مۇپتىلا
كىم مىنى دەيدۇ سىنىڭ جىمجىت كىچەڭگە مۇپتىلا بىلمىسەڭ سۆزلەپ بىرەيمەن،پەرىجەڭگە مۇپتىلا. توڭلۇدۇم قار مۇز يېغىپ بارسام ئۆيۈڭگە بۇ كىچە،
ساقلىدىم سۇبھىگىچە مەن،دەرىزەڭگە مۇپتىلا.. قىچقىرىپ ھاردى خورازمۇ ئارقىدىن قاقتى قانات،
‹‹تىلىچە››دان،سۇ دېدى ئۇ،سەدىقەڭگە موپتىلا.. ئاڭلىغاندا شەپىنىكىم،قاۋىدى ئىتلارمۇ ھەم،
ئۇ دىدىكى ئوغرى كەلدى!-خەزىينەڭگە مۇپتىلا.. سەن چىقىپ ئاشتىڭ ئىشىكنى ۋە يەنە غۇلاچ كېرىپ،
تۇرغۇنۇڭدا تەلمۈرۈپ،مەن ئۆزەڭگە موپتىلا..
ئورتاقلاشما ق
بىر يەرگە بىرىشچۈن ئىزدىسەم سەۋەب،
يادىمغا سەن كەلسەڭ ئاقتىم ھەم دەۋرەپ. ئالۋۇنلار بىر تەرەپ، شاۋقۇن بىر تەرەپ، ئايلىنار ئۈستۈمدە مەست چەرخى پەلەك.
سەن تامان يۈگۈرسەم-يۈرسەم يالاڭ ئاياغ،
-«دادابۇ، نە سەۋدا ؟»-دىسىمۇ قىزىم. ئىختىيار مەندە شۇ ئالدىمغا ماڭماق، جاۋاپقا ئورۇن يوق،يوق مەندە سىزىم.
سەن تامان يۈگۈرسەم-يۈرسەم يالىڭاچ،
گەدەننى بېسىپتۇ ئۆسۈپ كەتكەن چاچ. ھەركەتتۇر ئۆزۈمگە سىنى سېغىنىش، قوزغىتىش رولىنى ئوينار يەردىن تاش.
يورۇتۇش رولىنى ئويناپكىم يۇلتۇز،
ئاشۇرار سۈرئەتنى توڭلاپ ياتقان مۇز. ئۈزلۈكسىز كىڭىيىپ تەبىئى تار بوغۇز، سوزۇلۇپ ياتاتتى قار ياغقان كەچكۈز.
بولغاچقا بۇ دېگەن ئون ئىككىنچى ئاي،
قار بىلەن قاپلانغان ئىدى كەڭرى ساي. كۈندۈزدە قۇياش يوق، ئاسمان بۇلۇتلۇق، نەگىدۇر مۆكۈۋېلىپ يورۇق بەرمەس ئاي.
ئاپئاق شاخ، ئاق ياپراق گۈللۈكۈم ئىدى،
ئاق بولماق،ئاق توزغاق يۆللۈكۈم ئىدى. قاقلانماق،قوغدانماق ئىزدىسەم سەندىن، ئۆيۈڭ ھەم بالكۇنۇڭ كۈنلۈكۈم ئىدى.
ئاقلىقىم بىر ساڭا كەتسۇن سىڭىشىپ،
ئەينىكىڭ چۈشۈپ كەتسۇن، ئالغىن ئېڭىشىپ. ئىككىمىز ھاسىل قىلىپ بىر خىل ئورتاقلىق، ئىش قلىساق دەيمەن شۇ، ئويلاپ-كېڭىشىپ. مەنبە ئۆزئىجادىيىتىم مەخمۇت سەلەي(مەيپۇرۇچ) |