- تىزىملاتقان
- 2013-2-19
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-19
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 223
- نادىر
- 0
- يازما
- 47
 
- تۆھپە
- 89
- مۇنبەر پۇلى
- 113
- ئىشەنىچ
- 89
| مەن يېقىندا تۇغقان يوقلاش مۇناسىۋىتى بىلەن مەلۇم شەھەردە مەلۇم خانىملار بىلەن ھەمدەستىرخان بولۇپ قالدىم،ئۇ سورۇندا خىزمەتچىلەرمۇ،ھاجىم بۈۋۈملەرمۇ ۋە سودىگەرلەرمۇ بار ئىدى، مەن ئۇ يەردە ئولتۇرغانلار ئىچىدە پەقەت تۇغقىنىمدىن باشقىسىنى تونۇمايدىغان بولغاچ ئۆزئارا تونۇشتۇرۇشلاردىن كېيىن ھەممىسى ئۆز گېپىگە چۈشۈشتى، مېنىڭ ئەسلىمۇ ئوشۇق گەپ بىلەن خوشۇم يوق،ھەم بەكمۇ ئالاھىدە بولۇۋېلىشنى خالىمايدىغان مىجەزىمگە ماس ھالدا ئۇلارنىڭ گەپلىرىگە يارىشا بەزىلىرىگە كۈلۈمسىرەش، بەزىلىرىگە باش لىڭشىتىش ۋە بەزىلىرىگە قىزىقىش سىياقىدا ئىپادە بىلدۈرۈپ ئۆز خىيالىمنى سۈرۈپ ئولتۇرىۋەردىم، شۇ ئارىلىقتا شاراق-شۇرۇق قىلغان ئادەتتىكىگە ئوخشىمايدىغان بىر خىل ئاۋاز بىلەن غۇۋا ئايرىمخانە يورۇغاندەك بولۇپ ۋىييەي......147؟؟؟دېگەن جاراڭلىق ئاۋاز بىلەن چۆچۈپ بېشىمنى كۆتۈرسەم بىر يوغان سېرىق زەنجىر قولدىن قولغا ئۆتۈۋېتىپتۇ،ئۇنىڭ ئىگىسى ھاجىخانىم بولغاچقا كەينىنى يوغان تۈگۈنچەك قىلىپ يۆگىۋالغان ياغلىقى ئۇنى توسۇۋالغان چېغى،تازا دىققەت قىلمىغاچقا ئېنىق كۆرمەپتىكەنمەن .ئۇ ھالەت ماڭا ئانچە تەسىر قىلىپ كەتمىدى، ئەمما قۇلىقىمدىن نېرى كەتمەيدىغان ئەشۇ تىترەك 147 دېگەن مەيۈس ئاۋاز يۈرۈكۈمنى ھازىرغىچە جىغىلدىتىدۇ،ئۇلارنىڭ ئۇ زەنجىرنى قولدىن-قوغا ئۆتكۈزىۋاتقان پەيتتىكى چىراي ئىپادىلىرى،ئۇنى تەسۋىرلەشلىرىنى ئەگەر يازغۇچى بولغان بولسام، ھەر بىرىگە بىردىن قىزىقارلىق ھېكايە توقۇپ چىقار ئىدىم...،خىيالىم مۇشۇ يەرگە كەلگەندە تېلېۋىزىيە فىلىمىدىن ئاڭلىۋالغان مۇنۇ ماقال-تەمسىل بىلەن(تازغا ھوقۇق تەگسە،چەللىدە ئات چاپتۇرۇپتۇ)، قايتىدىن جان كىرگەندەك ،بىر نەرسىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم. چەللىدى قانداق ئات چاپتۇرغىلى بولىدۇ؟ ئەگەر ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي چاپتۇرۇپ قالسا بىر تەرەپتىن چەللە ۋەيران بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ ئۆزىنى يەردە كۆرمەمدۇ؟ نېمىنى ھېس قىلدىڭ دېمەمسىز؟تۈرلۈك مەدەنىيەتلىرىمىزنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىلەن ئائىلىنىڭ تۈۋرۈكى ئاتىلار ،بالىلارنىڭ تۇنجى ئۇستازى ئانىلار ئىلىم-بىلىم ۋە مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتىمۇ تەڭ تەرەققىي قىلىش ئۈچۈن ماس قەدەمدە تولۇقلاش ئېلىپ بارسا، توي-تۆكۈن، سورۇنلاردىكى ھەشەمەتچىلىك پاراڭلىرىنىڭ ئورنىغا ئاز بولسىمۇ مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىدىغان ، ياش ئاتا-ئانىلارغا ئۈلگە بولىدىغان ،شۇ ئارقىلىق ئەتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن پايدىسى بولىدىغان گەپلەرنى قىلالىغان بولساق،بالىلىرىمىزدا مال-دۇنيا،ئېقتىسادى شارائىت بىلەنلا سەپنىڭ ئالدىدا بولىدۇ دەيدىغان نىمقاراشنىڭ بىخ سۈرۈشىگە ئۆزىمىز ئېتىز بولۇپ بەرمەي،مۇھىمى كىشىلىك ھايات مۇساپىسىدە ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم نەرسىنىڭ كونىلارنىڭ «يوتقانغا قاراپ پۇت سۇنۇڭ» دېگىنىدەك شارائىتقا قاراپ ئىش قىلالايدىغان ،ئەخلاق، دىيانەتلىك، سەمىمى، راستچىل، ئاددى-ساددا، باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئېسىل خىسلەت دەپ بىلىدىغان روھ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەلىگەن بولساق......كېيىن ئاڭلىسام ھېلىقى 147گىرام ئالتۇننىڭ ئىگىسى- بويۇن ئومۇرتقىسى پولتۇيۇپ چىقىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ دىققەت قىلمىغاندا بىر قولى كاردىن چىقىدۇ دەپ دىياگىنوز قويۇلۇپتىدەك. ----------------------------- ..مەنبەسى:-ئۆزۈم تەييارلىغان |
|