نەۋرۇزدىكى پىچىرلاش
ھاتەمجان سايىم
نورۇز ئېشى ئېتىدىغان قىز بارمۇ
قاراڭ، بۇ يىل كەلدى نورۇز باشقىچە،
خۇشاللاندۇق شۇڭا قېرى- ياشقىچە.
سۆزلىۋالاي شۇڭا قەلبىم تاشقىچە،
تەييارلىدۇق بېدە، گۆش، ئوتياشقىچە،
قاچا- قوشۇق، ئوتۇن، دان ۋە داش غىچە،
نورۇز ئېشى ئىتىدىغان قىز بارمۇ؟
نورۇز دىگەن گۈلگۈن پەسىل- يىل بېشى،
جاھاندا يوق ھېچبىر بايرام- تەڭدىشى.
بەك مەنىلىك ھەر بىر ئويۇن، ھەر ئىشى،
كۆرسە ھەيران قالار ھەتتا ھەر كىشى،
ھەممە بىللە ئىچىشەر نورۇز ئېشى،
نورۇز ئېشى ئىتىدىغان قىز بارمۇ؟
نورۇز ئېشى- ئەجداتلاردىن تەۋەررۈك،
بار ئۇنىڭدا دان، سۇ، ئوزۇق، يىشىل –كۆك،
تەڭ ئۇسسۇشۇپ ئىچىشلەر بەك سۆيۈملۈك،
ئەل جامائەت ئۆز ئارا بەك كۆيۈملۈك،
قەيەردە بار بۇنىڭچىلىك بۆيۈكلۈك،
نورۇز ئېشى ئىتىدىغان قىز بارمۇ؟
ئۇيغۇر تۇرۇپ بىلمەي نورۇز ئېشىنى،
يۇرىۋىرىش ئېچىندۇرار كىشىنى،
قىز ئەتمىسە ئەنئەنىۋىي ئېشىنى،
يىگىتلەرمۇ دوراپ خەقنىڭ ئىشىنى،
بولكا غاجاپ يۈرسە، سېلىپ بېشىنى،
نورۇز ئېشى ئىتىدىغان قىز بارمۇ؟
ئاش ئېتىشنى بىلمىسە قىز ئۇيالماي،
يۈرسە يىگىت ئۆي ئېشىغا تۇيالماي،
بەيگىلەردە ئەركەكلەرچە تۇرالماي،
ئۇخلاپ ياتسا ئۆيدە، ئەردەك بولالماي،
يامانلايدۇ خوتۇن ( ئۆيدە قونالماي)،
نورۇز ئېشى ئىتىدىغان قىز بارمۇ؟
نورۇز ئېشى- ئۇيغۇر ئېشى دىگەنلىك،
«ئۆزلۈك» تە دۇر، قايسى قەۋىم ئىكەنلىك،
پاك نەسىلدۇر- ئاش ئېتىشنى بىلگەنلىك،
ئائىلىدە ئۇيغۇر ئېشى يىگەنلىك-
دەيمىز ئەجداد- نەسلى ئۈچۈن كۆيگەنلىك،
نورۇز ئېشى ئىتىدىغان قىز بارمۇ؟
نەۋرۇزدىكى پىچىرلاش
نەۋرۇز
يېتىپكەلدى تارتىنچاق قىزدەك
يېنىمىزغا ئاستا ۋە ئاستا.
ئۇ ھەر نەپەستە
خۇش ھېدلارنى ئېلىپ كەلمەكتە،
ئىزگۈ بىر كۈي چېلىپ كەلمەكتە،
ئەركە شامال سۆيەر شۇ تاپتا.
يۇرتۇم
سۆيۈلمەكتە شۇ نەۋرۇزنىڭ لەۋلىرى بىلەن،
ياسانماقتا ھەتتا دەل- دەرەخ
نازىنىندەك تەنلىرى بىلەن.
قۇياش كۈلەر كۆكتە جىلمىيىپ
سۆيۈپ ئىللىق زەرلىرى بىلەن.
مەن
كەلمەكتىمەن زوق بىلەن قاراپ
يىشىل دالا، رەڭدار چېچەككە،
نەۋرۇز بەرگەن ئۆزگىچە ئىلھام
ئارام بەرمەس ئىزگۈ تىلەككە.
چۈنكى
مەن ئەمەسمۇ قىرىق نەۋرۇزنىڭ
يۇرتۇمدىكى ھەقدا شاھىدى،
ھەر نەۋرۇزنىڭ باردۇر باشقىچە -
دىل ھوزۇرى، ئۆزگىچە ھېدى...
شۇ تاپ
تەپەككۇرۇم قۇش بولۇپ ئۇچۇپ
كېزەر لەرزان، يۇرتۇم قوينىنى.
گاھ مەشرىقتىن مەغرىپكە قاراپ
يول ئالدىم خۇشال-
مەن يىتىلەپ نەۋرۇز قىزىنى.
ئەنە
«تۇمشۇق»تېغى چوققىللىرىدا
يالتىرايدۇ تارىخ ئىزناسى.
«توققۇز ساراي» قەدىمىي شەھەر-
تالاي كەچمىشلەرنىڭ گۇۋاھى.
نەۋرۇزدىكى ئىزغىرىن شامال
سۆيەر « ئوقۇرمازار» تېغىنى.
دۇلدۇل مىنگەن « ھەزرەتئېلى»مۇ
سەيلە قىلار چاھار بېغىنى.
بارچۇق-
«ئافىراسياف» نىڭ تۇتقان ماكانى،
ئىككىمىڭچە يىللار مۇقەددەم
ياشاپ ئۆتكەن ئۆز قەۋمى بىلەن
يەر چىشلىتىپ دۈشمەننى- ياۋنى.
بەلكىم
زەپەر قۇچۇپ كەلگەن نەۋرۇزدا
قارشى ئالغان مۇشۇ ماكاندا-
قۇچاق ئېچىپ سۆيگەن جانانى.
ئاقساقمارال، ئۆتەڭ، ياسۇندى-
ئەجدادلارنىڭ شىكار ماكانى.
ئۈچمىڭ يىللىق توغراق يېشىدەك-
تارملايدۇ زەرەپشان تىمتاس
دىمەك بۇ ئېقىن-
چەكسىز مېھىر- مۇھەببەت كانى.
شۇ ساھىلنى سۆيمەكتە نەۋرۇز،
بىر ئارماندا كۆيمەكتە نەۋرۇز.
سېرىقبۇيا، چۇڭقۇرچاق ئاۋات-
قەدىم سىرلار ئۇندا نامايان،
پىچىرلايدۇ قۇملار تەكتىدىن
تېخى ھېچكىم بىلىپ يەتمىگەن،
نەچچە ئەسىر نەۋرۇزنى سۆيگەن
ئىزگۈ سىرلار بالقىيدۇ ھامان.
پەسىل قۇشلىرىغا مىنگەشكەن نەۋرۇز
ھەۋەس بىلەن ئۇچماقتا لەرزان،
پىچىرلايدۇ ئاڭا تەبىئەت
بىر كەچمىشنى قىلىپ نامايان.
بىر ھەقىقەت بولماقتا ئايان.
قاراڭ ئەنە
ئىزگۈلۈككە چۈمگەن سۈگەت- تال
يىشىل نۇردىن ئارتىپتۇ لىچەك،
كېلىنچەكنىڭ كۆڭلىكى سىياق
ئۈرۈكلەرمۇ ئېچىپتۇ چېچەك.
ئەركە شامال سۆيگەن دالىدا،
ئوينار سەكرەپ قۇزا- پادىلار،
تۇپا كېچىپ، مىنىپ چىۋىق ئات-
يۈگۈرمەكتە سەبىي بالىلار.
ئۈمۈد بىلەن ئوغلىغا بېقىپ،
سۆيۈنمەكتە ئويچان دادىلار.
بوستانلاردىن قىرىق چاچ ئېشىپ،
ئۇزۇن چاچلىق بولماقتا قىزلار،
كۆرىنىدۇ بەكمۇ سۆيۈملۈك-
نۇزۇگۇم ھەم مەختۇم سۇلادەك.
ھەر بىر قاراشتا-
بۈيۈك ئىستەك ئويغىتار تېزلا.
مانا بۈگۈن تىمتاس دالىدا
پىچىرلايمەن نەۋرۇز قوينىدا.
تەبىئەتمۇ پىچىرلار ماڭا
گويا
ئاشىق- مەشۇق شىۋىرلىشىدەك
بەك سۈيۈملۈك رەۋىشتە مانا.
بىلىمەن
بۇ پىچىرلاش قەلبىم تەكتىدىن
ئۇرغۇپ چىققان مەڭگۈلۈك تېما.
چۈنكى
ھەقداسىمەن مۇشۇ تۇپراقنىڭ،
ھەر گۈل گىياھ، ھەتتا شىۋاقنىڭ.
يەنە تالاي نەۋرۇزلارغا قۇچاق ئاچىمەن،
ئەۋلادلارنىڭ يوللىرىغا گۈللەر چاچىمەن.
نەۋرۇز بىلەن پاكلانغان دەمدە
تاتلىققىنا پىچىرلاش بىلەن
قەلىبلەردىن روجەك ئاچىمەن.
بىر ساھىلنى سۆيمەكتە نەۋرۇز،
بىر ئارماندا كۆيمەكتە نەۋرۇز.
ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ ئىزاھات: قوش تىرناق ئىچىگە ئېلىنغان سۆزلەر- بارچۇقتىكى قەدىمىي يۇرتلار ۋە تارىخىي شەخسلەرنىڭ نامىدۇر.
2013- يىل 19- مارت. بارچۇق.