستىغا سېلىپ قويغان نەرسىنى ئېلىشقا مەجبۇر بولدى . بۇ - ئەكرەمنىڭ بەش سۇڭلۇق رەڭلىك رەسىمى ئىدى . زاھىرە رەسىمگە ئۇزۇندىن -ئۇزۇن قارىدى ، رەسىمدىكى كۆزلەر ئۇنىڭغا مۇھەببەتلىك تىكىلىپ تۇراتتى . بۇنىڭدىن سېغىنىش ئوتى تېخىمۇ كۈچىيىپ كۆزلىرىگە ياش ئەگىدى . بەزىدە گۈزەل ئەسلىمىلەرگە چۈمۈلۈشمۇ ، ئۆزى چىن قەلبىدىن سۆيگەن بىرسىنى سېغىنىشمۇ مۇشۇنداق ئازاب ئىكەن . زاھىرە رەسىمگە سىنچىلاپ تىكىلگىنىچە ، رەسىمنى ئىختىيارسىز لەۋلىرىگە ئەكەلدى . خۇددى....خۇددى ئەكرەمنىڭ تۇنۇش ، شىرىن ھىدلىرى كەلگەندەك بۇلۇپ ... زاھىرەنىڭ لەۋلىرى تىترىدى ، ئەمما رەسىم بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىر پارچە مۇز ئويۇپ قالغاندەك ئەندىكىپ توختاپ قالدى ، ۋۇجۇدى مۇزلىغاندەك بولدى . ئاھ مۇھەببەت ، ئاھ سېغىنىش ...
ئىشىكنىڭ ئېچىلىشى زاھىرەنى ئازابلىق ھەم شىرىن خىياللار قوينىدىن تارتىپ چىقتى . ياتاقدىشى رەنا بىر قۇلىدا تاماق قاچىسى ، يەنە بىر قۇلىدا چايداننى كۆتۈرۈپ كىرىپ كەلدى .ئۇ زاھىرەگە قاراپ :<<ھەي ،دەردى بار ساراڭ >>دەپ كۈلۈپ قۇيۇپ شىرە يېنىغا باردى . قۇلىدىكى تاماق قاچىسىنى شىرە ئۈستىگە قۇيۇپ ، كۇرۇشكىلارغا قايناق سۇ قويدى .
-تاماق يىدىڭمۇ ؟-دېدى ئۇ زاھىرەگە قاراپ ،-كەل ، تاماق يىمىگەن بولساڭ بىللە يەيمىز .
زاھىرە پەرىشان ھالدا بېشىنى چايقاپ قويدى ، رەنا ئارتۇق تۈزۈت قىلىپ ئولتۇرمايلا تامىقىنى يىيىشكە باشلىدى. زاھىرەمۇ ئۆز خىيالى بىلەن ئولتۇرۋەردى.
- زاھىرە ،ئۇنداق ئاھ چىكىپ ئولتۇرغاننىڭ پايدىسى يوق ،-دېدى رەنا ،-سېنىڭ <<ئاھ>>لىرىڭنى بەرىبىر ئۇ ئاڭلىيالمايدۇ . كېلىپ بۇ بىچارە ھالىتىڭنىمۇ كۆرمەيدۇ. <<سېغىنىشتىن يۈرىكىگە تەسىر قىلىدۇ .>>دەپمۇ ئويلىما . بۇنداق قىلساڭ ئۆزۈڭنى قىيناشتىن باشقا نەتىجە چىقمايدۇ . ماڭا باشقىچە قارىما ، شۇنداق جاھان بۇ ، ئادەملەر ئوتتۇرىسىدا ئايرىلىش ھامان بۇلۇپ تۇرىدۇ . بىر يىل ۋاقىت بەك ئۇزۇنمۇ ئەمەس ، مەكتەپكە كىلە -كەلمەي بۇنچە سېغىنىپ كەتسەڭ كىيىن قانداق قىلەرسەن ؟...
زاھىرە رەناغا ھەقىقەتەن ھەيران قالدى ، ئەتىدىن -كەچكىچە ئولتۇرۇش دەپ گىرىم قىلىپ يۈرۈيدىغان بۇ قىزنىڭ ئېغىزىدىن بۇنداق گەپلەرنىڭ چىقىشىنى ھەرگىز كۈتمىگەنىدى، ياق ئويلىمىغانىدى. زاھىرە <<بۈگۈن رەناغا نىمە بولغاندۇ ؟..>>دىگەندەك قىلىپ ھەيرانلىق بىلەن بىر ھازا قارىۋەتكەندىن كىيىن ، ئورنىدىن تۇرۇپ شىرە تۈۋىگە ، رەنانىڭ يېنىغا كىلىپ ئولتۇردى .
- بەللى ئاداش ،-دېدى رەنا يەۋاتقان تاماق قاچىسىنى زاھىرەنىڭ ئالدىغا ئىتتىرىپ ،-بىر ياتاقتا ياتقىنىمىزغىمۇ بەش يىل بۇلاي دېدى . ئەكرەم يۇرتىغا كەتكەندىن بېرى قاچانلا قارىسام شۇنداق مەيۈس يۈرۈيسەن ،بۇنداق يۈرۈپ نىمىگىمۇ ئېرىشەلەيتتىڭ ، تېخى تاماق يىيىشنىمۇ ئۇنتۇپسەن ....
زاھىرە شۇندىلا قورسىقىنىڭ ئاچقانلىقىنى ھىس قىلىپ تازا ئوخشىغان پولونى ئىشتىھا بىلەن يىيىشكە باشلىدى.
-ئاداش ،-دېدى زاھىرە تاماقنى يەپ بۇلۇپ ، ئەينەككە قاراپ چاچلىرىنى تاراۋاتقان رەناغا قاراپ .
-ئوۋ...
-رەنا ، سەنمۇ مۇھەببەتلەشكەنمۇ ؟
-قويە ئاداش مۇھەببەتلىشىش دىگەننى ، بىلسەڭ مەن ئىككى قېتىم يۈرۈپ ، ئوغۇللاردىن جىق زەربە يىگەن . يىگىتلەردىن ئاسانلىقچە ۋاپا كەلمەيدۇ . بىرىنچىسى بىلەن ئارلىشىپ بىر يىل بۇلاي دىگەندە ، باشقا بىرىنى تېپىۋىلىپ كۆڭلۈمگە ئازار بەردى ، يەنە بىرسى ، ئۇنى سەنمۇ تۇنۇيسەن . ئەدەبىيات فاكۇلتىتىدىكى كېرەم . ئارلىشىپ بىر ئاي ئۆتە -ئۆتمەيلا يۇرتدىشى زۆھرە بىلەن يۈرىۋالدى . ۋاي ، نىمە دەي ...سەتلىكىنى ئۇ نىمىنىڭ . شۇ ۋاقىتتا قانداق بۇلۇپ يۈرۈپ قالغان بولغىيتتىم ؟!..
.تازا غەلىتە ئىكەنغۇ ، بۇنداق ئادەملەردە ھەقىقىي مۇھەببەت ھىسىياتى نىمە ئىش قىلسۇن ،-دەپ ئويلىدى زاھىرە ، ئۇنىڭ يىگىتلەر ھەققىدىكى گېپىگە رەددىيە بەرمەكچى بولدىيۇ ،-شۇنداق ئىكەن ،ئۇنىڭ بىلەن سۆزلەشكەننىڭ نىمە پايدىسى ...
-ھەي ،-دېدى رەنا ئېغىر خۇرسىنىپ ،-ساڭا ھەيرانمەن ، ئەكرەمنى بەكلا ياخشى كۆرىسەن ، دەردىڭنى ئوبدان بىلىمەن . بەزى كېچىلىرى تېخى<<ئەكرەم >>دەپ جۆيلۈيسەن ...لىكىن ئالىمادىس بىر ئىش بۇلۇپ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇلالمىساڭ قانداق قىلىسەن ؟؟
بۇ گەپ زاھىرەنىڭ يۈرىكىگە ۋاششىدە تەگدى . ھەي مۇھەببەت ، ھەي مۇھەببەت ، ھەر يۈرەكتە بايرىقىڭ ئۆزگىچە لەپىلدەر ...
<<يامان ئاغزىڭغا خۇدايىم بالا بىرە ، نىمانداق گەپلەرنى قىلىدۇ بۇ ساراڭ . بۇنداق ئادەملەرگە دەرت تۈكۈپ ئۆزۈممۇ ساراڭ >>زاھىرە كۆڭلىدە شۇلارنى ئويلاپ ، رەناغا ئاچچىقى كىلىپ ئالىيىپ قاراپ قويدى . رەنا پەرۋاسىز ھالدا گىرىم قىلىش بىلەن ئاۋارە ئىدى .زاھىرە ئەكرەمگە يازغان خەتنى تېزراق سېلىۋىتىش ئۈچۈن پوچتىخانىغا قاراپ ماڭدى . ئەكرەم يادىغا كىلىۋىدى ، بايا رەنا دىگەن گەپلەرنى ئويلاپ يۈرىكى ئېچىشتى .'' بولدى ، ئەمدى مۇھەببەت قاينىمىغا چۈكۈپ يۈرمەي ياخشى ئوقۇيمەن .'' دەپ ئويلاپ باشقا نەرسىلەرنى خىيال قىلىشقا تىرىشتى . بىراق ، ئەكرەم ئۇنىڭ خىيالىغا يەنە كىرىۋالدى . ئەكرەم بىلەن ئۆتكەن گۈزەل مىنۇتلارنى ئويلاپ ، تۇرۇپلا يىغلىغۇسى كەلدى ، ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرقى قېتىم قۇچاقلىشىپ ئايرىلىشقاندىمۇ نەملەشمىگەن بۇ كۆزلەرگە لۆممىدە ياش كەلدى ...

