- تىزىملاتقان
- 2012-11-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-18
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 602
- نادىر
- 0
- يازما
- 138

- تۆھپە
- 56
- مۇنبەر پۇلى
- 312
- ئىشەنىچ
- 56
| سۆڭەك ياسىنجان سابىر ئېسىمنى بىلسەم ئۆيىمىزدە ئالقانچىلىك بىر سۆڭەك بولىدىغانتى، بۇ سۆڭەكنىڭ باشقا ئالاھىدە تەرىپى بولمىسىمۇ، لېكىن ئۆيدىكىلەر بۇ سۆڭەكنى ئاھىدە ئەتىۋارلايتى. ئادەتتە بۇ سۆڭەك دېرىزە تەكچىسىدىكى سۆڭەكنى قويۇش ئۈچۈن ياسالغان كىچىككىنە كۆركەم جاھازىنىڭ ئۈستىدە تۇراتتى. بىرەرسى ئېسىدە يوق بۇ سۆڭەكنى ئۆينىڭ بۇلۇڭ - پۇچقاقلىرىغا ياكى سۇپا ئۈستىگە قويۇپ قويغان بولسا، ئۆيگە كۆرپە سالغان ۋاقىتلاردا بولسۇن ياكى داستىخان سالغاندا بولسۇن، بۇ سۆڭەك ھەرگىز بىرەر نەرسىنىڭ ئاستىدا قالمايتتى. ھەممىمىز سىرتقا چىقىپ كېتىدىغان ۋاقىتلاردا بولسا ئانام بۇ سۆڭەكنى زىبۇ – زىننەتلىرىنى ساقلايدىغان مەخپىي ساندۇقىغا تىقىۋىتەتتى. بۇ سۆڭەكنىڭ نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئۆيدە تۇرىدىغانلىقىنى سورىغىنىمدا، دادام بۇ ھېكايىنىڭ بېشىنى بوۋامدىن باشلايتى. بوۋامنىڭ زامانىسىدا ئۆيىمىزنىڭ كەينى تەرىپىدىكى جاڭگالدا بۆرە، تۈلكە دېگەندەك يىرتقۇچلار بار ئىكەن، بوۋام ھەر كۈنى يولۋاس دەپ ئىسىم قويۇۋالغان ئىتنى ئەگەشتۈرگىنىچە قوي باققىلى جاڭگالغا چىقىدىكەن. بىر كۈنى بوۋام ئۆيگە كەلگەندە بىر قوينىڭ كەم ئىكەنلىكىنى بىلىپتۇ. بوۋام قوينى ئىزدەش ئۈچۈن ماڭغاندا يان پىچىقىنى ئۇنتۇلۇپ قالغانلىقىنى ھېس قىپتۇ. بوۋام بىلەن بىللە كىتىۋاتقان يولۋاس قۇرۇپ كەتكەن بىر تال سۆڭەكنى تېپىۋېلىپ، يا سۇندۇرالماي، يا يۈتۈۋېتەلمەي چىشلەپ ئېلىپ مېڭىپتۇ. بوۋام «ئەسقېتىپ قالار» دېگەن خىيال بىلەن يولۋاسنىڭ ئاغزىدىكى سۆڭەكنى قولىغا ئېلىپ يولنى داۋاملاشتۇرۇپتۇ. «قورققان يەردىن جىن كۆرۈنەر» دېگەندەك ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئېچىرقاپ كەتكەن بىر بۆرە ئۇچراپ قاپتۇ، بوۋام قاچالمايدىغانلىقىغا كۆزى يېتىپ ھېلىقى سۆڭەكنى تۇتقىنىچە بۆرە بىلەن ئېلىشىپتۇ، يولۋاسمۇ ئىسمىغا يارىشا يولۋاسلىقىنى كۆرسىتىپتۇ. بوۋام بۆرىنى يېڭىپ، ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن ھېلىقى سۆڭەكتىن ھىلال ئاينىڭ شەكلىنى ئويۇپ، دېرىزە تەكچىسىگە قويۇپ قويۇپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ، بۇ سۆڭەك دادامغا كەلگۈچە مۇشۇنداق ئەتىۋارلىنىپ ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئىكەن. مەھەللىدىكىلەر بىزنىڭ بۇ سۆڭەكنى شۇنداق ئەتىۋارلاپ ساقلايدىغانلىقىمىزغا قاراپ ھەر خىل سۆز - چۆچەكلەرنى قىلاتتى، چاقچاققا ياڭزاپ گەپتە چۇقۇۋاللاتتى. بەزىلەر بۇنى قاشتېشى دېيىشسە، يەنە بەزىلىرى بۇنى گۆھەر بولۇشى مۇمكىن دېيىشەتتى. بىزدىن سورىغانلارغا بولسا بوۋامدىن قالغان سۆڭەك پارچىسى دەيتتۇق. يازلىق يىغىمدىن كېيىنكى ئارىسالدى ۋاقىتتا قوشنىمىز ئۆيىنى يېڭىلاپ سېلىش ئۈچۈن قوشنا كەنتتىن بىر قانچە تامچى ئۇستاملارنى ئەكەلدى. قوشنىمىزنىڭ ئۆيى پۈتكەن كۈنى كەچتە بىز تامچى ئۇستاملارنى مېھمانغا چاقىرىۋالدۇق. ئەتىسى سەھەردە سۆڭەكنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلىپ، ھەممەيلەننىڭ ئۈنى ئىچىمىزگە چۈشۈپ كەتتى. ھەممەيلەن ئاشۇ تامچىلاردىن گۇمانلانغان بولساقمۇ، لېكىن ئېغىزىمىزدىن چىقىرالمىدۇق. بىر نەچچە كۈندىن كېيىن شۇ تامچىلارنىڭ ئارىسىدىكى داۋۇت ئىسىملىك بىرىنىڭ يۈزىگە مۇشتۇمچىلىك چوڭلۇقتا سۆڭەك ئۆسۈپ قالغانلىقىنى ئاڭلىدۇق. سۆڭەكنى كىمنىڭ ئالغانلىقى ئېنىق بولغان بولسىمۇ، لېكىن دادامنىڭ «ئۆيىىزنىڭ سۆڭىكىنى ئوغرىلدى دەپ ئەرز قىىشنىڭ ئورنى يوق» دېگەن گېپى بىلەن ھەممەيلەن بېسىقىپ قالدۇق. ھېلىقى داۋۇت دېگەن يۈزىگە سۆڭەك ئۆسۈپ قالغاندىن كېيىن دوختۇرخانىلارغا قاترىماي، قاشتېشى دۇكانلىرى، زىبۇ - زىننەت دۇكانلىرى، ئاسار - ئەتىقىلەرنى ساتىدىغان دۇكانلارغا چېپىپ يۈرگۈدەك. قىزىق يېرى شۇكى، ئۇنىڭ سۆڭەكنى نېمە ئۈچۈن ئاغزىغا سېلىۋالغىنىنى چۈشەنمەك قىيىن ئىدى. سۆڭەك يوقىلىپ ئىككى كۈندىن كېيىن ئۆيدە يەنە سۆڭەك پەيدا بوپ قالدى، بىر قاراپلا بۇنىڭ بىزنىڭ ئەتىۋارلىق سۆڭەك ئەمەسلىكىنى ھەممەيلەن بىلىۋالدى، لېكىن ھېچكىم ئېغىزىدىن چىقارمىدى. شۇ كۈنى كەچتە دادامدىن بۇ سۆڭەكنىڭ ئىشىنى سورىدىم. دادام: «ئۇ سۆڭەكنىڭ قانداق سۆڭەكلىكى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن، مۇھىمى سۆڭەكنىڭ سېنىڭ قەلبىڭدىكى ئورنى ئۆزگەرمىسۇن» دېدى. شۇ ۋاقىتتىلا مەن بوۋامدىن قالغان بۇ سۆڭەكنىڭ نەچچە قېتىم يوقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنە قانداق قىلىپ قايتا تېپىلىپ قالغانلىقىنى، ھېلىقى ھىلال ئاي شەكلىنىڭ قانداق قىلىپ ھازىرقىدەك يۇمىلاق شەكىلگە ئايلىنىپ قالغانلىقىنى چۈشەندىم. شۇ ئىشلار بولۇپ بىر ئايدىن كېيىن ھېلىقى داۋۇت دېگەننىڭ ئىچكىرىدە باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، مەھەللىگە ئەھۋال ئىگىلەپ كەلگەن ساقچىلاردىن ئاڭلىساق، داۋۇتنىڭ جەسىتى بايقالغاندا ئۇنىڭ ئاستىنقى ئىڭەك سۆڭىكىگە قوشۇلۇپ، يۈز قىسىمىنىڭ گۆشى شىلىۋېلىنغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ، بىزنىڭ ئەتىۋارلىق سۆڭەك «يوقالمىدى». داۋۇتنىڭ سۆڭەكنى ئېغىزىغا سېلىۋالغىنى بولسا سىر پېتى ئۇنىڭ بىلەن ئۇ ئالەمگە كەتتى. شىنجاڭ ئۇنىۋېرستىتى ئۇچۇر ئىنستىتۇتى كومپيۇتېر 2009 - يىللىق 2 - سىنىپ ئوقۇغۇچىسى: ياسىنجان سابىر |
|