تۆت تىنىق
«گۈزەل» لىك ئارىيەت بېرىلگەن ساڭا، مەڭگۈلۈك بولماس ئۇ يوقىلار يانا. گۈزەلسەن گۈزەلدۇر مەڭگۈگە دۇنيا، قەلبىڭگە ئىلىمدىن تولسا نۇر (زىيا).
تونىمىغاچ بەلكىم تەڭرىنى، تونىمىسام كېرەك ئۆزۈمنى. قەپىزىدىن ئايرىلغان قۇشلار، ئىزدەپ ماڭغان بولغىيتى كىمنى؟!
«نىچۈن» دېگەن بۇ سوئال ياغار دىلغا يامغۇردەك، نىچۈن يەنە يۈرەكنى سىقار گاھى ئامبۇردەك. باقسام ئەگەر ئۆتمۈشكە، ئەتە، ئۆگۈن ( كەلمىش) كە، نە ئۈچۈندۇر توۋلىغۇم كېلەر: «نۇر سۆي ئۇيغۇر!» دەپ.
سۆيمىگەچ ئۆزۈمنى بەلكى بۇ دۇنيا، پالىسا ھەقلىقتۇر ھەسرەت چۆلىگە. بىراق سوغ كۈلمىسۇن ئەپتىمگە قاراپ، بەختىمگە ھامىلىدار ئازاب قەلبىمدە.
|