دىھقانلار ئۈزۈم ئىچىشقا ئاتلاندى پىچان ناھىيسىنىڭ لەمجىن بازىر خاندۇ رايونىنىڭ ھەر قايسى كەنىتلىرىدە بۇ يىل باھار بايرىمى ئۆتۈشى بىلەنلا دىھقانلار بەس-بەستە ئۈزۈملىكلىرنىڭ تەييارلىق ئىشلىرىنى باشلىۋەتتى . بۇ يىل لەمجىن بازىرىنىڭ خاندۇ شا كەنتى 4-گۇرۇپ ئەزاسى ئىمەر ئابدۇراخمانمۇ ئۈزۈملۈكنى بالدۇر ئېچىشقا تەرەددۇت قىلدى. مەن 2013-يىلى 3-ئاينىڭ 15-كۈنى ئىمەر ئابدۇراخماننىڭ ئۈزۈملىكىگە بېرىپ مەخسۇس زىيارەت قىلغىنىمدا ئىمەر ئابدۇراخمان بۇ يىللىق ئۈزۈم ئېچىش ئەھۋاللىرىنى بىر قۇر سۆزلەپ مۇنداق دېدى :ــــ بۇ يىل مەن ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىز ئۈزۈملىكىمىزنى ئۆزىمىز ئېچىپ تۈگىتىشكە ئىرادە باغلىدۇق. مەن ئۇنىڭدىن قانچە مو ئۈزۈملىكى بارلىغى،قانچىلىك ۋاقىتتا ئېچىپ بولىدىغانلىقىنى سورىسام ئۇ ماڭا تەپسىلى چۈشەندۈرۈپ: ـــ مەن ئوغلۇم بىلەن ئىككىمىز ئالدىرىماي ئۆيگە بېرىپ كېلىپ قورساق ئاچقاندا تامىقىمىزنى يېگەچ ئاچساق 10 كۈن ئەتراپىدا ئېچىپ بولغۇدەكمىز،بىزنىڭ 7 مودىن ئارتۇق ئۈزۈملىكىمىز بار، مەن بۇ يىللىق ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققىنى سۈرۈشتۈرۈپ باقتىم، ئۈزۈم ئاچىدىغان ئىشلەمچىلەرنى ئۇقۇشسام، ئۈزۈملىكنىڭ ھەر بىر موسىنى 600 يۈەندىن- 700 يۈەنگىچە ئاچىدىكەن، ئەگەر مەن ئىشلەمچىلەرنى سالسام نۇرغۇن پۇل چىقىم قىلغۇدەكمەن شۇڭا ئۆزىمىز ئېچىشنى قارار قىلدۇق، مۇشۇنداق بولغاندا مەن 4000 يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى تېجەپ قالغۇدەكمەن، مەن بۇ 4000 يۈەندىن ئارتۇق پۇلنى بىكارلا سىرتقا چىقىرۋاتقاندىن كۆرە بۇ پۇلنى ئائىلە تۇرمۇشىمىزغا ئىشلەتسەك نەچچە ئاي ئائىلە تۇرمۇشىمىزنى قامدىۋالغۇدەكمىز. مەن ئىمەر ئابدۇراخماندىن يىلدا قانچىلىك كىرىم قىلىدىغانلىقىنى، بۇنداق جاپالىق ئىشلىسە چارچاپ كېتىدىغانلىقى توغرۇلۇق بىر قاتار سوئاللارنى سورىسام، ئۇ ماڭا يىلدا 80-90 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا كىرىم قىلىدىغانلىقى، ئۆتكەن يىلى ئۈزۈم باھاسى بىراقلا يۇقىرى ئۆرلەپ ئۈزۈمدىنلا 120 مىڭ يۈەن كىرىم قىلغانلىقى سۆزلەپ بەردى. مەن ئۇلارنىڭ ئۈزۈملىكىدىن ئايرىلىپ، بىر نەچچە ئائىلىنىڭ ئۈزۈملىكىنى زىيارەت قىلغىنىمدا، ئاساسەن ئوخشاشلىقىنى ھېس قىلىپ ئىچىمدە بۇ ياخشى ئەھۋال ئىكەن مەبلەقنىڭ سىرتقا چىقىپ كىتىشنىڭ ئالدى ئېلىنسا دېھقانلارنىڭ ئائىلە تۇمۇشى ياخشىلنىپ تېخىمۇ بېيىش ئارقىلىق ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش قەدىمى تېزلەشكىدەك دەپ ئويلىدىم. 2013- يىلى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى
|