يەكەندە نەۋرۇز (فوتو ئوچرىك) نۇرمۇھەممەد ئايۇپ قۇربانى
نەۋرۇز بايرىمى ــــ نەۋ باھار، يېڭى باھار، يېڭى كۈن، يېڭى يىلنىڭ باشلانغان كۈنى بولۇپ، ھەر يىلى 3 - ئاينىڭ 21 - كۈنى كۈن بىلەن تۈن تەڭلەشكەن كۈنى نەۋرۇز بايرىمى بولۇپ، ئۇيغۇر، تۈرك، ئۆزبېك، قازاق، قىزغىز، تاجىك، كەشمىر، پارىس مىللەتلىرى بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈپ كەلگەن. ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ ئانا بۆشۈكلىرىنىڭ بىرى بولغان يەكەندە تارىختىن بېرى ھەر يىلى ئەشۇ نەۋرۇز بايرىمى كۈنىنىڭ ئالدى كەينىدە ئون - ئون بەش كۈن داغدۇغىلىق تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن، بۇ بايرامنى ئۆتكۈزۈش يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدە يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ، يەكەن بازىرىنىڭ شەرقىدىكى نەۋرۇز دۆڭ خارابىلىكى ناھىيە دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ تارىخنىڭ جانلىق شاھىدى بولۇپ تۇرماقتا. يەكەندە نەۋرۇز بايرىمى تارىختىن بىرى مۇقام ئورۇنلاش، مەشرەپ قىلىش، ئات بەيگىسى، ئوغلاق تارتىش، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، ئىت تالاشتۇرۇش، چىلىشش ئەلنەغمە پائالىيەتلىرى داغدۇغىلىق تەبرىكلىنىدۇ. نەۋرۇز بايرىمى يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن ھەرقايسى ئائىلىلەر ئۆز ئىقتىدارىغا ئاساسەن تەييارلىق قىلىپ مەخسۇس تەييارلانغان مەيدانغا قازان - قۇمۇچلىرىنى ئېلىپ كېلىپ نەۋرۇز ئېشى ئېتىدۇ، يەنە بەزى ئائىلىلەر پولۇ، شويلا، قورداق، قۇيماق (قازان نېنى) قاتارلىق تائاملارنىمۇ تەييار قىلىشىپ، ھەممە ئادەم يىغىلىشىپ ئۆچرەت بىلەن بۇ نەۋرۇزلۇق غىزاغا ئېغىز تېگىشىدۇ. بىر - بىرىنىڭ بۇ يېڭى يىلدىكى دېھقانچىلىق، تىجارەت ئىشلىرىنىڭ روناق تېپىشى، ئائىلىسىنىڭ ئىناق، تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىغا دۇئا قىلىشدۇ. بۇ ئادەت تارىختىن بىرى خۇراپىي سوپى ئىشانلار، دەرۋىش ئاشىقلارنىڭ توسقۇنلۇقى بىلەن گاھ داۋام قىلىپ، گاھ ئۈزۈلۈپ قېلىپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانغا قەدەر داۋام بىر خىل رېتىمدا ئىلىپ بېرىلىپ كەلگەن، ئازادلىقتىن كېيىن بۇنداق توسالغۇلارغا ئۇچرىمىغان بولسىمۇ، يەنە مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى مەزگىلىدە بۇنداق بايرام، تەبرىكلەش پائالىيەتلىرى كونىلىق، خۇراپىيلىق دەپ قارىلىپ چەتكە قېقىلغان، يېقىنقى يىللاردىن بېرى يەكەن ھۆكۈمىتى بۇ نەۋرۇز بايرىمىنى ئەل ئىچى مەدەنىيەت سەنئەت پائالىيەتلىرىنى قېزىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىلغار ساغلام مەدەنىيەتنى ئەۋج ئالدۇرۇش ئۈچۈن، ھەر يىلى نەۋرۇز بايرىمى يېتىپ كېلشىتىن بۇرۇن مەخسۇس ھۆججەت تارقىتىپ، ھەرقايسى يېزا - بازار، رايونلار، ئىجتىمائىي رايونلار، مەكتەپ، مەدەنىيەت - سەنئەت تارماقلىرى، ئەدەبىيات - سەنئەت خادىملىرىنى بۇ بايرامنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈشكە تەشكىللىدى. تۆۋەندە مەن يەكەندىكى نەۋرۇز بايرىمى جەريانىدىن تارتىلغان سۈرەتلەرنى تورداشلار سۇنىمەن. ھۆرمەتلىك تورداشلار، مېنىڭ نەۋرۇز بايرىمى ھەققىدە يازغان ماقالەم تولۇق بولمىغان، رەسىملىرىم بۇ كاتتا بايرامنى تولۇق ئىپادە قىلالمىغان بولۇشى مۇمكىن، تەكلىپ - پىكىر بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. يەكەن ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن: نۇرمۇھەممەد ئايۇپ قۇربانى ماقالىسى ۋە فوتوسى. تېلېفون: 13579069733
|