تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 452|ئىنكاس: 7

شائىر،مائارىپ سېپىدىكى تۆھپىكار باغۋەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

108

تېما

12

ئەگەشكۈچى

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
251
مۇنبەر پۇلى
1580
ئىشەنىچ
251
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-5 18:55:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر،مائارىپ سېپىدىكى تۆھپىكار باغۋەن

(تەپسىلى خەۋەر)

پەرھات جەمشىت

     شائىر،مائارىپ تەتقىقاتچىسى،مۇنبەردىكى ھارماس تۇلپار تۇرسۇن ھۆسەيىن"بۇژغۇن" ئەر،ئۇيغۇر،پارتىيە ئەزاسى،1964-يىلى 11-ئاينىڭ 15-كۇنى يەكەن ناھىيەسىنىڭ ئالمەت يىزىسى دۆڭئۆستەڭ كەنتىدە  دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1972-يىلى 8-ئايغىچە ئائىلە تەربىيىسىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن.  1972-يىلى 9-ئايدىن 1980-يىلى 7-ئايغىچە ئۆز يېزىسىدا باشلانغۇچ ۋە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1980-يىلى 9-ئايدىن 1982-يىلى 7-ئايغىچە يەكەن ناھىيەلىك 1-ئوتتۇرا (تولۇق ئوتتۇرا) مەكتەپتە ئوقۇغان.1982-يىلى 8-ئايدىن 1986-يىلى 7-ئايغىچە قەشقەر پىداگوگىكا  ئېنىستېتۇتىنىڭ جوڭگۇ تىل ئەدەبىيات پاكۇلتىتى ئۇيغۇر تىل ئەدەبىيات كەسپىدە ئوقۇغان. ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۇرۇمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپكە تەقسىم قىلىنغان.1986-يىلى8-ئايدىن 1995-يىلى 3-ئايغىچە بۇ مەكتەپتە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى،مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرى،ئەخلاق تەربىيە مۇدىرى ۋە ئېتتىپاق ياچىكىسىنىڭ سېكىرتارى ھەمدە مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن .1992-يىلى "شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى"نىڭ تەكلىپلىك ئىختىيارى مۇخبىرلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن.1995-يىلى 12-ئايدا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان. 1995-يىلى 3-ئايدىن 1997-يىلى 3-ئايغىچە شىنجاڭ بىڭتۇەن مىللى پىداگوگىكا مەكتىۋىدە يىزىقچىلىق نەزىريىسى ۋە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مىتوتىكىسى دەرسىنى بەرگەن ھەم مەكتەپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى،شۇنداقلا مەكتەپنىڭ"ئوقۇتۇش تەتقىقاتى" ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرلىك ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن،بۇ مەزگىلدە ئۇ(1996-يىلى7-ئايدا)دەرس بەرگەن سىنىپنىڭ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇش مىتوتىكا بىر تۇتاش ئېمتىھان نەتىجىسىنىڭ لاياقەتلىك بولۇش  نىسبىتى100%بولۇپ،ئاپتونۇم رايۇن تەۋەسىدىكى 20نەچچە دارىلمۇللىمىنلەر ئىچىدە 1-ئورۇندا چىقىپ،ئاپتۇنۇم رايۇن دەرىجىلىك «4مۇنەۋۋەر ياش»نىڭ بىرى بولۇپ،ئىشلەپچىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇئەنى تەرىپىدىن مۇكاپاتلانغان. .1997-يىلى 3-ئايدىن 2003-يىلى3-ئايغىچە  ئۇرۇمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتىۋىدە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى ۋە مەكتەپنىڭ ئىلمىي مۇدىرلىق ۋەزىپىلىرىنى ئۆتىگەن.بۇ مەزگىلدە ئۇ يەنە "تەڭرىتاغ ژورنىلى" تەرىپىدىن قوشۇمچە چىقىرىلغان"ئىجادىيەت" ناملىق ئوقۇتۇش تەتقىقاتى ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرلىكىگە تەكلىپ قىلىنغان.       2001-يىلى 12-ئايدا شەرەپ بىلەن جۇڭگۇ كومۇنىستىك پارتىيىسىگە كىرگەن.  
2003-يىلى 3-ئايدىن 8-ئايغىچە ئۇرۇمچى شەھەرلىك 67-باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2003-يىلى8-ئايدىن  2005-يىلى 8-ئايغىچە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ نامرات رايۇنلىرىنىڭ مائارىپ –ئوقۇتۇش  ئىشلىرىغا ياردەم بىرىش ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن ئۆمەك باشلىقى ۋەزىپىسى بىلەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نىيە  ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتىۋىگە چىنىقىشقا چۈشكەن. 2005-يىلى 8-ئايدىن 2006-يىلى 8-ئايغىچە ئۇرۇمچى شەھەرلىك 67-باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 2004-يىلى12-ئايدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئالىي دەرىجىلىك تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىق ئۇنۋانىغا ئىرىشكەن.2006-يىلى 9-ئايدىن ھازىرغىچە مەكتەپنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئېستىپا بىرىپ، ئۇرۇمچى شەھەرلىك 37-ئوتتۇرا مەكتەپتە دەرسخانا ئوقۇتۇشى ھەم ئۆزىنىڭ ئىجادىيەت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىپ كەلمەكتە.ئۇ ئەمەلىي ئوقۇتۇش جەريانىدا،مەكتەپنى ئۆز ئائىلىسەم، سىنىپنى مېھىر-مۇھەببەت مەركىزى،ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۆز بالىلىرىم دەپ تونۇغاچقا،ئۇ 27يىلدىن بىرى .ئىزچىل تۇردە مۇنبەردىن ئايرىلماي،قىتىرقىنىپ دەرس ئۆتۈپ،ھەر يىلى ئۇ دەرس بەرگەن يىللىق ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تولۇقسىزنى پۇتتۇرۇپ،يۇقۇرى ئۆرلەپ ئوقۇش بىر تۇتاش ئىمتىھان
نەتىجىسى ئۈرۈمچى رايۇنى بويىچە ئالدىنقى قاتاردا(1-،2-،3-ۋە 4-ئورۇندا )تۇرۇپ
كەلدى.بۇ جەرياندا ئۇ«مۇنەۋۋەر پارتىيە ئەزاسى»،«دەرسخانا ئوقۇتۇش ماھىرى»،«ئىلغار
سىنىپ مۇدىرى»،«مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى»،«كۆزگە كۆرۇنگەن تۆھپىكار»...
قاتارلىق ناملار بىلەن ئۈرۈمچى شەھرى،ئاپتونۇم رايۇن ۋە مەملىكەت بويىچە 50قىتىمدىن
ئارتۇق مۇكاپاتلانغان ھەمدە 17يىل ئۇدا يىللىق باھالاشتا«ئەلا» بولۇپ باھالانغان.
5قىتىم ناھىيە دەرىجىلىك ۋە شەھەر بويىچە«سىنىپ مۇدىرلىق خىزمىتى توغرىسىدا»،
«ئەخلاق تەربىيە خىزمىتى توغرىسىدا»،«تىل ئەدەبىيات يىزىقچىلىق ئوقۇتۇشى ھەققىدە»
لېكسىيە سۆزلەپ،كەڭ كەسپداشلىرىنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن.
2003-يىلى8-ئايدىن2005-يىلى8-ئايغىچە خوتەندە چېنىقىش بىلەن تۇرىۋاتقان
مەزگىلدە ،بىر نۆۋەت نىيە ناھىيەسى بويىچە«دەرستىن سىرتقى پەن-تېخنىكا پائالىيەتلىرىنىڭ مەكتەپلەرنىڭ خاسلىقنى نامايەن قىلىشتىكى مۇھىملىقى»توغرىسىدا لېكسىيە سۆزلەپ،كەڭ مائارىپ خىزمەتچىلىرىنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئىرىشكەن ھەمدە بۇ لېكسىيە ناھىيە بويىچە كېڭئەيتىلگەن.ئۆزىمۇ نىيە ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ بۇ جەھەتتىكى خىزمەتلىرىنى بىۋاستە تۇتۇپ ئىشلەپ،ئىككى يىلدا بۇ مەكتەپنىڭ پەن-تېخنىكا دەرستىن سىرتقى پائالىيىتىنى خوتەن ۋىلايىتى بويىچە تۇنجى قىتىم باھالاشقا
قاتناشتۇرۇپ،بۇ مەكتەپنى«ۋىلايەت دەرىجىلىك پەن-تېخنىكا خىزمىتىدە ئالاھىيدىلىككە ئىگە مەكتەپ» دېگەن شەرەپكە نائىل قىلغان،ئۆزىمۇ ئىككى يىل ئۇدا ۋىلايەت دەرىجىلىك«مۇنەۋۋەر مائارىپ خىزمەتچىسى»بولۇپ مۇكاپاتلانغان.
          شائىر،ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى تۇرسۇن ھۆسەيىن«بۇژغۇن»نىڭ ئەدەبى ئىجادىيىتى 1981-يىلى 10-ئايدا « يەكەن گېزىتى»دە  ئېلان قىلىنغان «داۋانلار ئاتلاشقا» ناملىق شىئىرى بىلەن باشلانغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ،«يەكەن گىزىتى»،«قەشقەر گىزىتى»،«قەشقەر ئەدەبىيات»،«شىنجاڭ مىنبىڭلىرى گىزىتى»،«شىنجاڭ ئوسمۇرلىرى گىزىتى»،«تارىم غۇنچىلىرى»،«شىنجاڭ ئىشچىلار ۋاقىت گىزىتى»،«خوتەن گىزىتى»،«شىنجاڭ مائارىپى گىزىتى»،«ئۇرۇمچى كەچلىك گىزىتى»،«قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى گىزىتى»،«پەرۋاز ژورنىلى»، «شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلى»،«شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى«،«تارىم ژورنىلى»،«ئۇرۇمچى خەلق رادىئۇ ئىستانسىسى»،«شىنجاڭ خەلق رادىئۇ ئىستانسىسى»،«مەركىزىي خەلق ئۇيغۇر رادىئو ئىستانسىسى»،«شىنجاڭ بىڭتۇەن گىزىتى»،«شىنجاڭ خەلق قۇرۇلتىيى ژورنىلى» ۋە «قەشقەر خەلق رادىئو ئىستانسىسى»ھەمدە«شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى» قاتارلىق ئاخبارات-تەشۋىقات ئورۇنلىرىدا«داۋانلار ئاتلاشقا»،«ئەھدىم»،«ئەجرىسىز سۇزۇلمەس ئۇنچە»،«ناخشىچى قىزغا»،«تىل ھەققىدە غەزەل»،«ماۋزىدوڭ شەنىگە»،«يىل ئۇزۇتۇپ-يىللارنى كۇتۇپ»،«مىسالى شوخ بۇلبۇلمەن»،«گۇل ۋە شامال»،«شىئىرلار»(قەشقەر ئەدەبىياتى ژورنىلى 1997-يىلى ئۇيۇشتۇرغان <يۇرەك ناۋاسى> تىمىسىدىكى  مۇكاپاتلىق ئەسەرلەرنى باھالاش مۇسابىقىسىدا مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن)،«گۇل ئەتە،گۇزەل ئەتە»،«سەھرا ناخشىسى»،«بىز بەختلىك بالىلار»(بۇ مەكتەپ مارشىنى ھازىرغىچە ئۇرۇمچى شەھەرلىك 5-ئوتتۇرا مەكتەپ مەكتەپ مارشى قىلىپ ئىيتىپ كىلىۋاتىدۇ)،«قارا چاچ»،«سايراشتىن قالمىغان بۇلبۇل»،«سۇرەت چاچقۇلىرى»،«ساھىللارمۇ ئىكەن بىقارار...»(يەكەن   گېزىتى    قۇرۇلغانلىقىنىڭ 30يىللىقىنى تەپرىكلەپ ئىشلەنگەن زەرەپشان گۇلزارى ناملىق شېئىرىي توپلامغا كىرگۇزۇلگەن) ،«چولپان»،«گۇزەل ئانا تەبىئەت»،«ئويغاق ئانا زىمىن بۇ»،«ھەرگىز»(غەزەل)،«كەلگۇسىمىز نۇرانە»(ناخشا تىكىستى،بۇ تېكىستى1996-يىلى نەشىر قىلىنغان باشلانغۇچ مەكتەپ 12-قىسىم مۇزىكا دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن)؛«بەختىم»(ناخشا تېكىستى بولۇپ،قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسۇل ئۆمىكىدىن نۇرئامىنەم ناخشا قىلىپ ئوقۇغان ھەمدە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىدا ئاڭلىتىلغان)؛«ماي يۈزۈڭگە سۆيمەيمەن»(بالىلار ناخشا تېكىستى)،«بالىلارغا نۇسرەت ئاتا قىل»(بالىلار ناخشا تېكىستى)،«ئەر ۋە خوتۇن»،«گۈزەل ئۇرۇمچى»(ناخشا تېكىستى)،«قۇشلار،مۇھىت ۋە مەن»،«تۇيغۇمدىكى بىر خىيال»،«ئېھتىيات»،«يۈرىكىنى قوش قوللاپ ئەلگە سۇنغان مۇئەللىم»،«سىلەرنىڭمۇ بىزنىڭكىدەك چېچىڭلار بارمۇ؟»،«ھايات كارۋانلىرى»،«بەھەيۋەت تاغلار»،«غەزەلخان بولۇپ يېتىلدىم»،«ئاچچىق نەپەسلەر»،«يىرىم دۇنيا»،«ئۇيات-ئۇيات»،«بىزنى يېتىم قىلماڭلار»(باللادا) ،«ئارمىيەم»،«تەنتەنە»،«يول بۇيۇك،يول-ئامەت ئىنسان بەختىگە»،«ياشاپ كەت»،«ئەشۇ دېھقاننى...»،«دىھقان ئاتا»،«قەدىمىي ناخشاڭنى ئېيتىپ بەر ماڭا»،«خەيرى-خوش،جانان!»،«زېمىن ۋە ئىنسان»،« كۈلگىن ئانا،كۈلگىن قاقاھلاپ»،«ئانا»،« ئانىلار ئوبرازى سەندە مۇجەسسەم»،« زەرەپشان»،«مەشرەپ»،«نەۋرۇز ئىلھاملىرى»،«ئېمتىھان ۋە ھاياتلىق»،«ئارمان تىلەكلىرى»قاتارلىق تېمىلاردا 350پارچىدىن ئارتۇق شىئىر ،باللادا ۋە ناخشا تېكىستلىرى؛«دادا بىز ئىللىق مېھرىڭىزگە تەشنا»(نەسىر)،«يىلان بىلەن پاقا»(مەسەل)،«چېۋىن بىلەن ئۆمۈچۈك»(مەسەل)،«كۈتۈلمىگەن جاۋاپ»(ھېكايە)،«ناغرا ئاۋازى»(ئىككى كىشىلىك لەپىرى1988-يىلى شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئۇيۇشتۇرغان<قامەت-تالانت تېمىسى> دىكى بالىلار دىرامما-ئېتۇت مۇسابىقىسىدە 2-دەرىجىلىك ئىجادىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن)،«سەبىي كۇلكىلەر»(35000خەتلىك بالىلاريۇمۇرلىرى كىتاۋىنى نەشىرگە تەييارلىغان ھەمدە 1994-يىلىدىن1997-يىلىغىچە  ئۇدا توت يىل« تارىم غۇنچىلىرى» ژورنىلىدا مەخسۇس«سەبىي كۈلكىلەر» سەھىپىسى تەسىس قىلىنىپ ئىلان قىلىنغان،«ئاتا-ئانىلارغا كۆيۈنەيلى» (بالىلار ئىتوتى)،«دوست دېگەن شۇنداق بولسا»(بالىلار ئىتوتى)،«كىچىك رەسسام»(ئەدەبى ئوچىرىك)،«گۈلجەننەت »(ئالتە پەردە،يەتتە كۆرۈنۈشلۇك تارىخىي شېئىرىي دىراممىسى 2006-يىلى مەدەنىيەت نازارىتى تەرىپىدىن دىرامما ئىجادىيەتلىرىنى باھالاش پائالىيتىدە يۇقۇرى باھاغا ئىرىشكەن) قاتارلىق يىرىك ئەسەرلىرى بار ؛ئۇ «مائارىپ ۋە ئەدەبىيات-سەنئەت»كە ئائىت ئۆزىنىڭ ئىجادىي ھېكمەتلىرىدىن «مەن ۋە مائارىپ» تېمىسىدا 180پارچە ئىلان قىلغان.  بۇنىڭ ئىچىدىن 10پارچە ھېكمەتلىك سوزى«جوڭگۇ مۇنەۋۋەر ئەقلىيە سۆزلەر قامۇسى»ۋە جوڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60يىللىقىنى تەبرىكلەپ ئىشلەنگەن« مۇتەخەسىسلەرنىڭ مۇنەۋۋەر ئەقلىيە سۆزلىرى قامۇسى»غا كىرگۇزۇلۇپ مىدال ۋە شەرەپ گۇۋاھنامىسى بىلەن مۇكاپاتلانغان.مەشھۇر پىداكوك سوخومىلىنىسكىنىڭ 200پارچىدىن ئارتۇق مائارىپ تەلىم-تەربىيىسىگە ئائىت ھېكمەتلىك سۆزلىرىنى نەشىرگە تەييارلاپ،«مائارىپ گېزىتى»،«كەچلىك گېزىتى»
ۋە«قەشقەر گېزىتى»لىرىدە ئىلان قىلىپ،كەسپداشلىرى ئارىسىدا«تىرىك سوخومىلىنىسكى»
دەپ تەرىپلىنىپ كەلمەكتە ھەمدە ئوقۇتقۇچى ،ئاتا-ئانىلارنىڭ ياخشى مەسلىھەتچىسى،
كەڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ مېھرىبان دوستى ھەم ئۇستازىغا ئايلانغان.  
