تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 153|ئىنكاس: 5

يۈز خەتلىك فېليەتونلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

19

تېما

1

ئەگەشكۈچى

426

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
بەشبالىق@
تۆھپە
77
مۇنبەر پۇلى
234
ئىشەنىچ
77
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبالىغچىلىكنىڭ سىرى

    تۆت چاسا دېيىلگەننى بىر سىقسىلا يۇمىلاق بولۇپ قالىدۇ. يۇمىلاق دېيىلگەننى بىر سىقسىلا ياپىلاق بولۇپ كېتىدۇ. ئېغىز: پولات - تۆمۈردىنمۇ چىڭ. پاكىت: خېمىردىنمۇ يۇمشاق. نەتىجە: باش قاتۇرۇپ توقۇپ چىقىرىلغان. تەجرىبە: كۈچ سەرپ قىلىپ ئويدۇرۇپ چىقىرىلغان. شۇم خەۋەر: ئانچە - مۇنچىلا سۆزلەپ قويۇلغان. خۇش خەۋەر: ئالاھىدە سۆزلەنگەن.

ئىشچى قوبۇل قىلىش ئېلانىنىڭ سىرى

    1. ئايلىق ئىش ھەققى 1000-300 يۈەنگىچە (ئۇ چوقۇم 300 يۈەن).
    2. ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلىمەيدۇ (ئۇ چوقۇم 12 سائەتلىك ئىش تۈزۈمى).
    3. پىرسەنت بېرىلىدۇ (چوقۇم 12سائەتنىڭ سىرتىغا پىرسەنت بېرىلىدۇ).
    4. دەم ئېلىش ۋاقتى بار (ئىش بولمىغاندا پۈتۈنلەي دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، ئىش ھەققى تۇتۇپ قېلىنىدۇ)
                                    
يېڭىچە «قاراش، پۇراش، سوراش، تومۇر تۇتۇش» ئارقىلىق كېسەل كۆرۈش

    تېبابەتچىلىكتە ئەسلىدە دوختۇر - تېۋىپلار كېسەللەرنى «قاراش، پۇراش، سوراش، تومۇر تۇتۇش» پىرىنسىپى بويىچە تەكشۈرەتتى. ھازىر بەزى دوختۇرلار كىلىنىكىدا ئۆزگىچە يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭىچە «قاراش، پۇراش، سوراش، تومۇر تۇتۇش» ئارقىلىق دىياگنوز قويۇش ئۇسۇلىنى ئىجاد قىلغان.
    قاراش: بىمارلارنىڭ كەسپى ۋە ئۆز كېسىلىگە جىددىي قاراش دەرىجىسىگە قاراپ، قانچە پۇللۇق دورا يېزىش ئۈچۈن ھازىرلىنىش.
    پۇراش: بىمارنىڭ ئىدارىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالى، ھۆكۈمەت خىراجىتى ياكى ئۆز خىراجىتى بىلەن داۋالىنىدىغانلىقىنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا قانچىلىك دورا ساتالايدىغانلىقىنى بېكىتىش.
    سوراش: بىمار ماگنېتلىق رېزونانىس ئاپپاراتى ياكى پۈتۈن ئەزاسىنى س ت دا تەكشۈرەمدۇ، بالنىتسىدا ياتامدۇ سوراپ بىلىش.
    تومۇرىنى تۇتۇش: بىمارنىڭ تومۇرىنى تۇتۇپ كۆرۈپ، قەلىمىنى بىر ئوينىتىپلا مەيلى ئۇ زۇكام بولۇپ قىزىپ قالغان بولسۇن، مەيلى ئاشقازان كېسىلى، قەۋزىيەت بولسۇن، ئۇنىڭدىن 4-5 مىڭ يۈەننى سۇغۇرۇپ ئالماي قويۇپ بەرمەسلىك.

    مەنبە: ئەدەبىي تەرجىمىلەر 2003 - يىل 5 - سانىدىن

45

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1988

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1092
مۇنبەر پۇلى
748
ئىشەنىچ
1092
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئەمگىگىڭىزگە رەخمەت....

14

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1283

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
Jackie
تۆھپە
515
مۇنبەر پۇلى
543
ئىشەنىچ
515
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭىكەن!

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

284

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
66
مۇنبەر پۇلى
152
ئىشەنىچ
66
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەبى ژانىرلار ئىچىدە فىليەتون ئەڭ جانلىق ئىپادىلەش شەكلى،ھەمدە جەلىپ قىلىش كۈچى،قاراتمىلىقى كۈچلۈك...   ياخشى تىما يوللاپسىز.

1

تېما

14

ئەگەشكۈچى

1743

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
713
مۇنبەر پۇلى
731
ئىشەنىچ
713
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزگىچىكەن
ۋۇجۇد ئېزىتقۇ،ئەقىل تىزگىن !دوستلىرىڭ دوست بولغىنىدۇر ئېشىڭغا،
يەتسە مېھنەت بىرى كەلمەس قېشىڭغا.
بولسا كىم مېھنەتتە دوست ئۇ جانغا دوست،
دوست ئەمەس دۆلەتتە دوست،ئۇ نانغا دوست!
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
ئاجايىپ ياخشى يېزىلغان، ئاز ھەم ساز  فېلتەتونلاركەن!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-3-20 13:13, Processed in 0.108764 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش