- تىزىملاتقان
- 2013-2-11
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-19
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 146
- نادىر
- 0
- يازما
- 20

- تۆھپە
- 37
- مۇنبەر پۇلى
- 98
- ئىشەنىچ
- 37
| قۇشلار تەبىئەت ئەركىلىرى بولۇپ تەبىئەت دۇنياسىدىكى قۇشلار تۈرى نەچچە مىڭ خىلدىن ئاشىدۇ.تەبىئەت دۇنياسىنىڭ گۈزەللىگىنى قۇشلارسىز تەسەۋۋۇر قىلىش مۈمكىن ئەمەس.قۇشلار بولمىغان ماكانداباشقا جانلىقلارنىڭ ھايات كەچۈرىشىمۇ مۈمكىن ئەمەس.يۇرتىمىزنىڭ يېزا-قىشلاقلىرى دا،تاغ ،يايلاق ۋە ئورمانلىقلىرىدا ،سازلىقلىرىدا،سۇلۇق يەرلىرىدە گاھ توپ بولۇپ ئۇچۇۋاتقان گاھ يالغۇز ھەركەت قىلىۋاتقان قۇشلارنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ . بىراق شۇ قۇشلارنىڭ توپلىشىپ بوراندەك ئۇچۇپ يۈرۈشلىرىنى ،كۆكتە پەرۋاز قىلىشلىرىنى،جۈپلىشىپ كۆپىيىىش جەريانىدىكى ھەر خىل ھەركەتلىرىنى ،ئۇلارنىڭ ھەر خىل ھەر رەڭ چىرايلىق قىياپاتلىرىنى كۆرۈ ش ھەممىلاكىشىگە نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ . مەن شۇنى كۆزدە تۇتۇپ بىرنەچچە يىل قۇشلار بىرقەدەر كۆپ ياشايدىغان جايلاردا ئىز قوغلاپ سۈرەت تارتىپ قۇشلار توغرىسىدىكى بىر قاتار سۈرەتلەرنى كەڭ ئاممىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇش نىيىتىگە كەلدىم. بىراق قۇشلارسۈرەتلىرىنى كىتاپ ژورنال،تېلېۋىزورلاردا كۆرۈپ ھوزۇرلىنىشقا بولغىنى بىلەن ئۇلارنىڭ سۈرىتىنى ياخشى تارتىش ئۇنداق ئوڭاي ئىش ئەمەس ئىكەن. مېنىڭ بۇ جەرياندا قۇشلارنى ئىزلەپ بەزىدە ماشىنا بىلەن ،بەزىدە موتوسېكلىت بىلەن ،گاھى ئاتلىق گاھى ئېشەك بىلەن ،گاھىدا پىيادە ھالدا قانچىلىك يول يۈرگىنىمنى ،بىر ئورۇنغا نەچچە رەت قايتىلاپ بارغىنىمنى ھېساپلاپ بېرەلمەيمەن .دائىم سىرتتا يۈرۈپ كۆيۈپ قاپ –قارا بولۇپ كېتىمەن .يەنە تېخى ئۇلارنىڭ سۈرېتىنى تارتىش ئۈچۈن ئۇلارنى مەلۇم دەرىجىدە چۈشىنىشكە توغرا كېلىدىكەن .مەسىلەن قايسى قۇش تۈرلىرى قانداق چاغدا جەنۇپقا كېتىپ قانداق چاغدا قايتىپ كېلىدۇ ؟ قايسىلىرى قىش –ياز ياشايدۇ ؟ قانداق چاغلاردا قانداق جايلاردا ئۇۋا سېلىپ كۆپىيىدۇ؟قايسى قۇش تۈرى نېمىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ؟دىگەنلەرنى بىلىشكە توغرا كېلىدىكەن .مەن بۇ توغرىلىق كۆپ ئىزلەندىم ،كۆپ ماتېريال كۆردۈم .بەزى بىلىملەرنى قۇشلارنى ئىزلەش ،كۈزىتىش جەريانىداتەدرىجى بىلىپ قالدىم .مەن بىر قېتىم سازلىقتا يۈرۈپ نەقلا سۇ قۇشلىرى ئۇۋا سالماقچى بولغان جايغا بېرىپ قاپتىمەن.ئۈستۈمدىكى ھاۋا بوشلۇقىداچايكا،بېلىق ئالغۇچ،چۇكا پاچاق قىليورغا،قاشقالداق قاتارلىق نۇرغۇن قۇشلار توختىماي ئالىتاغىل سايرىشىپ قالايمىقان ئۇچۇشقىلى تۇردى.تېخى بەزىلىرى كۆكتىن شۇڭغۇپ چۈشۈپ ماڭا ئىككى مېتىر قالغۇچە يېقىنلىشىپ جېنىنىڭ بارىچە سايرىغىلى تۇردى.مەن شۇ پۇرسەتتە بىرقانچە ياخشى سۈرەت تارتىۋېلىپ بولۇپ ئۇلارنىڭ ئارامىنى بۇزماسلىق ئۈچۈن تېزلا ئۇجايدىن ئايرىلدىم.ئېكېلوگىيىلىك مۇھىتنىڭ تەدرىجى ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ بەزى قۇش تۈرلىرى ئىلگىركىدىن كۆپەيدى ،بەزى قۇش تۈرلىرى ياشاش شارائىتى ۋە ھەركەت قىلىش رايونلىرىنى قىسمەن ئۆزگەرتتى.دۆلىتىمىز ھايۋانات ۋە قۇشلارنى،تەبىئى ئورمانلارنى،ئوتلاقلارنى،سۇلۇق يەرلەرنى قوغداش توغرىسىدا يېڭى-يېڭى قانۇن بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىپ ۋە ئىجرا قىلىپ قۇشلار ۋە ھايۋاناتلارنى قوغداشنى ئالاھىدە كۈچەيتتى.بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلارنىڭ يېقىن دوستى بولغان قۇشلار تېخىمۇ ياخشى ياشاش شارائىتىغا ئېرىشتى.بۇندىن كېيىنمۇ قۇشلار ھەقىقى تەبىئەت ئەركىلىرىگە ئايلىنىپ، تەبىئەت بىلەن ئىنسانلار ماس ،سىجىل تەرەققى قىلىپ ئىناق ياشاشتەك گۈزەل ۋە پارلاق كېلەچەك يېتىپ كەلگۈسى. بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتلەر بارلىق قۇشلار دۇنياسىنىڭ ھاياتى پائالىيەتلىرىنى ئىپادىلەپ بېرەلمىسىمۇ ئوقۇرمەن دوستلارغا ئاز-تولا بەدىئىي ھوزۇر ئاتا قىلالىسا كوپ خۇرسەن بولاتتىم . شىنجاڭ سۈرەتلىك زۇرنىلى 2011-يىل 3-سانىغا بېسىلغان. |
|