كۈنلەر مەخمۇت سەلەي (مەيپۇرۇچ)
قارىساملا مەن ساڭا كۆز چاقىسەن، ئوتلىرىڭدا كۆيدۈرۈپ ئوت ياقىسەن. بىر ئۆمۈر تارتسام كۆيۈكنىڭ دەردىنى، مېنى ئۇچراتساڭ كىيىكتەك قاچىسەن.
چۈشلىرىمگە كىرىسەن، قاش قاقىسەن، ئاسمىنىمدا چاقمىقىڭنى چاقىسەن. نېمە كۈن بۇ؟ دەيمەن ئاندىن ئويغىنىپ، كېتىسەن، جىمجىت دېڭىزغا پاتىسەن.
تاڭ سەھەر قۇشلار بىلەن تەڭ ئويغىنىپ، يەنە سەن رىشتىڭغا رىشتىم چاتىسەن. يەنە سەندىن سىرلىرىمنى يوشۇرۇپ، ئولتۇرۇپ يۇمغان كۆزۈمنى ئاچىسەن.
يەنە دەمدە مىس لىگەندەك پارقىراپ، تارتىسەن يەردىن ئېگىزگە سىم تاناپ. ھېلىلا جىمجىت تۇراتتى يەر - جاھان، ئارىدىن يامغۇرمۇ ياغدى شارقىراپ...
ئېشەكنىڭ تەرجىمىھالى
يېقىنقى زاماندا بىر ئېشەك، كۆز ئېچىپ دۇنياغا كەپتۇدەك. جانلىقلار ئارىسىدا چوڭىيىپ، ۋە يەنە ئوت - خەشەك يەپتۇدەك.
بۇ ئېشەك چىشلەركەن «قوي» نىمۇ، ئۇچراتسا تېپەركەن «ئۇي» نىمۇ. «چىشا» غا ئۈگەنگەچ بۇ تەنتەك، ئاڭلىماس بوپتۇدەك «ھوي» نىمۇ.
بىمالال يورغىلاپ يۈرەركەن، بەختنىڭ پەيزىنى سۈرەركەن. ھېسابلاپ ئۆزىنى بەختلىك، ئەجداتى نەسلىنى سۆيەركەن.
كۈنلەردىن كۈن ئۆتۈپ بىر كۈنى، توزغۇتۇپ يۈرگەندە تۈكىنى. ئارىدىن كارۋانلار كەپ قېلىپ، ئارتىپتۇ سەپەرنىڭ يۈكىنى.
بارسىغۇ بۇ ئېشەك يۇرت - يۇرتقا، ھەي سەنلەر كۆردۈڭمۇ مېنى دەپ. كۈنلىرىم سەنلەردىن كۆپ ياخشى، ھارساممۇ ياشايمەن بىدە يەپ... -دېگۈدەك...
مەنبە: ئۆزئىجادىيىتىم، ساق 19 يىلدا پۈتۈپ چىققان ئەسەر
|