ئىنكاس يېزىڭ تېمىغا
ئىنكاس يېزىڭ تېمىغا قالايمىقان گەپ يازماڭ! رىغبەت بېرىڭ دوستلارغا «ئەي پالانى... خەپ....»يازماڭ!
ئىنكاس بىلەن جۇلالىق تەڭرىتاغدا ئەسەرلەر! خەلقىمىزگە داۋامەت بەرمەكتە كۆپ بەھىرلەر!
ئىنكاس يېزىڭ تېتىملىق ھۆ بىز، قۇرۇق پاراڭدىن! كىم قانچىلىك نەپ كۆرگەن، قاپاق چۈشمەس باراڭدىن!
چىن يۈرەكتىن چىن سۆزلەر يېزىپ تۇرۇڭ ئېرىنمەي! تۇرمۇش ئۆتەر مەنىلىك، ئۆتكەن كۈنلەر بىلىنمەي!
ئىجادكارلار بىر ئانا، ئەسەر-ئۇنىڭ بوۋىقى! يېڭى جاننى قۇتلىماق ئۇيغۇرۇمنىڭ خۇلىقى!
ئىنكاس بىلەن پۈتۈندۇر ئەسەرنىڭ كەم-قالدۇقى. ياخشى ئىنكاس بولمىسا چىقماس شائىر ھاردۇقى!
ئاز بولسىمۇ-ساز بولسۇن ئىنكاسىڭىز مېغىزدەك! ياخشى ئەسەر بىر چەتتە قالمىسۇن يېتىم قىزدەك! مەنبە: مەن
|