بىنورمال
(ھېكايە)
ياسىنجان سابىر يېقىندىن بېرى نېمە بولدىمكىن بىلمىدىم ، بەلكىم ھېلىقى بىنورمال دوستۇمنىڭ تەسىرىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەبتىنمۇ ئۆزۈممۇ تازا ئىنىق بىر نىمە دىيەلمەيمەن . غەلىتە بىر خىيال كاللامغا كىرىۋالدى . بۇ ىىيالدىن ئادەمنىڭ غىدىقىنى كەلتۈرىدىغان سوئاللار تۇغۇلاتتى . بىر كۈنى كىتىپ بېرىپ ئالدىمدىكى ئىككى قىزغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ، ئۇلار بىر خل مۇدىدا ئوخشاش كىيىنگەن بولۇپ ، قەدەملىرىمۇ تەكشى بىر خىل ئىدى . ئۇلار بىر نىمىلەرنى دىيىشىپ ماڭاتتى ، يەنە تۇيۇقسىزلا كۈلۈشۈپ كىتەتتى . بۇنداق ئەھۋاللارنى تولا كۆرگەن بولساممۇ لىكىن بۈگۈنكىدەك غەلىتە خىيال كاللامغا كىلىشى تۇنجى قېتىم ئىدى . دەل شۇۋاقىتتا قىزلار نىمە ئۈچۈن داۋاملىق ئىككىدىن ياكى ئۈچتىن بولۇپ بىللە مېڭىشنى ياخشى كۆرىدىغاندۇ ، كىچىسىغۇ قورقۇپ بىللە ماڭىدىغاندۇ ، ئەمدى كۈندۈزىمۇ بىرەر نەرسىدىن قورقامدىغاندۇ ؟ ئەگەر بۇ غەلىتە خىيال باشقىلارنىڭ كاللىسىغا كىلىپ قالغان بولسا ئانچە ئويلىنىپ كەتمىگەن بولاتتى ، لىكىن مىنىڭ جاھىل مىجەزىم بۇنىڭغا يول قويمىدى . بۇنى ئۆزۈممۇ ئويلاپ تىگىگە يىتەلمىدىم ، باشقىلاردىن سوراشقا تېخىمۇ پىتىنالمىدىم .چۈنكى بۇنداق گەپلەرنى باشقىلارغا دەپ بېرىش ئۇلارغا قىززىق بىر يۇمۇر ئېيتىپ بەرگەندەكلا بىر ئىش بولاتتى – دە ئۆزۈممۇ كۈلكىگە قېلىشىم ئىنىق ئىدى . شۇڭا مەن بۇ غەلىتە سوئالىمنى ھېلىقى بىنورمال دوستۇۇمدىن سوراشنى توغرا تاپتىم . بۇ دوستۇمنىڭ بىنورمال دەپ ئاتىلىپ قېلىشى ئۇنىڭ يول ماڭغاندا ئازراق ئالدىغا ئېڭىشىپ مېڭىشىمۇ ، سۇغا چۈشكەن مۈشۈكنىڭ تۈكلىرىدەك قىلىپ تىكلەپ تارىۋالغان چېچىنىڭ سەۋەبىدىنمۇ ئەمەس ياكى ھەممە ساۋاقداشلىرىمىز ئۆتۈش تەس دەپ يۈرگەن ماتىماتىكا ئىمتىھانىدىن ئۇنىڭ تولۇق نومۇر ئېلىشىمۇ ئەمەس بەلكى دەل ئۇنىڭ ئادەم ئويلاپ باقمىغان سوئاللارنى سوراپ غەلىتە خىياللارنى قىلىپ يۈرۈشىدىن ئىدى . ئالدىنقى قېتىم دەرستىن چۈشۈپ ئەمدى ياتاققا قايتاي دەپ تۇرۇشۇمغا بىنورمال ئۇچراپ قالدى . ئۇ باشقا گەپ سۆزسىزلا «ئۆلۈك ئادەمنى كالتەك بىلەن ئۇرسا ، ئۆلۈكنىڭ بەدىنى قىزىرىپ ئىششىپ قالامدۇ ؟»دەپلا سورىدى . ئۇنىڭ بۇ گىپىنى ئاڭلاپ مىڭەمدىن تۈتۈن چىققاندەك بولۇپ كەتتىم . كەچۈرگىن – مەن ئالدىرايتتىم دەپلا تىكىۋەتتىم . يەنە بىر قېتىم چۈشلۈك تاماق ۋاقتىدا ئۇچراپ قالدى ، كۆرمىگەنگە سېلىپ ئۆتۈپ كىتەي دەپ ئۆزۈمنى قاچۇرۇشقىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قالدىم .مەن بىلەن كۆرۈشە – كۆرۈشمەيلا ھېلىقىدەك غەلىتە سوئاللىرىنى ياغدۇرىۋەتتى ، - ئەرلەر نىمە ئۈچۈن ئاياللارنىڭ كىيىملىرىنى كىيىپ يۈرمەيدۇ ؟....ئۆلۈكنىڭ كۆزىنى ئويىۋالسا قانۇنغا خىلاپمۇ ؟.....ئۇنىڭ سوئاللىرى بىر – بىرىدىن بىمەنە ، بىر – بىرىدىن غەلىتە ئىدى . پەقەتلا تاقەت قىلالماي ھۇ ..بىنورمال !!!