خانىم، سىز بايمۇ؟ مارىيون دۇلان ئۇلار تۈگۈلگىنىچە ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى شامالدىن دالدىلىنىدىغان جايدا تۇراتتى، ئۇ ئىككى شاكىچىكنىڭ كىيىملىرى ئۇچىسىغا ئارانلا كەلگەن ئىدى. - ئىشلەتمەيدىغان گېزىت بارمۇ، خانىم؟ ئۇ ۋاقىتتا مەن ئالدىراش ئىدىم، ئەسلى ئۇلارغا يوق دېمەكچى بولغان ئىدىم، لېكىن ئۇلارنىڭ پۇتىدىكى قاردا ھۆل بولۇپ كەتكەن نېپىز پۇپۇچنى كۆرۈپ، ئۇنداق دېيەلمىدىم. - ھۇجرىغا كىرىڭلار، مەن سىلەرگە ئىسسىق كاكائۇ چېيى دەملەپ بېرەي. ئۇلار ئۈن - تىنسىز ماڭا ئەگىشىپ ھۇجرىغا كىردى. مەشنىڭ يېنىدا ئۇلارنىڭ ھۆل پۇپۇچلىرى بىر قۇر ئىزلارنى قالدۇرغان ئىدى. كۆڭلۈمدە بۇ قەھرىتان سوغۇقتا بىر ئاز دالدا بولسۇن دەپ قىزىق دەملەنگەن كاكائۇ چېيى ۋە مۇراببا بولكىسىنى ئۇلارغا سۇندۇم. ئاندىن مەن ئاشخانا ئۆيگە كىرىپ، ئىلگىرىكىگە ئوخشاشلا ئەتىنىڭ تەييارلىقىغا چۈشۈپ كەتتىم. دالان ئۆيدىن ھېچقانداق شەپە چىقماسلىقى ماڭا ئازراق غەلىتە بىلىندى. مەن دالان ئۆيگە قارىدىم، قىز قولىدىكى ئاللىقاچان ئىچىپ تۈگىگەن چاي قۇتىسىغا سىنچىلاپ قاراپ ئولتۇراتتى. «خانىم، سىز بايمۇ ؟» ئوغۇل بالا مۇلايىملىق بىلەن سورىدى. «مەن بايمۇ؟» مەن كىرىسلو ئۈستىدىكى ئاددىي ياپقۇچقا قاراپ قويۇپ، جاۋابەن: «پەرۋەردىگارىم، مەن باي ھېسابلانمايمەن» دېدىم. بۇ چاغدا قىز ئىنتايىن ئېھتىيانچانلىق بىلەن قولىدىكى ئىستاكاننى تەخسىگە قويۇپ قويدى. - ئىستاكانىڭىز بىلەن تەخسىڭىز بەك ماسلىشىپتۇ. ئۇنىڭ چوڭ ئادەملەردەك ئېيتقان سۆزلىرىدىن بىر خىل تەشنالىق چىقىپ تۇراتتى. ئۇلار بىر قۇچاق قەغەزنى كۆتۈرۈپ شامالغا قارىشى يۈرۈپ كەتتى. ئۇلار ھەتتا بىر ئېغىز «رەھمەت»مۇ ئېيتمىدى. ھەئە، ئۇلارنىڭ رەھمەت دېيىشىمۇ بىھاجەت، ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ قىلغىنى رەھمەتتتىنمۇ ئارتۇق. تولىمۇ ئاددىي، بىر جۈپ كۆك رەڭلىك فارفور ئىستاكان بىلەن تەخسە، لېكىن ئۇلار راستىنلا ماسلاشقان. مەن قازاندا دۈملىنىۋاتقان بەرەڭگىگە قاراپ باققاندىن كېيىن، قىيمىنى يەنە بىر قېتىم ئارىلاشتۇردۇم. يەيدىغانغا بەرڭگە ۋە قىيما شورپىسى، تۇرىدىغانغا ئۆي بار، ئېرىمنىڭ ياخشى ھەم مۇقىم خىزمىتى بار - بۇلار، ھەممە - ھەممىسى ھەقىقەتەنمۇ ماسلاشقان. مەن ئورۇندۇقنى مەشنىڭ يېنىدىن كەينىگىرەك تارتىپ قويۇپ، ئۆينى بىر قۇر تازىلىدىم. يەردىكى ئاياغ ئىزى تېخى قۇرىمىغان ئىدى. شۇنداق، مېنىڭ ئۇ ئىزلارنى يوقاتقۇم يوق، ئۇلار ماڭا ئۆزۈمنىڭ باي ئىكەنلىكىمنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمنى ئەسكەرتىدۇ. مەنبە: «ئېنگلىزچە ئەدەبىي تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2002 - يىللىق 10 - سانىدىن ئېلىندى. تەرجىمان: ئا.س.پاكزات |