كۈنلەر بىر -بىرنى قوغلاپ ئۈتۈشكە باشلىدى . ئەكرەم بىلەن زاھىرە تېلفۇن ئارقىلىق كۈرۈشۈپ تۇراتتى . ئەكرەم ھەرقېتىم زاھىرەگە ئۆزىنىڭ خىزمەتتىكى مۇۋاپىقىيەتلىرىنى ئېيتىپ ئۇنى بەكمۇ سېغىنغانلىقىنى بىلدۈرەتتى . زاھىرەمۇ كۆز ياشلىرىنى يامغۇردەك تۈكۈپ ئۇنىڭغا بولغان سېغىنىشلىق ھىسىياتىنى ئىپادىلەيتتى . بىر -بىرىگە ئوتلۇق ۋەدىلەرنى بىرىشەتتى....نىھايەت ، زاھىرە ئۈچۈن تۇلىمۇ مۇدھىش بىلىنگەن ئوقۇش ھاياتى ئاخىرلىشىپ ، ئوقۇش پۈتتۈرۈش گۇۋاھنامىلىرىنى قولىغا ئېلىپلا يۇرتىغا قاراپ يول ئالدى . توي ئىستىكى يۈرىكىنى غىدىقلاپ تۇرغان مەزگىلدىكى قىزلارغا ئوخشاش زاھىرەمۇ يۇرتىغا كەلگۈچە خۇددى تويى بۇلىدىغاندەك ئاللىقانداق تاتلىق ھېسلارغا چۈمۈلدى .يۇرتىغا كېلىپلا ناھىيلىك ئوتتۇرا سوتقا خىزمەتكە چۈشتى .
ئەكرەم زاھىرەنىڭ يۇرتىغا قايتىپ كەلگەنلىكىدىن تۇلىمۇ سۈيۈنگەن ئىدى . ئەمدى ئانىسىغا ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ئېيتىپ ۋاقتىدا تۇيىنى قىلىۋىلىشنى ئويلايتتى . بىراق ، ئانىسىغا قايسى يۇسۇندا قانداق ئۇسۇل بىلەن ئېيتىشنى بىلمەي بىر نەچچە كۈننى ئويلىنىش ئىلكىدە ئۆتكۈزۋەتتى . بىر كۈنى كەچلىك تاماقتىن كېيىن ئانا -بالا پاراڭلىشىپ ئولتۇرۇشتى .
- ئوغلۇم ،-دەپ گەپ باشلىدى ئانا ،- يۈرۈۋاتقان قىزىڭ بارمۇ ؟
خۇددى ئىچىدىكىنى بىلىۋالغاندەكلا تۇيۇقسىز سورالغان بۇ سۇئالدىن ئەكرەم تەمتىرەپ قالدى. ئۇ مۇشۇ كەمگىچە ئانىسى بىلەن مۇنداق نازۇك مەسلىلەرنى دېيىشىپ باقمىغان ئىدى . ئەكرەمنىڭ دادىسى ئۇ تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قەدەم قويغاندىلا تۈگەپ كەتكەنىدى . ھالا بۈگۈنگىچە ئانىسى ئۇنى ھېچنىمىدىن قىسماي كۆز قارچۇقىدەك ئاسراپ كېلىۋاتاتتى . ھازىرقى جەمئىيەت شارائىتىدا بىر يالغۇز جاننىڭ مائاشى بىلەن ئىككى ئادەمنى باقماق ، يەنە كېلىپ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇتماق ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس-دە. شۇ سەۋەبتىنمىكىن ئەكرەم ئانىسىنى بەك ھۆرمەتلەيتتى . ھەرقانداق ئىشتا ئۇنىڭ ئاغزىغا قارايتتى . بۈگۈن ئانىسى بىلەن ھىسىيات جەھەتتە پاراڭلىشىش ئۇنى تولىمۇ خىجىل قىلدى . ئانا ئوغلىنىڭ ھولۇقۇپ قاراشلىرىدىن ، ئوت يانغان كۆزلىرىدىن ھەممىنى چۈشەندى .
- ئۇنداقتا كېلەر شەنبە كۈنى لايىغىڭنى باشلاپ كەل ، مەنمۇ كېلىنىم بىلەن بالدۇرراق تۇنۇشىۋالاي ،-دېدى ئانا ئەكرەمنىڭ چاچلىرىنى مىھرىبانلىق بىلەن سىيلاپ تۇرۇپ . ئانىسىنىڭ سۆزلىرىدىن ئەكرەم تولىمۇ خۇشال بولدى ، ھەتتا كۆز ئالدىغا زاھىرەنىڭ ئاپپاق توي كۆينىكىنى كىيىپ تۈرۈپ ئۆزىنى قولتۇقلاپ تۇرغان ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىپمۇ ئۈلگۈردى-دە،ئۆز خىيالىدىن شادلىنىپ كۈلۈپ قويدى .
شەنبە كۈنى زاھىرە ئىسمىنا قۇشۇپ ئىشلىگەن ئىدى ، ئۇ ئىشتىن يېنىپ ئۇدۇللا ئەكرەمنىڭ ئۆيىگە كەلدى . سالام -سائەتتىن كېيىن ئانا چاي دەملەش ئۈچۈن ئاشخانىغا چىقىپ كەتتى. قىز بىر قاراشتىلا ئانىغا ياخشى تەسىر بەردى . قىزنىڭ ئاقكۆڭۈللۈك چىقىپ تۇرىدىغان مۇلايىم چىرايى ، گۈزەللىكتە ھېچكىمدىن قېلىشمايدىغان نازۇك بوي-بەستى ، گەپ قىلىشتىكى ئۆزىنى تۇتۇۋالغان ئۆزگىچە سۆلىتى ئۇنىڭ ياخشى تەربىيە كۆرگەنلىكىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى . '' ئوغلۇمنىڭ تەلىي كەلگەندەك تۇرىدۇ ، خۇدايىم ئوغلۇمنىڭ تەغدىر -پىشانىسىنى ئوڭ قىلغاي '' دەپ ئويلىدى ئانا ئىچىدە . شۇ قېتىملىق تۇنۇشۇشتىن كېيىن زاھىرە بۇ ئۆينىڭ دائىملىق مېھمىنىغا ئايلاندى . ئەكرەمنىڭ ئانىسىمۇ بۇ قىزنى بارغانچە ياقتۇرۇپ قېلىۋاتاتتى. ئۆيدە ياخشى تاماقلار ئېتىلگەن كۈنلىرى زاھىرەنى چاقىرىشنى ئۇنۇتمايتتى . ئۇنىڭ كېلىشى بىلەن ئانا -بالا ئىككەيلەنلا تۇرىدىغان بۇ ئۆي قىزغىنلىققا تولاتتى . زاھىرەمۇ تۇرمۇشنىڭ دەردىنى ئوبدانلا تارتقان بۇ جاپاكەش ئانىغا قىزى بۇلۇشنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قويدى .ئارىدىن بىر نەچچە ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن ئۇلار زاھىرەنىڭ ئۆيىگە ئۇنىڭ ئاتا -ئانىسى بىلەن كۆرۈشۈپ كېلىشنى پۈتۈشتى . كىممۇ ئويلىغان ، ئىككى ياشنىڭ بەختسىزلىكى دەل مۇشۇ يەردىن باشلاندى . ئەكرەمنىڭ ئانىسى بولغۇسى قۇدىسىنىڭ بوسۇغىسىدىن تۇنجى قېتىم ياخشىراق ئاتلاش ئۈچۈن سوۋغا -سالاملارغا خېلىلا بەك ھەرەج تارتتى . زاھىرەنىڭ ئۆيىدىكىلەرمۇ مېھمانلار ئۈچۈن تۈجۈپىلەپ تەييارلىق قىلدى .
ئىشىك چېكىلدى ، زاھىرە ئىشىكنى ئېچىش ئۈچۈن يۈگۈردى . ئانىسىمۇ ئۇن يۇقى قوللىرىنى پەرتۇقىغا سۈرتكىنىچە ئالدىراپ -تېنەپ مېھمانخانا ئۆيگە چىقتىيۇ ، مېھمانلارنى كۆرۈپ جايىدىلا قاققان قوزۇقتەك تۇرۇپلا قالدى .
-سىز ...
-ئەسلىدە سىز ...
ئىككى ئانا خۇددى يادلىۋالغاندەك مۇشۇ سۆزلەرنى تەكرارلىدى . شۇ چاغدا زاھىرەنىڭ دادىسىمۇ مېھمانلار بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقتى -دە ، چىرايىنى ھەيرانلىق ئۇچقۇندىلىرى قاپلاپ ، ئۆسكىلەڭ قاشلىرى لىپىلداپ كەتتى .
-توۋا ...مەن خۇدايىمنىڭ ئالدىدا نىمە يامانلىق قىلغان بولغىيتتىم ؟! رەقىبلەر تار كوچىدا ئۇچرىشىپتۇ دېگەن مۇشۇ ئىكەندە . جۈر كېتىمىز !- ئانا شۇلارنى دېگىنىچە ئەكرەمنىڭ قولىنى تارتىپ سىرتقا سۆرىدى .
-نېمە ئىش بولدى ئانا ؟ نېمە گەپ بولسا چىرايلىق دىمەمسىز ؟بۇ ..بۇ نىمە قىلغىنىڭىز ؟-ئەكرەم ھەيرانلىق ئىلكىدە گاڭگىراپلا قالغانىدى . زاھىرەمۇ نىمە ئىش يۈز بەرگىنىنى بىلىپ بولالماي ھەيران بولاتتى .
-بۇلار چىرايلىق گەپنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەيدۇ .داداڭنىڭ نىمە سەۋەبتىن تۈگەپ كەتكىنىنى بىلەمسەن ؟كۆز ئالدىڭدا تۇرغان ئاشۇ ۋىجدانسىز ،يەنى بولغۇسى ''قېيىنئاتاڭ '' داداڭنىڭ بېشىغا چىقتى . ئۇ ئىپلاس ئىدارە باشلىقى ۋاقتىدا ئۆزى خىيانەت قىلغان پۇلنى داداڭغا دۆڭگەپ قويغاچقا داداڭ قانۇن ئورگانلىرى تەرىپىدىن توختىتىپ قويۇلدى . بىلسەڭ داداڭ بىر ئۆمۈر پاك -دىيانەت بىلەن ياشىغان ئادەم ئىدى . بۇ ئىش ئۇنىڭغا تولىمۇ ئېغىر كەلدى.ئۇ مۇشۇ ئىشتا ئۆزىنى ئاقلىيالماي ئاچچىق يۈتۈپ تۈگەپ كەتتى ...-ئانا شۇلارنى دىيەلىدى ۋە ئادەمنىڭ ئىچىنى ئەزگۈدەك ئاۋازدا ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى .
-قالايمىقان گەپ قىلىپ ياخشى ئادەمگە ئۇۋال قىلماڭ ، ئۇ ئىشنى ئۆز ۋاقتىدا قانۇن ئورگىنىدىكىلەر تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان .ھەركىم ئۆز خاتالىقىغا لايىق جازا تارتىدۇ .- دېدى زاھىرەنىڭ دادىسى .
-مېنى بىلمەيدۇ دەمسەن ؟ ئەينى چاغدا سەن سوتتىكىلەر بىلەن بىرلىشىپ ئاقنى قارا قىلىۋەتتىڭ. بىزنىڭ ئادەمنىڭ ئاقكۆڭۈللىكىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى ئورىغا ئىتتەردىڭ ، قاراپ تۇر ، بۇ ئىشنىڭ تېخى قىيامەتتە سورىقى بار ! - ئانا غەزەبتىن دىر -دىر تىترىگىنىچە ،ئەكرەمنىڭ قولىنى تارتىپ ئىشىكنى زەرپ بىلەن يېپىپ بۇ ئۆيدىن چىقىپ كەتتى .
-ئانا ، ئاچچىقىڭىزنى بېسىۋىلىپ بۇ ئىشنىڭ جەريانىنى ماڭا تەپسىلىيرەك سۆزلەپ بېرىڭە ؟ ئۆز ۋاقتىدا دادامنى تۇيۇقسىز يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ تۈگەپ كەتتى دېگەنغۇ ؟ قانداقسىگە...
-داداڭ كۆز يۇمۇش ئالدىدا ماڭا شۇنداق نەسىھەت قىلغان ،-دېدى ئانا تىترەڭگۈ ئاۋاز بىلەن ئەكرەمنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ ،- ئۇ سېنىڭ خاتا چۈشىنىپ قېلىشىڭنى ،ئامراق ئوغلىنىڭ ئۆزىنى خىيانەتچى دېيىشىنى خالىمايتتى . بىچارە داداڭ ناھەقچىلىقنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كەتتى.
-لېكىن ئانا ، مەن زاھىرەنى چىن دىلىمدىن ياخشى كۆرىمەن ، ئۇنى چۇقۇم بەختلىك قىلىمەن دەپ قەسەم ئىچكەن .ئۇنىڭ ئۈستىگە چوڭلارنىڭ خاتالىقىنى بىزگە چېتىۋالسىڭىز توغرا بولمايدۇ ،بەلكىم ئۇ ئىشلارنى سىز خاتا چۈشىنىپ قالغانسىز .
''چاڭ ''قىلىپ تەككەن شاپىلاقتىن ئەكرەم بىر نەچچە قەدەم سەنتۈرلۈپ كەتتى . ئۇ يۈزىنى سىلىغانچە ئانىسىغا قاراپ تۇرۇپلا قالدى . مۇشۇ كەمگىچە ئانىسى ئۇنىڭغا قاتتىق ئاۋازدا ۋارقىراپمۇ باقمىغان ، ھەرقانچە قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندىمۇ ئۇنى مېھىر - مۇھەببەتتىن ، ئىقتىسادتتىن قىسىپ باقمىغان . ھەرۋاقىت ئوغلىنىڭ ئاغزىدىن چىققاننى قىلىپ بېرەتتى. مىھرىبان ،مۇلايىم ئانىسى بۈگۈن ئۇنى ئۇردى .ئۇنىڭ كۆز چاناقلىرىغا لىققىدە ياش تولدى.
-ئېسىڭدە بولسۇن ،ئەگەر مېنى ئانام دەپ ئويلىساڭ زاھىرە بىلەن بولغان ئالاقەڭنى ئۈز ، يەنە ئۇنى ئىزدەيدىكەنسەن ، مەن سەن بىلەن ئانا -بالىلىقتىن كېچىپ كېتىمەن . بەرگەن ئاق سۈتۈمگىمۇ رازى بولمايمەن ، داداڭمۇ گۆرىدە تىك ئولتۇرىدۇ ،- ئانا شۇلارنى دەپ پۇت -قوللىرى تىترەپ يول ياقىسىدا ئولتۇرۇپ قالدى . شۇ تاپتا زاھىرەنىڭ ئۆيىدىمۇ جەڭگە-جېدەل ئەۋجىگە چىققان ئىدى .
-دادا، ماڭا راستچىللىق بىلەن جاۋاب بېرىڭە . بايا ئاڭلىغانلىرىم راستمۇ ؟سىز نېمە ئۈچۈن شۇنداق قىلدىڭىز ؟-دېدى زاھىرە دادىسىنىڭ كۆزلىرىگە مىختەك قادىلىپ تۇرۇپ .
- نېمە ئۈچۈن ئۆزۈڭنىڭ دادىسىغا ئىشەنمەيسەن قىزىم ؟! ئۇ خۇتۇن ئۆز ۋاقتىدىمۇ ئاشۇنداق جېدەل قىلىپ مەركەزگىچە ئەرز قىلىپ بارغان . ئۇ يەردىن تەكشۈرۈش ئۆمىكى كېلىپ ھەممە ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ كەتكەن . ئۇلار ماڭا قارا چاپلىدى قىزىم ، ئۇ ئىشنىڭ مەن بىلەن ھېچقانداق ئالاقىسى يوق .ئۇ ئادەم يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن ، بۇنى شۇ چاغدا دوختۇرلارمۇ ئېنىقلاپ ئىسپات بەرگەن . ماڭا ئىشەن جېنىم قىزىم ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى باشقىلار تارقاتقان ئۆسەك سۆز .
دادىسىنىڭ سۆزلىرىنىڭ ئاڭلاپ زاھىرەنىڭ كاللسىنى گادىرماچ خىياللار قاپلىدى . زادى كىمنىڭ سۆزىگە ئىشىنىش كېرەك ؟...
-لېكىن مەنمۇ سىلەرگە ئالدىنئالا دەپ قۇياي ، مەن ئەكرەم بىلەن توي قىلغىنىم قىلغان. ئوتتۇراڭلاردا نىمە ئىش يۈز بەرگەن بولىشى بىلەن كارىم يوق ،- دېدى زاھىرە كەسكىنلىك بىلەن .
-شۇنچە يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغىنىڭ قۇرىسۇن ! ئەمدى ئادەم تېپىلمىغاندەك ئاشۇ خەقنىڭ ئۆيىگە كېلىن بولمىساڭ نىمە بوپتۇ ؟! ئۇ خۇتۇننىڭ مېنى ھاقارەت قىلغىنى ئاز ئەمەس ، ئەڭ ياخشىسى بۇ خىيالىڭنى ھازىرلا يىغىشتۇرۋال ! بېشىڭنى تاشقا ئۇرۇپ ئۆلىۋالساڭمۇ بۇ توي ئىشىغا مەن قۇشۇلمايمەن ! - دېدى زاھىرەنىڭ دادىسى زەردە بىلەن .
-سەن بىزنىڭ يالغۇز پەرزەنتىمىز . كىچىكىڭدىن سېنىڭ كۆزۈڭگە قاراپ چوڭ قىلدۇق ،سېنى تەربىيلەپ قاتارغا قوشقۇچە ئاز جاپا تارتمىدۇق . توي ئىشى دېگەن ئوينىشىدىغان ئىش ئەمەس. ئۆمۈرلۈك ئىشىڭدە بولسىمۇ بىزنىڭ رايىمىزغا باق قىزىم ،-دېدى ئانىسى ئۇلاپلا .
-ئىشقىلىپ نېمە دىسەڭلار دەڭلار .مەن ئەكرەمدىن باشقا ئادەم بىلەن توي قىلمايمەن .ئۇنىڭ ياخشىلىقىنى كېيىن بىلىپ قالىسىلەر . ئۆز قىزىڭلارنىڭ بىر ئۆمۈرلۈك تەقدىرىنى ئۆزۈڭلارنىڭ ئىززەت -ئابرويى تۈپەيلى نابۇت قىلماڭلار ،سىلەردىن ئۆتۈنەي...-ئىچ -ئىچىدىن يۇپۇرلۇپ كېلىۋاتقان يىغا تۈپەيلى زاھىرە سۆزىنى داۋاملاشتۇرالمىدى .
-ئەقلىڭ بارمۇ سېنىڭ ؟ باياتىنقى گەپ -سۆزلەرنى ئاڭلىدىڭغۇ ؟بىز قۇشۇلغان تەقدىردىمۇ ئۇ خۇتۇننىڭ سېنى ئەمدى كېلىن قىلىشى مۇمكىن ئەمەس ،ئۆزۈڭنى تولا پەسلەشتۈرمە !- دېدى ئانىسى تەئەددى بىلەن .
-ياق ، مەن چۇقۇم ئەكرەمنىڭ ئانىسىنى قايىل قىلىمەن !
-ئۇخلاپ چۈشۈڭ ! بىزلا ھايات بۇلىدىكەنمىز ، بۇ تويدىن ئېغىز ئېچىش ئەمدى مۇمكىن ئەمەس.بۈگۈندىن باشلاپ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشىشىڭگە رۇخسەت يوق !
ئانىسى شۇنداق دېدى-دە ،گەپ تۈگىدى ،دېگەندەك قىلىپ ئىچكىركى ئۆيگە كىرىپ كەتتى . زاھىرەنىڭ يىغىسى بارغانچە كۈچەيدى ...

