تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1245|ئىنكاس: 36

قاسىم سىدىق:ئەپلاتۇننىڭ زەنجىرنى ئۈزۈشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1057

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
251
مۇنبەر پۇلى
705
ئىشەنىچ
251
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 18:13:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەپلاتۇننىڭ زەنجىرىنى ئۈزۈشى
قاسىم سىدىق

    رىۋايەت قىلىنىشىچە قەدىمقى يۇناننىڭ مەشھۇر پەيلاسوپى ئەپلاتۇن (پىلاتۇن) دۈشمەنلىرى تەرىپىدىن تۆھمەت چاپلىنىپ زىندانغا بەند قىلىنىپتۇ. ئەپلاتۇن زىنداندا ئۆزىنىڭ تەبىئەت ۋە ئادىمىيەت ھەققىدىكى تەتقىقاتلىرىنى ئەركىن -ئازادە ئېلىپ بېرىۋېرىپتۇ. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ ئوي-پىكرىنى كونترول قىلالايدىغان ھېچقانداق پادىشاھ ياكى ئېمپېراتور مەۋجۇت ئەمەس ئىكەن.
    شۇ كۈنلەردە ئەپلاتۇننىڭ زىندانغا قامىلىپ يۇنان ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بەس-مۇنازىرىلەردە كۆرۈنمەسلىكى نۇرغۇن ئىلىم ئەھلىنىڭ ئىچىنى پوشۇرۇپتۇ ۋە ئۇلار ئېمپېراتۇرغا ئەپلاتۇنغا ئۇۋال قىلىنغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى زىنداندىن ئازاد قىلىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. ئېمپېراتۇر ئويلاپ باقسا بۇ گەپ ئورۇنلۇق ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ قول ئاستىدىكىلىرىگە ئەپلاتۇننى زىنداندىن قويۇپ بېرىشنى بۇيرۇپتۇ. زىندان بەگلىرى ئەپلاتۇننى ئازاد قىلىش ئۈچۈن زىندانغا كىرىپ قارىغىدەك بولسا، ئەپلاتۇننىڭ چاچ-ساقاللىرى ئۆسكەن، كىشەن -زەنجىرلىرىنى جاراڭلىتىپ سۆرىگەن ھالدا ئۆزىگە - ئۆزى گەپ قىلىپ، يەرگە ۋە تاملارغا ھەرخىل شەكىللەرنى سىزىپ، ھېچنېمىدىن خەۋىرى يوق ھالدا پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقىدەك. زىندان بەگلىرى ئەپلاتۇننىڭ پىكرىنى چاچمايلى دەپ بىر پەس سۈكۈت قىلغان بولسىمۇ ئەپلاتۇن ئۇلارنىڭ كىرگىنىنى سەزمەي يەنىلا ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولىۋېرىپتۇ. ئاخىرى بۇ ئىشنىڭ قاچان ئاياغلىشىدىغانلىقىغا كۆزى يەتمىگەن بۇ بەگلەر ئەپلاتۇنغا ئېمپېراتۇرنىڭ قارارىنى يەتكۈزۈپ، ئۇنى بەند قىلغان زەنجىرلەرنى ئىلىپ تاشلىماقچى بولۇپتۇ. لېكىن، ئەپلاتۇن كۈتمىگەن يەردىن ئۆزىنىڭ ناھايىتى ياخشى تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئىچى يامان، زەھەرخەندە ئىنسانلارنىڭ ئارىسىغا قايتا بارغۇسى يوقلۇقىنى، ئۆزىگە ئارامخۇدا تەپەككۇر قىلغىدەك يەر بولسىلا - مەيلى ئۇ زىندان بولسىمۇ بولىۋېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ زىندان بەگلىرىنىڭ ئۆزىنى زەنجىردىن بوشىتىۋېتىشىنى رەت قىلىپتۇ.
    بۇ خەۋەر ئېمپېراتۇر ۋە ئىلىم ئەھلىگە ھايالسىز يەتكۈزۈلۈپتۇ.
    - ئەمدى قانداق قىلىش كېرەك؟ - دەپ مەسلىھەت قىلىشىپتۇ ئۇلار.
    شۇ ئەسنادا، ئەپلاتۇننىڭ مىجەزىنى ئوبدان بىلىدىغان بىر ئىلىمگەر شۇنداق دەپتۇ:
    - ئەپلاتۇن ئۈچۈن ئازادە تەپەككۇر قىلىدىغان بىر يەر بولسا، ھېلىغۇ زىندان ئىكەن، مەيلى ئۇ دوزاخ بولسىمۇ ئۇ يەرنى جەننەتتەك بىلىپ ئۆز ئىشنى قىلىۋېرىدۇ. مېنىڭچە ئەپلاتۇننى زىنداندىن ئۆزى زېرىكىپ، ئۆزى قېچىپ چىقىدىغان قىلغىلى بولىدىغان بىر ئامال بار، - دەپتۇ.
    - ئۇ قانداق ئامال؟ - دەپ چورقىرىشىپ كېتىپتۇ ئاڭلاپ تۇرغانلار.
    - ئەپلاتۇن - دەپ سۆزىنى باشلاپتۇ ھېلىقى بىلەرمەن، - ئەپلاتۇن دۇنيادا نادان ئادەملەر بىلەن ئەڭ چىقىشالمايدۇ، بىز زىندانغا «مەيدەڭ قايسى؟» دېسە دۈمبىسىنى كۆرسىتىدىغان، دۈمبىسىدىن يۇغان تۈڭلۈك ئاچسىمۇ ئىچىگە يورۇق چۈشمەيدىغان، قارىماققا ساق، لېكىن روھىيىتى تۈگىشىپ ئاللىبۇرۇن ساراڭ بولۇپ بولغان بىرسىنى بىللە قاماپ قويايلى، - دەپتۇ.
    - سېنىڭ بۇ ھۈنىرىڭ كارغا كېلەرمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ بۇ گەپنى ئاڭلىغانلار.
    - بۇنىڭدىنمۇ ئېسىل چارە يوق، - دەپ سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ بىلەرمەن، - بۇ نادان ئادەم ئەپلاتۇن ئاينى «يۇمىلاق» دېسە، «تۆت چاسا» دەپ چىشىغا تېگىدۇ، ئىشقىلىپ بۇلار - بولماس، سەۋدايى - مەتولارچە سوئاللارنى تاشلاپ، ئەپلاتۇننى ئارامىدا قويمايدۇ. ئەنە شۇ ۋاقىتتا ئەپلاتۇن بىزنىڭ ئەشۇ ناداندىن مىڭ ھەسسە ياخشىلىقىمىزنى ھېس قىلىپ، زىنداندىن ئۆزى يىنىپ چىقىدۇ.
    شۇنداق قىلىپ، مەسلىھەت پىشىپتۇ، ئېپمېراتۇر قول ئاستىدىكىلەرگە بويرۇپ بايىقى بىلەرمەن تەسۋىرلىگەن ناداندىنمۇ ئۆتەر بىر جاھىل، نادان ئادەمنى تاپتۇرۇپ كېلىپ ئەپلاتۇن بىلەن بىر زىندانغا سولىتىپ قويۇپتۇ.
ئۆمرىدە ئەركىن - ئازادە ياشاپ، زىندان ئازابى تارتىپ باقمىغان بۇ جاھىل، نادان ئادەم زىندانغا كىرىپ ھايال ئۆتمەيلا قاتتىق تەشۋىشكە چۈشۈپتۇ، غېرىپسىنىپتۇ. بالا-چاقىلىرىنى، مال -ۋارانلىرىنى، رەڭگارەڭ تەبىئەت دۇنياسىنى سېغىنىپ، بىئارام بولۇپ ھەسرەت چېكىپتۇ.
    ئۇنىڭ بۇ ھالىنى كۆرگەن ئەپلاتۇن، پەيلاسوپلارنىڭ ھەرقانداق ئىشقا ئەجەبلەنمەيدىغانلىقىنى، يۈز بېرىپ بولغان ئىشلاردىن ھەسرەت چېكىشىنىڭ ئورۇنسىز ئىكەنلىكىنى، تەبىئەت ۋە ئادىمىيەت دۇنياسىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئىگىلىگەن ئادەمگە ھەرقانداق يەردە ھايات مەنىسىز تۇيۇلمايدىغانلىقىنى سۆزلەپ، بۇ بەختسىز ئىنساننى بەزلىمەكچى بولۇپتۇ. ئەپلاتۇن يەنە قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلار ھەققىدە، روھ ۋە تەن ھەققىدە شۇنچىكى بېرىلىپ سۆزلەپ كېتىپتۇكى، ئۆزىنىڭ زىنداندا يالغۇز بىر ئادەمنىڭ ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئۇنتۇپ كېتىپتۇ، شۇ ئەسنادا بارغانسېرى كۈچىيىۋاتقان يىغا ئاۋازى ئەپلاتۇننى سۆزلەشتىن توختاشقا مەجبۇر قىلىپتۇ. ئەپلاتۇن قارىغىدەك بولسا ئۆزىنىڭ يېڭىلا ئېلىپ كىرگەن بۇ ھەمراھى ئەپلاتۇننىڭ يۈزىگە قاراپ ئۆزىنى زادىلا توختىتالماي، ئىچ-ئىچىدىن بۇقۇلداپ يىغلاپ ئولتۇرغىدەك، ئەپلاتۇن: «ئىلىم-پەننىڭ كۈچ - قۇدرىتى ھەقىقەتەن زىيادە ئىكەن، مانا بۇ ساۋاتسىز كىشىمۇ مېنىڭ تەلىملىرىمنى ئاڭلاپ، دىلى يورۇپ، سۆزلىگەنلىرىمگە قايىل بولۇپ يىغلاپ كەتتى» دەپ ئويلاپتۇ - دە، ئۆزىدىن سوراپ باقماقچى بولۇپتۇ:
    - ئەي بۇرادەر، مېنىڭ سۆزلىرىم دىلىڭىزنى ئېرىتىپ، كۆڭلىڭىزنى بۇزغان بولسا، ئادىمىيەت ۋە تەبىئەتنىڭ سىرلىرىدىن خەۋەردار بولۇپ، ئۆزىڭىزنىڭ بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن ئۆمرىڭىزگە ئېچىنىپ ياش تۆككەن بولسىڭىز، بۇ بىر ياخشى ئىش، قېنى ئېيتىڭا، مېنىڭ قايسى سۆزۈم سىزگە شۇنچە قاتتىق تەسىر قىلىپ، كۆز ياش تۆكۈشكە مەجبۇر قىلدى؟ - دەپ سوراپتۇ.
    ئەپلاتۇننىڭ بۇ سۆزلىرىنى چۈشىنەلمىگەن ھېلىقى نادان ئادەم، ئەپلاتۇنغا بىر پەس ھاڭۋىقىپ قاراپ تۇرغاندىن كېيىن:
    - ھەي ۋالاقتەككۇر قېرى، سېنىڭ قىلغان گەپلىرىڭنىڭ بىرىنى چۈشەنگەن بولسام ئۆلەي، قارىغاندا سەن مەندىنمۇ ئۆتەر ئەخمەق، نادان نەرسىدەك قىلىسەن، مەن قاچان سېنىڭ گەپلىرىڭگە تەسىرلىنىپ كۆز ياش قىلىپتىمەن؟ ئۆيىمىزدە سۈتىنى سېغىپ ئىچىدىغان بىر ئۆچكىمىز بولىدىغان، سەن گەپ قىلساڭ سېنىڭ ساقىلىڭ ماڭا يەم يەۋاتقان ئاشۇ ئۆچكەمنى ئەسلەتكەچكە، شۇ ئۆچكەمنى سېغىنىپ كېتىپ يىغلىدىم - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
    ئەپلاتۇن بۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كېيىن يەر يېرىلىپ، ئاسمان گۈمۈرۈلگەندەك، قۇياش، ئاي ۋە يۇلتۇزلارنىڭ نۇرى ئۆچۈپ كائىناتنىڭ پۈتۈن زۇلمىتى مۇشۇ زىنداننى يۈتۈپ كەتكەندەك بىلىنىپتۇ. ئەپلاتۇن ھېچقاچان يورۇقلۇققا، نۇرغا ھازىرقىدەك تەشنا بولمىغان ئىكەن. قەيەردىن كەلگەنلىكى نامەلۇم بولغان بىر كۈچ ئەپلاتۇنغا نەسىپ بولۇپتۇ - ھېلىقى ناداندىن ئامال بار قانچىكى بولسا شۇنچە يىراققا كېتىش ئۈچۈن ئۇ شىرلاردەك ھايقىرىپ، ئۆزىنى بەند قىلغان زەنجىرلەرنى بىر كۈچەپ ئۈزۈپ تاشلاپ، زىنداننىڭ تۆمۈر دەرۋازىلىرىنى ئۆرۈپ، يورۇق دۇنياغا - تەبىئەتنىڭ غۇبارسىز قۇچىقىغا ئۆزىنى ئېتىپتۇ ۋە «نادانلىقتىن قۇتۇلۇشنى خالايدىغان ئەي ئىنسانلار، سىلەر زادى قەيەردە؟!» دەپ جان - جەھلى بىلەن ۋارقىراپتۇ. ئۇنىڭ بۇ نىداسىنىڭ ئەكس ساداسى ھازىرمۇ دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىدە جاراڭلاپ تۇرغۇدەك.
    «ئەپلاتۇننىڭ زەنجىرنى ئۈزۈشى» دېگەن گەپ شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن.
    2011-يىل 3-ئاينىڭ 17-كۈنى

5

تېما

20

ئەگەشكۈچى

3510

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
شىرىن
تۆھپە
1757
مۇنبەر پۇلى
1463
ئىشەنىچ
1757
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 20:48:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسىل مەزمۇنكەن.............ھارمىغايسىز!
ۋۇجۇد ئېزىتقۇ،ئەقىل تىزگىن !دوستلىرىڭ دوست بولغىنىدۇر ئېشىڭغا،
يەتسە مېھنەت بىرى كەلمەس قېشىڭغا.
بولسا كىم مېھنەتتە دوست ئۇ جانغا دوست،
دوست ئەمەس دۆلەتتە دوست،ئۇ نانغا دوست!

6

تېما

19

ئەگەشكۈچى

3584

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
2192
مۇنبەر پۇلى
1512
ئىشەنىچ
2192
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 21:12:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ئېسىلكەن ...

2

تېما

21

ئەگەشكۈچى

2597

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
728
مۇنبەر پۇلى
1369
ئىشەنىچ
728
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 23:20:31|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇمۇرمۇ يا بۇ،

3

تېما

24

ئەگەشكۈچى

3948

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1597
مۇنبەر پۇلى
1809
ئىشەنىچ
1597
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-8 23:41:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نادىر تىما ئىكەن.

47

تېما

21

ئەگەشكۈچى

5134

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1608
مۇنبەر پۇلى
2148
ئىشەنىچ
1608
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 00:07:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئېسىل تېمىكەن.

0

تېما

2

ئەگەشكۈچى

1233

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
324
مۇنبەر پۇلى
827
ئىشەنىچ
324
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 07:05:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم!

  بۇ غېرىپ كۈنلىرىمدە ماڭا روھىي مەدەتكار بولغىنىڭغا رەخمەت!

18

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1057

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
251
مۇنبەر پۇلى
705
ئىشەنىچ
251
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 08:52:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ق.سىدىق تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-9 09:54  
سەدەف يوللىغان ۋاقتى  2013-5-9 07:05
قاسىم!

  بۇ غېرىپ كۈنلىرىمدە ماڭا روھىي مەدەتكار بولغى ...


ئۇزلىرى كىم بولىلا،نىمانچە ھەسرەتلىك سەدەف ئۇزلىرى؟.

______________

كۇللى غەم تۇپراغىدىن بولغانمۇ ئەھيا بۇ سەدەف؟،
خۇددى بىر ياش تامچىسى چاناقتا تۇرغان تەپچىرەپ!.

23

تېما

27

ئەگەشكۈچى

5533

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2672
مۇنبەر پۇلى
2251
ئىشەنىچ
2672
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 10:17:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2013-5-9 08:52
ئۇزلىرى كىم بولىلا،نىمانچە ھەسرەتلىك سەدەف ئۇزلىرى؟. ...


                   بولسا ئەگەر يۈرىكى ھەسرەتلەرگە مۇپتىلا ،
                   زەنجىر ئۈزۈش كويىدا يۈرگەنمىكىن تەمتىرەپ .
                   داۋام قىلغاي تەتقىقات ئۈلپەتلەرنى يوقلىغاچ ،
                   غەمدە بولماڭ ، ئەي ئۇستاز دوستىڭىزدىن ئەنسىرەپ !

23

تېما

27

ئەگەشكۈچى

5533

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2672
مۇنبەر پۇلى
2251
ئىشەنىچ
2672
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-9 10:20:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇڭا، دۇنيادىكى ئەڭ ئازاپلىق ئىشلارنىڭ بىرى نادانلار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش ، ئەڭ خۇشاللىنارلىق ئىشلارنىڭ بىر ئاقىللار بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇش ، بولسا كېرەك .


  ئۇستازنىڭ ئېسىل تېمىلىرى ئۈچۈن ئۇستازغا  كۆپتىن كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-29 06:50, Processed in 0.121013 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش