خىتابىم بار، ئاھ، جېنىم دادا! (نەسىر) ئامانگۈل تۇنىياز
ئېھ سۆيۈملۈك دادا! مەن سىزنىڭ ئىچ كۆيەر پەرزەنتىڭىز بولۇش سۈپىتىم بىلەن، سىزنىڭ تويۇقسىز جاھالەت قوينىغا مېڭىپ، كۈندە ھاراق ئىچىپ مەست يۈرۈشىڭىزنى ئەسلا خالىمەيمەن! شۇڭا، مېنىڭدەك تەنتەك قىزىڭىزنى كەچۈرگەن ئاساستا، بۇ يۈرەك سادالىرىمغا قولاق سېلىشڭىزنى نەقەدەر ئارزۇ قىلىمەن ھە! مانا، تەتىل قىلىپ ئۆيگە كەلگىنىمگە بۈگۈن توپتوغرا 3 كۈن بولدى. ئۆيدىكىلەر شۇنداق ياخشى تۇرۇپتۇ، ئاپام بىلەن سىڭلىمنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسى ۋە ھىممىتى مېنى تولىمۇ خۇشال قىلدى. ئۆينىڭ گۈللىرى، پەرۋىشكارلىرى بولغان مېھرىبان قېرىنداشلىرىمغا يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا قايىل بولدۇم. ئۆينىڭ تۆت تېمى ساپساق تۇرۇپتۇ، بىراق... قەدىردان دادا، ئۆيىمىز شۇنچە ئىللىق، شۇنچە يېقىملىق، باشقىلارمۇ ھەۋەس بىلەن قارايدۇ، قاچانلاردىدۇر مۇدھىش بوران ئۆينىڭ تۈۋرۈكىنى قومۇرۇۋېتىپتىكەن، زىمىستان جۇت ئۆيدىكى ئىللىقلىقنى ھەر ياققا ئۇچۇرۇپ، ئۆي ئىچىنى ئېغىر زۇلمەت باسقىلى تۇرۇپتۇ. مەن تىترەۋاتىمەن، ئۆينىڭ ئىچىدە تۇرساممۇ، يەنىلا مۇزلاپ كېتىۋاتىمەن. دېمەك، دادا، مېنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ئاتا-ئانا مېھرىگە چەمبەرچاس باغلانغان، سىلەردىن سۇ ئىچكەن، ئەقىل ئۆگەنگەن. شۇڭا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بىرەر سوغۇقچىلىق بولغان ھامان پۈتۈن ئەزايىم مۇز بولۇپ قاتىدۇ. دادا، سىز ئىلگىرى نېمە دېگەن كۆيۈمچان، ئاقكۆڭۈل ئىدىڭىز-ھە! ئۇ چاغلاردا بىز ھېچنېمىدىن غەم قىلمايتۇق. شۇ گۆدەك، ناتىۋان دىلىمىزغا سىزنىڭ ئاتىلىق مېھرىڭىزنىڭ قانچىلىك سىڭگەنلىكىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن. ئاپاممۇ، سىزمۇ كېچە-كۈندۈز ئىشلەپ ھارمايتىڭلار، مۇشۇ ئۆي ئۈچۈن، بىز ئۈچۈن نۇرغۇن رىيازەت چېكىپ، بېلىڭلار تالمايتى، ھەمىشە بىزدىن زور ئۈمىد كۈتۈپ، ئوقۇشقا بېرىشمىزنى، ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىپ ئوقۇشىمىزنى شۇقەدەر ئارزۇلايتىڭلار، سىلەرنىڭ شۇ چاغدىكى ئالىيجاناب روھىڭلار ھېلىھەم قەلبىمدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغانىكەن. مانا بۈگۈنكى كۈنلەردە سىڭلىم ئىككىمىز سىلەرنىڭ ئۈمىدىڭلار ھەم ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسى بويىچە، بىر-بىرلەپ ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىردۇق. سىلەرمۇ، بىزمۇ جاپاغا چىداپ ئاز بولمىغان قۇربانلارنى بېرىپ، ياخشى نەتىجىلەر بىلەن ئوقۇپ كېلىۋاتىمىز. بىزدىكى بۇ روھ بەلكىم ئاپام ئىككىڭلارنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىڭلارنىڭ مىراسىدۇر. بۇ دۇنيادا قايسى بىر ئاتا-ئانا ئۆز بالىسى ئۈچۈن ياشىمايدۇ؟ ئۆز باغرىنى يېرىپ چىققان يۈرەك-پارىسى ئۈچۈن جان كۆيدۈرمەيدۇ؟ مانا مەنمۇ سىزنى ئەنە شۇ بەردەم، مېھرىبان ئاتا-ئانىلارنىڭ تىپىك ئوبرازى دەپ قارايمەن، بۇ مېنىڭ چىن سۆزۈم. دادا، ئەنە كۆرۈۋاتامسىز؟ مەي-شاراپنىڭ نىجاسىتى بىلەن بۇلغانغان زۇلمەت كوچىلارنى!؟ مۇشۇ زۇلمەت ئىچىدە نىشانسىز ھالدا بىر-بىرىگە سوقۇلۇپ كېتىۋاتقان مەيخور ئەركەكلەرنى!؟ ئۇنى ئاز دېگەندەك، ئۆزىنىڭ قۇسۇقىنى ئىت بىلەن تالىشىپ ئىچىۋاتقان ھۇشىسىز ياتقان مەستلەرنى!؟ بىراق، دادا، بەزى ئادەملەر بەلكىم بۇلارنى شەرەپ دەپ بىلىدىغاندۇ. بەزى دادىلار تېخى پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدىدا مۇشۇ مۇدھىش يولغا قەدەم قويۇۋاتسا، بالىلىرى نېمىلەرنى قىلماس؟! ھەر كىمنى ئەقلى بىلەن ياشىغىلى نىسىپ قىلسۇن، بۇ مېنىڭ ئەڭ ئالىي تىلىكىم! قايسى بىر پەرزەنت ئۆز ئاتا-ئانىسىنى يامان دەيدۇ؟ ھەم ئۇلارنىڭ يامان نامىنى تىلغا ئېلىشنى خالايدۇ؟ ئۇلارنىڭ ئەيىبىنى تاتىلايدۇ دەيسىز؟ شۇنىڭدەك، يەنە قايسى بىر ئاتا-ئانا ئۆز بالىلىرىنى باشقىلارغا يامان دەيدۇ؟ ناۋادا بالىلار خاتالىق ئۆتكۈزسە ئاتا-ئانا بولغۇچى روھىي ھەم جىسمانى جەھەتتىن مەلۇم بېسىم بىلەن ئۇلارنى دېگىنىگە كۆندۈرىدۇ، ئۇلارغا تەربىيە قىلىپ ياخشى يولغا باشلايدۇ. بالىلىرى بولسا بۇنىڭ ئۈچۈن ئاتا-ئانىسىدىن ئاغرىنىدۇ، ھەتتاكى دوق قىلىپ، ئولارغا ھەپتىلەپ گەپ قىلمايدۇ. ئەمما، شۇلارنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ئامالسىز قېلىپ، رەھىمسىز ھالدا مېھىر-شەپقەت ياغدۇرۇۋاتقانلىقىنى، يامانلىقتىن قول ئۈزۈشكە ئۈندەپ، ياخشىلىققا يۈزلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى چۈشەنمەيدۇ، چۈشەنمەيدۇ ئەمەس، بەلكى ئىلىك ئالمايدۇ، ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىلىرىنى كونترول قىلپ يېتەكلىسە كۆيۈنگەنلىك بولىدىكەنۇ، بىز بالىلارمۇ ئاتا-ئانىمىز خاتالىق ئۆتكۈزسە، يامانلىقتىن قول ئۈزۈشكە دەۋەت قىلساق نېمىشقا بولمىغۇدەك؟! ئاتا –ئانا پەرزەنتلىرىنىڭ ئالدىدا خاتالىق ئۆتكۈزسە، بالىلار ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئېتىراز بىلدۇرسە بىھۆرمەتلىك بولىدۇ دېيىلسە، بۇ ئائىلىنىڭ تەقدىرى زادى قانداق بولۇپ كېتەر؟! ئېھ، دادا! مەن كۆپ سۆزلەپ سىزنى تېرىكتۈرۈپ قويىدىغان بولدۇم، ئويلىغانسېرى تېخىمۇ چوڭقۇر ئويلانغىم، يازغانسېرى تېخىمۇ كۆپ يازغىم كېلىۋاتىدۇ. مېنى زادى مۇشۇنداق قولۇمغا قەلەم ئېلىپ سىزگە خەت يازدۇرۇشقا مەجبۇر قىلغان زادى نېمىدۇر؟ داداممۇ ھايات، ئاناممۇ ھايات، بۇ تەرەپتىن ئالغاندا توققۇزىمىز تەل دېسەك ئازلىق قىلمايدۇ. بېراق... سۆيۈملۈك دادا، مەن سىزگە بىر نەچچە ئېغىز تەربىيە قىلسام خاپا بولماسسىز! شۇ بەڭباش قىزىڭىزنى كەچۈرۈۋېتەرسىز! شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، سىز يەنىلا مېنىڭ ياخشى دادام! مېنىڭ سىزنىڭ ھەقىقى يۈرەك سۆزىڭىزنى ئاڭلاشقا قانچىلىك تەشنا ئىكەنلىكىمنى بىلەمسىز؟! سىزنىڭ باشقىلار ئالدىدا چاقىرسا ئېتىڭىز، تۇتسا سېپىڭىز بار ئادەم. بىراق، سىز ھازىر شۇ ئىپلاس كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشغالىيەت ئاستىغا ئېلىنىپ خۇدىڭىزنى يوقىتىپ، جاھالەت قوينىغا مېڭىپ كېتىۋاتىسىز، بو ئىشلار ئۈچۈن ئاپامنىڭ، جۈملىدىن ئۈچ قىزىڭىزنىڭ نەچچە كېچىنى ئويقۇسىز يىغلاپ ئۆتكۈزگەنلىكىنى ئويلاپمۇ قويارسىزمۇ؟ سىز قاراپ تۇرۇپ ئۆزىڭىزنى زۇلمەت قوينىغا ئېتىبارسىزلارچە تاشلاپ بېرىشكە قانداقمۇ ۋىجدانىڭىز كۆتۈردى؟! بولدى، ئېيتماي دادا، بەلكىم سىز بۇ سوراقلارغا جاۋاب تاپالماسلىقىڭىز مۇمكىن. ئۇۋىدا ئۇچۇم بولۇش ئالدىدا تۇرغان قۇشلارنىڭ بالىسى يەنىلا ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆزىگە ئوزۇقلۇق تېپىپ بېرىشىگە مۇھتاج. تاكى ئۇلار مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغۇچە ئۇلارغا بېقىندى بولۇپ ياشايدۇ، ئانا قۇشلارمۇ ئۇلارنى ئاسرايدۇ، قوغدايدۇ، دان، سۇ ئېلىپ كېلىپ بېرىدۇ، قۇشتىكى شۇ خىسلەت سىزدە ئازراقمۇ يوقمىدۇ؟ بىزنى ئاش-نان، كىيىم-كېچەك ئېلىپ بېرىپ بېقىشىڭىزنىڭ ھەممىسى ئالۋاڭ ئۈچۈنمۇ؟ ياكى باشقىلار ئالدىدىكى نومۇس كۈچىڭىزنىڭ تەسىرىدىنمۇ؟ سىز بەزى گەپلەرنى ئويلىمايلا دەپ سالىسىز، ئۇ گەپ سىزگە نىسبەتەن ئاددى بولسىمۇ، بىزنىڭ كۆڭلىمىزگە قانچىلىك يامان ئىزلارنى سالىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ شۇ سۆزىڭىزنىڭ يۈرەكنى تىغ بىلەن تىلغاندىنمۇ بەتتەر ئېچىشتۇرىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ بەلكىم بىزنى سىزگە چاپلىشىۋالىدىغان نىجاسەت دەپ قارايدىغان ئوخشايسىز! دېمەك، بىزنىڭ بۇ دۇنياغا تۆرىلىشىمىز زىممىڭىزگە يۈكلەنگەن يۈك ۋە بىھۇدە ئاۋارىچىلىك بولسا كېرەك؟! ئۆز ئاتىسى بالىلىرىدىن قۇتۇلالماي، ئۆزىنى ئىللىق ئۆيىدىن ئېلىپ قېچىپ يۈرسە، بىز نېمە دەپ ئۇلارغا يۈك بولىۋالىدىكەنمىز؟! نېمىشقا، زادى نېمىشقا؟! بىر ئاتىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بالىلىرى ئاش-نان، كىيىم-كېچەك تېپىپ بەرسىلا مەجبۇرىيىتى ئادا بولامدۇ؟ بۇ نېمە دېگەن بىمەنىلىك! نېمە دېگەن رەزىللىك، نېمە دېگەن ئادالەتسىزلىك - ھە! بالىدىمۇ ئۆزىگە چۇشلۇق كۆڭۈل دېگەن نەرسە بارغۇ! ئەينى چاغدا ئاپامنىڭ گۈلدەك چىرايىغا مەستانە بولغان دادامنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىگىنى نېمىسى؟! ئۇنداق قىلغۇچە بىزنى بىر يولىلا يەر ئاستىغا يولغا سېلىۋەتسە نارازىلىقىمىز يوق ئىدىغۇ! بىز ئاتا-ئانىمىزنىڭ ئەجرىدە ئۆسۈپ، ئۇلارنىڭ ئىللىق مېھرى-مۇھەببىتىدىن كۆڭلىمىز سۇ ئىچمەي تۇرۇپ، ئاچچىق ھەسرەت قاينىمىغا كىرىپ كېتىۋاتىمىز. مۇسىبەتكە تولغان ئۆيدە ھەممىمىز كۈلۈپ يۈرگەن بىلەن، دىلىمىزنىڭ نەقەدەر غەش ئىكەنلىكىنى پەقەت ئۆزىمىزلا بىلىمىز. شۇ تاپتا دادام نەلەردە؟ كىملەرنىڭ ئۆيىدە؟ قايسى بىر ئەيشى-ئىشرەت ئارامگاھىدا شېرىن ھاياتىنى ئۆتكۈزۈپ يۈرىدىغاندۇ؟ قايسى بىر مەيخور كىشىلەرنىڭ ئارىسدا مەي ئىچىپ يۈرىدىغاندۇ؟ مەستلىكتە قايسى بىر ئەخلەت كارىزلىرىدا، كىملەرنىڭ يۇندىخانىلىرىدا توپىغا ئېغىناپ ياتىدىغاندۇ؟ ئۇنىڭ ئىلگىرىكى بەردەم سالاپىتى زادى نەگە كەتتى؟ ئۇ شۇ بىچارە، ئىشچان، ئاقكۆڭۈل ئاپامنى، تىرىك تۇرۇپ يىتىملىكنىڭ دەردىنى تارتىۋاتقان شۇ مىسكىن بالىلىرىنى ئويلاپمۇ قويامدىغاندۇ؟! بىزنىڭ ئىللىق ئۆيىمىز دادامغا زۇلمەت بولۇپ كۆرۈنسە كېرەك؟! شۇڭا ئۇ كېچىلەپ مېھمان كۈتۈشلەردىن كەلمەي، ھاراققا بېرىلىپ، زۇلمەت قوينىدا كېچىنى ئۆتكۈزۈشكە ئادەتلىنىپ قالدى. ئۇ ھازىر ۋەھشىلەرچە ئۆزى بىلگەن يولغا كىرىپ كېتىۋاتسا، مەن نېمە دەپ ئۇنى بۇ يولدىن قايتۇرۇپ كەلمەيمەن؟! مەنمۇ بالىمۇ؟ مېنىڭ مەجبۇرىيىتىم زادى نېمە؟ نېمىلا بولمىسۇن ئۇ يەنىلا مېنىڭ جان كۆيەر، مېھرىبان، ۋاپادار دادام. ئېھ، سۆيۈملۈك دادا! سىز بىزنى ئويلىمىسىڭىزمۇ، ئاشۇ ياشانغان، بەللىرى ئىگىلگەن، بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىغان مېھرىبان ئاتا-ئانىڭىزنى ئويلىسىڭىز، ئۇلارنىڭ بىر ئېغىز نەسىھەتىنى بولسىمۇ ئاڭلىسىڭىز بولمامدۇ؟ ئۇلار ئۆلۈپ كەتسىمۇ سىزدىن رازى بولار ئىدى، ئاخىرەتكە بارغاندا خاتىرجەم، روھى قورۇنماي ياتار ئىدى. ھېلىھەم كېچىكمەيسىز دادا، قەددىڭىزنى رۇسلىسىڭىز، ھاراقتىن ئىبارەت بو نىجاسەتنى ئېغىزغا ئالماي، توغرا يولنى تۇتۇپ، ئادالەتكە يۈزلەنسىڭىز، سىزدىن پۈتۈن ئۇرۇق-تۇغقان، يۇرتداشلىرىڭىز، ئايالىڭىز، بالىلىرىڭىز...قانچىلىك خۇشال بولاتتى - ھە! سىز بىر ئاڭلىق ئىنسان تۇرۇپ، نېمىشقا شۇنچە ئادەملەرنىڭ نەسىھەتىگە قۇلاق سالمايسىز؟ دادا، سىز بىزنىڭ گېپىمىزنى مۇشۇ بىر قېتىم بولسىمۇ ئاڭلاڭ! بىزنىڭ ئاچچىق نىدا، ئاھ-زارىمىزغا قۇلاق سېلىڭ! بىز سىزگە ھەر ۋاقىت ئامانلىق تىلەپ تۇرىمىز ھەم سىزنىڭ بىز ئۈچۈن بىر ياخشى دادا بولۇشىڭىزنى ھەر ۋاقىت ئارزۇ قىلىمىز. شۇ تاپتا ھەممىمىز سىزنى بەك سېغىندۇق، سىزنىڭ ئۆيگە بالدۇرراق قايتىپ كېلىپ، بىزگە ئىللىق ئائىلە ئاتا قىلىشڭىزنى تىلەيمىز!
(1997 - يىل سېنتەبىر، باي ناھىيەسىدە يېزىلدى، 2011 - يىل ئۆكتەبىر باي ناھىيەسىدە قايتا تۈزىتىلدى) |