كۈز كېلىپ دەرەخلەر سارغايدى ، يىراقتا قاخشال دەرەخ غېرىبانە شاخلىرىنى ئېگىپ تۇراتتى. دەرەختىن غازاڭلار چۈشۈۋاتىدۇ ، يوللاردا غازاڭ ، ئۆگزىلەردە غازاڭ . غازاڭلار -ئۇ يىغا . تولغىنىپ يىغلىغان ، ئاچچىق نىدا قىلغان غەزەپلىك خۇرسىنغان يىغا . ئۇ ئۆزىدەك قۇرۇلغان ، تىترىگەن يۈرەكتىن چىققان يىغا . ئەنە ، غازاڭلار ئارىسىدىكى ئىككى كىشىلىك ئۇرۇندۇقتا مۇڭغا چۆككەن ، قەلبى ئۈمۈدسىزلىككە تولغان ئىككى ياش ئولتۇرىدۇ .
- ئانامغا قانچە خىزمەت ئىشلىسەممۇ كار قىلمىدى زاھىرە ، ئۇ مېنى بىزنىڭ بىر شېرەم تۇققىنىمىزنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىشقا قىستاۋاتىدۇ . لىكىن مېنىڭ سىزدىن باشقا ھېچقانداق ئايال زاتىنى ياخشى كۆرىشىم مۇمكىن ئەمەس ، قانداق قىلىشنى بىلمەي بېشىمنىڭ ئىچىمۇ ، تېشىمۇ قاتتى . تېزراق بىر ئامال تاپساق بۇلاتتى .
ئەكرەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ زاھىرە بېشىنى شاققىدە كۆتۈردى -دە ، ياشقا تولغان كۆزلىرى بىلەن ئەكرەمگە مەيۈس نەزەر تاشلىدى .
- مەنمۇ سىزدىن باشقا ھېچكىمنى بۇنداق ئوتلۇق ھېسىيات بىلەن سۆيەلمەيمەن . بۇنى سىزمۇ بىلىسىز . بىز ئامال قىلىپ ئانىڭىزنى قايىل قىلايلى ، تۇنجى سۆيگۈنىمىزنىڭ بۇنداقلا ۋەيران بۇلۇپ كېتىشىگە قاراپ تۇرساق بولمايدۇ ،ئەكرەم .
- بىز كېتەيلى زاھىرە ، يىراق -يىراقلارغا كېتەيلى . ھازىر بىز ئۈچۈن بىردىن -بىر چىقىش يۇلى مۇشۇ ...- ئەكرەم ئاچچىق خۇرسىنغىنىچە شۇنداق دېدى .
- بىزغۇ قېچىپ بەختىمىزنى تاپارمىز ، لىكىن سىزنىڭ ئانىڭىزچۇ ؟ ئۇنى ئاشۇنداق يەككە-يىگانە تاشلاپ كېتىشكە كۆزىڭىز قىيامدۇ ؟ مېنىڭ ئاتا -ئانامچۇ ؟ ئۇلار نېمە بۇلۇپ كېتەر ...
- ئەمىسە بىزچۇ ؟ مۇشۇنداقلا بولدى قىلامدۇق ؟ مەن سىزدىن ئايرىلسام ياشىيالمايمەن ، زاھىرە . بىز يەنە ئويلىشىپ باقايلى ، بەلكىم بېرەر ئامال تېپىلىپ قالار .
ئەكرەم بۇ سۆزلەرنى زاھىرەگە دەۋاتىدۇ دېگەندىن كۆرە، ئۆز كۆڭلىنى بەزلەۋاتىدۇ ،دېگەن تۈزۈكرەك ئىدى . شۇ تاپتا ھېچقانداق ئامال قالمىغانلىقىنى ھەرئىككىلىسى بىلەتتى. ھەرئىككىسى تۇيۇقسىز بىر مۆجىزە يۈز بېرىپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇپ كېتىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى . تا بۈگۈنگىچە ئەكرەم ئانىسىغا نەچچە يۈز قېتىم يىغلاپ تۇرۇپ يالۋۇردى ، ئانىسىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ تۇرۇپ تويغا رازىلىق بېرىشىنى ئۆتۈندى . لىكىن ئانا ھەرگىز قۇشۇلمىدى .تېخى ئۈلۈشكۈنلا ئانىسى ئۇنىڭغا : '' ئەگەر بۇ ئىشنى يەنە تىلغا ئالىدىغان بولساڭ مەنمۇ داداڭنىڭ يېنىغا كېتىمەن . ئۆزۈڭ يالغۇز قالغان چېغىڭدا نېمە قىلساڭ قىل'' دەپ تەھدېت سالدى . يەنە تېخى ئۇنى مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ھېلىقى تۇققىنىنىڭ قىزى بىلەن توي قىلىشقا قىستىدى . ئەگەر ئەكرەم بۇ تويغا رازىلىق بەرمىسە ئۇنىڭ بىلەن ئانا-بالىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزىدىغانلىقىنى جاكارلارمىش ...ئەكرەم بۇ گەپلەرنى زاھىرەگە دىيەلمىدى . زاھىرەمۇ مۇشۇ ئىشنى دەپ ئۆيىدىكىلىرى بىلەن نەچچە قېتىم سۇقۇشتى . ئانا-بالا ئوتتۇرىسىدىكى پەردىشەپنى قايرىپ قۇيۇپ ، ئەكرەمگە تەگمىسە ئۆلۈۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ پوپوزا قىلدى . لىكىن بۇلارنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىدى ، ھەرئىككىلى ئۆيدىكى چوڭلارنىڭ پوزىتسىيسى شۇنچىلىك كەسكىن ئىدى . ئەجىبا ئۇلارنىڭ مۇھاببىتى مۇشۇنداقلا بەرباد بۇلارمۇ ؟ ئۇلار ئۆمۈرلۈك ئىناق ئائىلە قۇرۇپ چىقىشقا قەسەم ئىچىشمىگەنمىدى ؟ قېرىپ ئۆلگۈچە بىرگە ياشاش توغۇرلۇق خىيال سۈرۈشمىگەنمىدى ؟ ...
دەرەخ تۈۋىدە تەنھا ئورۇندۇق ، ئۇنىڭ ئەتراپىدا غازاڭ . غازاڭ ئاستىدا بىر جۈپ ئاياغ ئىزى .غازاڭ باسقان يولدىن مۇڭلۇق بىر ناخشا كېلىدۇ . غازاڭ باسقان يوللار باھارنى سېغىنىۋاتىدۇ . قايتىدىن بۈك -باراقسان ياشىرىشنى ئويلاۋاتىدۇ .سارغايغان يوللار بىر جۈپ يۈرەكنىڭ تىنىقىنى ، بىر جۈپ ئاياغنىڭ تىۋىشىنى كۈتۈۋاتىدۇ .گۈزەل كۈيلەرنى ، تاتلىق تۇيغۇلارنى ھەم شېرىن ئەسلىمىلەرنى ئويلاۋاتىدۇ . ئاھ غازاڭلار ، غازاڭلار!
بۈگۈن ئەكرەمنىڭ تويى ، ساھىبخانلار مېھمانلارنى كۈتۈش بىلەن ئاۋارە ئىدى . تويغا كەلگەن مېھمانلارنىڭ ھەممىسى قىز -يىگىتكە مەڭگۈلۈك ئىناقلىق ۋە بەختىيارلىق تىلەشتى . ئارقىدىن بىر شائىر سەھنىگە چىقىپ ئۇزۇندىن -ئۇزۇنغا سۇزۇلغان تەبرىك شېئىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى . ئاندىن كەچلىك مۇراسىمنىڭ باشلانغانلىقى ئېلان قىلىنىپ ، ناخشا -مۇزىكىلار ئەۋجىگە چىقتى . مېھمانلار خۇددى شۇنىلا كۈتۈپ تۇرغاندەك جۈپ -جۈپ بۇلۇشۇپ تانسا -ئۇسسۇللارغا چۈشۈپ كەتتى . رېستۇراندىكى ھەممەيلەن شۇنچىلىك خۇشال كۆرىنەتتى . ئەكرەمنىڭ چىرايىدا كۈلكە دىگەندىن ئەسەر يوق ، پۈتۈن ۋۇجۇدى مۇزلاپ كەتكەن ، كۆزلىرىدە ياش ئەگىگەن .... ئاپئاق توي كۆينىكى كىيىۋالغان كېلىنچەكمۇ ئىللىق جىلمىيىپ تەبەسسۇم ئىلكىدە ئولتۇرىدۇ . ئارىلاپ -ئارىلاپ ئەكرەمگە نىمىلەرنىدۇر دەۋاتىدۇ. بىراق ئەكرەمنىڭ قۇلىقىغا ھېچقانداق ئاۋاز كىرمەيتتى . ئۇ قىزنىڭ نىمە دەۋاتقانلىقىنى بىلىشكىمۇ ھەپسېلى يوق ئىدى . شۇ تاپتا ئەكرەم يارلانغاندەك ھالسىز ھەم ھارغىن ئولتۇراتتى. ئۇنىڭ خىياللىرى يەنە ئىختىيارسىز ئالىي مەكتەپتىكى چاغلارغا يۆتكەلدى . كۆز ئالدىدا زاھىرەنىڭ سىماسى لەيلەپ تۇراتتى . ئىككىسى بىرگە ئۆتكۈزگەن كۈنلەر ئەمدىلىكتە بىر چۈشكە ئايلىنىپ قالغان ئىدى . لىكىن ئۇ شۇنچىلىك ساپ ، گۈزەل ، شېرىن بىر چۈش ! ئەكرەمنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ ، قەلبىدە ھەسرەت ئوتلىرى يېنىپ كەتتى . ئۇنىڭ نەزىرىدە ھاياتنىڭ ئەمدى ھېچقانداق ئەھمىيتى قالمىغان ئىدى .
ئاشۇ مىنۇتلاردا زاھىرەمۇ ئۆز ھوجرىسىغا بېكىنىۋېلىپ قاتتىق ئازاب ئىلكىدە ئولتۇراتتى . ئۇنىڭ قولىدا ئەكرەم بىلەن يۈرگەن چېغىدا يازغان كۈندىلىك خاتىرە ، زاھىرە خاتىرىنى ۋاراقلاپ ئولتۇرۇپ كۆڭلى تېخىمۇ يېرىم بولدى ۋە خاتىرىگە قايسىدۇر بىر كىتابتىن كۆرگەن مۇنۇ قۇرلارنى كۆچۈرۈپ قويدى :'' خۇدادىن تىلىدىم : ماڭا بەرگەن بالايىڭنى كۆتۈر. مېنى قۇتقۇز ۋە ماڭا ئاتا قىلغان سائادىتىڭنى ئارتۇق كۆرمە ! ھاياتنىڭ ۋە مۇھەببەتنىڭ تەمىنى تېتىتىپ قۇيۇپ كەينىدىن يىغلىتىش ، ھەسرەت - نادامەت بىلەن ئۆلتۈرۈش ئۇلۇغ شەنىڭگە ياراشماس ! يىغلىدىم ، قاخشىدىم ، داد -پەرياد چەكتىم .مەن بىر گۇناھسىز ، بىغۇبار ياش بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن قەلبىمنىڭ ساپلىقى ، ۋىجدانىمنىڭ ئاقلىقى بىلەن ساڭا سېغىنىپ ، ساڭا ئۈمۈد باغلاشنى بىلگەندىن كېيىن مېنى جانسىز ياغاچ پارچىسىدەك كۆرۈپ يېرىپ قالاش ، سېنىڭ ئادالىتىڭ بىلەن چىقىشالماس ... ۋارقىرىدىم ، چاچلىرىمنى يۇلدۇم . بىر زەئىپ يۈرەكنىڭ يارىلار بىلەن چىرىپ كېتىشىنى ، بىر زەئىپ روھنىڭ تۈگىشىپ كېتىشىنى كۆرۈش سېنىڭ مەرھېمىتىڭ قۇبۇل قىلالماس ! سېنىڭ خەزىنىلىرىڭدە يارىنى ساقايتىدىغان دورا يوقمۇ ؟ كېسەللىككە شىپا بۇلىدىغان داۋا يوقمۇ ؟ مېنى ساقايت ! روھىمغا شىپا بەر ، يارامغا دورا تاپ ...'' زاھىرە مۇشۇ قۇرلارنى ئاران يېزىپ تۈگىتەلىدى . كۆز ئالدىدا ئەكرەم بىلەن يۈرگەن كارتىنىلار ...ئۇ كۆزلىرىنى يۇمۇۋالدى . ئاندىن يوتقانغا پۈركۈنۈپ يۈرىكىدىن ئېتىلىپ چىققان دەرد- ئەلىمىنى باسالماي يىغلاشقا باشلىدى . زاھىرە مۇھەببەت ئالىمىدە ھېچقانداق نەرسىگە ئىگە بولالماي يىقىلىپ چۈشتى . ئۇنىڭ قۇلاقلىرىدا بۇ يىقىلىشنىڭ بورىنى گۈركىرەپ ئۇچۇپ ، كۆزلىرىنى رەھىمسىز تەقدىرنىڭ ئىس -تۈتەكلىرى قاپلىۋالدى. ئاھ ! تۇرمۇشتا ئۆزىگە تەئەللۇق بولمىغان بېرەرىنى سۆيۈشتەك مۇھەببەت ئازابى نېمە دېگەن يامان ھە ! پاك مۇھەببەت ۋىسالنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ . ئەمما ، نىمىشقا ئايرىلىشنىڭ شۇنچە كۆپ سەۋەبلىرى بۇلىدىغاندۇ ؟ يەنە كىلىپ بەزى سەۋەبلەر شۇنچە رەزىل ۋە رەھىمسىزلەرچە...

تويدىن كېيىن ئەكرەم خېلى ۋاقىتلارغىچە ئايالىنىڭ چىرايىغا قارىمىدى. يېنىغا يېقىن يوللىمىدى .ئەكرەمنىڭ ئايالى يېرىم كېچىدە ئۇشتۇمتۇت ئويغىنىپ كېتىپ قالسا ئەكرەمنىڭ دېرىزە ئالدىدا بىر رومكا ھاراقنى كۆتۈرۋالغان ، پۇرقىرىتىپ تاماكا چېكىپ تۇرغان ھالىتىنى كۆرەتتى . ئۇ شۇ ھالاتتە سائەتلەپ ئولتۇراتتى . بۇنداق چاغلاردا ئەكرەمنىڭ ئايالى قاپقارا تورۇسقا قاراپ يېتىپ تارتقان ھەممە خورلۇقلىرىنىڭ دەردىنى كۆزىدىن ئالاتتى . ئالدىنقى ھەپتە چوڭ ئۆيگە پەتىلەپ بارغاندا ئانىسىغا دەردىنى تۆكۈپ تازا يىغلىغانىدى . شۇ چاغدا ئانىسى چاك -چاك يېرىلىپ كەتكەن قوللىرى بىلەن قىزىنىڭ ئۇزۇن چاچلىرىنى سىلاپ تۇرۇپ :'' سەۋىر قىل قىزىم ، ئۇلار دېگەن ئەر خەق . بىز دېگەن خۇتۇن كىشى .بىزنىڭ پىشانىمىزگە پۈتۈلگېنى سەۋىر -قانائەت ، سەۋرى قىلساڭ غورىدىن ھالۋا پۈتىدۇ '' دېگەنىدى . ئۇ ھازىرمۇ ئانىسىنىڭ ئاشۇ سۆزلىرىنى ئەسلەپ ئۆزىگە تەسەللىي بەردى . بۇ بەختسىز ئايال ئەكرەمنىڭ مۇشۇنداق تۇرقىنى كۆرۈپ ئىچىدە ئوتتەك بىر نەرسە لاۋۇلداپ ياناتتى . تامىقى قۇرۇپ نەپسى بۇغۇلاتتى . ئۇ ئۆزىنىڭ بارلىق مۇھاببىتى ھەم ياشلىقى بىلەن ئۇنى بەختلىك قىلىشنى ، ئۇنىڭ دەردلىك قەلبىگە دەرمان بۇلۇشنى ئىستەيتتى. ئۇنىڭ ئاستا -ئاستا بۇرۇنقى سۆيگۈنىنى ئۇنتۇپ رېئاللىقنى ئېتىراپ قىلىشىنى ئۈمۈد قىلاتتى . ئەكرەمنىڭ ئازابلىق روھىي -ھالەتتىن ئۈزۈپ چىقىشىنى تىلەيتتى . ئايالىنىڭ شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىتنى قانداق چىداپ ئۆتكۈزگىنىگە ئەكرەممۇ ھەيران ئىدى . ئۇنىڭغا ۋە ئۆزىگە ئىچى ئاغرىيتتى . بىر كۈنى يېرىم كېچىدە ئەكرەم غەرىق مەست ھالەتتە ئۆيگە قايتىپ كەلدى . سىرتتا شارىلداپ يامغۇر يېغىۋاتاتتى . ئەكرەمنىڭ پۈتۈن ئۈستى -بېشى چىلىق-چىلىق ھۆل بۇلۇپ كەتكەنىدى . ئايالى ئۇنىڭ كىيىملىرىنى يەڭگۈشلەپ قويماقچى بۇلۇپ تارىتقۇشلىۋىدى ، ئەكرەم ئايالىنى مەھكەم قۇچاقلىۋالدى . ئۇ ئايالىنىڭ چاچلىرىنى سىلىغىنىچە زاھىرەنىڭ ئىسمىنى چاقىراتتى . ئاللىنىمىلەرنىدۇر دېگىنىچە ئايالىنى سۆيەتتى . ئۇنىڭ يۈزلىرى نەملەنگەن بۇلۇپ كۆز يېشىمۇ ياكى يامغۇر سۈيىمۇ بىلىپ بولمايتتى ....

