ئاتالغۇلارغا يېڭى ئىزاھات تاماكا: 20 پاي ئوق قاچىلانغان تاپانچا، ئاساسلىقى ئاستا خاراكتېرلىك ئۆلۈۋېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. داڭلىق ئىت: قىممەت باھالىق ئەتىۋارلىق بۇيۇم، ئۇنىڭ رولى «ئىت ئىگىسىگە تايىنىش» نى «ئىگىسى ئىتقا تايىنىش» قا ئۆزگەرتىشتىن ئىبارەت. لەۋ سۇرخ: قان ماددىسىنى ئاشۇرىدىغان تاشقى كېسەللىكلەر دورىسى. قاش قەلەم: دىيالېكتىكا ئوقۇتقۇچىسى سۆزلەيدىغان «قارا چاپلاش - سەتچىلىك» تىن ئىبارەت. ھاراقكەش: ھاراقنىڭ يول باشلاپ مېڭىشى بىلەن نوپۇسىنى باشقا بىر دۇنياغا يۆتكەيدىغانلار. كۈلدان: جەسەت كۈلى قۇتىسىنىڭ ئىپتىدائى ھالىتى. تاپشۇرۇق: ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىلىرىغا دەرس ۋاقتىدا ئۆزلىرىنىڭ مۈگدەپ قالمىغانلىقىنى، گازىر چاقمىغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دوكلات. پارتىداشلار: ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدە دائىم ئۆزئارا زىددىيەتلىشىپ، پارتىغا چېگرا سىزىقى سىزىپ، ئورۇن تالىشىدىغان، ئەمما ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن كىشىنى ئەڭ ئەسلىتىدىغان كىشىلەر.
مەنبە: ئەدەبىي تەرجىمىلەر 2005 - يىل 5 - سانىدىن |