ئۇنتۇپ كېتىپ يۈرمىگىن مېنى ئاپتورى : قەلەمىي كۆڭلۈڭ تۇرۇپ ئالداپ ئۆزۈڭنى . قاچۇرۇپ يۈرۈپ شەھلا كۆزۈڭنى . بەرمەي ماڭا شىرىن سۆزۈڭنى ... ئۇنتۇپ كېتىپ يۈرمىگىن مېنى . .
سەندىن ئۆزگە سوقمايدۇ يۈرەك . بەر قولۇڭنى بولۇپ سەن يۆلەك . سەنسىز ھالىم بولغۇسى ئۆلەك ... ئۇنتۇپ كېتىپ يۈرمىگىن مېنى .
سەنسىز كۈلۈپ باقماس ھېچ باھار . سەنسىز يامغۇر تاش بولۇپ ياغار . سەنسىز يېشىم دەريا بوپ ئاقار ... ئۇنتۇپ كېتىپ يۈرمىگىن مېنى .
بىللە يۈرگەن چاغنى ئەسلىگىن . بىللە يىغلاپ بىللە پەسلىگىن دۈشمىنىمنى كۆرسەڭ قەسلىگىن . ئۇنتۇپ كېتىپ يۈرمىگىن مېنى.. . |