بارمۇ تېزبىلوگى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى ئەسسالامۇئەلەيكوم كەڭ تەڭرىتاغداشلار: يېقىندىن بېرى جىددىي تەييارلىق كۆرۈش، تەڭرىتاغ تورىدىكى بارلىق خادىملارنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە، بارمۇ تېزبىلوگى دەسلەپكى قەدەمدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، سىناق تەرىقىسىدە كەڭ تورداشلارغا ئېچىۋېتىلدى. بارمۇ تېزبىلوگى ئىسمىدىن بىلىنىپ تۇرۇپتىكى، بۇ بىر تېزلىكنى مەزكەز قىلغان بىلوگدۇر. سىز بۇ يەردە «تېزلىك» نىڭ نېمىلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلالايسىز. ئەلۋەتتە بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان «تېزلىك» سىزنىڭ تور دۇنياسىدا بارمۇ تېزبىلوگىغا قەدەم قويغىنىڭىزدىن باشلاپ بارمۇ تېزبىلوگىدىكى ھەرقانداق مەشغۇلاتىڭىزدا گەۋدىلىنىدۇ. بارمۇ تېزبىلوگىدىن تېخىمۇ تېز، قولايلىق پايدىلىنىشىڭىزغا ياردىمى بولسۇن ئۈچۈن، بارمۇ تېزبىلوگىنىڭ ئورگان تەرەپ ياردەم سۇپىسى بولغان «ياردەم مەركىزى» رەسمىي ئىشقا چۈشتى.
سىز بۇ يەردە تور دۇنياسىكى ساياھىتىڭىزنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ تېز بولۇشىدا يولۇققان ھەرقانداق مەسىلىلەر ھەققىدە ياردەم سورىسىڭىز، بارمۇ تېزبىلوگى «ياردەم مەركىزى» ھەر ۋاقىت سىز ئۈچۈن ئەڭ ئەتراپلىق، ئەڭ سىستېمىلىق، ئەڭ ئۈنۈملۈك ياردەم بېرىشكە تىرىشىدۇ! قېنى ئەمىسە يولۇققان مەسىلىلىرىڭىزنى تارتىنماي سوراشقا باشلىسىڭىز بولىدۇ! بارمۇ تېزبىلوگىنىڭ ئادرېسى: http://new.barmu.cn بارمۇ تېزبىلوگىنىڭ ئورگان تەرەپ ياردەم مەركىزىنىڭ ئادرېسى: http://new.barmu.cn/public/help.aspx |