تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 893|ئىنكاس: 61

قاسىم سىدىق: «ئۆزئارا تەسىر» گە ئالاقىدار بىرقانچە پەرەز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

18

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1069

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
255
مۇنبەر پۇلى
713
ئىشەنىچ
255
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 12:32:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۆزئارا تەسىر» گە ئالاقىدار بىرقانچە پەرەز
قاسىم سىدىق


    «ئۆزئارا تەسىر» مەسىلىسىدە تەسىرلەشكۈچىلەر بىلەن كۈچ ئۇزاتقۇچى زەررىچىلەر ياكى ئاتالمىش «دولقۇن» نىڭ تېزلىكى ۋە ئۇلارنىڭ ھەرىكەت شەكلىنى تەتقىق قىلىش بىزنى بىر مۇنچە يېڭى مەنزىرىلەرگە باشلايدۇ. بۇ نۇقتىدىن چىقىپ بىرقانچە ئالدىن پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويغىلى بولىدۇ، بۇ پەرەزلەر:
    1. ۋاسىتىچى زەررىچىلەر تېزلىكى تەسىرلەشكۈچى ئىككى سۇبيېكتنىڭ تېزلىكىدىن تۆۋەن بولسا، بۇ ئىككى سۇبيېكت ئوتتۇرىسىدا ۋاسىتىچى زەررىچە ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى ئۆزئارا تەسىر شەكىللەنمەيدۇ.
    2. تەسىرلەشكۈچىلەر بىلەن ۋاسىتىچى زەررىچىلەرنىڭ تېزلىكى باراۋەر بولۇپ قالغان ھالەتتىمۇ بۇنداق مۇناسىۋەت شەكىللەنمەيدۇ.
    3. تەسىرلەشكۈچىلەر زەررىچە دەپ قارالغان ئەھۋال ئاستىدا ۋاسىتىچى زەررىچىلەر تۈز سىزىقلىق ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارالسا، يەنىلا بۇنداق مۇناسىۋەت شەكىللەنمەيدۇ. چۈنكى بۇنداق ئەھۋالدا ۋاسىتىچى زەررىچىنىڭ تەسىر قوبۇل قىلغۇچى زەررىچىگە سوقۇلۇپ، ھەر ئىككىسى ئەكس يۆنىلىشكە قاراپ ئۇچۇشى ياكى تەسىر قوبۇل قىلغۇچى زەررىچىنىڭ تۈزۈلۈشى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن.
    4. ۋاسىتىچى زەررىچىلەر ئەگرى سىزىقلىق ھەرىكەت قىلىدۇ دەپ قارالسا، ھەرقانداق ئەھۋالدا ۋاسىتىچى زەررىچىلەرنىڭ تېزلىكى تەسىرلەشكۈچىلەرنىڭ تېزلىكىدىن يۇقىرى بولىدۇ دەپ قاراش كېرەك. بۇ ھال، فوتون-گىراۋىتون مۇناسىۋەتلىرىدە نىسپىيلىك نەزەرىيەسىگە باش ئاغرىغى تېپىپ بېرىدۇ. چۈنكى نىسپىيلىك نەزەرىيەسى يورۇقلۇق تېزلىكىدىن ئارتۇق تېزلىك مەۋجۇت ئەمەس دەپ قارايدۇ - يۇ، يەنە يورۇقلۇقنى تارتىش كۈچىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ دەپ تەشەببۇس قىلىدۇ، بۇ بىر زىددىيەتلىك مەسىلە. بۇنىڭدىن باشقا ۋاسىتىچى زەررىچە ئەگرى ھەرىكەت جەريانىدا جەزمەن تەسىرلەشكۈچى زەررىچىنى تېپىپ بارالايدۇ دەپ قاراشقا ئاساسىمىز يوق. بۇنداق قارالسا بۇنداق ۋاسىتىچى زەررىچىدە «ئەقىل بار» دېيىشكە توغرا كېلىدۇ.
    مېنىڭچە، ئەقىلگە مۇۋاپىق بىردىنبىر پەرەز ئىستىخىيەلىك، ئېھتىماللىق نەزەرىيەسىدىكى تىپىدىكى توغرا كېلىپ قېلىشتىن ئىبارەت. لېكىن، بۇنداق پەرەزمۇ بىلىش نەزەرىيەسىگە قىلىنغان مەسخىرە بولۇپ قالىدۇ.
    5. شۇنداق ئويلىغان تەقدىردىمۇ، بۇ ۋاسىتىچى زەررىچىلەرنىڭ تەسىرلەشكۈچى «نىشان» غا يېتىپ بارغان ھامان ئۆزىنى «تورمۇزلايدۇ» غانلىقىنى پەرز قىلىش بەسى مۈشكۈل.
    6. تەسىرلىشىش جەريانىغا بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە زۆرۈر بولغان ۋاسىتىچى زەررىچىلەر سانى ئۈستىدە ئويلىشىش ئىنتايىن مۇھىم. بۇ، زەررىچە ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى ئۆزئارا تەسىر ئىدىيەلىرىنىڭ تەنقىدكە بەرداشلىق بېرىش قۇدرىتىنى لوگىكىلىق نۇقتىدىن سىناپ كۆرىدىغان بىر نۇقتا.
    ھەي، بۇ زەررىچە ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى مەيدان نەزەرىيەلىرىدە چاتاق كۆپكەن. بۇ نەزەرىيەلەرغۇ ھازىرغىچە ئۈزۈل - كېسىل مەنىدە ئوبيېكىتىپ پاكىتلارنىڭ مۇپەسسەل بايانى دەپ قارالغىنى يوق. بۇلار پەقەت ئۆتكۈنچى تەسۋىرلەش ۋە بىلىش مىتۇتى بولسا كېرەك.
    ئەسكەرتىش: تېمىدىكى ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىلار ئۇستىدە مۇھاكىمە - مۇنازىرە ئېلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. تېمىنى تاشلاپ قويۇپ، مېنى باھالاپ - تىللاپ كەتمىگەيسىلەر!
    2013.4.7

18

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1069

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
255
مۇنبەر پۇلى
713
ئىشەنىچ
255
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 17:13:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
7.ئەڭ خەتەرلىك خىرىسلاردىن ئىككى خىرىس مەۋجۇت،ئۇلارنىڭ بىرى ھەرقانداق دولقۇن ئۇزۇنلۇغىدىن قىسقا ماكاننىڭ مەۋجۇتلىگى ،يەنەبىرى بولسا ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچە مەۋجۇت دەپ قارايدىغان  ئىدىيە.بۇلارنىڭ ھەرئىككىسى زەررىچە ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى ئۇز ئارا تەسىر ۋە كۈچ مەيدانى ئىدىيىلىرىنى ئۇسال ئەھۋالغا چۈشۈرۆپ قويىدۇ.سەۋەپ:
بۇھالدا ،ماتىماتىكىلىق ئىدىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا پۇتكۇل ماكاننى دولقۇن ئۇزۇنلۇغىدىن قىسقا بولغان رىياللىقنىڭ يىغىندىسى دەپ قاراشقا توغرا كېلىدۇ.بۇنداق مىكرۇ مۇساپىلەردە ،زەررىچە ئالماشتۇرۇش تىپىدىكى «مەيدان»ۋە «كۈچ»ئۇقۇملىرىنى تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ.ئۇنىڭ ئۆستىگە ھەرقانداق دولقۇن ئۇزۇنلۇغىدىن قىسقا بولغان مۇساپە،ماكان نىڭ مەۋجۇتلىگى تەجىرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلىنىپ بولدى.
ھەقىقى مەنىدىكى ئاساسى زەررىچىلەر مەۋجۇتلا بولىدىكەن فىزىكا ئىلىمىنتار فىزىكىغا ئايلىنىدۇ،ئېھتىماللىق ،سىتاتىستىكىلىق فىزىكا ئۇتكۇنچى مىتۇت بولۇپلا قالىدۇ.

مەن ئەنئەنىچى فىزىكلارنىڭ قانچىكى غەزەپلىنىپ كېتىشىدىن قەتئى نەزەر بۇ قۇرلارنى يازماي تۇرالمايمەن!.

_____ قاسىم سىدىق
2013.4.7

5

تېما

20

ئەگەشكۈچى

3552

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
شىرىن
تۆھپە
1783
مۇنبەر پۇلى
1479
ئىشەنىچ
1783
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 18:40:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ چۈشەنمىدىم
ۋۇجۇد ئېزىتقۇ،ئەقىل تىزگىن !دوستلىرىڭ دوست بولغىنىدۇر ئېشىڭغا،
يەتسە مېھنەت بىرى كەلمەس قېشىڭغا.
بولسا كىم مېھنەتتە دوست ئۇ جانغا دوست،
دوست ئەمەس دۆلەتتە دوست،ئۇ نانغا دوست!

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

36

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
11
مۇنبەر پۇلى
22
ئىشەنىچ
11
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 18:59:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چۈشەنمىسەممۇ، قاسىم سىدىقنىڭ  بۇ ئىزدىنىشكە مۇۋاپپىقىيەت تىلەيمەن.

18

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1069

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
255
مۇنبەر پۇلى
713
ئىشەنىچ
255
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 20:57:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇلالە يوللىغان ۋاقتى  2013-4-7 18:40
مەنغۇ چۈشەنمىدىم

       

    anw8735 يوللىغان ۋاقتى  2013-4-7 02:53 PM
    نىمىشقا مەن ماۋۇ تىمىنى قايتا-قايتا نەچچە رەت ئۆقۇپمۇ  ...


بۇ ئاددى مەسىلە،چۈشەنمىگىدەك يېرى يوق.نىسبىلىك نەزەريىسىدەفۇتۇن دىگەن ئەڭ يۇگۇرۇك ،ھىچقانداق زەررىچە ئۇنىڭغا يىتىشەلمەيدۇ دىيىلىدۇ،شۇنداق تۇرۇغلۇق گىراۋىتۇن دىگەن بىر ئەلچى زەررىچە فۇتۇننى تارتىپ كىتىدۇ دەيدۇ.بۇنداق بولۇشى ئۆچۈن ھىچبولمىغاندا گىراۋىتوننىڭ تىزلىگى فۇتوندىن يۇقۇرى بولۇشى كېرەك،لىكىن نىسبىلىك نەزەريىسى بۇنداق بولۇشقا يول قۇيمايدۇ.چاتاق مۇشۇ يەردە.

ياپىلاق تىل بىلەن ئىتساق ،ئالدىڭىزدا قىچىپ كىتىپ بارغان ئەمەتنى تۇتۇش ئۇچۇن مەمەت ئەمەتتىنمۇ تىز يۇگۇرىشى كېرەك.لىكىن ئېينىشتېيىن نىسبىلىك نەزەريىسىدە ھېچكىم ئەمەتتەك تىز يۇگىرەلمەيدۇ دەپ بەلگىلىۋەتكەن.شۇنداق تۇرۇغلۇق ئۇ يەنەتارتىش كۇچى مەيدانىدا مەمەت ئەمەتنى تۇتۇۋالىدۇ دىگەن،مۇشۇ زىدىيەتلىك مەسىلە،بۇ ئەپەندىمنىڭ قايسى گىپى راسىت؟!.بۇنداق ئەھۋالدا"تارتىش كۈچى مەيدانى،تارتىش كۈچى دولقۇنى"دىگەنلەر قۇرۇق گەپ بولۇپ قالمامدۇ؟!.

18

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1069

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
255
مۇنبەر پۇلى
713
ئىشەنىچ
255
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 20:57:56|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارتىش كۈچىنىڭ توشۇغۇچىسى بولغان گىراۋىتۇننى مەمەت،يۇگۇرۇش چىمپىيونى بولغان فۇتۇننى ئەمەت دەپ تۇرۇپ مۇلاھىزە قىلساق چۈشۆنۆشلۆك بولغىدەك،قانداق دەيسىلەر؟.

47

تېما

21

ئەگەشكۈچى

5158

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1618
مۇنبەر پۇلى
2162
ئىشەنىچ
1618
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-7 23:08:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قاسىم سىدىق ئەپەندىنىڭ تەتقىقاتتا تېخىمۇ زور نەتىجە قازىنىشغا تىلەكداشمەن.

11

تېما

17

ئەگەشكۈچى

1881

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
762
مۇنبەر پۇلى
860
ئىشەنىچ
762
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 08:40:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ ھەر بىر ئىجاىديەتلىرىگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن

4

تېما

6

ئەگەشكۈچى

1902

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
قەشقەر ئوغلى
تۆھپە
916
مۇنبەر پۇلى
774
ئىشەنىچ
916
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 13:18:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئىجادىيتىگە تەشەككۇر

33

تېما

37

ئەگەشكۈچى

3493

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
مەخپى
تۆھپە
1600
مۇنبەر پۇلى
1605
ئىشەنىچ
1600
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-8 15:28:20|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  قاسىم سىدىق ئەپەندىمنىڭ ھەر بىر ئىجاىديەتلىرى ئۇتۇقلۇق!!!!!!!!!!! تىنى ساق  ئۆمرى ئۇزۇن بولسۇن !!!!!!!!!!!
ئۆزى ھەققىدە:كىمىكى قىلسا كىشىگە بىھۇدە غۇرۇر ئاياغ تۇۋېىدىن قۇمۇشتەك قۇرۇر! جاھاندىكى ئىشلارنىڭ ھەممسى تەھدىرگە تەئەللۇق ۋەياكى ئۇنىڭمۇ تەدبىرى باردۇر!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-7-31 16:07, Processed in 0.121110 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش