«تەڭرىتاغدا نەۋرۇز تەبەسسۇمى» سەھىپىسىگە نەۋرۇزغا كىرىش ئەلرام
كۆك چۆچۈرىسى
جان ئانام ئېتىپتۇ كۆك چۆچۈرىسى، ئىچىشكە ئىنتىلدىم ئۆمتۈلۈپ تۇرۇپ، داستىخان يېيىلدى، ئولتۇردى ئانام، سۆيۈندۈم، بۇ ئەقىل تۇرغاچقا يورۇپ.
ئوخشاپتۇ، لەززەتلىك كۆك چۆچۈرىسى، كۆكىگە قۇۋۋەتنى بەرگەچ ئانا يەر. سىڭگەچكە ئانامنىڭ مېھرىمۇ تولۇق، ئىچتىم - يۇ چېكەمدىن ئاقتى كۆپلەپ تەر.
سەۋەبى ھېس قىلدىم تۇپراق، شۇ كۆكتىن، ئەجىر ھەم قۇۋۋەتكە تۇتاش ئىكەن تەن. ئانام ھەم ئۇلاردىن ئاپتىمەن مېھىر، مېنىڭدىن جاۋابنى ئالماپتۇ ۋەتەن...
نەۋرۇزغا كىرىش
تۇرنىلار ھالقىپ ئۆتۈپ تاغ ئۈستىدىن، توختىماستىن ئۇچتى بۇدەم يۇرت تامان. قارىدىم ئۇلار رېتىگە زوقلىنىپ، ھەم دېدىم چىقماپتۇ ئەستىن ئۆز ماكان.
بىر تىۋىش كەلدى بوسۇغام سىرتىدىن، كىشنىدى ئارغىماق، چەۋەنداز ئۈنى ساز. بەكلا تۇيغۇن بۇ ھايات، ئىنكارمۇ يوق، چۈنكى نورۇز ئالدىدا، كەلمەكتە ياز.
قارىسام بوستان سېلىپتۇ شۇ سۆگەت، قىز جۇلا قىلىپتۇ ھەتتا ئۇ بىلەن. بىدىلەر «سوقتا» بولۇپ ئاچقاچقا يۈز، ئۇ گىلەم، قىزلار يۈزىدە بىر چىمەن.
ئەنە چىقتى ئۆيىدىن مومايمۇ خۇش، بوۋىيى ماڭغان ئۇنىڭغا ئەگىشىپ. ئەتتى ئۇلار بىر قازان ئاش، كۆرگىنىم، قالمىدى ھەرگىز ئېتىشتە تەگىشىپ.
ئاڭلىنىپ كۈلكە، ناۋا، «بەرىكەت» دېدۇق، خۇرۇچى تىلغا ئەمەس دىلغا ھۇزۇر. بۇ ئادەت كەتتى دىلىمغا سېڭىشىپ، قۇۋۋىتى تەنگە تاراپ بەرگەچ غۇرۇر.
ئاڭلىدىم، قۇشلار ئۈنىنى ئارقىدىن، -يۇرت گۈزەلدۇر، ئەتكىنى نورۇز ئېشى. سەت ئەمەسمۇ ئۇخلىساڭ بۇرۇنقىدەك، بۇ نورۇز بىلسەڭ ئەزەلدىن يىل بېشى.
باغقا قارا، ئۇ ياساندى بەكمۇ ئۇز، ئاتلىسا كۈن ئاڭلىنار كاككۇك ئۈنى. ھەممە ئىشنىڭ بېشىدۇر نورۇز دېگەن، ئۇ بىلەن قىممەت تاپار ھايات كۈيى.
قارىدىم كۆككە شۇئان، بار تۇرنىلار، ھەرىكىتىدە يادلىنىپتۇ ئۇز ۋەتەن. زەن سېلىپ باقسام نورۇز سۆزلەپتىغۇ، -مەنمۇ كەلدىم، ئويغىنىڭ مەن سىز بىلەن...
|