تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 628|ئىنكاس: 42

مەن كەتتىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

13

تېما

22

ئەگەشكۈچى

2943

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1155
مۇنبەر پۇلى
1155
ئىشەنىچ
1155
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarwi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-14 12:31  




مەن كەتتىم

خوش! دېدىم  كەينىمگە يېنىشلاپ بېقىپ،
كۆزۈمدىن مارجاندەك ياشلىرىم ئېقىپ.
مەن كەتتىم، كەلمەسمەن يېنىڭغا ئەمدى،
كەلمەسمەن، قەلبىڭگە گۈلخانلار يېقىپ!

تىلغىسا تىلغىسۇن قەلبىمنى ھەسرەت،
كېتەرمەن، يېنىڭغا كەلمەسمەن پەقەت.
ئەسلىمە، ئامرىقىم مېنى سەن زىنھار،
بىر مەنلا قايغۇرۇپ ئۆتەي تائەبەت.

يۈرىكىڭ پۈتۈلگەن بولسا گەر  تاشتىن،
ئېرىمەس دەريادەك ئاققان كۆز ياشتىن.
كەچسەڭ گەر كېچىۋەر! مەنمۇ چىدارمەن،
نە قىسمەت ئۆتمىگەن ئىدى بۇ باشتىن.

بۇ شېئىرىم مەڭگۈلۈك ئەسلىمە بولسۇن،
خالىساڭ تاشلىماي ساقلاپ قويارسەن.
چاچلىرىڭ كۈمۈشتەك ئاقارغان چاغلار،
ئېھتىمال، ئۇنتالماي مېنى ئويلارسەن.

چېچەكلەر ئاچمىدى گۈزەل ئارمانلار،
بەندىلەر تەقدىرگە چارىسىز ئىكەن.
ۋە لېكىن ئۆچمەسكەن يۈرەكتىكى ئوت،
ئۆلمەسكەن يالقۇنلۇق مۇھەببەت دېگەن!

كۆرەرمەن ئەگەر مەن ھاياتلا بولسام،
چاچلىرىڭ ئاقارغان ئاشۇ كۈنلەرنى.
تۇتارمەن ئېھتىمال مۇڭلارغا چۆكۈپ -
ئولتۇرغان ۋاقتىڭدا قىزىل گۈللەرنى.

سەن بەلكىم پۇرارسەن يېنىش - يېنىشلاپ،
ئامرىقىم، مەن ساڭا تۇتقان گۈللەرنى.
ئۇشبۇ دەم ئىككىمىز قايتىپ ياشلىققا،
ئەسلەرمىز سۆيگۈگە تولغان كۈنلەرنى.

تىزارمەن شۇ ئىسسىق ياشلىرىم بىلەن،
ئامرىقىم، سەن ئۈچۈن بىر تىزىق مارجان.
ياسارمەن شېئىرىمدا ساڭا قەسىرلەر،
قەلبىمنى چۇلغىغاچ قايناق ھاياجان!

گۈللەرنى تىزارمەن ساڭىلا ئاتاپ،
نەزمىلەر يازارمەن ساڭا بېغىشلاپ.
سەن ئۈچۈن ياڭرىغان مۇڭلۇق ناخشامدا،
تۇرارمەن نىگارىم سېنى باغاشلاپ!

پاك سۆيگۈم سەن ئۈچۈن ئەسلىمە بولسۇن،
چىدىساڭ نىگارىم ئۇنتۇغىن تامام.
بىلگىنكى سەن تامام ئۇنتۇپ كەتسەڭمۇ،
مەن مەڭگۈ ئۇنۇتماي ئەسلەرمەن ھامان!

مەن سېنى ئەسلەرمەن مەڭگۈ تائەبەت،
نامىڭنى قەلبىمگە يېزىپ قويارمەن.
شېئىرىمدىن سەن ئۈچۈن گۈلدەستە ياساپ،
بىر كۈنلەر بوينۇڭغا ئېسىپ قويارمەن!



مەنبە: ئۆزۈم

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

16

تېما

24

ئەگەشكۈچى

3771

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1101
مۇنبەر پۇلى
1479
ئىشەنىچ
1101
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەكنىڭ چوڭقۇر قىتىدىن ئىتىلىپ چىققان  مۇرەككەپ چىن ھېسسىياتلار ، شىرىن ئارزۇ- تىلەكلەر ،قىيالماسلىق....تولۇق ھېسسىيات بىلەن ئىپادە قىلىنىپتۇ . مۇھەببەت تۈگىمەيدىغان شېئىر-ناخشىلارنىڭ ئۈزۈلمەيدىغان بۇلىقى. شېئىر موزىكا بىلەن قوشۇلۇپ  ئاجايىپ چەكسىز تۇيغۇلارغا  ئىگە بولۇپتۇ   كىشىگە شۇنداق تۇيغۇ  مەڭگۈلۈك ئەسلىمىلەرنى ھېس قىلدۇرىدىكەن ،سىغىندۇرىدىكەن....ھېسسىياتلىق لىرىكىلرىڭىز كۆڭۈللەرنى يايراتقۇسى!!  رەھمەت سىزگە!

باھا سۆز

sarwi بۇغداي ، ياقتۇرغانلىىڭىزدىن خۇش بولدۇم ، رەھمەت سىزگە .  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا
تۇپراق بىلەن قان يۇغۇرۇلسا ۋەتەن بولىدۇ....

45

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1988

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1092
مۇنبەر پۇلى
748
ئىشەنىچ
1092
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىر ھىسسىيات،شىئىر پىكىر،شىئىر بەدىئىلىگى ئۆز ئىپادىسىنى تىپىپتۇ.

باھا سۆز

sarwi رەھمەت سىزگە ، سەھرا  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

5

تېما

6

ئەگەشكۈچى

1736

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەخمۇت سەلەي..
تۆھپە
1078
مۇنبەر پۇلى
664
ئىشەنىچ
1078
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەگەر سەن كەتكۈدەك بولساڭ يېنىمدىن،
خاھلىساڭ كىسىۋال ئەپكەت تېنىمدىن.
ئۆلۈمەن بەرىبىر بۈگۈن يا ئەتە،
ئايرىغان دەملەردە مىنى مىھرىڭدىن.

باھا سۆز

sarwi رەھمەت ، ئەگەشكىنىڭىزدىن سۆيۈندۈم .  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

5

تېما

6

ئەگەشكۈچى

1736

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەخمۇت سەلەي..
تۆھپە
1078
مۇنبەر پۇلى
664
ئىشەنىچ
1078
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەتكۈڭ بار، ئەلبەتتە،-كەتكىن دىمەسمەن،
سەن كەتسەڭ مەن ھەرگىز ئاش،نان يىمەسمەن.
بېشىمغا شۇ سەۋدا چۈشسەئەگەردە،
ئاستىم يەر،ئۈستۈم نەر،بۇنى بىلمەسمەن..

5

تېما

6

ئەگەشكۈچى

1736

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەخمۇت سەلەي..
تۆھپە
1078
مۇنبەر پۇلى
664
ئىشەنىچ
1078
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتۈنەي سىنىڭدىن ھېچ رەخمەت ئېيتما،
ھەق گەپنى ئېيت ماڭا،مەندىن قېيدىما.
ئىككىمىز سىغدىلىپ يۈرگەن شۇ يولدا،
مەن سەۋەپ،بىرسى ساڭا بىرنىم دىدىما؟؟؟

6

تېما

5

ئەگەشكۈچى

1027

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
636
مۇنبەر پۇلى
427
ئىشەنىچ
636
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   yawagaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-14 18:54  

؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟
!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!

                                                                    .

باھا سۆز

sarwi رەھمەت ياۋاغاز  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا
بۇغداي ياۋا غاز ھېسسىياتىڭىزنى دەھشەت ئىپادىلىۋتىپسىزغۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

2

تېما

18

ئەگەشكۈچى

1577

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
286
مۇنبەر پۇلى
779
ئىشەنىچ
286
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرۋى؛  شىئرلىرڭىز بەك ئۆزگىچە جىمۇ،ئوقۇغان ئادەمنىڭ ھاردۇقى چىقىپ قالدۇ،

باھا سۆز

sarwi رەھمەت سىزگە ، راستچى  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

2

تېما

9

ئەگەشكۈچى

675

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
96
مۇنبەر پۇلى
405
ئىشەنىچ
96
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-14 22:49  

مەن  سەھرايى  ئىلى  ئۈچئون  توققۇزتاراسىغا  كېلىپ ھېچ  نەرسە  يازالمىدىما؟
جاھان سىرى بولسۇن دىل دەپتەرىدە ،
ئاچساڭ ، باشقا بالا ئەل نەزەرىدە .

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

376

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
62
مۇنبەر پۇلى
292
ئىشەنىچ
62
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سەرۋىنىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇسام دىللىرىم سۈيۈنۈپ كېتىدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-3-20 13:13, Processed in 0.117529 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش