تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 149|ئىنكاس: 3

پۇشايمان --- ھېكايە --- ياسىنجان سابىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

5

ئەگەشكۈچى

602

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
56
مۇنبەر پۇلى
312
ئىشەنىچ
56
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پۇشايمان

(ھېكايە)
ياسىنجان سابىر

    قولۇمدا تېلېفوننى كۆتۈرگىنىمچە كوچىدا نىشانسىز ئايلىنىپ يۈرگىنىمگە بىرەر سائەت بولاي دەپ قالدى. كاللام قۇپقۇرۇق، بىكار ئايلىنىپ ۋاقىت ئۆتكۈزۈشتىن باشقا ياخشىراق ئامال تاپالمىغانىدىم. مېنى بۇنداق غەلىتە قىپ قويۇشقا بىر سائەت ئىلگىرى كەلگەن تېلېفون سەۋەبچى بولغان ئىدى. تېلېفون تۇنجى قېتىم يۈرىكىمگە ئوت سېلىپ مېنى مۇھەببەت دېڭىزىغا چۆكتۈرگەن، نۇرغۇن تاڭلارنى ئۇيقۇسىز ئۆتكۈزۈشىمگە سەۋەبچى بولغان تولۇق ئوتتۇرىدىكى ساۋاقدىشىم مىھرايدىن كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ بۈگۈن ماڭا تېلېفون قىلىشى مېنى ئانچە ھەيران قالدۇرمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ مەكتەپ ئالدىدا مېنى ساقلاپ تۇرغىنى مېنى تەڭقىسلىقتا قالدۇردى. بۇنىڭدىن بىر نەچچە ئاي بۇرۇن مىھراي بىلەن بىر مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىمدىن يۈرگەن يىگىتىنىڭ ئۇنى تاشلىۋەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم، تېخى ئالدىنقى ئايدىلا ئۇ مېنىڭ بىر نەچچە يېقىن دوستلىرىم ئارقىلىق ماڭا ئۆزىنىڭ مېنى ساقلاۋاتقانلىقىنى پۇرىتىپ ئۆتكەنىدى، ئاللىقاچان ئۇنىڭ ماڭا تېلېفون قىلىشىنى پەرەز قىلغان بولساممۇ، ئۇنىڭ ئۆزى كېلىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. ئۇنىڭ مەكتەپ ئالدىغا كېلىپ مېنى ساقلاپ تۇردۇم دېگىنى ئەمەلىيەتتە مېنى «جاۋاب بەر!» دەپ قىستاپ كەلگىنى ئىدى. ئويلا - ئويلا بۇ ئىشلارنىڭ باش - ئاخىرى مېنى تولۇق ئوتتۇرىدىكى گۈزەل چاغلارغا باشلاپ كەتتى.
    تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ئىككىنچى يىللىق ۋاقىتلىرىم ئىدى، پارتىدىشىم بىلەن ئىككىمىز ھەر كۈنى دېگۈدەك ئالدىمىزدىكى ئىككى قىزنىڭ چىشىغا تېگىپ ئوينايتۇق. بەزىدە ئۇلارنىڭ چاچلىرىنى بىر - بىرىگە چىگىپ قويساق، بەزىدە كىتابلىرىنىڭ ئارىسىغا قۇرت - قوڭغۇزلارنى سېلىپ قوياتتۇق. ئۇلارنىڭ بىرى دەل مىھراي ئىدى. بىر كۈنى مىھراي ئاغرىپ قېلىپ دەرسكە كەلمىدى، شۇ كۈنى پۈتۈن بىر كۈن كاللامغا دەرس چۈشمىدى، بىر نەرسىنى يوقىتىپ قويغان ئادەمدەك گاراڭ يۈردۈم، پات - پات ئىشىك تەرەپكە قاراپ، ئۆزۈممۇ بىلمەيلا بىرسىنىڭ كېلىشىنى ساقلايتىم. شۇ كۈنى تۈزۈك ئۇخلىيالمىغان ۋاقتىمدىلا شۇنى ھېس قىلدىمكى، چۆچەكلەردە ئېيتىلغان، داستانلارغا پۈتۈلگەن يىگىتلەرنىڭ بېشىغا كەلگەن كۈن مېنىڭ بېشىمغا كەپتۇ. ئەتىسىدىن باشلاپ ھەر كۈنى سەھەردە مىھراينىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىغا بېرىپ ساقلاپ تۇرىدىغان بولدۇم، ئۇ مەكتەپكە  مېڭىشىدا بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتۈپ ئاندىن باراتتى، شۇڭا مەن ھەر كۈنى ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ مېڭىپ بىزنىڭ ئۆينىڭ ئالدىدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئاندىن ئۇنىڭغا يېتىشىپ بىللە ماڭاتتىم، ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ماڭغان قەدەملىرىنى ساناشمۇ مەن ئۈچۈن بىر ھۇزۇر ئىدى. مېنىڭ ئۆگىنىش نەتىجەم ياخشى بولمىغاچقا ئۆزۈمنى ئالىي مەكتەپكە ئۆتەلمەيمەن دەپ ئويلايتىم، شۇڭا كۆڭلۈمنى ئىزھار قىلغان بىلەنمۇ ئۇ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈپ كەتسە بۇ ئىشلار بەرىبىر كۆپۈككە ئايلىنىدۇ دەپ ئويلايتىم. شۇنداق قىلىپ تولۇق ئوتتۇرا ھاياتىمىز ئاخىرلاشتى، نەتىجىدە ھەر ئىككىمىز بىر شەھەردىكى ئىككى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتۇق. كۆڭۈل ئىزھار قىلغان ۋاقتىمدا ئۇ ئاشۇ چوڭ شەھەرگە بارغان ۋاقىتتا جاۋاب بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. چوڭ شەھەرگە كەلگەندىن كېيىنكى ئاڭلىغان جاۋابىم شۇ بولدىكى، ئۇ شۇ شەھەرلىك بىرى بىلەن يۈرۈۋالدى. تولۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمدا ئۇنىڭدىن بىردەم ئايرىلسام ئۆلۈپ قالىدىغاندەك ھېس قىلاتتىم، راستلا ئايرىلىپ قالغان ۋاقتىمدا ئۆلۈپ قالمىغان بولساممۇ، لېكىن ئۇنىڭ بېرىسى بولدۇم. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن قىز بالا دېگەن شۇنداق بولىدىغان بولسا، دەپ قىزلارغا يېقىن يولىمىغان ئىدىم، ئالىي مەكتەپتىكى ساۋاقداشلىرىممۇ مېنىڭ قىزلارغا سوغۇق مۇئامىلە قىلىشلىرىمغا ھەيران بولاتتى.
    بىر يېرىم يىلدىن بۇيان مىھراي توغرىلىق بولۇنغان گەپ سۆزلەرنى ئاڭلاپ تۇراتتىم، ئۆزى سۆيگەن بىرىنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان ئىشلىرىنى ئاڭلاشتىنمۇ ئازابلىق ئىش بولمىسا كېرەك. دەسلىپىدە ئۇنىڭغا ئۆچمەنلىك قىلغان ئىدىم، كېيىن بارا - بارا ئۇنىڭدىن يىرگىندىم، ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن ساۋاقداشلار يىغىلىشلىرىغىمۇ بارمايدىغان بولدۇم. مانا ھازىر ئۇ ماڭا ناتونۇشتەكلا بىلىنىدىغان بولغان ۋاقىتتا ئۇنىڭ تۇيۇقسىزلا پەيدا بولۇپ «كۆرۈشەيلى» دېيىشى مېنى گاڭگىرىتىپ قويۇۋاتاتتى. ئۇنىڭ بۈگۈن كېلىپ «كۆرۈشەيلى» دېگىنىدىن، «مېنى ھېلىمۇ ياخشى كۆرەمسىز؟» دەپ سورىغىلى كەلگەنلىكىنى پەرەز قىلىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى. ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭغا كۆڭلۈم قالمىغانلىقىنى ئېيتاي دېسەم يۈرىكىمنىڭ بىر يەرلىرىدە ھېلىھەم ئۇنىڭ ئۈچۈن ساقلىنىۋاتقان ئەسلىمىلىرىم، مۇھەببىتىم بار، ئۇنىڭ كۆڭلىنى قوبۇل قىلاي دېسەم، تۇنجى مۇھەببىتىمنى دەپسەندە قىلىپ، يۈرىكىمنى زىدە قىلغان، مېنى بىرسىنىڭ ئورنىغا چۈشىدىغان ئىككىنچى رەتكە تىزىپ قويغان بىرسىگە كۆڭۈل بېرىشكە غۇرۇرۇم يول قويمايدۇ. ئەنە شۇ خىيال بىلەن ئارىسالدى بولۇپ، ئۇنىڭغا دوستلىرىم بىلەن بازار ئايلىنىپ كەچتە بارىمەن دەپ ئالداپ قويۇپ، سىرتتا ئايلىنىپ يۈرگىلى ئىككى سائەتتىن ئاشتى، ئەسلى ئۇ بىردەم ساقلاپ بېقىپ قايتىپ كېتىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن ئۇنىڭ قايتا - قايتا تېلېفون قىلىپ، ساقلاۋاتقانلىقىنى ئېيتىشىدىن ئۇنىڭ قەتئىي نىيەت بىلەن كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
    ئەنە شۇ چىگىش خىياللار بىلەن كېتىۋاتقىنىمدا بىرىنىڭ چاقىرغىنى ئاڭلىنىپ قالدى.
    - ساۋاقداش، ھوي ساۋاقداش!
    يان تەرەپتە چوڭ بىر سومكىنى كۆتۈرۈۋالغان بىر قىزچاق مېنى چاقىرىۋاتاتتى. بۇ قايسى ساۋاقدىشىم بولغىيتى ئەمدى، نېمىلا بولمىسۇن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ سالاملاشقاندىن كېيىن سورىدىم.
    - سىزنى پەقەتلا تونىيالمىدىمغۇ؟
    - مەنمۇ سىزنى تونۇمايمەن - دېدى ئۇ كۈلۈمسىرەپ، - قارىسام مەندىن ئانچە پەرقلەنمەيدىكەنسىز، نېمە دەپ چاقىرىشمنى بىلمىگەچ ساۋاقداش دەپلا چاقىردىم. قاراڭ مۇنۇ سومكىنى پەقەتلا كۆتۈرۈپ بولالمىدىم، ئېغىر كۆرمەي كۆتۈرۈشۈپ بېرەمسىز؟
    مېنىڭمۇ بەرىبىر قىلىدىغان باشقا ئىشىم بولمىغاندىكىن گەپ - سۆزسىزلا ئۇنىڭ سومكىسىنى كۆتۈرۈپ ماڭدىم.
    - يوغان سومكىنى كۆتۈرۈۋالغىنىمغا قاراپ، مېنى ئانىسنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ ماڭغانمىكىن دەپ قالماڭ، چوڭ ئاپام ئاغرىپ قېلىپ، شۇ يەردە بىر مەزگىل تۇرغان، ئەمدى نەرسىلىرىمنى ئۆزۈمنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ ماڭدىم، ئىشتىن چۈشىدىغان ۋاقىت بوپ قالغاچقىمىكىن، پەقەتلا تاكسى توسالمىدىم، ئاپتوبۇسقا چۈشەي دېسەم، ئاپتوبۇس بېكىتىدىن چۈشۈپ يەنە كەينىمگە يانسام بولىدىكەن. ئۆزۈم كۆتۈرۈپ خېلى ماڭغاندەك قىلىۋىدىم، پەقەت ھالىم قالمىدى.
    ئۇنىڭ گەپ - سۆزلىرىدىن چوڭ شەھەرنىڭ قىزلىرىغا خاس شوخلۇقى، ئوچۇق - يورۇقلۇقى چىقىپ تۇراتتى. كۆڭلۈم جايىدا بولمىغاچقىمىكىن ئۇنىڭ گەپلىرى پەقەتلا قۇلىقىمغا خوش ياقمىدى، «ھە» دەپ قويۇپلا مېڭىۋەردىم.
    - مېنىڭ ئىسمىم ئايخۇمار، XX مەكتەپتە ئوقۇيمە، سىزچۇ؟ سىز نېمانداق بوۋايلاردەك پۇشۇلداپ ماڭىسىز؟ ئاغزىڭىز مىدىرلايدۇ، نېمە دېگىنىڭىز ئاڭلانمايدۇ، بىر نەرسە يادلاۋاتامسىز؟ يا بولمىسا سومكا ئېغىركەن دەپ باتناۋاتامسىز يا؟
    پاراڭلىرىمىز ئارقىلىق ئۇنىڭ بىلەن بىر مەكتەپ، بىر قارارنىڭ ئىكەنلىكىمىزنى بىلىشتۇق.
    ئۇنىڭ ئىسمى - جىسمىغا لايىق خۇمارلىق كۆزلىرى، خۇشخۇيلىقى مېنى ئۆزىگە جەلپ قىلدىمۇ ياكى غەم بېسىۋالغاندا ئۇنىڭغا دەرد تۆككۈم كەپ قالدىمۇ بىلمىدىم، ئۇنىڭ بايىدىن بېرى مېنى چىرمىۋالغان ئىشلارنى قىسقا قىلىپ سۆزلەپ بەردىم.
    مېنىڭ بۇ ھېكايەمدىن ئۇ تەسىرلەنگەن بولسا كېرەك، ئۇ:
    - سىز بەك رومانتىك ئوخشايسىز، تۇنجى ياخشى كۆرگىنىم دەپ ئۇنىڭغا قاتتىقراق گەپ قىلىشنىمۇ  خالىمايۋېتىپسىز، باشقا ئادەم بولغان بولسا بىر پاتمان سېسىق گەپ بىلەن تىللاپ كەتكۈزۈۋەتكەن بولاتتى. بۇ نەرسىلەرنى ئاپىرىۋېتىپ مەنمۇ مەكتەپكە قايتماقچى ئىدىم، سىزگە بىر ياردەم قىلاي. سىزنىڭ ياردىمىڭىزگە جاۋاب قايتۇرغىنىم بوپ قالسۇن.
    شۇنداق قىلىپ ئايخۇمار بىلەن ئىككىمىز بىللە قايتىپ، مەكتەپ ئالدىغا بارغاندا مەن مىھراينى كۆرسىتىپ قويساملا قالغان ئىشلارنى ئايخۇمار ئۆزى بىر تەرەپ قىلىدىغانغا كېلىشتۇق. مەكتەپ ئالدىغا بارغىنىمىزدا ئاللىقاچان قاراڭغۇ چۈشەي دەپ قالغان بولسىمۇ، مىھراي يەنىلا مېنى ساقلاپ تۇرغان ئىكەن، مەن ئايخۇمارغا كۆز ئىشارىسى بىلەن بىزدىن 20 نەچچە مېتىر يىراقلىقتىكى مىھراينى كۆرسەتتىم، مەن ئەسلى مىھراي،  ئايخۇمار بىلەن ئىككىمىزنىڭ بىللە ئىكەنلىكىمىزنى كۆرسىلا باشقا گەپ - سۆزسىزلا قايتىپ كەتسە ھەممە ئىش تۈگەيدۇ دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن كىم بىلسۇن ئىشارە قىلىپ مىھراينى كۆرسىتىشىمگىلا ئايخۇمار بىلىكىمدىن قولتۇقلاپ تۇرۇپ، مەڭزىمگە بىرنى سۆيۈپ قويدى. شۇ پەيتتە كۆرگىنىم شۇ بولدىكى مىھراي كۆزلىرىدىن ياش ئېقىتقىنىچە يول تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپ، يان تەرەپتىن كەلگەن ماشىنىغا سوقۇلۇپ، قانغا مىلەنگەن ھالدا يەرگە يىقىلدى. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلىشىپ، يەر - جاھان پىرقىرىغاندەك بولۇپ كەتتىم، يۈگۈرۈپ بېرىپ ئۇنى يۆلەپ قۇچىقىمغا ئالدىم، كۆز ياشلىرىم ئۇنىڭ قانغا بويالغان مەڭزىگە ئېقىۋاتاتتى.

    شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇچۇر ئىنستىتۇتى كومپيۇتېر 2009 - يىللىق 2 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى: ياسىنجان سابىر

1

تېما

14

ئەگەشكۈچى

1743

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
713
مۇنبەر پۇلى
731
ئىشەنىچ
713
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نىمە ئىشلار بۇلۇپ كەتتى
ۋۇجۇد ئېزىتقۇ،ئەقىل تىزگىن !دوستلىرىڭ دوست بولغىنىدۇر ئېشىڭغا،
يەتسە مېھنەت بىرى كەلمەس قېشىڭغا.
بولسا كىم مېھنەتتە دوست ئۇ جانغا دوست،
دوست ئەمەس دۆلەتتە دوست،ئۇ نانغا دوست!

6

تېما

5

ئەگەشكۈچى

1027

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
636
مۇنبەر پۇلى
427
ئىشەنىچ
636
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېيىنچۇ...مىھراينىڭ سالامەتلىكى ...قانداقراق  ...داۋامىنىمۇ ...بولامدۇ...

0

تېما

2

ئەگەشكۈچى

100

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
24
مۇنبەر پۇلى
62
ئىشەنىچ
24
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنى بىلگۈم كىلۋاتىدۇ تېمىڭىزدىكى پۇشايمان مىھراينىڭ  مەننى بۇرۇن ئەتىۋارلىمىغانلىق پۇشايمىنىمۇ ياكى مەننىڭ مىھرايغا قىلغان چاقچىقىغا بولغان پۇشايمىنىمۇ؟
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-3-20 13:13, Processed in 0.111925 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش