تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 529|ئىنكاس: 5

«تەڭرىتاغدا نورۇز تەبەسسۇمى» ــــــــ نورۇزنامىلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1342

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
89
مۇنبەر پۇلى
964
ئىشەنىچ
89
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 10:49:58|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«تەڭرىتاغدا نورۇز تەبەسسۇمى» مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتىگە

نەۋرۇزنامىلەر
يۇلغۇن

نورۇزنامە

ئاشماقتا دۇنياغا ئىنتىزارلىقىم،
كۆك ئاسمان شامىلى كۈلىدۇ غۇر - غۇر.
تۇلپارىم تاڭلارغا قاراپ چاپماقتا،
ئارمانىم نورۇزنىڭ قۇشلىرى پۇر - پۇر.
كۆك تېرەر ئالدىراپ قۇشلار بەس - بەستە،
قاشلىرى ئوسمىنى كۈلدۈرگەن قىزلار.
باھاردەك چىرايلىق كۆك چۆچۈرىسى،
يۈرەكتىن يۈرەككە يارقىن ئىز سالار.
دېھقاننىڭ مېھرىدە، ھالال تەرىدە،
يۇيۇنار نورۇزنىڭ سىم - سىم يامغۇرى.
پوتلىسى ساڭگىلاپ قالغان تېرەكلەر،
سۈگەتلەر سۆيمەكتە چوكان تېلىنى.
شامالنى لىڭشىتقان مەجنۇنتال شوخ - شوخ،
يامغۇرنى ھۆل قىلغان گۈللەر ھۆپپىدە.
ھاياتلىق ئاقىدۇ ئېرىقلاردا لىق،
ئوچاقنى قۇچاقلاپ سۆيمەكتە پىرە.
يوللارغا يۈكۈندى بوستان دەرەخلەر،
چۆللەرنىڭ باغرىغا قەدىم بىر ئۇزلۇق.
سۆيگۈدە تىكىلگەن ئېتىزغا دېھقان،
قەلىبتىن قەلىبكە يول بار نۇرلۇق.
دادامنىڭ قەلبىدە يالقۇنلاپ ئاتەش،
كۆزىنى قىسىدۇ چوكان تاللارغا.
قۇملارنىڭ باغرىغا يېشىللىق ئاقتى،
بوستانلار تىلەيدۇ باياۋانلارغا.
يىلتىزدىن يېشىلرەڭ ھېكمەتلەر ياغار،
سۈكۈتى بۇزۇلغان تاشلارنىڭ بۇدەم.
بۇغدايلار ئۇچماقتا ئاسمانغا قاراپ،
ئانامنىڭ ھىدىغا تولماقتا ئالەم.
ئېرىقنىڭ سۇلىرى ئاقار ئويناقلاپ،
ئاي نۇرى شاقىراپ ئاقار كېچىگە.
بىر روھنى قەلبىمگە ئېقىتار نورۇز،
تاغلارغا ياماشتىم ...
چوققىلار پەستە....
***
مۇزلىغان زېمىنغا نۇر بەردى نورۇز،
ئادەمگە ھار، ئۆلۈم، ئۈمىدسىز ياشاش.
ئانا يەر ياپيېشىل، ئارزۇلار يېشىل،
كەتمەن دەستىسىدە كۈلمەكتە قۇياش!....

نورۇز لىرىكىسى
  
نورۇز كەلدى تەبىئەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى،
ناخشا توۋلاپ دېھقانلار ئېتىزلارغا ئاتلاندى.   
بۇزۇۋەتتى كاككۇكلار ئۇيقۇسىنى باغلارنىڭ،   
نورۇز كېلىپ ھەممە يەر بۆلەكچىلا شادلاندى.

كۆڭۈللەردىن كۆڭۈللەر سۇ ئىچىدۇ نورۇزدا،
تۈمەن ھېكمەت، سېھىر بار يېشىللىقتا، نورۇزدا.
تەڭرى بەرگەن ئامەتتۇر نورۇز دېگەن بىزلەرگە،
دەريا - دەريا مېھىر بار چەكسىز ئامەت نورۇزدا.

نورۇز ئېشى مىڭ ھېكمەت، ئۆلمەس ئانا تارىختۇر،
نورۇز كەلدى يوق بولدى زىمىستاننىڭ جۇدلىرى.
سېغىنىشقا لىپمۇلىق تولۇپ كەتكەن دىللاردا،
قەدىمىي بىر ئارماننىڭ لاۋۇلدايدۇ ئوتلىرى.

پەسىللەرنىڭ سۇلتانى نورۇز ئەزەل - ئەزەلدىن،
نورۇز دېگەن بۇرۇندىن زىمىستانغا كۈشەندە.
ئەجداتلارنىڭ ھېكمىتى روھىمىزنى ئۇرغۇتار،
كۈچ بىرلىكتە كۈچىيەر، ئىشمۇ ئاسان ئۆملۈكتە.

جۇدتا قالغان يۈرەكلەر ھەر كۈن باھار ئىزدەيدۇ،
نورۇز كەلدى قۇچاقلاپ گېرە - گېرە گۈللەرنى.
بىدىلىكلەر كۈلمەكتە تورغايلارغا قېتىلىپ،
ئارمانلىرىم كىشنەيدۇ تۇلپارلاردەك ئەسەبىي.

گۈلزارلىققا ئايلاندى قاقاس تاغلار، ئېتىزلار،
چېچەكلەرگە لىق تولدى قىپيالىڭاچ باغلارمۇ.
كەتتى سوغۇق، كەتتى جۇد قۇيرۇقنى قىسقانچە،
گۈلخانلارغا ئايلىنىپ يۈرەكتىكى چوغلارمۇ.

نورۇز كەلدى

نورۇز كەلدى ئەگەشتۈرۈپ خۇشاللىق،
قىن - قىنىغا پاتماي قالدى يۈرەكلەر.
سايرار قۇشلار بىر - بىرىدىن قىزغىنىپ،
بىر - بىرىدىن چىرايلىق، ئۇز چېچەكلەر.

نورۇز كەلدى كۈلدى قۇياش باشقىچە،
يېشىل لىباس كەيدى ئانا تەبىئەت.
خۇشپۇراققا تولدى باغلار، دالىلار،
يۈرەكلەردە شادلىق، ئىشەنچ، جاسارەت.

نورۇز كەلدى مېھرى ئانا قەلبىدەك،
كۈلۈپ كەتتى ئوتلۇق ئارزۇ - تىلەكلەر.
ئانا زېمىن ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى!
ۋىلىق - ۋىلىق كۈلدى گۈللەر، چېچەكلەر.

نورۇز كەلدى ئاپپاق قاردەك چېچەكلەپ،
خۇشاللىققا چۆمدى ھەر جان، ھەر گىياھ.
نورۇز چىللاپ تەشنا سوققان يۈرەكلەر،
ئالدى ئۇلۇغ ئەنئەنىنى يادىغا.

نورۇز كەلدى چېكىسىگە گۈل قىسىپ،
ئايىماستىن تۆكۈپ ئوتلۇق مۇھەببەت.
نورۇز بىزگە ئەجداتلاردىن تەۋەرۈك،
نورۇز ئېشى ئىناقلىققا كاپالەت.

نورۇز كەلدى سۆيگۈ ئېلىپ، چوغ ئېلىپ،
جۇد، سوغۇقنىڭ بىلى سۇندى، پۈكۈلدى.
نورۇز كەلدى، كەلدى بىزگە قۇت - ئامەت،
ئىتەك - ئىتەك يېشىل ياقۇت تۆكۈلدى.

نورۇز كەلدى مەلىمىزگە ھۇد كەلدى،
نورۇز كەلدى بىزنىڭ ئەلگە قۇت كەلدى.
ئېچىلدۇرۇپ گۈل - چېچەكلەر بەس - بەستە،
نورۇز كەلدى، ئامىتىمىز قوش كەلدى.

نورۇز كەلدى تۇيغۇلارنى غىدىقلاپ،
بار ئۇنىڭدا سىر، ھېكمەتلەر، بىشارەت...
نورۇز كەلدى بىخۇتلارنى بىقىنلاپ،
لاۋۇلدىدى يۈرەكلەردە مۇھەببەت.
  
نورۇز

ناخشا ئېيتپ كەلدىڭ گۈل قىسىپ،
ئۇيقۇسىدىن ئويغاندى زېمىن.
باغلار، تاغلار يېشىل تون كەيدى،
چوغدەك مېھرىڭ بولماقتا يانغىن.

سۆيگۈ بەردىڭ جانلاندى ھەممە،
ياغدى بىزگە بەخت - خۇشاللىق.
خىسلىتىڭدىن سۆيۈندى دىللار،
بۇلبۇللارغا تولدى گۈلزارلىق.

پەسىللەرنىڭ سەركىسى ئۆزۈڭ،
بار سېنىڭدە ئۇلۇغ ئەنئەنە.
دېھقان ئاتام چاچقان ئۇرۇقلار،
ئايلىنىدۇ گۆھەرگە، زەرگە.

بىر مەقسەتتە سوقار يۈرەكلەر،
ھېكمىتىڭ بار ھەربىر گىياھتا.
ئوتلۇق تىلەك، ئوتلۇق ئارماندىن،
ياڭرىماقتا جۇشقۇن كۈي - ناخشا.

سەن ئەزەلدىن بەكمۇ سۆيۈملۈك،
مۇقەددەس روھ، يوقالماس ئۆزلۈك.

86

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1342

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
89
مۇنبەر پۇلى
964
ئىشەنىچ
89
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-22 23:48:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوللارغا يۈكۈندى بوستان دەرەخلەر،
چۆللەرنىڭ باغرىغا قەدىم بىر ئۇزلۇق.
سۆيگۈدە تىكىلگەن ئېتىزغا دېھقان،
قەلىبتىن قەلىبكە يول بار نۇرلۇق.
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-15 03:34, Processed in 0.109774 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش