بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يانغىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-5-25 20:25
ئەنزەر ئىككىمىز نىمىلەرنى ئويلىمىغان نىمىلەرنى دىيىشمىگەن ؟...ھەتتا پەرزەنتلىرىمىز توغۇرلۇقمۇ خىيال قىلىشقان ، ھەرخىل تاتلىق تەسەۋۋۇرلاردا بولغان ئىدۇق .بۈگۈن ئەنزەردىن ئايرىلغانلىقىمنى ،بىللە ياشاشقا ھېچقانداق ئىمكانىيەت قالمىغانلىقىنى ھىس قىلغىنىمدا ،ئايرىلىش ئازابىنىڭ ئەڭ ئاچچىق تەمىنى تېتىۋاتىمەن . ئەنزەر مېنى كەچۈرۈڭ ، ياق مېنى كەچۈرمەڭ . ماڭا نەپرەتلىنىڭ . مەن ئابرۇيلۇق ئائىلىنىڭ قىزى بولغاچقا ھەممە جەھەتتىن يۈكسەكلىككە ، مۇكەممەلىككە ئىگە بۇلۇش ئۈچۈن سىزدىن تامامەن يۈز ئۆرۈشكە مەجبۇر بولدۇم . سىزنىمۇ ،ئۆزۈمنىمۇ خاراپ قىلدىم . ئەمدى ھەممە ئىش ئاخىرلاشتى ... ـ يۇلتۇز ، سىزگە گەپ قىلىۋاتىمەن . بۇ ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يەيلى ، سىزگە نىمە بولدى ؟ جىمىپلا كىتىپسىزغۇ ؟ كامراننىڭ سۆزىدىن ئەسلىمگە قايتىپ ئۈن چىقماي بېشىمنى لىڭىشتىپ قويدۇم . ‹‹ نۇمۇسسىز ئىنسان ، ماڭا كۆيۈنگىنڭمۇ بۇ ؟! نىمە بولغىنىنى بىلمەيتىڭمۇ ؟ مەن ئۆزۈمنىڭ ئەڭ سۈيۈملۈك كىشىمنى - ئامالسىز ، چارىسىز قالغان سۆيگۈنۈم ئەنزەرنى ئويلاۋاتىمەن ،ۋەيران بولغان ھاياتىمنى خىيال قىلىۋاتىمەن ...›› ئاشخانىغا كىرىپ تاماق بۇيرۇتتۇق . كاللامغا تۇيۇقسىز بىر خىيال كىرىۋالدى . يېقىندا ھىندىستاننىڭ بىر كىنوسىنى كۆرگەن ئىدىم . كىنودىكى باش پىرسۇناژ قىزمۇ ماڭا ئوخشاش قىسمەتكە ئۇچرىغان بۇلۇپ ، توي قىلىدىغان كۈنى بولغۇسى يولدىشىغا ئۆزىنىڭ قىسمىتىنى سۆزلەپ بىرىدۇ . يىگىت قىزنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تەسىرلىنىپ قىزغا رازىلىق بىرىپ ، توينى توختىتىدۇ ھەم شۇ يىگىتنى تېپىپ كىلىپ ئىكىسىنىڭ تويىنى ئۆتكۈزىدۇ ... ‹‹ مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئەنزەر بىلەن بولغان ئىشلىرىنى كامرانغا سۆزلەپ بەرسەم ، ئۇ تەسىرلىنىپ ماڭا رازىلىق بىرەرمۇ ؟...›› شۇلارنى ئويلاپ كاللامنى كۆتۈرۈپ قارىدىم . كامران ماڭا قاراپ سۇس كۈلۈمسىرەپ قويدى . مەن ئاۋۋال سومكامدىن ئەنزەرنىڭ يالغۇز چۈشكەن سۈرىتىنى ئالدىم ، ئاندىن سۈرەتنى كامرانغا كۆرسىتىپ ،ئىككىمىزنىڭ ئىشىنى ئۇنىڭغا سۆزلىمەكچى بولدۇم ، ئازراق بولسىمۇ ئۈمۈد تۇغۇلۇپ قالار دىگەنلەرنىمۇ ئويلايتتىم ... كامران سۈرەتنى كۈرۈپلا ماڭا قۇشۇمىسىنى تۈرۈپ قويدى ، مەن شۇنداقتىمۇ تەمكىنلىك بىلەن ئۆزۈمنى تۇتىۋىلىپ ئۇنىڭغا تىكىلىپ قارىدىم . ـ كىمنىڭ سۆرىتى بۇ ؟ ئۇنى نىمە يېنىڭىزدا ئېلىپ يۈرۈيسىز ؟ - كامراننىڭ خوجايىنلارچە تەلەپپۇزدا ئچچىق بىلەن سوتلىشى بىردىنلا ئاچچىقمنى كەلتۈرۈپ ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىمنى تېخىمۇ كۈچەيتىۋەتتى . مەن ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ يۈرۈشنىڭ ھېچقانداق ئەھمىيتى يوق ئىكەنلىكىنى چۈشەنمەكتە ئىدىم، شۇڭا ئۇنىڭ كۆزلىرىگە قادىلىپ تۇرۇپ : ـ كىم بۇلاتتى ، مېنىڭ ياخشى كۆرگەن يىگىتىم ، سۆيگۈنۈم - ئەنزەر بۇلىدۇ ،ـ دېدىم . ـ سەن ...سەن ...ئىپلاس ! - كامراننىڭ چىرايى كۆكىرىپ كەتتى . مەن پەرۋا قىلماي سۆزۈمنى يەنە داۋاملاشتۇردۇم : ـ بىلمەيتىڭمۇ ؟؟ مەن ئۇنى بەك ياخشى كۆرىمەن . سەن بىلەن توي قىلغان تەقدىردىمۇ بەرىبىر ئۇنى ... قاتتىق ئۇرۇلغان كاچات زەربىسدىن سەنتۈرۈلۈپ كەتتىم ،ئەمما تېزلا ئۆزۈمنى ئوڭشىۋالدىم . شۇ بىر كاچات بىلەن قەلبىمدە بېسىلىپ ياتقان ئىسيانلىرىم ، نارازىلىق ، ئۆچمەنلىكلىرىم ، ئەلەملىرىم بىراقلا پارتلاپ چىققاندەك بولدى . كامراننىڭ ھاقارەتلىك تىللىرىغا قارىماي ئاشخانىدىن تېز –تېز قەدەملەرنى ئېلىپ چىقىپ كەتتىم . كىتىۋاتىمەن ، قەلبىمنى ئىزىپ تۇرغان پەرىشانلىقلار ئەمدى قاياققىدۇر غايىپ بولغان ، ئۇنىڭ ئورنىنى نەپرەت ، بىزار بۇلۇش ، ۋاز كىچىشتەك خىلمۇخىل تۇيغۇلار ئىگەللىگەن ... ئەنزەر بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئاپتۇبۇس بىكىتىگە قاراپ كىتىۋاتىمەن . ئۇ تېلفۇنىمنى تاپشۇرۇپ ئېلىپلا مېنى بۇرۇنقىدەك ئاپتۇبۇس بىكىتىدە ساقلاپ تۇرغان ئىكەن . ئاپتۇبۇستىن چۈشۈپلا مەندىن يۈز قەدەمچە نېرىدا ماڭا قاراپ تۇرغان ئەنزەرگە كۆزلىرىم چۈشتى .كۆزۈم چۈشتى-كۆزلىرىمدىن ياشلىرىم يىپى ئۈزۈلگەن مارجاندەك تۈكۈلۈشكە باشلىدى . ئاھ ، بۇ قانداق ئۇچرىشىش ؟! كۆزلەرلا ئەمەس يۈرەكلەرمۇ يىشلاشقا تەييارلا تۇرغان ،لەۋلەر ئاجىز تىترىگەن ، بۇغۇلغان ئاۋازلار بەكمۇ تەستە چىقىۋاتقان ،جىسمىمىزلا ئەمەس ، قەلبىمىزمۇ كۆزگە كۈرۈنمەس ھەسرەت تۈپەيلىدىن تىترەۋاتقان ... ـ ياخشىمۇسىز ؟ـ ئۇ بەكمۇ تەستە ئېغىز ئاچتى . ـ ياخشى ،ـ مەن كۆزلىرىمنى يىراقلار ئېلىپ قېچىپ ئاستا جاۋاب بەردىم . ـ بىرەر ئىش بىلەن كەلگەنمىدىڭىز ؟ ئۇنىڭغا نىمە دىيىشىم مۇمكىن ، يەنە ئۈچ كۈندىن كىيىن مەن باشقا بىرىنىڭ بۇلۇپ كىتىمەن . مەن ئۇنىڭغا يەنە نۇمۇس قىلماي سىزنى ئىزدەپ كەلدىم دىيىشىم مۇمكىنمۇ ؟! شۇ تاپتا چىداپ بولغۇسىز دەرىجىدىكى ئېغىر يىغا مېنى بۇغۇۋالدى . كۆز ياشلىرىمنىڭ ،قايغۇلىرىمنىڭ قاچان توختايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن .ئېھتىمال قەبرەمگە ئېلىپ كىتەرمەن . ـ يۈرۈڭ ، دېدىم مەن ماڭا قاراپ قېتىپ قالغان ئەنزەرگە ،ـ بىز بۇرۇن دائىم دەرس تەييارلايدىغان ، بىللە ئولتۇرۇپ مۇڭدىشىدىغان دەريا بۇيىغا بېرىپ كىلەيلى . ئەنزەر دەسلەپ ھەيران قالدى ، كىيىن ماڭا ئەگىشىپ ئارقامدىن ئۈن-تىنسىز مېڭىشقا باشلىدى . بۈگۈن ھەرئىككىلىمىز تىلسىز بۇلۇپ قالغانىدۇق . بىز ئاستا ئاستا ناھىيە بازىرىدىن يىراقلىشىپ ،كۆجۈم مەھەللىلەرنى ئارىلاپ دەريا بۇيىغا كەلدۇق . ئاستا –ئاستا قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى . گۇگۇم پەيتى ،ئەتراپ جىمجىت ئىدى . دەريا سۈيى تارتىلغان بۇلۇپ ،شاۋقۇنسىز ئاقاتتى . مەن مانا شۇنداق جىمجىت ، خىلۋە جايدا ئەنزەر بىلەن ئۇچرىشىشنى ، بارلىق ئىختىيارىمنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇشنى ئويلاۋاتاتتىم . كۆڭلۈمدە ھېلىمۇ كىچىكمىدىم ...دەپ ئويلايتتىم . ئەنزەر تېخىچە زۇۋانسىز ئىدى ،مەن ئۇنىڭغا قاراپ تېخىمۇ بۇغۇلۇپ كەتتىم . ـ ئەنزەر ،ـ دېدىم مەن ياشقا تولغان كۆزلىرىمنى ئۇنىڭغا تىكىپ ،ـ مېنى كەچۈرۈڭ . سىزنى بەكمۇ ئۈمۈدسىز قويدۇم . راستنى ئېيتسام سىزنى بۇ يەرگە ئېلىپ كىلىشىمدە مەن باشقا بىر ئىشنى كۆزگە تۇتتۇم . مەيلى نىمە ئىش يۈز بەرسۇن ، مەن سىزنى يەنە بۇرۇنقىدەك ياخشى كۆرىمەن . سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن . سىزدىن ھېچنەرسەمنى ئايىمايمەن ،ئەسلىدە ... بۈگۈن ... بۈگۈن ...مانا بۈگۈن ئىختىيارىم سىزنىڭ قۇلىڭىزدا ، ئاھ ، ئەنزەر . نىمىشقا ماڭا بۇنداق قارايسىز ؟ بۈگۈندىن ئېتىبارەن ئەمدى بەلكىم كۆرىشەلمەسمىز . مەن ئۆزلۈكىمدىن ... بۇ ...بۇ ئەسلىدىنلا سىزگە تەئەللۇق ... ـ يۇلتۇز .مەن ...مەن - خېلىدىن كىيىن ئەنزەر سۆز ئاچتى ،ـ مەن قۇبۇل قىلالمايمەن . مەن ئىككىمىزنىڭ مۇھەببىتىنىڭ مەڭگۈ ساپ ھەم پاك بۇلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . سىزنىڭ مۇشۇ دىگەنلىرىڭىز ماڭا كۇپايە . سىزگە رەھمەت . ئۈچ كۈندىن كىيىن تۇيىڭىز بۇلىدىغان تۇرۇقلۇق يەنە مىنى ئىزدەپ كەپسىز . مەن سىزدىن تۇلىمۇ خۇشال بولدۇم . سىز بىلەن بىللە بۇلۇش مېنىڭ بەختىم ھەم ئارزۇيۇم ئىدى يۇلتۇز . لىكىن تەقدىرىمىز مۇشۇنداق ئوخشايدۇ ، بۇ بەلكىم ياراتقۇچىنىڭ بىزگە قىلغان چاقچىقى ياكى سىنىقى بولسا كىرەك . مەن سىزنى مەڭگۈ سۆيىمەن يۇلتۇز . بىر ئۆمۈر كۈتۈشكە رازى ، شۇنداق تۇرۇقلۇق مەن سىزگە زىيانكەشلىك كىلىپ سىزنىڭ ئازاب ، خورلۇق ئىچىدە ئۆتۈشىڭىزنى خالامدىمەن ...ياق ..ياق ..مەن بۇنداق بۇلىشىنى خالىمايمەن ، مەڭگۈ سىزنىڭ خۇشال ئۈتىشىڭىزنى تىلەيمەن . سىز يەنىلا مېنى ئۇنتۇپ كىتىڭ يۇلتۇز . سىزگە ھەم كەلگۈسى ئائىلىڭىزگە چىن دىلىمدىن بەخت تىلەيمەن ... مېنى كەچۈرۈڭ . ئەنزەرنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم . كۆزلىرىمدىن ئاققان ياشلىرىم يۈزلىرىمنى ھۆلدەپ ،پۈتۈن بەدەنلىرىم قاتتىق تىترىمەكتە ئىدى . ئاھ ، مەن ئەنزەر بىلەن بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بىللە يۈرۈپ ئىنسانىي مۇھەببەت ، كىشىلىك تۇرمۇش ، بەخت- سائادەت ، پەرزەنت ۋە باشقا مۇھىم مەسلىلەر ئۈستىدە تالاي قېتىم سۆھبەتلەشكەن ،ھسىيات ئالماشتۇرغان ۋە بىر –بىرىمىزنىڭ قەلبىنى گويا ئەينەكتەكتىكىدەك كۈرۈپ تۇرغان بولساممۇ ، لىكىن يەنىلا ئەنزەرنىڭ ۋۇجۇدىدىكى ئالىيجاناپ پەزىلەتلەرنى ، يىگىتلىك غۇرۇرىغا مۇناسىپ ئۆزگىچە خارەكتىرىنى تېخى تۇلۇق چۈشىنىپ يەتمەپتىمەن . ھەقىقەتەن ئەقىلسىز ئىكەنمەن . مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۇرۇپمۇ مۇھەببەتنى بەكمۇ ئاسان چاغلاپتىمەن ...ئاھ ، ئەمدى نىمە قىلىشىمنى بىلمەي قالدىم . ئۆلۈۋىلىشنىمۇ ئويلىدىم ،مەندەك ئەقىلسىز ، بەختسىز ئىنسان بۇ دۇنيادىن قانچە تېز يوقالسا شۇنچە ياخشى ئەمەسمۇ ؟! لىكىن ، شۇ چاغدا ئۆلۈمدىن يەنىلا ھاياتنى ئەۋزەل كۆردۈم . چۈنكى قەلبىمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا ناھايىتى ئاجىز ، خىرە بىر ئۇچقۇن ھېلىمۇ پىلىلداپ يېنىپ تۇراتتى . بۇ ئۈمىد ئۇچقۇنى ، شۇنداقلا ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرسىدىكى بەختسىزلىككە يۈزلەنگەن مۇھەببىتىمىزنىڭ ئەڭ ئاخىرقى دەقىقىسى ئىدى ... شۇنداق قىلىپ ئۈچ كۈندىن كىيىن كامران بىلەن تويۇم بولدى ، لىكىن يۈرىكىم يەنىلا ئەنزەر ئۈچۈن سۇقۇپ تۇراتتى ، كۆزلىرىمدە بولسا ئەنزەرنىڭ سىماسى ئەكس ئىتەتتى . كەچتە كامراننىڭ ئۆيىگە كۆچۈرۈلدۈم ، چىرايىم ۋاقىتسىز سولاشقان گۈلگە ئوخشايتتى ، كۆزلىرىم ئازابتىن تىنىغان ئىدى . يەڭگىلەر مېنى يالغۇز تاشلاپ چىقىپ كىتىشتى . كامران كىردى ۋە ئېھتىيات بىلەن قوللىرىمنى تۇتۇشقا تەمشەلدى ، مەن ئۇنى غەززەپ بىلەن ئىتتىرۋەتتىم ، ئۇ ھەرقېتىم ماڭا يېقىنلاشقىندا ئۇنىڭغا قارشىلىق قىلىپ زادىلا يېنىمغا يېقىن يوللاتمىدىم ، كۆز ئالدىمدا بولسا يەنە شۇ ئەنزەرنىڭ چارىسىز ، ئامالسىز قالغان ۋاقتىدىكى بىچارە تۇرقى ئەكس ئىتىپ تۇرماقتا ئىدى . ئىتىرۋىتىشلەر ، سىلكىشلەر ، رەت قىلىش ، قارشىلىق كۆرسىتىشلەر تاكى توينىڭ يوقلاق ، چىلاق ، قىچقىرىشلىرى تۈگىگىچە داۋام قىلدى . بەزىدە ئەنزەرگە يەنە تېلفۇن ئۇرۇپ باقماقچى بۇلاتتىم ، لىكىن تېلفۇن تۇتقان قوللىرىم ئۈشىگەن ياپراقتەك ئاجىز تىترەپ جۈرئەت قىلالمايتتىم . زورلۇق كۈچ بىلەن قارشىلىق كۈچ سېلىشتۇرمىسىدىكى تەڭسىزلىك مېنى ئەڭ ئاجىز ،تۆۋەن ئۇرۇنغا چۈشۈرۈپ قويدى . كەسكىن ، جىددىي ئېلىششلار مېنى ھالسىزلاندۇردى ، مادارىمنى قۇرۇتتتى ، بىھۇش قىلدى . ماڭا شىددەت بىلەن جەڭ ئېلان قىلغۇچى ئاخىرىدا غەلبە قىلىپ پاك سۆيگۈ باغچىسىدا ئۆستۈرگەن قىپقىزىل ، چوغدەك ئەتىرگۈلگە ئاخىرى ئېرىشتى . ئاھ ، مەن تېخىمۇ تۈگىشىپ كەتتىم ، قاپىقىم زادىلا ئېچىلمايتتى ، ئەنزەر شۇ ئايرىلغان پېتى مەن بىلەن زادىلا ئالاقىلىشىپ باقمىدى ، تېلفۇنىنىمۇ توختىتىپ قويغانىدى . ئۇ نىمىشقا شۇنداق قىلىدىغاندۇ ؟ ئۇ زادى نىمىلەرنى ئويلايدىغاندۇ ؟ بۇلارنىڭ تىگىگە زادىلا يىتەلمەيتتىم ... ھەر بىر سائەت ، ھەربىر مىنۇت ئازاب چىكىپلا ئۆتەتتىم ، مەنىسىز ، ئازابلىق تۇرمۇش مېنى كۈندىن –كۈنگە زەئىپلەشتۈرۋەتتى . جۈدىدىم ، رەڭگىم خازاندەك سارغايدى . كىيىن كامران مېنىڭ داۋاملىق خىزمەت قىلىشىمنى خالىماي ، خىزمىتىمدىن مەجبۇرىي دىگۈدەك ئىستىپا بەرگۈزۈپ مېنى ئائىلە ئايالىغا ئايلاندۇرۇپ قويدى ، بەش يىل ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغۇنۇم ، شۇنچە تىرىشقانلىرىمنىڭ ھەممىسى كامراننىڭ قۇلىدا نابۇت بولغانىدى . لىكىن ئاتا –ئانام بۇنىڭدىن خۇشال بۇلۇپ ئاغزى قۇلىقىغا يەتكەنىدى . مەن ئەمدىلىكتە ھەقىقىي ئەركىنلىكى بۇغۇلغان قۇلغا ئوخشاش تۇرمۇشنى باشلىغانىدىم ، كۈنلىرىم قەپەسكە سولانغان قۇشتەك ئۈتۈشكە باشلىدى . كامراننىڭ ماڭا قىلغان قىزغىن مۇئامىلىسى ، كۈيۈنىشلىرىنىڭ ھېچقايسىسى مېنى قىزىقتۇرالمايتتى . ئايلار ئۆتكەنسىرى قورسىقىمدا چوڭىيىۋاتقان بوۋاقنىڭ يەڭگىل تىپىرلاشلىرى ۋۇجۇدۇمنى لەرزىگە سالماقتا ئىدى ، ھازىر ئەنزەر بىلەن بولغان ئالىقىمىز پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى ، ئۇنىڭغا بولغان مۇھەببىتىم ھېلىمۇ قەلبىمنىڭ چوڭقۇر قېتىدا ساقلىنىپ تۇرماقتا .ئۇنى ئويلىماي دىسەممۇ ئازغۇن خىياللىرىم ئۇ تامان كىتىپ قالاتتى . ئەمدى ماڭا پەقەت خۇشاللىق ئېلىپ كىلەلەيدىغىنى قورسىقىمدىكى بالا ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتتىم . ۋاقتى- سائىتى كىلىپ كۆزۈم يورىدى ، بالام ماڭا ئوخشاشلا ئاجىزە –قىز ئىدى . مەن پۈتۈن مىھرىمنى قىزىمغا بېغىشلاپ ئۇنى ئۆزۈمگە ئوخشاش بەختسىز قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن تىرىشش نىيتىگە كەلدىم . لىكىن مىنىڭ بەختسىز كۈنلىرىم يەنە باشلاندى . كامراننىڭ مىجەزى ئۆزگىرىشكە باشلىدى ، ئۇ ھازىر بۇرۇنقىدەك ماڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمايدىغان ، كۈيۈنمەيدىغان . ھە دىسىلا ماڭا سوغۇق مۇئامىلە قىلىدىغان ، نەدىكى بىر ئىشلارغىمۇ چېچىلىدىغان ، مېنى ئاتا –ئانىسى ئالدىدىمۇ سىلكىشلەيدىغان ياكى سۇندۇرىدىغان بۇلۇۋالدى . كىيىن بىز ئۇنىڭ ئاتا –ئانىسىدىن ئايرىلىپ باشقا يەردىن ئۆي ئېلىپ تۇردۇق . كامران بارغانسىرى مەن ئۈچۈن تۇلىمۇ يات ، يۈچۈن بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قېلىۋاتاتتى . بۇرۇن مەن خالىمىساممۇ پۇل تۇتقۇزۇپ قۇيىدىغان ، چوڭ –چوڭ خەجلەپ يۈرۈيدىغان ...ھازىرچۇ ؟ ماڭا بىر تىيىنمۇ تۇتقۇزمايدىغان بۇلۇۋالدى .بەزىدە شۇنداق چاغلاردا ئانامغا ھەممە ئەھۋالنى ئېيتىپ ئۇنىڭغا دەردىمنى تۆككۈم كېلەتتى .ئەمما شۇ ۋاقىتتا ئاتا-ئانامغا مۇز تۇتۇپ كەتكەن يۈرىكىم ئۇلارنى ئىزدەشنى زادىلا خالىمىدى . ئەلۋەتتە شۇنداق بۇلىشى كېرەك ئىدى ، مېنىڭ بارلىق بەختىمنى ۋەيران قىلغان ئۇ ''سۆيۈملۈك ''ئاتا-ئانامدىن يەنە نېمىلەرنى كۈتسەم بولاتتى . ئۇلارغا دەردىمنى تۆكۈپ ئولتۇرغاننىڭ ئەمدى ھېچبىر پايدىسى يوق ، ئۇلار باشتىلا بۇنى بىلىشى كېرەك ئىدى . ئەجىبا مېنىڭ بەختىمنى ، خۇشال بۇلۇشۇمنى ئىستىگەن ئادەم مەن ياخشى كۆرگەن بىرى بىلەن توي قىلىشىمغا قۇشۇلىشى كېرەك ئىدىغۇ ؟! ئەنزەر ھەممە جەھەتتىن كامراندىن ئۈستۈن تۇراتتى . ئانامنىڭ بەزىدە ئۇرغان تېلفۇنلىرىنى قەستەن ئالمايتتىم ، ئالساممۇ ئۇلارغا ئىچىمدىكى دەردىمنى تۆكۈپ ئولتۇرمايتتىم . تەنە ئارلاش تەلەپپۇزدا ئۆزىمنىڭ مەلىكىلەردەك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقانلىقىمنى ،ئۇلاردىن مەڭگۈ رازى ئىكەنلىكىمنى ئېيتاتتىم . ئانام سۆزلىرىمنى تەنە ئىكەنلىكىنى چۈشەندىمۇ ياكى چۈشەنسىمۇ ئېرەن قىلمىدىمۇ ئارتۇقچە سوراپ يۈرمەيتتى . مەن شۇنداقتىمۇ قىزىم ئىككىمىز خاتىرجەم ياشىشاقلا بۇلىدىغۇ ، دەپ ئويلاپ كامرانغا يېلىنىمۇ يۈرمىدىم ، نىمە گەپ بولسۇن قۇلىقىمنى يۇپۇرۋىلىپ يۈردۈم .بىراق ، ئۇنىڭ قىلىپ يۈرگەن ئىشىنى ئاڭلىغىنىمدا بولسا ماڭا ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشكەندەك بىلىنىپ كۆزلىرىمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلدى. ئۇ ماڭا بۇرۇنقىدىن ئۆزگىرىپ ئاستا -ئاستا يىراقلاپ كىتىۋاتقاندەك ،ئارىمىزدا قانداقتۇر بىر كۆرۈنمەس ھاڭ شەكلىنىۋاتقاندەك تۇيۇلىدىغان بۇلۇپ قالدى . دىمىسىمۇ مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى تۇنجى سۆيگۈنۈم ئەنزەردەپلا ئۆتۈپ ئۇنىڭغا قوپال مۇئامىلە قىلىپ يۈرىۋىرىپتىمەن ، ئۇنىڭ مەندىن كۆڭلى سۇۋۇپ باشقا ئاياللارغا پۇل خەجلەپ يۈرىۋاتقىنىنى كىم بىلسۇن . بىر پاسكىنىنىڭ ئۆيگىلا ئۈسۈپ كىرىپ : _ كامراندىن قاچان ئاجرىشىسەن ،_ دىگىنىدىلا ھەممىمىنى چۈشەندىم . لىكىن مەن ئۇنىڭدىن ئاجرىشىشنى خالىمايتتىم، قىزىمنى ئۆزۈمگە ئوخشاش بەختسىز قىلىپ قويغۇم يوق ئىدى ، يەنە كىلىپ ئۇنىڭدىن ئاجرىشىپ ئەنزەرنى نەدىن بولسمۇ ئىزدەپ بېرىپ مېنى ئېلىڭ ، دىيىشىم كىرەكمۇ؟ ياق ...ياق ...مەن ھەرگىز ئۇنداق قىلالمايمەن . ئۇنىڭ باشقا خۇتۇنلار بىلەن ئارلىشىپ يۈرىۋاتقانلىقىنى بىلسەممۇ ھېچقانداق بىلمىگەنگە سېلىپ ،چىشىمنى چىشلەپ ، بۇ ئازابلارغا ، خورلۇقلارغا چىداپ يۈرۈشكە باشلىدىم . سېرىق نەمدە ئۆتۈۋاتقان ھەربىر كۈن خۇددى بىر ئەسىردەك تۇيۇلاتتى . بۇلۇپمۇ قىزىمىز زۇبەيدە ئۈچۈن سۈت پاراشوكى ، شىكەر ، گۆش ...ۋە باشقا لازىملىق نەرسىلەرنىمۇ سېتىۋىلىش ئىمكانىيتى بولماي قېلىۋاتاتتى . ئاھ ، خۇدا . بۇ نىمە كەلگۈلۈك ماڭا .. مەن نىمە گۇناھ قىلغان بولغىيتتىم . ئەنزەر ..جېنىم ئەنزەر . نەلەردە يۈرىۋاتىدىغانسىز .... يۈرىكىمدە بۇ بەختسىز تۇرمۇشنىڭ ئاخىرىغا چەك قۇيۇلۇپ ، ئەركىنلىككە ئېرىشىش ، بەخت –سائادەتكە مۇيەسسەر بۇلۇش ئىشەنچى – ھاياتىمنىڭ قىستاڭ ، ئېگىز –پەس يوللىرىدا مېنى ھامان ئالغا سۆرەيتتى . بىراق ، ئائىلىدىكى كۆڭۈلسىز ، موھتاجلىق تۇرمۇش ئاخىرقى ئۈمۈدلىرىمنى يوققا چىقىرىپ مېنى تېخىمۇ ئازابلايتتى . ئازابلىق كۈنلىرىمنىڭ داۋاملىشىۋېرىشىگە زادىلا چىداپ تۇرالمىدىم . بىر كۈنى كەچتە كامران ئۇخلاپ قالغاندا ، قىزىم زۇبەيدەنى ئۇخلىتىپ قۇيۇپ ، ئىجارە ئالغان ئۆيىمىزگە ئانچە يىراق بولمىغان سۇ ئامبىرى بۇيىغا كەلدىم . ھايات يوللىرىمدا تەتۈر باسقان قەدەملىرىمنىڭ ، بەختسىزلىكلىرىمنىڭ ، ۋىسالىغا يىتەلمىگەن بەختسىز سۆيگۈنىمنىڭ ...ئازاب ، نەپرەتلىك ئىزلىرىنى مۇشۇ ئامبارنىڭ چوڭقۇر سۈيىگە سىڭدۈرۋىتىشنى ئويلايتتىم . ئېگىز ، يانتۇر قىرغاقتىن سەكرەشكە تەمشىلۋىتىپ كۆزۈمنى يۇمدۇم . مۇشۇ تاپتا مەن پۈتكۈل ھاياتلىق ئالىمى بىلەن ئۈنسىز ، سۈكۈت ئىچىدە خوشلىشىۋاتاتتىم ...دەل شۇ چاغدا ئاجايىپ يارقىن ، يېقىملىق مۇزىكىغا ھەمدە يۈرەكنى ئازابلايدىغان ئېچىنىشلىق نالىغا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر غايىۋانە سادا قۇلىقىم تۈۋىدە جاراڭلىغاندەك بولدى . بۇ قىزىم زۇبەيدەنىڭ ئوماق كۈلكىسى بىلەن سۆيگۈنۈم ئەنزەرنىڭ ئازاب ئىچىدە ئېيتقان سۆزلىرى ئىدى .ئەنزەرغۇ مەيلى ، ئۇ مېنى مۇشۇنداقلا تاشلاپ ، مەن بىلەن بولغان پۈتۈن ئالاقىسىنى ئۈزدى ، لىكىن قىزىم زۇبەيدەنى تاشلاپ كىتىش مەن ئۈچۈن نىمىدىگەن قورقۇنچلۇق –ھە ؟ يەنە شۇ تۈرمىگە ئوخشايدىغان ئۆي ، ، جاھىل ، تالاغا قارايدىغان ئەر ، يەنە شۇ ئازابلىق كۈنلەر ...دەر –ئەلەمنىڭ ئېغىر يۈكى ئاستىدا يەنجىلىۋاتقان يەنىلا مەن . قەھرىتان قىش مەزگىلى ئىدى . كامران ئۈرۈمچىگە قوش تىل بۇيىچە تەربيلىنىش ئۈچۈن كىتىپ شۇ بىر كەتكەنچە توپتوغرا بىر ئاي يوقاپ كەتتى ھەم مەن بىلەنمۇ بىرەر قېتىم ئالاقىلىشىپ باقمىدى . ئاڭغىچە ئۆيدىكى ئۇششاق -چۈششەك نەرسىلەر ، ئۇنىڭ ماڭا قالدۇرۇپ قويغان ئازغىنا پۇلى ئاللىبۇرۇن تۈگەپ قالغانىدى . مەن ئاتا -ئانامنى ئىزدەپ بېرىشنى خىيال قىلغان بولساممۇ ، ئۇلارنىڭ ئەنزەر ئىككىمىزنى ئايرىۋىتىپ ، مىنى ئاللىقانداق ئابرۇيلۇق ئائىلىگە ياتلىق قىلىمىز دەپ مېنى بۇ ئازابلارغا ، خورلۇقلارغا قويغانلىرىنى ، تېخى بىر ياخشى خىزمىتىمدىنمۇ ئايرىلىپ قالغانلىقىمنى ئويلاپ ئۇلارنى زادىلا ئىزدەپ بارغۇم كەلمىدى . بىر كۈنى مەن كىر يۇيىۋىتىپ ، كامراننىڭ شىمىنىڭ يانچۇقىدىن 50 يۈەنلىك بىر پۇلنى تېپىۋالدىم . شۇ كۈنلەردە ئۆيدە نە ئۇن ، نە تۇز ، نە سۇ مېيى ،ھېچنەرسە قالمىغانىدى . مەن بۇ پۇلغا ئۆيگە لازىملىق نەرسىلەرنى ئېلىپ ئىشلەتتىم . ئۇ قايتىپ كەلدى ، ھېلىقى 50 يۈەنگە بىر نەرسىلەرنى سېتىۋالغانلىقىمنى ئېيتتىم . ئۇ گىپىم تۈگە -تۈگىمەيلا گەپ -سۆزسىز كىلىپ شاپىلاق بىلەن چاڭڭىدە بىرنى قۇيۇۋىدى ، ئوڭ قۇلىقىم خېلىغىچە غۇڭۇلداپ كەتتى . مەن ئولتۇرۇپ قالغان يېرىمدىن ئاستا تۇردۇم ، بېشىم ئايلىنىپ ھازىرلا يىقىلىپ چۈشىدىغاندەك قىلاتتىم . ئۇ بۇنىڭ بىلەن بولدى قىلماي ئېغىزىنى بۇزۇپ تىللىغىلى تۇردى : _ ھۇ پىسەندە ، مەن يوق ۋاقتىمدا يانچۇقىمنى ئاختۇرغىنىنى قارا بۇنىڭ ، بىر نىمە سوۋۇتۇپ قويغاندەك ، كىم ئېرىنىڭ يانچۇقىدىن ئوغۇرلۇقچە پۇل ئېلىپ خەجلەيدىكەن ؟ مەن ئۆيدە نەچچە كۈنلايوق بۇلۇپ قېلىپتىكەنمە ، خۇمسى ئاشنىلىرىڭغا ئۈستەك بەردىڭمۇ ؟ شوۋىچى پاسكىنا ! ... ئۇنىڭ قاتتىق ئاۋازدا تىللاشلىرىن قۇلۇم -قوشنىلار يىغىلدى . ئارىدىن بىرى : _ خۇتۇنىڭىز خەجلىسە ئۆيگە خەجلەپتۇ ،ئاچچىقىڭىزغا ھاي بىرىڭ ،_ دېدى . ئۇ بۇ گەپنى ئاڭلاپ تېخىمۇ ئەۋزەيلەپ : _ ئاتا -ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كىتىشمۇ ئايال كىشى ئۈچۈن بىر پەزىلەتكەن ، بۇ بىر نىمە يا يامانلاپ كىتىشنى بىلمىگەن ، سەنمۇ باشقىلارنىڭ خۇتۇنىدەك كۆزۈمدىن بىر يوقىلىپ باقساڭ بولمامدۇ ؟ ...ئادەمگە بۇدۇشقاقتەك چاپلىشىۋالغىچە _ دېدى چالۋاقاپ . مەن قۇلۇم -قوشنىلار ئالدىدا ئۇنىڭ ماڭا بۇنداق گەپلەرنى قىلىشىغا زادىلا چىداپ تۇرالمىدىم . مەيلى نىمىلا كۆرسەم كۆرەي دەپ ئويلىدىم ھەم : _ ئەينى ۋاقىتتا ئالدىڭغا يالۋۇرۇپ ساڭا تىگەي دەپ كەلگەنمىتىم ، مېنى تولا ئۇقمايدۇ دىمە ، ئۆزۈڭ نى -نى پۇللارنى باشقا خۇتۇنلارغا ... گىپىمنىڭ ئاخىرىنى دەپ بولغىچە تۇيۇقسىز تەككەن بىر تەستەك سۆزۈمنى ئۈزۈپ قويدى . - تالاق ، نەچچە يۈز مىڭ تالاق ، سەندەك بۇزۇقنى ....تېخى بارچە قىلغۇلۇقنى ئۆزى قىلىپ قۇيۇپ يەنە پۇل ئىگىسىدىن ئوغرى كۈچلۈك دىگەندەك ماڭا ھۆكۈرايدا، بۇ پىسەندە !... ئۇ قۇلۇم -قوشنىلارنىڭ تۇتىۋىلىشىغىمۇ قارىماي ،ئۇلانىڭ قۇچىقىدىن يۇلقۇنۇپ چىقتى -دە ، ماڭا ئېيىقتەك تاشلاندى . بايا قۇلاق تۈۋىمگە ئۇرغىنى يەتمىگەندەك ئۇدۇل كەلگەنلا يېرىمگە ئۇرۇپ -دەسسەپ ئاغزى -بۇرنۇمنى كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە قان قىلىۋەتتى ....باشقىلار ئۇنى تارتىپ يۈرۈپ ئۈستۈمدىن قۇپۇرۋەتمىگەندە ئىدى ، ئۇ چۇقۇم مېنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈپ قۇيار ئىدى . مەن نۇمۇس ، خورلۇق ، ئەلەم ۋە تاياققا چىدىماي ئېچىنىشلىق يىغلايتتىم ، بىر يانداق قىزىم ماڭا ئەگىشىپ يىغلايتتى . .. ئۇنىڭ بۇ قەدەر نىيتى بۇزۇلغىنىنى بىلمەپتىمەن ، مېنى قۇيۇۋىتىپ ھېلىقى پاسكىنا بىلەن توي قىلماقچى ئىكەن . ئۇنىڭ يۈرىكى ئادەم ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە تاشتەك قېتىپ كەتكەنىدى . ئۇ ھېچنەرسىگە پەرۋا قىلماي مېنى شۇ كۈنىلا ئاجراشقىلى سوتقا سۆرەپ باردى . مەن سوتقا كىرىش ئالدىدا ئەڭ ئاخىرقى قېتىم ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپ ، قىزىمىزنىڭ يېتىم بۇلۇپ قالماسلىقىنى نەزەردە تۇتۇپ بولسىمۇ ‹‹ ئۆيىمىزنى تۇتۇپ قالايلى ›› دېدىم . ئۇنىڭ كۆزىگە ھەتتا شۇ نارسىدە بالىمىزمۇ كۆرۈنمىدى : _ خۇتۇن دىگەن يولدا ، بالا دىگەن بەلدە ، يېتىم بولسا بولمامدۇ ئۇنداق بىر ماڭقىنى دەپ ئەمدى جېنىمنى سېلىپ بەرسەم بۇلامتى !... شۇنداق قىلىپ ئۇ مېنىڭ خېتىمنى مەجبۇرىي بىرىپ ، مېنى بالا بىلەن قۇشۇپ ئاشۇ قەھرىتان قىش كىچىسى ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى . بىر ھىسابتا ئۇ خېتىمنى بىرىپ ياخشى قىلدى ، ئۇنىڭغا تىگىپ قانچىلىك خۇۋلۇق كۈرۈپ كەتكىنىم ئۈچۈن شۇنچىۋالا تارتىشىمەن ؟ يامىنى كەلسە ، قىزىمىز يېتىم بۇلۇپ قالار ، مەكتەپكە بارسىمۇ باشقا بالىلار ئۇنى يېتىم .ئوغلاق دەپ تىللىشار ...ئاھ ، مېنىڭ شور پىشانە قىزىم ! مېنى سەن بولساڭمۇ كەچۈرگىن ، داداڭ دىگەن رەھىمسىز بىزنى مۇشۇنداق قەھرىتان قىشنىڭ سوغۇقىدا ئۆيدىن قوغلاپ چىقاردى ، مەندەك ناتىۋان ،ئاجىز بىر ئايالغا نىمە ئامال بولسۇن دەيسەن ؟!...مەن ھېنىمە بىلمەيدىغان ، ئەمدىلا نەچچە ئايلىق بولغان بوۋاققا ئەنە شۇنداق شىۋىرلاپ ئۆز -ئۆزۈمگە تەسەللىي بىرەتتىم . شۇندىلا كامرانغا ‹‹ بالىمىزنى يىتىم قىلمايلى ›› دەپ يالۋۇرغىنىم ئۈچۈن ئۆزۈمدىن قاتتىق يىرگىنىپ كەتتىم .
|