ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچنىڭ ئۆزى بىر خىل بۇلغىغۇچىدۇر
ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچنىڭ پىرىنسىپى ئەمەلىيەتتە بىر خىل كۈچلۈك پۇراق ئارقىلىق يەنە بىر خىل كۈچلۈك پۇراقنى بېسىۋېتىش بولۇپ، ھەرگىز غەيرىي پۇراقنى ماھىيەت جەھەتتىن يوقىتىۋېتەلمەيدۇ. ھاۋا ساپلاشتۇرغۇچ ئادەمنىڭ نەپەس يوللىرىنى غىدىقلايدۇ، بولۇپمۇ زىيادە سەزگۈرلۈكى بار كىشىلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ شۇنداق. تەدبىر: ئادەم ئۈچۈن ئېيتقاندا تەبىئەتنىڭ ھىدىدىنمۇ خۇش پۇراقلىق يېقىشلىق پۇراق بولمايدۇ، ئالقانسىمان كاكتۇس (پېتەكگۈل)، چىپار كەندىر، پىچەكگۈل (تامپېلەك)، ئالوي ۋە قىزەنگۈللەرنىڭ ھەممىسى يامان ئەمەس تاللاش بولىدۇ. ئۇلار ھاۋانى ساپلاشتۇرۇپ، فورمالدېگىد ۋە بېنزولنى يوقىتىپ، ھاۋادىكى مەنپىي ئىئوننىڭ قۇيۇقلۇقىنى ئاشۇرىدۇ. بىراق تۈنپۇراق ۋە كۈركۈم گۈلى قاتارلىق بەزى خۇش پۇراق ئۆسۈملۈكلەر ھۇجرا ئۆيگە قويۇشقا مۇۋاپىق كەلمەيدۇ. مەنبەسى: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|