تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1112|ئىنكاس: 43

قاسىم سىدىق:ئىلىم دۇنياسىدىكى"كولدۇرلىتىش"ۋە"كولدورلاش"

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1069

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
255
مۇنبەر پۇلى
713
ئىشەنىچ
255
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-30 08:59:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىم دۇنياسىدىكى"كولدۇرلىتىش"ۋە"كولدورلاش"

قاسىم سىدىق

     بىز ئادەتتە ئىلىم-پەن ساھەسى باشقا ساھەلەرگە قارىغاندا ھەقىقەتكە بەكرەك يېقىنلاشقان بولىدۇ،ئوبىكتىپ پاكىتنى ئاساس قىلىدۇ دەپ قارايمىز. لىكىن ،ئەمەليەتتە ئىلىم-پەن دۇنياسىدا بىلىپ - بىلمەي ئۇزىمۇ "كولدۇرلاپ" قالىدىغان، باشقىلارنىمۇ "كولدۇرلىتىدىغان" ئىشلار ئاز ئەمەس.بىلىشتىكى تارىخى چەكلىمىلەر نۇقتىسىدىن ئىتقاندا ھەتتا پۇتكۇل پەن تارىخىنى "كولدۇرلىتىش"ۋە "كولدۇرلاش"تارىخى دىسەك خاتالاشقان بولمايمىز.ھەرقىتىمقى ئىلىم-پەن ئىنقىلاۋى مەلۇم مەنىدە"كولدۇرلىتىش"قارشى جەڭ ئېلان قىلىش،"كولدۇرلىماسلىق" بولۇپمۇ ئىپادىلىنىدۇ.مەسىلەن ،ئىنسانىيەت تاكى گالىلىغىچە ئارىستوتىلنىڭ "ئېغىر جىسىم يەڭگىل جىسىمغا قارىغاندا يەرگە بۇرۇن چۈشىدۇ"دىگەن قارىشى تەرىپىدىن "كولدۇرلىتىلدى".نۇۋەتتە دارۋىن ئۇزىنىمۇ ،باشقىلارنىمۇ "كولدۇرلاتتى"دەپ قارىلىۋاتىدۇ. بۇ تىپتىكى "كولدۇرلاش"ۋە"كولدۇرلىتىش"لاردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئىلىم-پەن تارىخىدىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۇرۇش كېرەك.نۇۋەتتە شەرىتلىك ھالدا ئارىستوتىل ۋە دارۋىن ئىدىيىلىرىنى قوللايدىغان تەتقىقات ۋە كۇزۆتۆش نەتىجىلىرىنىڭ مەيدانغا كېلىۋاتقانلىغىمۇ پاكىت.
    لىكىن،كىشى قوبۇل قىلالمايدىغان بىر خىل"كولدۇرلىتىش"ۋە"كولدۇرلاش"بار.ئۇ بولسىمۇ بىر شەخىس،بىر نەزەريەۋە شۇ شەخىس ،شۇنەزەريە ئوتتۇرىغا قويغان  قاراشلار ئىچىدىكى مەنتىقىسىزلىق تەرىپىدىن"كولدۇرلاش"ۋە"كولدۇرلىتىش"تىن ئىبارەت.مەن بۇ تەشەببۇسۇمغا تۇۋەندىكىلەرنى پاكىت قىلىپ كۇرسىتىمەن:
"يورۇقلۇق تىزلىگىنىڭ ئۇزگەرمەسلىك پىرىنسىپى"ئاساسىدىكى "كولدۇرلىتىش"ۋە"كولدۇرلاش"
1.تار مەنىلىك نىسبىلىك نەزەريىسى ھەقىقى بوشلۇقتا يورۇقلۇق تىزلىگى ئۇزگەرمەيدۇ،دەپ قارايدۇ.لىكىن شۇنىڭ بىلەن بىرگە نىسبىلىك نەزەريىسى ھەقىقى بوشلۇق مەۋجۇت ئەمەس،دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ.ئېينىشتېيىن مانا مۇشۇنداق"كولدۇرلىغان" بىزمۇ ھازىرغىچە"كولدۇرلاپ"كەلمەكتىمىز.ئەقەللى لوگىكىلىق مىڭىگە ئىگە بىر ئادەم يۇقۇرقى شەرت ۋە ھۇكۇم مۇناسىۋەتلىرىدىكى زىدىيەتنى كۇرۇپ ئالالايدۇ.
2.نىسبىلىك نەزەريىسى"ھەرقانداق تىزلىك يورۇقلۇق تىزلىگىدىن ئاشمايدۇ"دەپ قارايدۇ.ئەگەر يورۇقلۇق تىزلىكىدىن ئىشىپ كەتكىلى بولسا ئۇتمۇشكە بىرىپ بۇۋىڭىزدىن بۇرۇن توغۇلۇپ قالىسىز.بەلكىم مۇمىڭىزنى ئەمرىڭىزگە ئېلىپ قېلىشىڭىزمۇ مۇمكىن.بۇ پەننى ئومۇملاشتۇرۇش دۇنياسىدا ئەڭ بازار تاپقان "كولدۇرلىتىش"ۋە"كولدۇرلاش".مۇمكىن بولمايدىغان بىر رىياللىقنى شەرىت قىلىپ ئۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتلەرئۇستىدە ھۇكۇم چىقىرىش زامانىمىزغا خاس تىپىك "كولدۇرلاش"ۋە"كولدۇرلىتىش".
