قاراپ قالدىم
سەن ئالدىمدىن ئۆتسەڭ،-كەتكۈچە، قاراپ قالدىم ئارقاڭدىن بىردەم. شۇ پۇرسەتنى بەرسەڭ يەتكۈچە، قاراپ قالدىم ئارقاڭدىن بىردەم. سەن ئالدىمدىن ئۆتسەڭ سەھەردە،
يىراقلاردا يۈرسەڭ سەپەردە، ئۇچۇرتۇپلا قالسام ھەر يەردە، قاراپ قالدىم ئارقاڭدىن بىردەم. سەن ئالدىمدىن ئالغان چاغدا يول،
مەن ئارقاڭدىن پۇلاڭلىتىپ قول. قايتىپ كەلسەڭ سۇنۇپ تۇرۇپ گۈل، قاراپ قالدىم ئارقاڭدىن بىردەم. نىچۈن دىسەڭ بۇ ماڭا ھەۋەس،
ساچلىرىڭغا قوندۇرساڭ قىل،خەس. ئۆزگە سىنىڭ ئالدىڭدا دىمەس، قاراپ قالدىم ئارقاڭدىن بىردەم. گەر ئالدىمدىن ئۆتسەڭ ئۇزۇتۇپ،
ئۈستى بېشىڭ ئالدىم كۈزۈتۈپ. ئاتايىتىن قويدۇم تۈزۈتۈپ، قاراپ قالدىم ئارقاڭدىن بىردەم. قىرانلىقتىن كەتسەم،ئىگىلىپ،
چۈنكى مىنى يوقلايسەن كىلىپ. شۇ ياشلىقنى ئىسىڭگە سېلىپ، قاراپ قالدىم ئارقاڭدىن بىردەم.. مەنبە ئۆز ئىجادىيىتىم مەخمۇت سەلەي (مەيپۇرۇچ) |