<<تەڭرىتاغدا نورۇز تەبەسسۇمى>> مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى باشلاندى
نورۇز ـــ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قۇتلۇق، ئەڭ چوڭ، ئەڭ زور تەنتەنە بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان قەدىمكى يېڭى يىل بايرىمى بولۇپ، شەمسىيە (قۇياش) كالېندارى بويىچە يىل ئاخىرلىشىپ يېڭى يىل كىرگەن كۈنى، مىلادىيە كالېندارى بويىچە ھەر يىلى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۆتكۈزۈلىدۇ. ‹‹نورۇز›› ئۇيغۇرچە ‹‹يېڭى كۈن›› يەنى ‹‹يىل يېڭىلانغان كۈن›› دېگەن سۆز. تارىختا پارسلار (ئىرانىيلار) بىلەن بولغان دىنىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ قويۇقلىشىشى بىلەن كېلىپ چىققان ‹‹پارس تىلى قىزغىنلىقى›› نىڭ ئارقىسىدا تىلىمىزدىكى ‹‹يېڭى كۈن›› دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئورنىدا پارسچە ‹‹نەۋرۇز›› سۆزى قوللىنىدىغان بولغان. ‹‹نەۋرۇز›› ئىستېمال جەريانىدا تەدرىجىي تاۋۇش ئۆزگىرىشى يۈز بېرىشى بىلەن ‹‹نورۇز›› شەكلىگە كەلگەن. يېڭى يىل ئۆتكۈزۈش ئادىتى بىر خىل مەدەنىيەت ھادىسىسى سۈپىتىدە دۇنيا مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگەندەك ئومۇملۇققا ئىگە بىر ئادەت. مەلۇمكى، ھەر قانداق بىر مەدەنىيەت ھادىسىسى ئەزەلدىنلا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىش ۋە تارقىلىشتىن خالىي بولغان ئەمەس. ئەمما ئۇنىڭ مەلۇم بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشىدا ئادەت بولۇپ شەكىللىنىش تارىخىي جەريانىنىڭ ئوخشاش بولمايدىغانلىقى ياكى قىسمەن ئوخشاپ كېتىدىغان ئامىللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا ئۇنىڭ ئۆتكۈزۈلىدىغان ۋاقتى، شەكلى، مەزمۇنىمۇ ھەرخىل بولىدۇ ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆزىگە خاس پىسخولوگىيەلىك پائالىيەت شەكلىدە ئىپادىلىنىدۇ. ئەجدادلىرىمىز بولسا، يېڭى يىلنى مىلادى 3- ئاينىڭ 22- كۈنى ئۆتكۈزۈپ ئادەتلەنگەن. مانا مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى شىنجاڭ تەبەسسۇم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن بىرلىكتە «تەڭرىتاغدا نورۇز تەبەسسۇمى» مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، كەڭ تورداشلارنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرگە، تورداشلار ئەۋەتكەن نورۇز توغرىسىدىكى ئەدەبىي ئەسەر، فوتو سۈرەت، قىسقا فىلىم ۋە ھۆسىنخەت قاتارلىقلارنى بەت يۈزىدە نامايان قىلىپ، نورۇز بايرىمىغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە بولماقچى. مۇسابىقە شەرتلىرى: 1.مۇسابىقىگە ئەۋەتىلىدىغان ئەسەرلەر تەڭرىتاغ مۇنبىرى «تەڭرىتاغدا نورۇز تەبەسسۇمى» مۇكاپاتلىق ئەسەر سەھىپىسىگە يوللىنىشى كېرەك. 2.مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنىڭ ژانىرى چەكلەنمەيدۇ، بىراق چوقۇم نورۇز بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسەرلەر بولۇشى كېرەك. ئەدەبىي ئەسەر، فوتو سۈرەت، نورۇز ھەققىدە ئىشلەنگەن قىسقا فىلىم، نورۇزغا ئاتاپ يېزىلغان ھۆسىنخەت قاتارلىق ئەسەرلەر قوبۇل قىلىنىدۇ.(سۈرەتلەر چوقۇم نورۇز توغرىسىدىكى گۇرۇپپىلىق سۈرەتلەر بولۇشى كېرەك. 3.مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلغان نورۇزلۇق ئەسەرلەر باشقا مەتبۇئات ياكى تور بەتلەردە ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى، مەزمۇنى ساغلام، چۈشىنىشلىك، مەركىزىي ئىدىيە ئېنىق گەۋدىلەنگەن بولۇشى لازىم. كۆچۈرۈلگەن ئەسەرلەر، ياكى باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئۆز نامىدا ئېلان قىلغانلارنىڭ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلانغاندىن باشقا، قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. مۇسابىقە -15مارت رەسمىي باشلىنىدۇ، ئەسەرلەر يىغىلىپ مەلۇم چەككە يەتكەندە، بېلەت تاشلاش پائالىيىتى باشلىنىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشىلگەن ئەسەرلەر بېلەت سانىنىڭ ئاز-كۆپلۈكى بويىچە تاللىنىدۇ. پائالىيەت دەرىجىسى ۋە بېرىلىدىغان مۇكاپات بۇيۇمى:
بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات بىر نەپەر، مۇكاپات بۇيۇمى BCD-171K تىپلىق تەبەسسۇم توڭلاتقۇسى. توڭلاتقۇنىڭ سىرتىغا مىللىيچە نەقىش ۋە داڭلىق خەتتاتلارنىڭ شېئىرلىرى بېسىلغان. سىرتىغا سىزىلىشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان ئەينەك ئورنىتىلغان، سىغىمى چوڭ، توك سەرپىياتى تۆۋەن، ئىككى تەڭشەكلىك بولۇپ، تەڭشەكلەرنى ئايرىم تەڭشىگىلى بولىدۇ.
ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات ئىككى نەپەر، مۇكاپات بۇيۇمى يۇقىرى بېسىملىق قازان. بۇ قازان رەقەملىك كۆرسەتمە ئارقىلىق مەشغۇلات قىلىنىدىغان بولۇپ، 10 خىل بىخەتەر قوغداش قۇرۇلمىسى سەپلەنگەن، ياسىلىشى سىپتا ۋە كۆركەم بولۇپ، كەڭ خېرىدارلارنىڭ ياقتۇرۇپ سېتىۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات: ئۈچ نەپەر، مۇكاپات بۇيۇمى تەبەسسۇم ماركىلىق DVD ئاپپاراتى بولۇپ، بۇ DVD ئاپپاراتلىرى دەيلەرنى تاللىماي ئوقۇش، دەينىڭ يۈزىنى جىجىۋەتمەسلىك، شەكلى كۆركەم ۋە سىپتا بولۇش قاتارلىق ئالاھىلىدىكلەرگە ئىگە. شىنجاڭ تەبەسسۇم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى نورۇز بايرىمىمىزنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن تورىمىز تەشۋىقات سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، كەڭ تورداشلارغا ئۆزىنىڭ يازغان ئەسەرلىرىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلىدى، مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن شىنجاڭ تەبەسسۇم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىگە ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز. كەڭ تورداشلارنىڭ بۇ خۇشخەۋەرنى ئەتراپىدىكىلەرگە تەۋسىيە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. |