- تىزىملاتقان
- 2012-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-6-14
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 937
- نادىر
- 0
- يازما
- 172

- تۆھپە
- 335
- مۇنبەر پۇلى
- 575
- ئىشەنىچ
- 335
| 21-مارت، گۇما ناھىيەسى سانجۇ يېزىلىق 1-باشلانغۇچ مەكتەپ «قەدىمى ياڭاق يۇرتىدىكى مەرىپەت بۆشىكىدە نورۇز» تېمىسىدا كەڭ كۆلەملىك نورۇز پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. گۇما ناھىيەلىك مائارىپ ئىدارىسى ۋە سانجۇ يېزىسىنىڭ رەھبەرلىرى، پىشقەدەم مائارىپچىلار، تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار، ھەر قايسى يېزا-بازارلاردىكى قېرىنداش مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقوتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار ۋە نورۇز خۇمار ھەر مىللەت ئاممىسىدىن بولۇپ 3000دىن كۆپرەك ئادەم پائالىيەتكە قاتناشتى ھەم نورۇز ئېشىغا ئېغىز تەگدى. مەكتەپ سەنئەت كۇرژىكىدىكى ئوقوغۇچىلار، يېزىلىق دېھقانلار ئەلنەغمە سەنئەت ئەترىتى يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇندىغان پارتىيە، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ۋە بەختلىك تۇرمۇش مەدھىيەلەنگەن ھەر خىل ژانېردىكى مول مەزمۇنلۇق، قىزىقارلىق، نادىر سەنئەت نومۇرلىرى، ئوت يۈرەك يازغۇچى، شائېرلارنىڭ نورۇزنامە، نەسىر، شېئىرىي چاخچاقلىرى كەڭ نورۇز ئەھلىنى ھەيران قالدۇردى. ئۇنىڭدىن باشقا ۋالىبول، ۋاسكىتبول، پۇتبول، تىكتاك توپ، ئارقان تارتىشىش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش، خوراز چوقۇشتۇرۇش قاتارلىق تەنتەربىيە دوستلۇق مۇسابىقە پائالىيەتلىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، بارلىق نورۇز ئەھلىگە مەنىۋىي زوق ۋە زور خۇشاللىق ئاتا قىلىندى. بۇ پائالىيەت ئارقىلىق ئووغۇچىلار مىللى ئەنئەنە ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىگە ئىگە قىلىندى. تۆۋەندە نورۇز پائالىيىتىدىن كۆرۈنۈشلەر
|
|