دەپ ۋارقىرىدىم – دە كىتىپ قالدىم . ئۇنى تىللىغىنىم ئۆزۈمگە يېنىپ قالدىمۇ ، مانا نەچچە كۈن ئۆتە – ئۆتمەيلا مەنمۇ ئۇنىڭدەك غەلىتە خىياللارنى قىلىدىغان بولۇپ قالدىم . مىنىڭ كاللامنى چىرمىۋالغان غەلىتە سوئالغا پەقەت مۇشۇنداق غەلىتە ئادەملەرلا جاۋاب بېرەلەيتتى . ئۇنى تېپىش ئانچە قىيىنغا چۈشمىدى . ئۇيان - بۇيان گەپ يورغىلىتىپ يۈرمەيلا ئۇدۇللا سورىدىم .ئۇمۇ مىنىڭ بۇ غەلىتە سوئالىمنى ئاڭلاپ ئانچە ھەيران قالمىغاندەك قىلاتتى . ئۇنىڭ بۇ سوئالغا بەرگەن جاۋابى مىنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى ، چۈنكى ئۇنىڭ دىيىشچە ھازىرقى ۋاقىتتا ئىككى قىزنىڭ بىللە يۈرۈشى ھەرگىزمۇ بىرەر نەرسىدىن قورققىنىدىن ياكى يېقىن دوستى بولغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى يېنىدىكى ھەمرىيى ئارقىلىق ئۆز گۈزەللكىنى نامايەن قىلىش ئىكەن . بەلكىم سىز ماڭا ئوخشاشلا قانداقمۇ گۈزەللىك نامايەن قىلىش بولسۇن ؟ دەپ سوراپ قېلىشىڭىز مۇمكىن . «بىنورمال»دوستۇمنىڭ ماڭا بەرگەن جاۋابى مۇنداق : ئەگەر بىر يېڭى كىيىمنىڭ يېنىغا ، بىر قۇر كونا كىيىمنى قويۇپ قويساق يېڭى كىيىمنىڭ يېڭىلىقىنى تېخىمۇ نامايەن قىلغىلى بولىدۇ . ئەگەر بىر ئىگىز ئادەمنىڭ يېنىغا بىر پاكارراق ئادەمنى ئەكەلسەك ئىگىز كىشىنىڭ ئىگىزلىكىنى تېخىمۇ نامايەن قىلغىلى بولىدۇ . ئەگەر بىر ئادەتتىكىچە چىرايى بار قىزنىڭ يىنىغا ئۇنىڭدىن سەترەك بىرسىنى ئەكىلىپ قويساق ھەتتا ئۇ ئىككىسى داۋاملىق بىللە ماڭسا ، ئادەتتىكىچە چىرايى بار ھېلىقى قىزدا ھىس قىلماق تەس بولغان بىر خىل سېلىشتۇرما گۈزەللىكنى ھىس قىلالايمىز . ئۇلارنىڭ بىللە يۈرۈشى خۇددى ئالتۇن ھالقا ئېسىپ ، ئۇپا – ئەڭلىك ئارقىلىق ئۆز گۈزەللىكىنى نامايەن قىلغىنىغا ئوخشاش بىر ئالاھىدە «زىننەت بۇيۇمى»نى ئېلىپ يۈرگىنىدىن ئىبارەت خالاس . ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىنى ئاڭلاپ تېنىم شۈركۈنۈپ كەتتى ، گەرچە بۇرۇنقى زامانلاردىكىدەك دوستى ئۈچۈن جېنىنى ئايىمايدىغان ئىشلارنى ھازىر ئۇچرىتالمىساممۇ ، لىكىن ئۆزىنى نامايەن قىلىش ئۈچۈن يەنە بىرسى بىلەن دوست بولىدىغان ئىشلار يوقتۇر دەپ ئويلايتتىم .لىكىن نىمە بولدۇمكىن ، شۇ كۈندىن باشلاپ قولتۇقلىشىپ بىللە مېڭىپ يۈرگەن قىزلارنى ئۇچرىتىشتىن قورقۇدىغان بولۇپ قالدىم . ھەر قېتىم شۇنداق قىزلارنى ئۇچرىتىپ قالسام ئۇلارنىڭ تۈگىمەس پاراڭلىرى ، بىر – بىرسىنى يەنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە «زىننەت بۇيۇمى»نى قانداق بىزەش توغرىسىدا بولۇۋاتقاندەك ، تۇيۇقسىز كۈلۈشلىرى كىشىلەرگە «مانا بۇ مىنىڭ ئەڭ يېڭى بىزەك بۇيۇمۇم »دەپ بىر – بىرىنى كۆرسىتىپ كۈلىۋاتقاندەك ،ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى بولسا تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ قالغان بىنورمال كىشىلەردەك كۆرۈنۈپ كىتەتتى . شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى ئۇچۇر ئىنىستىتۇتى كومپىيوتېر ئىلمى 2009 - يىللىق 2- سىنىپتىن :ياسىنجان سابىر 0991 -6759745 新疆大学信息科学与工程学院计算机09-2班:亚森江。萨比尔
|