3.نۇۋەتتە يورۇقلۇق تىزلىكىدىن يۇقىرى تىزلىكنىڭ مەۋجۇتلىكى ئىسپاتلىنىپ بولدى.لىكىن، ئېينىشتېيىننىڭ نۇپۇزى تۇپەيلىدىن ۋە ياكى باشقا سەۋەپلەر تۇپەيلىدىن بولسا كېرەك"يۇرۇقلۇق تىزلىكىدىن ئاشىدىغان تىزلىك يوق"دىگەن كۇنا ئىدىيەتەرىپىدىن "كولدۇرلاپ"كىلىۋاتىمىز.خۇددى"كولدۇرلاش"قا خۇمار بولۇپ قالغاندەك،ھەممەيلەن دىگۇدەك،ئوتتۇرا ۋە ئالى مائارىپمۇ"كولدۇرلاۋاتىدۇ"!.مائارىپ،يېڭى نەتىجىلەرگە سەزگۇر بولمىسا،جىددى قارىمىسا،ئىجادى تەپەككۇرنى قۇزغىتىدىغان لايىھە بويىچە ئىسلاھ  قىلىنمىسا،ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلەلمەي كولدۇرلىغىنى كولدۇرلىغان.جۇڭگۇ زىيالىلىرىنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتى ھەقىقىدە شۇنچە كۇپ ئىنكاسلاردا بولىشىنىڭ سەۋەپلىرىنىڭ بىرسى مۇشۇ!.
"كولدۇرلىتىش"تىپىدىكى مائارىپ رايىش تالىپلارنى تۇركۇملەپ يىتىشتۇرۇپ چىققىنى بىلەن,جاسارەتلىك ئىلىم-پەن ئىختىراچىلىرىنى يىتىشتۇرۇپ چىقالمايدۇ. بۇ جۇڭگۇ زىيالىلىرىنى ھەسرەت چەككۆزىۋاتقان رىياللىق ۋە پاكىت!.
«ماكان -ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى»ئىدىيىسى تەرىپىدىن «كولدۇرلاش»ۋە«كولدۇرلىتىش»
«ماكان -ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى» _ مانا بۇ ،ئېينىشتېيىننىمۇ،ئىنسانىيەتنىمۇ بىر ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتىن بۇ يان كولدۇرلىتىۋاتقان ئىدىيەلەرنىڭ بىرى.
    ئېينىشتېيىن يورۇقلۇق تىزلىكىنىڭ ئۇزگەرمەسلىك پىرىنسىپىنى تۇرغۇزغاندا ھەقىقى بوشلۇققا مۇھتاج بولىدۇ.ھالبۇكى «ماكان»غا ئىنىقلىما بەرگەندە بۇ ھەقىقى بوشلۇقنىڭ مەۋجۇتلىگىنى ئۇنتۇپ قالىدۇ ياكى رەت قىلىدۇ.
"غەيرى نۇقتا"نىسبىلىك نەزەريىسىنىڭ مەھسۇلى،بۇ قاراش توغرا دەپ قارالسا ،ئالەمدىكى ماددىنىڭ ھەجىمى تۇراقلىق ۋە كىچىك بولىشى كېرەك.«ماكان _ ماددىنىڭ سوزۇلۇشچانلىغى»دىگەن بۇ ئىدىيە بىلەن «غەيرى نۇقتا»ئىدىيىسى زىدىيەتلىك.مانا بۇ بىزنى كولدۇرلىتىۋاتقان نۇقتىلارنىڭ بىرى.
    ھازىر ئىلىم-پەن ئالەمدە غايەت زور ۋاكوئۇم ھالەتنىڭ ھالەتنىڭ مەۋجۇتلىگىنى بايقىدى ۋە ئىتراپ قىلىدۇ.شۇنداق تۇرۇقلۇق«ماكان _ ماددىنىڭ سوزولۇشچانلىغى»دىگەن بۇ ئىدىيە تەرىپىدىن كولدۇرلىتىلىۋاتىمىز!.
«ئالەمدە ھەركەت قىلىپ تۇرىدىغان ماددىدىن باشقا ھېچنەرسە يوق»دەيدىغان بۇنداق «پان ماددىچىلىق»ئىدىيىسى بۇ خىل «كولدۇرلىتىش»ئوپىراسىنىڭ باش رىجىسورى.غەرىپنىڭ بۇ ئوپىرادىن رايى يېنىپ كەتتى.جوڭگۇ، شۇنداقلا ئىخلاسمەن ئۇيغۇرلار يەنىلا بۇ ئوپىرادا مەمنۇنىيەت بىلەن رول ئالماقتا. بىز قانچە كولدۇرلىساق باشقىلار شۇنچە نەپ ئالىدۇ.سەۋەپ ئىلىم-پەن نەتىجىلىرىدىن ئالدىن بەھىر ئالىدىغانلارۋە تەشەببۇسكارلار ئەزەلدىن ئىلىم-پەن ئالدىنقى سىپىدىكىلەر بولۇپ كەلگەن!.
    «كولدۇرلىتىش»ۋە «كولدۇرلاش»قا تەبىئى پەن ساھەسىدىن ئاز بولمىغان مىساللارنى تاپقىنى بولىدىكەن .مەن يالغۇز يېزىپ چىقاي دىسەممۇ ھېرىپ قالغىدەكمەن.سىز قانداق مىساللارنى كۇرسىتەلەيسىز.مەن ئۇزەممۇ «كولدۇرلاپ»ھەم باشقىلارنى كولدۇرلىتىۋاتقاندىمەنمۇ؟!.
32013.4.28

18

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1069

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
255
مۇنبەر پۇلى
713
ئىشەنىچ
255
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 08:42:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھاكىمە ئەپەندىنىڭ تۇۋەندىكى نەتىجىسى پۇت تىرەلەپ تۇرالىسابىز«غەيرى نۇقتا»تەرىپىدىنمۇ كولدۇرلىتىلىۋاتقان بولىمىز:


ئالەمدە يىتىش مۇمكىن بولغان ئەڭ چوڭ زىچلىق

مۇھاكىمە

بۇگۇن بىر ماقالە يىزىش ئۈچۇن 2000-يىلىدىن بۇرۇن يازغان يازمىلىرىمنى كۆردۇم ، بۇنىڭ ئىچىدە زىچلىق توغرىسىدىكى ھىساپلاش نەتىجەممۇ بار ئىكەن ، ماقالىنى كىرگۇزۇش  ۋە يوللاش ھازىرچە بىئەپ بولغاچقا ، پەقەت نەتىجىنى يوللاپ قۇيۇشنى مۇۋاپىق تاپتىم ، ئەڭ چوڭ زىچلىق ھەرمىتىركوپتا 4.2912708×〖10〗^26㎏
يەنى بىر مىتىر كوپتا 429127080000000000000000000كىلوگىرام! بۇ زىچلىق بىزنىڭ يەرشارىمىزنىڭ ماسسىسى 5.98*10^24kg
دەپ ھىساپلانسا ،تەخمىنەن  71.76 دانە يەرشارىنى بىر كوپمىتىر دائىرىگە يىغقانغا باراۋەر!
ئەگەر تەبئەت دونياسىدا بۇزىچلىقتىن چوڭ زىچلىق بايقالسا ، ئۇھالدا بارلىق مەسلىلەرنى قايتىدىن ئويلىشىشقا توغرا كىلىشى مۇمكىن!.
كوپچىلىكنىڭ مەن توغرىلىق ئەمەس ، بەلكى ، مۇشۇ زىچلىق توغرىسىدا مۇھاكىمە قىلىپ بېقىشىنى توۋەنچىلىك بىلەن ئۇمىت قىلىمەن .

ھورمەت بىلەن : مۇھاكىمە

2013.4.26

47

تېما

21

ئەگەشكۈچى

5158

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1618
مۇنبەر پۇلى
2162
ئىشەنىچ
1618
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 08:57:44|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا ئۇيۇق تىلەيمەن.

23

تېما

27

ئەگەشكۈچى

5539

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2674
مۇنبەر پۇلى
2255
ئىشەنىچ
2674
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 22:25:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىنىمسىز ئىزدىنىش ، ھارماي تەتقىق قىلىشلار ئۇتۇقلارغا قۇچاق ئاچقاي ، خەلقىمىز ئىزدىنىش روھىغا باي تەتقىقات خادىملىرىغا تولىمۇ ئېھتىياجلىق .

  قاسىم سىدىق ئەپەندى ۋە مۇھاكىمە ئەپەندىلەرنىڭ تەتقىقاتىغا مۇۋەپپىقىيەتلەر تىلەيمەن !

4

تېما

13

ئەگەشكۈچى

1543

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
279
مۇنبەر پۇلى
1003
ئىشەنىچ
279
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-1 22:48:35|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
http://www.kayinat.com/bbs/
بۇ توربەت ئېچىلمايدا؟

47

تېما

21

ئەگەشكۈچى

5158

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1618
مۇنبەر پۇلى
2162
ئىشەنىچ
1618
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 08:22:42|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   قاسىم سىدىق ئەپەندى نىڭ ئۇزلۇكسىز ئىزدىنىشلىرى ، تەتقىقاتلىرى مول مىۋە بەرگەي.

18

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1069

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
255
مۇنبەر پۇلى
713
ئىشەنىچ
255
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 09:27:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى كۋاك يولتۇز نەزەريىسىمۇ چىقىپتىدە،زىچلىغى نىترون يولتۇزنىڭ زىچلىغىدىن يوقۇرى،قارا ئۆڭكۈرنىڭكىدىن تۈۋەندەك قىلىدۇ،ھەر نىمە بولسا بۇ نەزەريىمۇ «مۇتلەق ھەجىم»تەرەپكە قاراپ بىر قەدەم تاشلاپتۇ!

夸克星_百度百科


http://baike.baidu.com/view/121354.htm

2

تېما

12

ئەگەشكۈچى

1446

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
383
مۇنبەر پۇلى
890
ئىشەنىچ
383
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 09:42:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇردى ئەبەيدۇللا يوللىغان ۋاقتى  2013-5-1 08:57
قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىغا ئۇيۇق تىلەيمەن.

قاسىم سىددىق ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتىنى «ئويۇق» قا ئېلىپ قويماقچىمۇسىز ھۆرمىتى زىيادە ئەپەندى؟
نە بارارغا ماغدۇرۇم بار، نە تۇرارغا تاقەتىم،
ئەركماننى بۇ خارابقا سەن گىرىفتار قىلدىڭ  كۆڭۈل.

4

تېما

13

ئەگەشكۈچى

1543

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
279
مۇنبەر پۇلى
1003
ئىشەنىچ
279
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 15:40:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-2 15:50  
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2013-5-2 09:27
ئەمدى كۋاك يولتۇز نەزەريىسىمۇ چىقىپتىدە،زىچلىغى نىتر ...
فىلىمىمۇ باركەن




4

تېما

13

ئەگەشكۈچى

1543

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
279
مۇنبەر پۇلى
1003
ئىشەنىچ
279
يوللىغان ۋاقتى 2013-5-2 15:46:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئۇيغۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-5-2 15:54  
ق.سىدىق يوللىغان ۋاقتى  2013-5-2 09:27
ئەمدى كۋاك يولتۇز نەزەريىسىمۇ چىقىپتىدە،زىچلىغى نىتر ...

قارا ئۆڭكۇر ھەققىدىكى فىلىم

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-31 16:26, Processed in 0.118443 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش