نورۇز نامە
مىجىت ماڭسۇر
كەلدى نورۇز مەرھابا، يۇرتۇمدا مەشرەپ قاينىدى، ھىممىتى ئالەمچە شاتلىق،ھەممە كۈلدى يايرىدى.
يېپيېڭى ھىسلار بىلەن تولدى زىمىن ھەم كۆك ساما، جۈر بولۇپ ئالقىش ئۈچۈن ھەر جاندا ياندى ئوت-لاۋا.
يۇرت ئىچى بولدى گوياكى توي قاينىغان بىر سەيلىگاھ، يۇمدى كۆزىنى قىش-زىمىستان، ماڭدى ئىزلەپ قەبرىگاھ
چەكسىز ئۈمۈت-ئارزۇ بىلەن ماڭدى بوۋايلار بەزمىگە، ئەگەشتۈرۈپ نەۋرىللىرىنى مومايلارمۇ نەزمىدە.
يار ئەيلىگەي قۇت بەلگىسى بىزلەرگە ئامەتتىن سادا، بولغۇسىدۇر ئەجدات روھى بىزلەرگە ھەردەم باش پاناھ.
مەنبە: ئۆزقەلەم. 2013-3-15 |