فارابى ئۇيغۇر ئالىمى، ئارستوتىل تەلىماتلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى مۇنەۋۋەر نامايەندىسى، بىر پۈتۈن ناتۇرالىستىك پانتېئىزملىق پەلسەپىۋى سىستېمىنىڭ ئاساسچىسى، ئاتاقلىق لوگىك، ماتېماتىك، مۇزىكىشۇناس - ئەبۇ نەسىر فارابى، (تولۇق ئىسمى: ئەبۇ نەسىر مۇھەممەد ئىبن ئۇزلۇق ئىبن تارخان) كاشغەرگە قاراشلىق بالاساغۇن يېنىدىكى فاراب - ئوترار - جەۋھەر شەھىرىنىڭ «ۋاسىچ» ھەربىي قەلئەسىدە، مانى دىنىغا ئېتقاد قىلىدىغان توققۇز ئوغۇز - توققۇز ئۇيغۇر چەۋەنداز ھەربىي ئوفىتسېر ئائىلىسىدە مىلادىيەنىڭ 870 - يىلى (ھىجىرىيەنىڭ 259 - يىلى) دۇنياغا كەلگەن. 893 - يىلى فارابى پۈتۈن ئائىلىسى مانى ئېتىقادىدىن ۋاز كېچىپ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىپ مۇسۇلمان بولدى. بۇ چاغدا ئۇ 22 ياشلاردا بولسا كېرەك. فارابى 30 يېشىدىن ھالقىغاندا، 10 - ئەسىرنىڭ بېشىدا ئەينى زاماندىكى مەدەنىيەت ئوچىقى ھېسابلانغان باغداتقا كەتكەن. ئەرەب تىلىنى بىلمىگەچكە، باغدادتا ئەبۇبەكرى ئىبنى سىراجىددىندىن ئەرەب تىلىنى ئۈگىنىۋالدى (ئوتتۇرا ئاسىيادا ياشىغان ۋاقىتتا پارس تىلىنىمۇ پىششىق ئىگىلىگەن)، مەشھۇر خىرىستىيان ئالىمى ئەبۇ بەشەر مەتتە يۇنۇستىن گرېك تىلى بىلەن لوگىكا ئىلمىنى ئۆگەندى، كېيىن ھەرران شەھرىگە بىرىپ ئەبۇ بەشەر مەتتەنىڭ ئۇستازى، ئەينى زاماندىكى ئاتاقلىق خىرستىيان ئالىمى، ئارستوتېل لوگىكىچىسى يۇھەننا بىننى ھەيلان جىلىدتىن پەلسەپە، لوگىكا، نەزەرىيە تېبابەتچىلىكىنى ئۆگەندى. ئۆز دەۋرىنىڭ مىسلىسىز ئۇلۇغ ئالىمى، شەرق ئارستوتېلى، ناتۇرال پانتېزملىق پەلسەپە سىستېمىسىنىڭ ئاساسچىسى سۈپتىدە غايەت زور شۆھرەت قازاندى. فارابى مىلادىيەنىڭ 950 - يىلى (ھىجىرىيەنىڭ 339 - يىلى) ماھى رەجەب (دېكابىر) ئېيىدا سۈرىيەنىڭ دەمەشىق شەھىرىنىڭ سىرتىدا لېكسىيە سۆزلەش سەپىرىدە 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ جەسىتىنى دەمەشىق شەھىرىنىڭ «بابەس - سەغىر» ناملىق كىچىك سېپىل دەرۋازىسىنىڭ يېنىغا دەپنە قىلدى. فارابى ئۆيلەنمىگەن بولۇپ، پەرزەنتسىز ئىدى. تۆۋەندىكى 9 پارچە شېئىرى فارابىنىڭ ئەرەب تىلىدىكى ئەرەبچە ۋە قىسمەن روسچە نۇسقىلىرىدىن تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلۇپتىكەن، مۇنبەردىكى قېرىنداشلىرىمغا سۇندۇم.
1 ئەي قېرىنداش، خالىي تۇر ھەمراھ ئەمەس ناھەق ساڭا. ھەق - ئادالەتنىڭ قېشىدا سەن ماكان تۇت دائىما. بۇ جاھان ساڭا تۇرار مەڭگۈ مەقام - جايمۇ ئەمەس، زەربە قىسمەتتىن خالاس بولمايدۇ ھېكىممۇ يانا. قالغۇسى مۆجىزە بولۇپ ئىخچام تەۋەرۈك سۆزلىرىڭ، بەخىش ئېتىپ تۇرغاچ تىرەن مەزمۇن پاراسەتلىك ئاڭا. بىپايان ئالەم ھامان مەشغۇلى ھەرىكەت ئۈستىدە، تۇرىمىز ئوخشاپ پەقەت تامچە ۋە ياكى نۇقتىغا. مەنبە: ئابدۇشۈكۈر مۇھەممەتئىمىننىڭ «ئۇيغۇر پەلسەپە تارىخى»، «ئۇيغۇرلاردا ئىسلام مەدەنىيىتى». داۋامى ئىنكاس شەكلىدە يېزىلىۋاتىدۇ... |