       تۇرسۇن ھۆسەيىن «بۇژغۇن» تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقاتى بىلەنمۇ ئىزچىل شۇغۇللىنىپ ،كەسپ ئەھلىلىرىنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئىرىشىپ كەلگەن.ئۇنىڭ تەتقىقات ئىجادىيىتى 1986-يىللىق«شىنجاڭ مائارىپى ژورنىلى»نىڭ 5-سانىدا ئىلان قىلىنغان «تىپىشماقلارنىڭ بالىلارنى تەربىيەلەشتىكى رولى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى» تېمىلىق ئىلمىي ماقالىسى بىلەن باشلانغان بولۇپ،ھازىرغا قەدەر «كاتىگورىيە بىلەن ئۇقۇم چۇشەنچىسى توغرىسدا»،«ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلار بىلەن سىياسى-نەزىريىۋى ماقالىلارنىڭ مۇناسىۋىتى»،«يۇمۇر ئىجادىيىتىنىڭ ئۆسمۈرلەرنى يىتەكلەشتىكى رولى»،«چۆچەكلەرنى ئوقۇتۇشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇللىرى»،«ئىدىئوملارنىڭ گىرامماتىكىلىق خۇسۇسىيەتلىرى»،«قانداق قىلغاندا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېزىقچىلىق ئىقتىدارىنى ئىلمىي يىتىلدۇرگىلى بولىدۇ؟»،«تېكىست ئوقۇتۇشىدا يېڭى سۆز-ئاتالغۇلارنى ئىزاھلاشنىڭ زۆرۈرلىكى»،«ساپا مائارىپىنىڭ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا قويغان تەلىپى»،«نەۋائىي لىرىكىلىرىدىكى ھايات گۇزەللىكىنى سۆيۈش ئىددىيىلىرىنىڭ ھازىرقى دەۋىردىكى بەدىئىي قېممىتى»(1988-يىلى 10-ئاينىڭ 27-كۇنى ئىچىلغان نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 547يىللىقىنى تەبرىكلەش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىغا ئاتاپ يىزىلغان،يىغىن ئەھلىنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئىرىشكەن)،« نوۋەتتە تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇشىدا ساقلىنىۋاتقان بىر قانچە مەسىلىلەر»،«بالىلار ئەدەبىياتىدا كۆرۈلىۋاتقان ئاجىزلىقلار...» قاتارلىق تېمىلاردا يېزىلغان 80پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالىلىرى ئىلان قىلىنىپ ،ئەدەبىيات ئوقۇتۇش قوشۇنى ئارىسىدا ياخشى تەسىر قوزغىغان.      40پارچىدىن ئارتۇق ماقالىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيتى،ئاپتونۇم رايۇنلۇق تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقات جەمئىيتى  ۋە مەملىكەت بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ئىلمىي ماقالە مۇسابىقىلىرىدە 1-،2-،3-دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا ئىرىشكەن،بۇنىڭ ئىچىدىن ئىككى پارچە ئىلمىي ماقالىسى« جوڭگۇ ساپا مائارىپى مۇنەۋۋەر ماقالىلار قامۇسى» غا كىرگۇزۇلگەن.«ئىجتىمائىي ئىسلاھاتنىڭ ئائىلە تەربىيىسىگە كورسەتكەن ئاكتىپ ۋە پاسسىپ ئامىللىرى»  تېمىلىق ماقالىسى 2000-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۇنىدىن 23-كۇنىگىچە بىيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن 5-قىتىملىق مەملىكەت بويىچە مۇنەۋۋەر پەن-تىخنىكا ماقالىلىرىنى باھالاش ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا«مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە» مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن ھەمدە بىرمىدا
ئۆتكۈزۈلگەن 40دۆلەت بىرلەشمىسىنىڭ «نوپۇس ۋە ئىجتىمائىي ئىسلاھات»تېمىسىدىكى
ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا«مۇنەۋۋەر ئىلمىي ماقالە »مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.
ئۇ ئوقۇتۇش جەريانىدا ئوزى بىلەن بولۇپ كەتمەستىن ،يەنە ئوزى دەرس بەرگەن يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئەدەبى ئىجادىيەت يىزىقچىلىقى بويىچە ئەستايىدىل تەربىيەلەپ، زور مۇۋاپىقىيەتلەرگە ئىرىشكەن.1990-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر 22يىل ئۇدا شەھەر،ئاپتۇنۇم رايۇن ۋە مەملىكەتلىك ماقالە-ئەسەر يىزىش مۇسابىقىلىرىگە ئوقۇغۇچىلىرىنى تۇركۇم-تۇركۇملەر بويىچە قاتناشتۇرۇپ،ئوقۇغۇچىلىرىدا ئوزىگە بولغان رىقابەت ئىڭىنى يىتىلدۇرگەن،ئوقۇغۇچىلىرىمۇ 1-،2-،3-ۋە مۇنەۋۋەر ئەسەر مۇكاپاتلىرىغا ئىرىشكەن ،شۇنداقلا ئوزىمۇ كۆپ قىتىم«مۇنەۋۋەر يىتەكچى ئوقۇتقۇچى»مۇكاپاتلىرىغا ئىرىشكەن. ئۇ يۇقارقىدەك ئەمەلىي تەجرىبىلىرىگە ئاساسەن،2008-يىلى 4-ئاينىڭ 26-كۇنى ئۇرۇمچى شەھەرلىك مائارىپ تەتقىقات مەركىزى تىل ئەدەبىيات ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا  ئاساسەن،ئۇرۇمچى رايۇنىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىغا «قانداق قىلغاندا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يىزىقچىلىق ئىقتىدارىنى تىز سۇرئەتتە يىتىلدۇرگىلى بولىدۇ؟»دېگەن تېمىدا  لېكسىيە سوزلەپ،ئاڭلىغۇچىلارنىڭ مۇئەييەنلەشتۇرۇشىگە نائىل بولغان، شۇنداقلا ،ئاپتونۇم رايۇنلۇق مائارىپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئورنى تىل ئەدەبىيات ئىلمىي جەمئىيىتى تەرىپىدىن 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشكەن. ئۇ يەنە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات دەرسخانا ئوقۇتۇشى ئۈچۈن تۈزىگەن «يىڭى دەرسلىك بويىچە تىل-ئەدەبىيات دەرسخانا يانداشما مەشقى.1-2-قىسىم»،«تىل-ئەدەبىياتتىن تەتىللىك رەڭدار تاپشۇرۇق» ( يازلىق ۋە قىشلىق تەتىللىك) قاتارلىق تۆت پارچە كىتاپى (2001-ۋە 2006-يىللىرى) «شىنجاڭ پەن-تېخنىكا سەھىيە نەشىرياتى»ۋە «شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى» تەرىپىدىن نەشىر قىلىنىپ پۇتۇن شىنجاڭغا دەرسلىككە يانداش تارقىتىلىپ،تۆۋەندىكى پايدىلانغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئىرىشكەن...!
ئۇ يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئابدۇۋەلى ئابدۇشۇكۇر«ئۆتكۈر قاپىيە»ۋەبۇۋىمەريەم ئابلىمىتتەك بالا شائىر-شائىرەلەرنى يېتەكلەپ قاتارغا قوشقان. ھازىرغا قەدەر ئوقۇغۇچىسى ئابدۇۋەلى ئابدۇشۇكۇر «ئۆتكۈر قاپىيە»نىڭ «ئانا مىھرى» قاتارلىق توت پارچە شېئىرىي كىتابى،بۇۋىمەريەم ئابلىمىتنىڭ بىر پارچە شېئىرلار توپلىمى نەشىر قىلىنىپ،شىنجاڭ  تەۋەسىدىكى يېشى ئەڭ كىچىك«بالا شائىر-شائىرە»لەردىن بولۇپ تونۇلۇپ كەلماكتە.      
شائىر، مائارىپ تەتقىقاتچىسى تۇرسۇن ھۆسەيىن«بۇژغۇن» پەقەت بىر تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، شائىر بولۇپ قالماستىن يەنە مۇنەۋۋەر كەشپىيات يېتەكچىسى.ئۇ ۋاقىتنى ئىنتايىن قەدىرلەپ،بوش –بىكار قالغان ۋاقىتلىرىدىن پايدىلىنىپ كۈزىتىش ۋە تەكشۇرۇپ تەتقىق قىلىشقىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ لاھىيەلەپ چىققان«كۆپ ئىقدىدارلىق ھەركەتچان قاتلىما پارتا-ئورۇندۇق»،«ماتۇرلۇق قاتناش ئەسلىھەلىرىدە كۆرۈلۈش ئېھتىمالى بولغان خەتەرلىك ھادېسىلەردىن ئالدىن خەۋەر بېرىش قۇرۇلمىسى»،«كۆپ ئىقدىدارلىق سۇ تىجەيدىغان سۈپۈرگە ۋە پول سۈرۈتكۈچ»قاتارلىق كەشپىيات ماتىرياللىرىنى  ئوقۇغۇچىلىرىغا يېتەكچىلىك قىلپ، مودىلىنى ياساپ يۇقۇرىغا يوللاپ،ئىككى كەشپىيات ئىجادىيىتى دۆلەتلىك پاتېنت ھوقۇقىغا ئېرىشكەن،بىر پارچىسى ئاپتونۇم رايۇنلۇق پەن-تېخنىكا جەمئيتى ئۇيۇشتۇرغان 20-قېتىملىق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كەشپىيات ئىجادىيىتىنى باھالاش مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىلىك كەشپىيات مۇكاپاتىغا ،يەنە بىر پارچە كەشپىيات ئىجادىيىتى ئۇرۇمچى يېڭىشەھەر رايۇنلۇق پەن-تېخنىكا جەمئىيىتى ئۇيۇشتۇرغان 7-نوۋەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ كەشپىيات ئەسەرلىرىنى باھالاش مۇسابىقىسىدە 3-دەرىجىلىك كەشپىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.ئۆزىمۇ «مۇنەۋۋەر كەشپىيات ئىجادىيىتى يىتەكچىسى»مۇكاپاتىغا نائىل بولغان.  ئۇ يەنە ئوزى دەرس بەرگەن يىللىقلاردىكى ئوقۇغۇچىلارنى ئەستايىدىل يىتەكلەپ،1999-يىلى5-ئايدا« جوڭگۇ مائارىپ گىزىتى» مەدەنىيەت باشقارمىسى ئۇيۇشتۇرغان مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەر كىتاپ ئوقۇش،خەتتاتلىق ۋە گۇزەل-سەنئەت مۇسابىقىسى؛2010-يىلى 6-ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن 5-نوۋەتلىك مەملىكەتلىك ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ «ئۇچار لوڭقا» نى تالىشىش بويىچە خەتتاتلىق ۋە گۇزەل-سەنئەت مۇسابىقىسىلىرىگە قاتناشتۇرۇپ ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىپ ،ئۆزىمۇ مەملىكەت دەرىجىلىك «مۇنەۋۋەر يىتەكچى ئوقۇتقۇچى» مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىككى پارچە ئەسىرى 2011-يىلى نەشىر قىلىنغان«جوڭگۇ ياش-ئۆسمۈرلىرى مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى قامۇسى»غا كىرگۇزۇلگەن.
   يولداش تۇرسۇن ھۆسەيىن«بۇژغۇن» يەنە ئاخبارات ئىجادىيىتى بىلەنمۇ
ئىزچىل شۇغۇللىنىپ، ھازىرغا قەدەر ھەر قايسى ئاخبارات-تەشۋىقات ئورۇنلىرىدا 300پارچىدىن ئارتۇق خەۋەر ماقالىلىرى ئىلان قىلىنغان ھەمدە كۆپ قىتىم«مۇنەۋۋەر ئىختىيارى مۇخبىر» بولۇپ مۇكاپاتلانغان.
     ئۇ 2012-يىلى 4-ئاينىڭ 6-كۇنى ئۇرۇمچى يىڭى شەھەر رايۇنلۇق مائارىپ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسى ئۇيۇشتۇرغان تىل ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ«ئانا تىلنى ئۇلۇغلاش»تېمىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەرلەرنى دىكلىماتسىيە قىلىش مۇسابىقىسىغا رىياسەتچىلىك قىلغان ھەمدە ئۆزى يازغان«ئانا تىل ھەققىدە»ماۋزۇلۇق شېئىرىنى دېكلىماتسىيە قىلىپ ،مۇسابىقە ئىشتېراكچىلىرىنىڭ يۇقۇرى باھاسىغا ئىرىشىپ «ئالاھىدە دەرىجىلىك» مۇكاپاتنىڭ ساھىبى بولغان.2012-يىلى 9-ئاينىڭ10-كۈنى ئۈرۈمچى رايۇنىدا 30مىڭدىن ئارتۇق ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ،بۇ يىللىق سىلىشتۇرۇپ باھالاشتا ، «100مۇنەۋۋەر سىنىپ مۇدىرى»نىڭ بىرى بولۇپ مۇكاپاتلانغان.
2012-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈچ پارچە «ئەقلىيە سۆزى» دۆلەت دەرىجىلىك ئالتۇن مۇكاپاتقا ئىرىشكەن ھەمدە «مۇنەۋۋەرئەقلىيە سۆزلەر قامۇسى»غا كىرگۈزۈلگەن.
تىرىشچان شائىر،مۇنەۋۋەر ئىختىيارى مۇخبىر،تونۇلغان مائارىپ تەتقىقاتچىسى تۇرسۇن ھۆسەيىن «بۇژغۇن» نىڭ ئىش-ئىزلىرى «شىنجاڭ گېزىتى»،«شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى»،«شىنجاڭ تىلىۋىزىيە ئىستانسىسى»،«شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى» ۋە «ئۇرۇمچى خەلق رادىئو ئىستانسىسى»قاتارلىق ئاخبارات-تەشۋىقات ئورۇنلىرى تەرىپىدىن ئارقا-ئارقىدىن تەشۋىق قىلىنغان ھەمدە ئۇنىڭ ئىش-ئىزلىرى «جوڭگۇ يىڭى دەۋىر مائارىپ مۇتەخەسىسلىرى قامۇسى»،«جوڭگۇ مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىسلىرى قامۇسى»،«خەلقئارا مۇنەۋۋەرمۇتەخەسىسلەرقامۇسى»غا كىرگۇزۇلگەن،شۇنداقلا 21-ئەسىردىكى« مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس» شەرىپىگە مۇيەسسەر بولغان.  ئۇ نوۋەتتە «ئاچچىق نەپەسلەر» ناملىق شىئىرلار توپلىمى ئۇستىدە جىددى ئىشلىمەكتە.
تۇرسۇن ھۆسەيىن«بۇژغۇن» ھازىر جوڭگۇ پەن-تىخنىكا جەمئىيىتى ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقات ئورنىنىڭ تەكلىپلىك تەتقىقاتچىسى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايۇنلۇق يازغۇچىلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى؛ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىمتىھان مەركىزى سۇئال ئىشلەش بىرلەشمىسىنىڭ ئەزاسى؛
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەخلاق تەربىيە ئىلمىي جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى.
بىز بۇ ماھارەتلىك باغۋەننىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئوقۇتۇش ۋە تەتقىقات –ئىجادىيەت مۇساپىلىرىگە زور مۇۋاپىقىيەتلەر تىلەيمىز...!شۇنداقلا،زىيارىتىمىزنى ئۇنىڭ «تۇيغۇمدىكى بىر خىيال» ناملىق
لىرىكىسىنى كەڭ ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇنۇش بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز.
                                 سەھەردە چېلىنغان مۇڭلۇق قوڭغۇراق،
                                 بىر سەبى تۇيغۇنى ئەسلىتەر دەم-دەم.
                                 ھاياتلىق گوياكى شۇ قوڭغۇراقتەك،
                                 غەپلەتتىن ئويغىتار ئىنساننى ھەردەم.!

108

تېما

12

ئەگەشكۈچى

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
251
مۇنبەر پۇلى
1580
ئىشەنىچ
251
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-6 15:42:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   تېما مۇنبەر يۈزىدە كۆرۈنمەپتۇ.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-13 22:58, Processed in 0.117616 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش