تاغنىڭ سۆھبىتى مەخمۇت سەلەي (مەيپۇرۇچ)
بىز كىممىز؟ دېدى تاغ قېرىندىشىغا،
تۆۋەندىن بىر قاراپ ئۈستۈن بېشىغا. چاقماقلار چاقسا ھەم يامغۇر ياغسا نەم، ئايلىنىپ ئاقىمىز كۆزنىڭ يېشىغا. قەلئەمىز دېدى تاغ ئىشىكى چېكىلمەس،
ھۆكۈمران بولساقمۇ بىرلىك يېتىلمەس. تاشلىنىپ تۇرساقمۇ ئېلىپ كېتىلمەس، كېسەكمىز، بىناغا لازىم ئېتىلمەس. بىز كىممىز؟ دېدى تاغ قېرىندىشىغا،
تۆۋەندىن بىر قاراپ ئۈستۈن بېشىغا. ئەسلىمىز تاغ تۇرسا، تاغدەك شۇ ھالدىن، چېچىلىپ ياتىمىز سايدا نېمىشقا؟ بۇ قىسمەت دېدى تاغ قېرىندىشىغا،
بىر ھازا سۈكۈتتە ئويلارغا پېتىپ. چوڭقۇرغا چۆكۈشتەك يىتۈك ئارزۇغا، بىز قانداق يېتىمىز؟ دېدى لاپ ئېتىپ. بىز كىممىز؟ دېسە تاغ قېرىندىشىغا،
تۆۋەندىن بىر قاراپ ئۈستۈن بېشىغا. ئوغلۇم ئۇ ئېغىزىنى قويدى ئۈمچەيتىپ، ئۆزگىرىپ قالمايلى دەپ تاغنىڭ تېشىغا.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم. |