تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 9237|ئىنكاس: 55

ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ تەرجىمھالى ۋە ناخشىلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

32

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1122

جۇغلانما

تەكلىپلىك باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
476
مۇنبەر پۇلى
566
ئىشەنىچ
476
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 00:28:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەل سۆيگەن ئەلنى سۆيگەن ناخشىچى
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم    
                                                                 

  
ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆزىنىڭ پىكىرى چوڭقۇر ، ھىسىياتقا ۋە تەسىرلەندۈرۈش كۈچىگە باي لېرىك ناخشىلىرى ئارقىلىىق تاماشىبىنلارنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان تالانىتلىق ناخشا چولپىنىدۇر .   
      ئۇ 1969 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى مارالبېشى ناھىيىسىنىڭ تۇمشۇق يېزىسىدا تۇغۇلغان . ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭ بالىلىق ھاياتى قەدىمى دولان مۇقاملىرى ۋە دولان مەشىرەپلىرى قۇچىغىدا ئۆتكەچكە ئۇنىڭدا ئاشۇ سەبى چاغلاردىن باشلاپلا سەنئەتكە بولغان كۈچلۈك ئىشتىياق شەكىللەنگەن .  
      1987- يىلى 5 - ئايدا شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتى تىياتىر فاكۇلتۇتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلىرى مارالبېشى ناھىيىسگە ئوقۇغۇچى ئالغىلى بېرىپ ، ئابدۇللا ئابدۇرېھىمدىكى يۇشۇرۇن سەنئەت تالانتىنى بايقايدۇ - دە ، ئۇنى سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قۇبۇل قىلىدۇ . شۇ يىلى 9 - ئايدىن ئىتىبارەەن ئۇ ھەقىقى سەنئەت ھاياتىنى باشلىدى . ئۇ سەنئەت ئىنىستىتوتىدىكى ئوقۇغۇچىلىق ھاياتىدا بىر تەرەپتىن سەھنىدە ئوبراز يارىتىش ماھارەتلىرى ۋە تىياتىر بىلىملىرىنى ئۆگەنسە ، يەنە بىر تەرەپتىن ناخشا سەنئىتىگە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلاپ ، ئاۋاز مەشىقىنى كۈچەيتىپ ، ناخشا ئورۇنداش جەھەتتە ئۆزگىچە ئاھاڭ ، ئۆزگىچە ئۇسلۇب بىلەن بەلگىلىك ماھارەت يىتىلدۈردى.   
      ئابدۇللا ئابدۇرېھىم 1991- يىلى 7 - ئايدا ئۇقۇشىنى تاماملاپ شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىگە تەخسىم قىلىندى ھەم ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ئۆمەك تەييارلىغان " غېرىپ - سەنەم " ئوپىراسىدا غېرىپنىڭ دوستى ئىلياسنىڭ رولىنى ئېلىىشقا تاللاندى . 1992 - يىلىنىڭ ئوتتۇرلىرىدا بۇ ئوپىرا قازاقىستان ، ئۆزبەكىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە ئوينالغاندا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئۆز ماھارىتىنى كۆرسىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.   
      ئابدۇللا ئابدۇرېھىم گەرچە تىياتىر ئارتىسى بولسىمۇ ، لېكىن يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئەلگە تونۇلغان تالانىتلىق ناخشىچىدۇر . ئۇ ئورۇنلىغان " سىرلىق تۇمان ، ئۇچىراشقاندا ، ۋاپادارىم ، مۇئەللىم ، كىچەلمەيمەن ، ئايرىلىش ، كۆزىڭنى ياشلىما ، تۇنجى سۆيگۈ ، سېغىنىش كۈيلىرى،ئانام بولسىدى،گۈلشەندىكى نىدا،تۇنجى مۇھەببەت ،شۇ چاغلار" قاتارلىق ناخشىلار تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغاپ ، ئابدۇللانىڭ خەلىق ئىچىدىكى شۆھرىتىنى يۇقۇرى كۆتۈردى . 1994 - يىلدىن ھازىرغىچە " سىرلىق تۇمان ، سۈكۈتتىكى سادا ، پەرۋانەڭ بۇلاي " قاتارلىق ئۈنئالغۇ لىنتىلىرى ، " شىرىن چۈش ، تۇنجى سۆيگۈ " قاتارلىق بىر قانچە MTV سى نەشىر قىلىندى . ئۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا 1998 - يىلى 4 - ئايدا پاكىستانغا ئويۇن قويغىلى بېرىپ ، ئېقىن سۇدەك سۈزۈك ھەم مۇڭلۇق ئاۋازى بىلەن شۇ يەردىكى تاماشىبىنلارنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولدى . 1998 - يىلنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خاربىندا ئۆتكۈزۈلگەن مەملىكەتلىك ناخشا مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ " مۇنەۋۋەر ناخشىچى " مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . يەنە شۇ يىلى شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن " يېڭى ئادەم ، يېڭى ئەسىر ناخشا مۇسابىقىسى " غا قاتنىشىپ ، ئاممىباب ئۇسلۇبدا ناخشا ئېيتىش بۇيىچە 3 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا نائىل بولدى ھەمدە 1 - دەرىجىلىك ناخشىچى بۇلۇپ باھالاندى . 1999 - يىلى بېيجىڭ ، شاڭخەي قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈزۈلگەن " بىزنىڭ شىنجاڭ ياخشى جاي " ناملىق چوڭ تىپتىكى سەنئەت كىچىلىكىدە " ياشلىق كۈيى " دىگەن ناخشىنى خەنزۇچە ئورۇنلاپ زور ئالقىشقا ئېرىشتى . 1999 - يىلى 9- ئايدا گېرمانىيەدە ئۆتكۈزۈلگەن " يىپەك يولى دىرامما بايرىمى " دا تەكلىپكە بىنائەن ئۆمەك رەھبەرلىرى بىلەن ئويۇن قويغىلى بارغان ئابدۇللا ناخشىلىرىدىكى مىللىيلىك ھەم ئاممىبابلىق بىلەن شۇ ئەل خەلىقلىرىگە ئۆزىنى تونۇتتى . ئۇنىڭ يېقىملىق ئاۋازى ، يارقىن سىماسى گېرمانىيە سەھنىلىرىدە پەيدا بولدى .   
       بۇنىڭدىن باشقا ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ئىلگىرى كىيىن بۇلۇپ " شادىمان دوسىتلار، بۇ كىشىنى تونۇمسىز " قاتارلىق تېلىۋىزىيە تىياتىرى ، " گۇناھسىز جىنايەتكار ، كىيىنكى ئاتا " قاتارلىق دىراممىلاردا ئاساسلىق روللارنى ئېلىپ ، ئۆزىنىڭ پېرسۇناژلارنىڭ نازۇك ئىچكى دۇنياسىنى ماھىرلىق بىلەن يۇرۇتۇپ بېرىشتەك ئالاھىدىلىكىنى نامايەن قىلىش بىلەن بىرگە يەنە " ئۇچۇرىشىش ، شىكەر شەنبە ، پۇل ، ئۇنداق قازانغا مۇنداق چۆمۇچ " قاتارلىق ئېپزوتلاردا ئوخشىمىغان يۇمۇرلۇق خارەكتىرگە ئىگە ئوبرازلارنى ناھايىتى مۇۋاپىقىيەتلىك يارىتىپ تاماشىبىنلارنىڭ ناھايىتى يۇقۇرى باھاسىغا ئېرىشتى . ئابدۇللا ئابدۇرېھىم ھەقىقەتەنمۇ ئەلگە تونۇلغان ئاتاقلىق سەنئەتكار بۇلۇپ ، بىر قانچە يىلدىن بۇيان ناخشا ئېيتىش ، دىرامما - ئېپزوتلاردا رول ئېلىش بىلەن چەكلىنىپ قالماي ، يەنە مۇزىكا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شوغۇللىنىپ ، " قەبرىگە تۆكۈلگەن ياش ، ئاي گۇۋاھ ، ئۇر توقماق ، كۈلكىگە يۇشۇرۇنغان يىغا " قاتارلىق تېلىۋىزىيە تىياتىرلىرىنىڭ مۇزىكىسىنى ئىشلەپ ۋە بۇ فىلىملەرنىڭ ناخشىسىنى ئورۇنلاپ ، تاماشىبىنلار ئارسىدا زور تەسىر قوزغىدى .ئۇ ھازىر ھەممىگە تۇنۇشلۇق بولغان سابا مۇزىكا ئانسامبىلىنى ئابدۇللا مۇزىكا ئانسامبىلىغا ئۆزگەرتىپ 20 نەپەرگە يىقىن مۇنتېزىم مۇزىكىچى ماھىرلار توپلانغان مۇزىكا ئانسامبىلىنى قۇرۇپ ئۇيغۇر ناخشا-ئۇسسۇلچىلىقىنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئۈچۈن تېنىمسىز ئېزدەنمەكتە.


        ئابدۇللا ئابدۇرېھىمنىڭمۇ رومانتىك ھىسىياتقا باي ئاجايىپ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى بولغان . ئۇ شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتوتىغا قوبۇل قىلىنغاندىن كىيىن ، كۈتۈلمىگەندە ھازىرقى ئايالى ئامىنە ئۆمەر بىلەن ئۇچىراشتى . ئۆز - ئارا ساۋاقداشلىق ئۇلارنى ئاستا - ئاستا يېقىنلاشتۇردى . ئابدۇللا ئۆزىنىڭ ھىسىياتقا باي لېرىك ناخشىلىرى ، ئېغىر بېسىق مىجەز - خارەكتىرى ھەم سەمىمىيلىكى بىلەن ئامىنەنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسى ھەم ھۆرمىتىگە ئېرىشتى . ئامىنەمۇ 1988 - يىلى " بويتاقلار ئائىلىسى " ناملىق ھىكايە فىلىمدە تۇنجى قېتىم رول ئېلىپ ئابدۇللانى ھاياجانغا سالدى . شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىككى ساۋاقداش 1988 - يىلنىڭ ئاخىرى مۇھەببەت باغلاپ ، كىيىنكى ساۋاقداشلىق ھاياتىنى تېخىمۇ گۈزەل ئارزۇ ئىستەكلەر ئىچىدە مەنىلىك ئۆتكۈزدى . 1991 - يىلى 7 - ئايدا ئوقۇشنى تاماملاپ بىرلىكتە شىنجاڭ ئوپىرا ئۆمىكىگە تەخسىم قىلىندى ھەمدە 1992 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1- كۈنى بەخىتلىك ھالدا غۇلجىدا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزدى . ھازىر ئۇلارنىڭ شاھناز ئىسىملىك بىر قىزى بار


بۇ دۇنيا

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

32

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1122

جۇغلانما

تەكلىپلىك باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
476
مۇنبەر پۇلى
566
ئىشەنىچ
476
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 00:30:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەنھا سۆيگۈ

32

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1122

جۇغلانما

تەكلىپلىك باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
476
مۇنبەر پۇلى
566
ئىشەنىچ
476
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 00:33:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئامان بولسۇن جېنىم ئانام

32

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1122

جۇغلانما

تەكلىپلىك باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
476
مۇنبەر پۇلى
566
ئىشەنىچ
476
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 00:36:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانامغا مەكتۈپ

32

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1122

جۇغلانما

تەكلىپلىك باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
476
مۇنبەر پۇلى
566
ئىشەنىچ
476
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 00:43:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

32

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1122

جۇغلانما

تەكلىپلىك باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
476
مۇنبەر پۇلى
566
ئىشەنىچ
476
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 00:48:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىز

32

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1122

جۇغلانما

تەكلىپلىك باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
476
مۇنبەر پۇلى
566
ئىشەنىچ
476
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 00:50:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىگارغا سۆز

32

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1122

جۇغلانما

تەكلىپلىك باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئايتۇغ
تۆھپە
476
مۇنبەر پۇلى
566
ئىشەنىچ
476
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 00:52:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەرگىزە




مەنبە:56 تورى
داۋاملىق يوللىنىدۇ

6

تېما

19

ئەگەشكۈچى

3584

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
2192
مۇنبەر پۇلى
1512
ئىشەنىچ
2192
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 04:50:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركەم ، زىلالە دىگەن ناخشىسىنى ئاڭلىغان بولساق ...

24

تېما

13

ئەگەشكۈچى

2381

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
Jackie
تۆھپە
1037
مۇنبەر پۇلى
1097
ئىشەنىچ
1037
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 09:51:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

باھا سۆز

ئىسىل: 5.0
yawagaz ئىسىل: 5
كۆپ رەخمەت سىزگە!  يوللىغان ۋاقتى 2013-5-27 14:05
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-29 04:13, Processed in 0.127115 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش