شىنجاڭ ھۆرىيەت كىنو-تېلېۋىزىيە چەكلىك شىركىتى ئىشلەۋاتقان كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى‹‹مىليون گۈل›› فىلىمىنىڭ دەسلەپكى قىسىملىرى بازارغا سېلىنغاندىن كىيىن كەڭ كۆرۈرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن ئىدى.بىز بۇ پۇرسەتتە بىزنى ۋە ئۇيغۇر كىنو-تېلېۋىزىيەچىلىقىنى قىزغىن قوللاۋاتقان كەڭ خەلق ئاممىسىغا سەمىمى رەھمىتىمىزنى بىلدۈرىمىز. شىركىتىمىز ئىشلىگەن كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى < مىليون گۈل> ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇكەممەل كارتىنا بۇلۇپ ئۇنىڭدا بايان قىلىنغان ھېكايە ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مەڭگۈلۈك تېما بولغان مىھرى مۇھەببەت . غەزەپ نەپرەت، ئىقتىسادى گۈللىنىشىنى مەخسەت قىلغان ھەر بىر تىرىك جاننىڭ تىرىشىچانلىق كۈرەشلىرى ۋە سۇيقەسىتلىرى، ئاددى ھايات ئىگىلىرىنىڭ ئادەمنىڭ يۇرەك باغرىنى لەرزىگە كەلتۇرىدىغان ياشاش ھەقىقەتلىرى بايان قىلىنغان بۇلۇپ ۋەقەلىك ئەگىرى توقاي .ئوبرازلار خارەكتىر جەھەتتىن بىر بىرىدىن تامامەن پەرىقلىق . موھىت تەسۋىرى رەڭدار بۇلۇپ فىلىم تاماششبىنلارنى ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت ئىچىدىكى مۇرەككەپ تۇرمۇش ئارقىلىق ئوخشىمىغان مۇھىت ئىچىدە ئوخشىمىغان ھىس تۇيغۇ قايناملىرىغا سۆرەپ كىرىدۇ. ئەقىللىق تاماششبىنلار فىلىمنى كۆرگەندىن كىين ئۆزىنىڭ تۇرمۇشقا قايتىدىن نەزەر سىلىش بىلەن بىرگە ھاياتنىڭ قىممىتى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە جىددى ئويلىنىشقا ئىلھاماندۇرىدۇ . يېقىندا تېلىۋىزىيە تىياتىرى <مىليون گۈل>نىڭ 5- قىسىم سۈرەتكە ئېلىنىپ بولدى. كۆرۈرمەنلەرنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلۇش ئالدىدا تۇرىۋاتىدۇ،بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 5-قىسىمغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلار ۋە 3-4-قىسىمدىكى 2مىنۇتلۇق قىسقا فىلىمنى تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇندۇق. بارلىق تورداشلارنىڭ يېقىندا بازارغا سېلىنماقچى بولغان ئەڭ يېڭى قىسىملارنى كۆرۈشكە ئالدىرىشىنى سورايمىز5-قىسمىنىڭ تەشۋىقات فىلىم
3-4-قىسمىنىڭ تەشۋىقات فىلىم
ھۆرىيەت كىنو-تېلېۋىزىيە چەكلىك شىركىتى 2013-5-30
|