بۈگۈن زاھىرەگە چاي ئىچۈرۈلدى . ئىككى ئۆيدىكى چوڭلار يېقىن ئەل -ئاغىينىلەردىن ئىدى . زاھىرەگە دادىسى بىلەن ئانىسى نۆۋەتلىشىپ خىزمەت ئىشلەش ھەم ياخشى -يامان ۋاستىلەر ئارقىلىق تەھدىت سېلىشلار نەتىجىسىدە قىزنىڭ رازىلىقىنى ئالدى . ھازىر ئۇنىڭ ئۈچۈن كىم بىلەن توي قىلىشى بەرىبىرغۇ ؟! ئۇنىڭ يۈرىكى ئاللىبۇرۇن ئۆلگەن ، ئۆلگەن يۈرەكتە مۇھەببەت نېمە قىلسۇن ؟! ئۇ ھازىر پۇت -قولى باغلانغان قۇربانلىق قىلىش ئالدىدىكى قويغا ئايلانغانىدى . ئالدىنقى ھەپتە ئەكرەم ئۇنى ئىزدەپ ئىدارىسىغا باردى ، يىغلىدى ، قاخشىدى ،ئۇنىڭسىز ياشاشقا كۆنەلمەيۋاتقانلىقىنى ،ئۇنىڭدىن ئۆزىنى ساقلاپ تۇرۇشنى ، ھازىرقى ئايالى بىلەن پات يېقىندا ئاجرىشىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى . زاھىرەمۇ ئەكرەمنى ئۇنتالمىغانىدى ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەركۈنى ئەكرەمنى خىيال قىلىش ، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن شېرىن دەملەرنى ئەسلەش ھاياتىنىڭ بىردىنبىر تەسەللىيسى ئىدى . ئەكرەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ زاھىرەنىڭ كۆڭلىدە ئاجىزانە بىر ئۈمۈد پەيدا بولغان ، سولاشقان غورۇرى بىلىنەر -بىلىنمەس ھاياجان بىلەن جانلىنىشقا باشلىغانىدى . ئۇ يىغلىۋىتىشتىن ئۆزىنى ناھايىتى تەستە تۇتۇپ تۇردى. ئۇنىڭ شۇ چاغدا ئەكرەمگە دەردىنى تۆككۈسى كېلەتتى . داۋاملىق چۈشلىرى بۇزۇلۇپ ئۇخلىيالمىغانلىقىنى ، كېچىلەرنى قاتتىق ئازاب ئىچىدە ئۆتكۈزگەنلىكىنى ، قەلبىدىكى سۆيگۈ ئاتەشلىرىنىڭ تېخىچە ئۆچمەيۋاتقانلىقىنى ...ئەكرەمگە ئېيتقۇسى كېلەتتى . بىراق ھازىرقى ئەكرەم بۇرۇنقى ئەكرەم ئەمەس ، ئۇنىڭ نىكاھلاپ ئالغان ئايالى ئۆيىدە يولدىشىنىڭ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ . زاھىرە خوشلىشىدىغان چاغقىچە ھېچنىمە دېمىدى . ھەممە گەپلەرنى ئىچىگە يۈتۈۋەتتى. ئەي خۇدا! ئىنسانلارغا بەرگەن سەۋىر -تاقىتىڭ نېمە دېگەن چەكسىز ھە !...
ئەتىسى زاھىرە ئەكرەمنىڭ ئايالى قىلغان قىسقا ئۇچۇرنى تاپشۇرۇپ ئالدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە ئايالى ئەكرەم ئىككىسىنىڭ كۆرۈشكەنلىكىنى بىلىپ قاپتىمىش ، ھازىر ئۆزىنىڭ قورسىقىدا بارمىش ... ئاخىرىدا نېمە گەپلەر بۇلۇنغانلىقى زاھىرەنىڭ ئېسىدە يوق . ئۇنىڭ مېڭىسى ۋىڭىلداپ ئاغرىيتتى ،يۈرىكىگە پىچاق سانجىغاندەك ئېچىشىپ كېتىۋاتاتتى... بىر ھازادىن كېيىن ئۆزىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە قاراپ قاتتىق كۈلگۈسى كەلدى . ''توي قىلغاندىن كېىن پەرزەنتلىك بۇلۇش نورمال ئىشقۇ ؟ '' ئۇ شۇنداق دەپ ئۆز -ئۆزىنى بەزلىدى. لېكىن يۈرىكى قاتتىق ئاغرىپ كېتىۋاتاتتى . ئەمدى ئەكرەمنىڭ ئاجرىشىمەن دېگىنى مۇمكىن ئەمەسكەن ، قارىغاندا تەقدىرگە تەن بەرمەي ئامال يوق ئوخشايدۇ .
شۇنداق قىلىپ زاھىرەنىڭ توي كۈنىمۇ بېكىتىلىپ بۇلۇندى . بۈگۈن تويلۇق چۈشكەن رەسىملەر چىققان ئىدى ، زاھىرە ئىشتىن چۈشۈپ تويلۇق رەسىملەرنى ئېلىپ چىقتى. جازىغا ئېلىنغان 24 سۇڭلۇق سۆرەتتە دولقۇنسىمان بۈدۈرە چېچى ئۆزىگە تۇلىمۇ ياراشقان ، كېلىشكەن بىر يىگىت قىزنىڭ مۈرىسىنى تۇتۇپ كۈلۈپ تۇراتتى . قىز ئاپئاق كۆينەك كىيىپ پەرىشتىلەرگە ئوخشاپ قالغانىدى . ئەمما قىزنىڭ كۆزلىرىدە مۇڭلۇق بىر ئۇچقۇن يېنىپ تۇراتتى. زاھىرە رەسىملەرگە قاراپ چۈشنىكسىز كۈلۈمسىرەپ قويدى -دە ، بېكەتكە كېلىپ كوچا ئاپتۇبۇسى ساقلاپ تۇردى . ئاخشامدىن بېرى ياغقان قار شىۋىرغانغا ئايلانغانىدى ، دەل -دەرەخ ۋە ئۆگزىلەردە بوران دەھشەتلىك گۈركىرەيتتى . زاھىرە ئۇچىسىدىكى قارلارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈنمۇ ياكى ئىسىنىش ئۈچۈنمۇ ئاياغلىرىنى يەرگە ئۇرۇپ قويدى. ئاشۇ چاغدا ئالدىدا بىر ماشىنا توختاپ ، ماشىنا دېرىزىسىدىن ئەكرەم بېشىنى چىقاردى ، ۋە بۇيرۇق تەلەپپۇزىدا :
- ماشىنىغا چىقىڭە ! - دېدى . زاھىرە چۆچۈپ كەتتى ، ئۇ بۈگۈن ئەكرەمنى ئۇچرىتىپ قالارمەن دەپ ئويلاپمۇ باقمىغان ئىدى . زاھىرە بۇ يەردە تارتىشىپ تۇرۇشنىڭ پايدىسى يوقلىغىنى بىلىپ ماشىنىغا چىقتى . ئۇ خۇددى ئوغۇرلۇق قىلىپ تۇتۇلۇپ قالغان ئادەمدەك قولىدىكى سۆرەت جازىسىنى ھەدەپ كەينىگە يۇشۇراتتى . ئۇنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئەكرەمنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى .
- نېمە ئۇ قولىڭىزدىكى ؟
- ھېچنىمە ، بولدى ماشىنىڭىزنى ھەيدەڭ ،- دېدى زاھىرە .
- ئەكىلىڭە ، كۆرۈپ باقاي ، رەسىمدەك قىلىدىغۇ ، كىمنىڭ رەسىمى ئۇ ؟-ئەكرەم شۇنداق دېگىنىچە سۆرەت جازىسىنى زاھىرەنىڭ قولىدىن ئېلىۋالدى . ئۇ رەسىمگە تىكىلىپ قارىدىيۇ ، چىرايى شۇھامان ئۆزگىرىپ كەتتى . ماشىنىنى يولنىڭ چېتىگە توختىتىپ قۇيۇپ گەپ -سۆز قىلماي يانچۇقىدىن بىر تال تاماكىنى چىقىرىپ تۇتاشتۇردى ۋە ئاچچىق بىلەن نەچچىنى شورىۋەتكەندىن كېيىن بۇرۇلۇپ زاھىرەنىڭ چىرايىغا قارىدى .
- بەللى ! مۇنداق يېڭىلىقلار بار دەڭ . مەن بىلمەي يۈرۈپتىمەن ئەمەسمۇ ، ئالدىنقى قېتىم كۆرۈشكەندە سىزنى ساقلاپ تۇرۇڭ ، مەن چۇقۇم ئاجرىشىمەن ، ھەممە ئىشنى يېڭىدىن باشلايلى دېسەم گەپمۇ قىلماي ئولتۇراتتىڭىز ، ئەسلىدە مۇشۇ يىگىتكە تارتىشىپسىزدە!- دېدى ئەكرەم تىترەپ تۇرۇپ .
-قالايمىقان بىلجىرلىماڭ ، مەن ئۇ چاغدا بۇ بالىنىمۇ تونۇمايتتىم .بۇ توي ئىشىنى چوڭلار قارار قىلدى . مەن نېمىمۇ دىيەلەيتتىم ؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر ئايالىڭىزنىڭ بويىدا باركەن . مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۇنى تاشلىۋىتىش مەسئۇلىيەتسىزلىك بولمامدۇ ؟ ئەمدى بولدى قىلايلى ،ئەكرەم !
زاھىرە ئۆكسۈپ يىغلىغىنىچە ماشىنىدىن چۈشۈپ كەتتى . شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ بولغۇسى يولدىشىدىن تېلفۇن كەلدى ۋە زاھىرەنىڭ ئۇنىمىغىنىغا قويماي ئۇنى ئالغىلى كەلمەكچى بولدى . ئەكرەم زاھىرە چۈشۈپ كەتكەندىن كېيىن يۈزىنى ماشىنىنىڭ رولىغا قۇيۇپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى. ئۇ زاھىرەگە چىدىمايتتى ، ئۇنىڭ باشقا بىر يىگىت بىلەن توي قىلماقچى بولغىنىنى ئىدىيسىدىن ئۆتكۈزەلمەيۋاتاتتى . ئۇ تا بۈگۈنگىچە زاھىرەنى يۈرىكىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدىن سۆيۈپ كەلگەنىدى . ئۇنى ئۇنتالمىغانىدى ، ئەجىبا ئىككىسىنىڭ ئايرىلىشى ئۆزگەرمەس ھەقىقەت بۇلۇپ قالغانمىدۇ ؟! بىر ھازادىن كېيىن ئەكرەم بېشىنى كۆتۈردى ، يولنىڭ ئۇدۇلىدا زاھىرە بىر يىگىت بىلەن پاراڭلىشىپ تۇراتتى . يىگىت زاھىرەنىڭ قۇلىدىكى سۆرەتنى ئالدى ۋە ئۇنىڭ مۈرىسىدىن تۇتۇپ تۇرۇپ بىر نىمىلەرنى دېدى . ئاندىن ماشىنا توسۇش ئۈچۈن چوڭ يولغا چىقىپ ماڭدى . ئەكرەم كۆز ئالدىدىكى بۇ مەنزىرلەرنى كۆرۈپ چىدىيالمىدى ، قەلبىدە ئۈمۈدسىزلىك ھۆكۈم سۈرەتتى .يۈرەكلىرىدىن قان تېمىۋاتاتتى ، ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا زاھىرە ئىككىسىنىڭ بىرگە ئۆتكۈزگەن گۈزەل كۈنلىرى خۇددى كىنو لىنتىسىدەك بىر -بىرلەپ زاھىر بولىۋاتاتتى . شۇلارنى ئويلىغانچە ھاياجانلىنىپ كونتروللىغىنى يوقىتىپ قويىۋاتاتتى. ئۇ تۇيۇقسىز ئاچقۇچنى بۇراپ ماشىنىنى ئوت ئالدۇردى ، ئۇنىڭ كۆزلىرىدە ئادەمنىڭ تېنىنى شۈركەندۈرىدىغان سوغۇق بىر نۇر يالتىراپ تۇراتتى .
- مېنى كەچۈرۈڭ زاھىرە ، مەندىن رازى بولۇڭ . بىز بىر -بىرىمىزنى شۇنچىلىك ياخشى كۆرۈپ تۇرۇپ بىرگە بولالمىدۇق . ئەمدى ئۇ دۇنيادا كۆرىشەيلى ! ...- ئەكرەم ئۆز-ئۆزىگە شۇنداق پىچىرلىغىنىچە ، ماشىنىنى قۇيۇندەك ھەيدەپ كېلىپ زاھىرە بىلەن يىگىتنى زەرىپ بىلەن سوقتى . ئاندىن ماشىنىنى يول بويىدىكى سىتولبىغا سوقتى ...

ئەكرەم كۆزلىرىنى ئېچىپ ئۆزىنى تاملىرى ئاپئاق ئاقارتىلغان يورۇق بىر ھوجرىدا كۆردى . پۈتۈن بەدىنى چىڭقىلىپ ئاغرىۋاتاتتى ، كاللىسىمۇ ئىشلىمەيتتى . ۋۇجۇدى قاتتىق ھارارەت ئىچىدە قالغاندەك ، گاھ ئاق چاچلىق دوختۇرنىڭ تۇمۇرىنى تۇتۇۋاتقانلىغى ، گاھ سۇلغۇن چىراي سېستىرانىڭ ئەتراپىدا يۈرگەنلىكىنى سېزىپ تۇراتتى . دوختۇر ئەكرەمنىڭ سالامەتلىكى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى :
- ئوڭ قۇلىڭىز سۇنۇپ كېتىپتۇ . ئوقرەك سۆڭىكىڭىزگە دەز كېتىپتۇ ...ھادىسىدە ھايات قالغىنىڭىزنىڭ ئۆزى ئاجايىپ بىر كارامەت بولۇپتۇ .ئۆزىڭىز ساغلام بولغاچقا ئۇزۇنغا قالماي ئەسلىڭىزگە كېلىسىز . يەنە بىر ئايغا قالماي سەللىمازا ساقىيىپ كېتىشىڭىزدە گەپ يوق . خۇدايىم ئۇ قىزغا جەننەت ئاتا قىلسۇن ! سىزگىمۇ سەۋر تىلەيمەن !
ئەكرەم شۇھامان يۈزىنى قوللىرى بىلەن توسۇۋالدى . گويا بېشىغا ئاسمان دۈم كۆمتۈرۈلگەندەك بولدى . باشلىرى گاڭگىراپ ، بەدەنلىرى كۆيۈشۈپ تۇرغان جايىغا يىقىلدى. ئەكرەم قانچىلىك ۋاقىت ھوشسىز ياتقىنىنى ئۆزىمۇ بىلمەيتتى . ئېسىگە كەلگەندە دوختۇر ۋە ئانىسى بېشىدا ئۆرە تۇراتتى .
- سىز بەك ھاياجانلانماسلىقىڭىز كېرەك ، ئارتۇق خىيال قىلماي ياخشى داۋالىنىڭ ،-دوختۇر شۇنداق دېگىنىچە ئىشىكنى يېپىپ چىقىپ كەتتى . ئانىسى كۆزلىرىدىن تارام -تارام ياشلىرىنى تۆككىنىچە ئوغلىنى چىڭڭىدە قۇچاقلىدى .
- جېنىم ئوغلۇم ، ئۆزەڭنى بېسىۋال . ئۆلگەننىڭ كەينىدىن كەتكىلى بولمايدۇ ، مېنىمۇ ئويلاپ قوي !
- بولدى سۆزلىمەڭ ، دەل سىز بىزنى ۋەيران قىلدىڭىز . ئەمدى ماڭا بۇنداق گەپلەرنى قىلغۇچى بولماڭ . زاھىرەنى مەن ئۆلتۈردۈم . ئەسلىدە ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئۇدۇنياغا سەپەر قىلماقچى ، ماڭا ۋاپا قىلمىغان بۇ دۇنيانى تاشلاپ كەتمەكچى ئىدىم . قانداق بۇلۇپ مەن ساق قالغاندىمەن ؟...ئۇنى بۇ دۇنيادا ھايات دەپ بىلگىنىم ئۈچۈن بارلىق دەرد-ئەلەم ۋە ئازابلارغا بەرداشلىق بېرىپ كەلگەن ئىدىم . ئۇنىڭ نەپسى توختىغان ۋە قارا تۇپراققا ئايلانغان بولسا ماڭا بۇ ھاياتنىڭ نېمە كېرىكى ؟!...
- ئۇنداق دېمە جېنىم بالام ، مەن جېنىمنى تىكىپ بولسىمۇ سېنى ئاقلاپ چىقىمەن . قانچىلىك پۇل خەجلىسەم مەيلى ...
- بولدى قىلىڭ ! - ئەكرەمنىڭ ۋارقىرىغان ئاۋازى بالنىستنى كۆتۈرۋەتتى. ئەكرەمنىڭ كۆز ياشلىرى سەلدەك ئېقىۋاتاتتى ، ئانىسىمۇ چاچلىرىنى يۇلۇپ نالە-پەرياد قىلىپ يىغلايتتى .
بۈگۈن ئوچۇق سوت ئېچىلدى ، سوت زالىغا ئادەملەر لىق تولغان ئىدى . بۇنىڭ ئىچىدە زاھىرەنىڭ ئۇرۇق -تۇققانلىرى ، ئۇلارنىڭ دوست -بۇرادەرلىرى ۋە ۋەقەنىڭ تەپسىلاتىغا قىزىققان سىرتتىن قاتناشقۇچىلارمۇ بار ئىدى . ئۆلگۈچىلەرنىڭ ئاتا - ئانىلىرى ئاۋاز چىقىرىپ يىغلايتتى ، ئەكرەمنى تىللايتتى . زال ۋاراڭ -چۇرۇڭغا تولغانىدى . سوتنىڭ نەتىجىسى ھەققىدە ھەركىم ھەرنىمىلەرنى دەپ پەرەزلىرىنى سۆزلىشەتتى . سوتچى ۋە ئادۇۋكاتلارنىڭ زالغا كىرىپ كېلىشى بىلەن زال سۇ قۇيغان قازاندەك جىمىپ كەتتى . ھەممە ئادەم ئۆز ئورنىدا ئورۇن ئالغاندىن كېيىن سوتنىڭ رەسمىي باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە سوتنىڭ تەرتىۋى بۇيىچە ھەيئەت ئەزالار تۇنۇشتۇرۇلدى . ئاندىن تەپتىش خادىم مەيدانغا چىقىپ جىنايەت گۇماندارىنى ئەيىبلەش سۆزىنى ئوقۇپ ئۆتتى . ئارقىدىن تەپتىش جىنايەت گۇماندارى ئەكرەمدىن سوئال سوراشنى باشلىۋەتتى . بىراق ئەكرەم ھېچقانداق سوئالغا جاۋاب بەرمەي ھاڭۋېقىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ چاچ -ساقاللىرى ئۆسۈپ كەتكەن ، كۆزلىرى يىغىدىن قىزارغان بۇلۇپ چىرايىدىن قاتتىق ئازابلىنىۋاتقانلىقى چىقىپ تۇراتتى . ئەكرەم تەپتىشنىڭ ئارقا -ئارقىدىن سورىغان بىر مۇنچە سوئاللىرىنىڭ بىرىگىمۇ جاۋاب بەرمىدى .
- ئەكرەم ، سەن قەستەن بىر ئادەمنىڭ ئۆلۈشى ۋە يەنە بىر ئادەمنىڭ يارلىنىشىغا سەۋەبچى بولدۇڭ . بىزنىڭ قولىمىزدا پاكىت -ئىسپاتلار تۇلۇق . سەن تېنىۋالىمەن دېگۈچى بولما ! - دېدى تەپتىش خادىم كەسكىنلىك بىلەن . دەل شۇ چاغدا ئەكرەمنىڭ بوش ئەمما قەتئىيلىك چىقىپ تۇرغان ئاۋازى ئاڭلاندى :
- شۇنداق ، زاھىرەنى مەن ئۆلتۈردۈم . مەن جىنايەتچى ، مېنى زاھىرەنىڭ قېشىغا بارغىلى قويۇڭلار ، ئۇ مېنى بەك ساقلاپ كەتمىسۇن ...
ئەكرەم تەپتىشنىڭ كېيىنكى سۇئاللىرىنىڭ ھەممىسىگە خۇددى يادلىۋالغاندەك ئاشۇ بىر سۆزنىلا تەكرارلايتتى . زالدا كۇسۇرلىشىشلار باشلاندى . شۇ چاغدا باش سوتچى سوتنىڭ ۋاقتىنچە توختىتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى . بارلىق تەپتىش خادىملىرى سوت زالىنىڭ يېنىدىكى ئىشخانىغا كىرىپ كەتتى .
ۋاقىت ئاستا -ئاستا ئۆتىۋاتاتتى . ئولتۇرغانلار تاقەتسىزلىنىپ كېتىۋاتاتتى ، ئۇلار سوت ھۆكۈمىنى تېزراق ئاڭلاشقا ئالدىرايتتى . ئارىدىن ئالاھەزەل بىرەر سائەت ئۆتۈپ سوت خادىملىرى زالغا قايتا كىرىپ كېلىشتى . ئەتراپنى بىرخىل جىددىي كەيپىيات قاپلىغان ئىدى ، باش سوتچى گېلىنى قىرىپ قۇيۇپ ھەممەيلەننى تەقەززا قىلغان ھۆكۈمنى ئوقۇشقا باشلىدى :
- جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى جىنايى ئىشلار قانۇنى بۇيىچە ئەكرەمنڭ قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسى بېرىلدى ! ...
ھۆكۈمنى ئاڭلىغان ئەكرەمنىڭ ئانىسى جايىغىلا يىقىلىپ چۈشتى .

سىرتتا بوران چىقماقتا ، دېرىزىلەرگە ئۇششاق قارلار ئۇرۇلاتتى . دوختۇرخانىنىڭ تۇغۇت بۈلۈمىدە ئەكرەمنىڭ ئايالى تولغاقتىن مىڭ ئۈلۈپ -مىڭ تىرىلىپ ياتاتتى .
- يەنە بىر ئاز غەيرەت قىلىڭ ، بىردەم چىداڭ ! - تۇغۇت بۈلۈمىدىن دوختۇرنىڭ دەممۇ-دەم مەدەت بەرگەن ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى . ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي بىر بوۋاقنىڭ ئىڭڭەلەپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلاندى .
-مۇبارەك بولسۇن ، قىزكەن ! دوختۇرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغان ئايال پۈتۈن كۈچىنى يىغىپ بېشىنى كۆتۈرۈپ بوۋاققا قارىدى .
دەل شۇ چاغدا تاغ تەرەپتىكى قەبرىستانلىقتىكى يېڭىدىن توپا تاشلانغان قەبرە ئالدىدا جامائەت ئولىشىپ تۇراتتى . مۇڭلۇق خەتمە قۇرئاننىڭ ئاۋازىدىن ئىختىيارسىز كۆزلەرگە ياش كىلەتتى . ئەتراپتا زومچەك -زومچەك قەبرىلەر ، تاغ چوققىسىدىكى قىش -ياز ئېرىمەيدىغان قارلار ، قاياقتىندۇر كۆتۈرۈلىۋاتقان ئىس -تۈتەكلەر بىرلىشىپ تېخىمۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرە ھاسىل قىلغان ئىدى . ئەكرەمنىڭ ئانىسى قەبرىگە ئۆزىنى تاشلاپ ئۆكسۈپ -ئۆكسۈپ يىغلايتتى . شامال گۈركىرىمەكتە . ئانىنىڭ يىغىسى بارغانچە كۈچەيمەكتە . مەيلى يىغلىۋالسۇن ، يۈرىكى بارلىق ئازابلارنى كۆز يېشى ئارقىلىق يۇيۇپ چىقىرۋەتسۇن !


                                   («قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ 2013-يىللىق 2-سانىدىن )

باھا سۆز

ئىسىل: 5.0 ئالامەت: 1.0
سائادەت ئىسىل: 5 ئالامەت: 1
  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 02:48

63

تېما

3

دوست

2426

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئەخمەت نىياز
تۆھپە
216
مۇنبەر پۇلى
1963
ئىشەنىچ
216

热心会员

يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 02:06:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇپ يىرىم قىلدىم ، ئاخىرىنى ئەتە ئوقۇياي ئەمدى ...

باھا سۆز

سائادەت يېرىمىنى ئوقۇپ قانداقمۇ ئۇيقۇڭىز كېلەر؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 02:49

44

تېما

22

دوست

1785

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
641
مۇنبەر پۇلى
1045
ئىشەنىچ
641
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 02:48:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋەقە ئورۇنلاشتۇرۇشتا نېمە ئانچە ماھىردۇرسىز ھە يانغىن ئۇكام!؟ مەيلى قايسى ئەسىرىڭىزنى كۆرەي ۋەقەلىك ئىچىگە كىرىپلا كېتىمەن دېسە؟! نەلەردە يۈرۈپ تۇرمۇشنى بۇنچە چوڭقۇر كۈزىتىۋالىدىغانسىز دەيمەن؟!
سىزگە ئۈمىدىمىز بەك زور ئۇكام. قەلىمىڭىزگە تېخىمۇ نۇسرەتلەرنى تىلەيمەن. ئەدەبىي قابىلىيىتىڭىزگە ھەرگىز كۆز تەگمىگەي!

8

تېما

25

دوست

6933

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
مەخمۇت سەلەي..
تۆھپە
4137
مۇنبەر پۇلى
2857
ئىشەنىچ
4137
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 11:23:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەتتە كۆز يوق ئەمەس بار.مۇھەببەتنى كۆرگۈچىلەردە كۆز يوق.مۇھەببەتنىڭ كۆزى بار ياكى يوقلۇقىنى رىئال كۆز بىلەن ئەمەس قەلىپتىكى كۆزىڭىز بىلەن قارىسىڭىز ئېنىق كۆرەلەيسىز..

1

تېما

4

دوست

899

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
قۇندۇزجان
تۆھپە
309
مۇنبەر پۇلى
589
ئىشەنىچ
309
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-10 20:49:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
!دوستلىرىڭ دوست بولغىنىدۇر ئېشىڭغا،
يەتسە م

15

تېما

21

دوست

3038

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
مىھرىنسا
تۆھپە
1596
مۇنبەر پۇلى
1440
ئىشەنىچ
1596
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 18:03:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1772005701 يوللىغان ۋاقتى  2013-6-10 11:23
مۇھەببەتتە كۆز يوق ئەمەس بار.مۇھەببەتنى كۆرگۈچىلەردە  ...

مۇھەببەتنى قارىغاندا بەك چۈشىنىدىكەنسز،- ھە؟

8

تېما

25

دوست

6933

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
مەخمۇت سەلەي..
تۆھپە
4137
مۇنبەر پۇلى
2857
ئىشەنىچ
4137
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-12 21:36:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

/hrhx

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1772005701 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-12 21:39  
minisa يوللىغان ۋاقتى  2013-6-12 18:03
مۇھەببەتنى قارىغاندا بەك چۈشىنىدىكەنسز،- ھە؟


مەن ھەرقانچە چۈشەندىم دىسەممۇ ئاپتۇرىمىز يانغىن ئەپەندىمنى قايىل قىلىپ ھىكايە تىزىسنى ئۆزگەرتكۇزەلىشىم ناتايىن.لىكىن مەنچۈشەنگەن ھەم ئىرىشكەن مۇھەببەتنىڭ ھەقىيقەتەن ھېچلىمنىڭكىگە ئوخشۇمايدىغان نۇرلاق كۆزى بار...

0

تېما

0

دوست

38

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
8
مۇنبەر پۇلى
30
ئىشەنىچ
8
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 11:58:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يانغىن ئاكا سىزگە ئاپىرىن ھەقىقەتەن بىر ئىبىرەتلىك ھېكايە بولۇپتۇ،مېنىڭ پەقەت ئەكرەمنىڭ تۇغۇتلۇق ئايالىغا ئىچىم ئاغرىۋاتىدۇ.

5

تېما

32

دوست

4455

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
شىرىن
تۆھپە
2267
مۇنبەر پۇلى
1914
ئىشەنىچ
2267
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-13 17:58:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئىسىل يېزىلغان ئەسەركەن..............ئاپىرىن!
ۋۇجۇد ئېزىتقۇ،ئەقىل تىزگىن !دوستلىرىڭ دوست بولغىنىدۇر ئېشىڭغا،
يەتسە مېھنەت بىرى كەلمەس قېشىڭغا.
بولسا كىم مېھنەتتە دوست ئۇ جانغا دوست،
دوست ئەمەس دۆلەتتە دوست،ئۇ نانغا دوست!
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-6-14 19:21:37
بەك تەسىرلىك ىكەن  مەن بۇ دۇنيادا ۇنداك مۇھەببەت بارلىغا ىشەنمەي مەن

باھا سۆز

824 م ت521 likin man baxtin kaquriwatiman.........  يوللىغان ۋاقتى 2013-9-10 15:41
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 

GMT+8, 2016-8-2 20:28, Processed in 0.172586 second(s), 36 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش