نورۇزغا
سەن ئەلبەتتە باھارنىڭ ئەلچىسىگە ئوخشايسەن، ئۇچقۇن ئىدىم، ياندۇردۇڭ يەلچىسىگە ئوخشايسەن. چوققىلاردىن تامچىلاپ ئۆستەڭلەردىن ئۆركەشلەپ،
مايسىلارغا سۇ بەردىڭ، سەلچىسىگە ئوخشايسەن. يىمىشلەرنىڭ شېخىدا بۇ يىل ئەجەپ چېچەك كۆپ،
مېۋىلەرنىڭ توققۇزى تەلچىسىگە ئوخشايسەن. ئۆتكەن يىلى كەلگەنتىڭ كۆڭۆللەرنى كۆتۈرۈپ،
بۇ يىل يەنە قايتىلاپ كەلچىسىگە ئوخشايسەن. پەستە تۇرسام دېھقىنىم دېگەن ئىدىڭ ئىشىك ئاچ،
ئىشىك ئاچتىم، ئۆيۈمنىڭ بەرىكىتىگە ئوخشايسەن. ياخشىغا
ياخشى كۆرسەڭ ياخشىغا ئايلىنارمەن ئاخىرى،
ياخشىلاردىن ياخشى دەپ سايلىنارمەن ئاخىرى. يېتەكلىسەڭ ئىزىڭدىن، توغرا - توغرا يول ئالسام،
يېتىپ بېرىپ يېنىڭغا جايلىشارمەن ئاخىرى. دوستۇم دېسەڭ دوستۇڭ مەن، دۈشمىنىڭگە تىغ ئۇرۇپ،
ئىشلىرىڭغا كۈچ قوشۇپ قارىشارمەن ئاخىرى... خىيال قىلساڭ نېمىنى ئىجراچىسى مەن بولسام،
خىيالىڭدىن چىقارساڭ تاشلىنارمەن ئاخىرى. ئاندىن ماخمۇت نە قىلسۇن باشلىغانغا ئەگىشىپ،
يەنە سەندەك ياخشىغا باشلىنارمەن ئاخىرى...
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم مەخمۇت سەلەي (مەيپۇرۇچ) |