تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 83|ئىنكاس: 3

توردەۋرى ھەققىدە ئويلىنىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

31

تېما

8

ئەگەشكۈچى

634

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
49
مۇنبەر پۇلى
406
ئىشەنىچ
49
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردەۋرى ھەققىدە ئويلىنىش
ئەركيارتەرجىمىسى

      تور ئىجتىمائى تۇرمۇشىمىزدا كەڭ قوللىنىشقا ئېرىشتى،تەسىرىمۇ زور بولماقتا ھەم كىشلەر تورغا بىرخىل ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىماقتا.نۆۋەتتە، يېڭىچە تورمەھسۇلاتلىرى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىپ كىشىلەرنىڭ تورغا نىسبەتەن تۇنۇشىنى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاشتۇرماقتا.بۇ خىل پەۋقۇلئاددە  تاينىشقا قاراپ شۇنداق دېيەلەيمىزكى،تېخنىكا ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر ۋە ھەرىكىتىگە غايەت زور تەسىر كۆرسەتتى.ئۇنداقتا،تورنىڭ تەپەككۇر شەكلى ۋە ھەرىكەت شەكلىگە ئېلىپ كەلگەن تەسىرىنى قايسى تەرەپلەردىن چۈشىنىش مۇمكىن؟ ئىنتىرنىت دەۋرىدە،مەۋھۇملاشقان كىشىلىك ئالاقە يېڭى بىرخىل«ھالقىش»قا قاراپ تەرەققىي قىلالامدۇ؟ بۇلار  ئويلىنىپ كۆرۈشىمىزگە تېگىشلىك مەسلىلەردۇر.
     «تېزتائام»چە ھەزىم قىلمايلا ئوقۇشتىكى چۇڭقۇرلۇق قەيەردە؟
     كىتاب-ژۇرناللار دەۋرى كىشىلەرنىڭ سىزىقلىق تەپەككۇر ئەندىزىسىنى ياراتقان ئىدى.كىشىلەر بىركىتابقا چوڭقۇر چۆكۈپ، كىتابنىڭ بەت سانى، مەزمۇن تەرتىپىگە دېققەت قىلىپ لوگىكىلىق تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئىشقا سېلىپ  پىكىر قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيتتى.تور دەۋرىنىڭ يېتىپ كېلىشى بىلەن «پەيتىدە»بولۇشنىلا قوغلىشىپ،ئەنئەنىۋى ئوقۇش شەكلىنىڭ ئورنىنى «تېزتائامچە»ئوقۇش ئالدى.پىسخولوگ مارىئاننا.ۋورفنىڭ ئېيتقىنىدەك:« ئوقۇغان مەزمۇندىن قارار قىلىپلا قالماي،ئوقۇش شەكلىدىنمۇ قارار چىقىرىدىغان»،«مائۇس يەڭگىل چېكىلىپ تۇرىدۇ،مەزمۇن توسۇلۇپ-دۆۋىلىنىپ تۇرىدۇ»غان ئوقۇش ھالىتى شەكىللەندى.ئوۋچىنىڭ قىزىقىشغا ئوخشاش پىسخىكىدا تۇرۇپ چېكىلگەن توريازمىلىرىغا چۇڭقۇرلاپ تەپەككۇر قىلىش نېسىپ بولماي،«چېكىش مەدەنىيتى»تەسىرىدىكى سىزىقسىز تەپەككۇر،مەلۇم ئۇچۇردىن باشلىنىپ سىرتقا كېڭىيىپ چېچىلىپ كېتىدىغان تەپەككۇر قۇرۇلمىسى تورئەھلىدە بىر قېتىمدا ئىككى ئىشنى ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ ئىشنى ئويلايدىغان تەپەككۇر ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ قويىدۇ.نۇرغۇن كىشىلەر تورغا چىققاندا بىرقانچە كۆزنەكنى ئېچىۋالىدۇ،ئوخشىمىغان كۆزنەكتە ئوخشىمىغان ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ ئۇچرىشىدۇ.ھەتتا،باشقا قوللىنىشچان دېتاللارمۇ بۇنىڭغا قوشۇلۇپ ئىشلەۋاتقان بولىدۇ.
      تورمەدەنىيتىنىڭ ئۇنىۋېرساللىقى يېزىق ۋە رەسىمنىڭ چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ ئوبرازلاشتۇرۇلغان «كۆرۈش» دۇنياسىنى كىشىلەرنىڭ ئالدىغا يايدى.ھالبۇكى، ئويلاشقا ئېتىبار سۇسلاشتى. تېزتائام مەدەنىيتى تەسىرىدىكى ھاسىلاتلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىخچام،ئۇششاقلانغان شەكىلدە كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل مۇھىتتا يېتىلىدىغىنى«مەزمۇن تەرجىمانلىقى»، كەم قالغىنى بولسا مەسلىگە قارىتا ئويلىنىش جەريانى.بۇ ئەھۋال ئۇزاق داۋام قىلسا ئادەمنىڭ تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ.
      «كىشىلەرنىڭ تورئارقىلىق ئىگىلەيدىغان ئۇچۇرى ئىنتايىن كۆپ،ئەمما چۇڭقۇر چۈشىنىش ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ،يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ئەقلى بىلىشكە يېتىشى كەمچىل.نەتىجىدە بۇ ئۇچۇرلار كۆز ئالدىدىن ئۆتكەن تەسىراتلا بولۇپ قالىدۇ.كىشىلەرنىڭ دېققىتى تېخىمۇ چېچىلىپ تۇرمۇشىدىمۇ پارچىلىنىش بولىدۇ.تەپەككۇر شەكلى تېخىمۇ ھېسسىيلىشىدۇ،ئەقلىي تەپەككۇر ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ،شەخسنىڭ ساپاسى ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىغا بەلگىلىك پايدىسىز تەسىرلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ» جىنەن ئۇنىۋېرسىتېتى ئاخبارات ۋە تارقىتىش ئىنىستىتۇتىنىڭ دوكتۇرلاريېتەكچىسى دوڭ تىيەن سې پروففىسور تەشۋىشلىنىپ شۇنداق دەيدۇ.
*خەنزۇچە ئەسلى مەنبە: http://news.xinhuanet.com/politics/2011-11/26/c_122338890.htm

45

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1988

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1092
مۇنبەر پۇلى
748
ئىشەنىچ
1092
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 01:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەتىراپلىق يۇرىتىپ بىرىپسىز،رەخمەت.

1

تېما

21

ئەگەشكۈچى

2019

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
569
مۇنبەر پۇلى
904
ئىشەنىچ
569
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تور ھەققىدىكى يۈزەكى بىلىملىرىمنى ئاز-تولا چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمغا ياردىمى بولدى ، رەھمەت .

6

تېما

5

ئەگەشكۈچى

1027

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
636
مۇنبەر پۇلى
427
ئىشەنىچ
636
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 10:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيسىز .بۇھەقتىكى ئىزدىنىش ھەقىقەتەن يىتەرلىك ئەمەس.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-3-20 13:15, Processed in 0.101922 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش