سۆيگۈ ئالبۇمى
ياۋاكۆز
سۇ ئىچەلمەي بۇلاقتىن شامال، دېڭىزلاردىن ياسايدۇ تاشقىن. باياۋانغا دۈملەنگەن ئورمان، تاشقىنلارغا باغرىڭنى ئاچقىن.
قۇمۇشلۇققا باغلانغان كۆلچەك، كىچە ئايدىن سۆيگۈ سورايسەن. تاش لېۋىدىن ئۈنۈپ چىققان گۈل، سەن نىمانچە ئازاپ پۇرايسەن؟!
قان رەڭگىگە چىلاشقان شەپەق، تاغ قەلبىگە قويماقچىكەن ئوت. ئىس-تۈتەكتە ئۈكلەنسە يۇلتۇز، ھەسرىتىگە يىغلاپ قوي بۇلۇت.
غىرىب كۈزگە ئۇلاشقان ياپراق، شىۋرغاننى چاغلايدۇ كىچىك. قار باسقاندا كىرپىكلىرىنى، نەۋ باھارغا بولىدۇ سىزىك.
بۈركۈتۈڭدىن كۈنلىمە يايلاق، قۇزغۇن بىلەن يۈرىۋالمىدى. ئەيىبلىمە ئۆزۈڭنى زەيناپ، كاككۇك تىخى ئۆلىۋالمىدى.
2013-يىلى03-ئاينىڭ15-كۈنى. ئۆرۈمچى. |