- تىزىملاتقان
- 2012-11-24
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-3-19
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 783
- نادىر
- 0
- يازما
- 186

- 真实姓名
- نادان
- تۆھپە
- 207
- مۇنبەر پۇلى
- 407
- ئىشەنىچ
- 207
| ئالدىراپ تېما كۆچۈرۈپ يۈرمەيتتىم. ما تېما چىرايلىق كۆرۈنۈپ يۆتكەپ قويدۇم. (مىسرانىم مۇنبىرىدىن)
1. باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقاندا دۆلەت رەئىسى بولۇشنى ۋە باۋما ماركىلىق ماشىنام بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم ، تولۇقسىزغا چىققاندا ئۆلكە باشلىقى بولۇشنى ۋە ئاۋتو ماشىنام بولۇشنى ئارزۇ قىلاتتىم، تولۇق ئوتتۇرىغا چىققاندا ۋىلايەتنىڭ ۋالىسى بولۇشنى ۋە شاڭخەي داجۇڭ ماشىنام بولۇشنى ئارزۇ قىلدىم، كېيىن ئالىي مەكتەپكە چىققاندا بولسا كەنت باشلىقى بولۇشنى ۋە موتسىكىلىتىم بولۇشنى ئارزۇ قىلدىم، مانا ئەمدى جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن بولسا ئائىلە باشلىقى بولۇشنى ۋە ۋېلىسىپىتىم بولۇشنى ئۈمىد قىلىپ يۈرۈپتىمەن، نەچچە كۈندىن كېيىن بۇ ئارزۇيۇم نېمىگە ئايلىنار؟؟ 2. مېنىڭ بىر ياتاقتا تۇرىدىغان ئاغىنەم تېخىچە بويتاقتى، ئۇ ياپونىيەنىڭ كارتون فىلىمىگە ھەددىدىن زىيادە قىزىقاتتى. بىر كۈنى ئۇ ئۆزى ياقتۇردىغان كارتوننىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن كۆينەكنى كىيىپ كەچلىك مۇزاكىرە قىلىۋاتقاندا تۆۋەن يىللىقتىكى بىر چىرايلىق قىز ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: «سىزمۇ بۇ فىلىمگە ئامراقكەنسىز دە، مېنىڭ تېلېفونۇمدا بۈگۈن يېڭى چىققان قىسىمى بار، بىز بىرلىكتە كۆرەيلىمۇ» دەپتۇ، لېكىن مېنىڭ بۇ لەقۋا دوستۇم قىزغا بىر قارىۋەتكەندىن كېيىن: «تېلېفوننىڭ ئېكرانى بەك كىچىككەن، مەن ياتاققا قايتىپ كومپيۇتېردا كۆرەي» دەپلا كېتىپ قاپتۇ. مېنىڭ بۇ دوستۇمغا دەيدىغىنىم: بۇرادەر، سېنىڭ ھازىرغىچە يالغۇز يۈرگىنىڭگە خوپ بوپتۇ تازا!! بەزنى ئېغىزىغا سېلىپ بەرسىمۇ يېمىگەن سەندەك مۈشۈككە سۆڭەك ئۇچرىغاي!! 3. بىزنىڭ بىر مۇئەللىمىز دەپ بەرگەن: ئۇنىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى بار بولۇپ، ئۇ دەرسلەردە ناھايىتى ياخشىكەن ، بولۇپمۇ ئېنگىلىز تىلىغا بەك ئۇستىكەن، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئېنگلىز تىلىدا 138 نومۇر ئېلىپ بېيجىڭ چەت ئەل تىللىرى ئۇنىۋېرسىتېتىغا قوبۇل قىلىنىپتۇ. مەكتەپكە بېرىپ ئىككى ھەپتىدەك ھەربىي مەشىق قىلىش داۋامىدا ئۇ ئوقۇغۇچى ھەممە يېڭى ساۋاقداشلىرىغا دېگۈدەك «مەن ئېنگلىز تىلىدا 138 ئالغانتىم، سەن نەچچە ئالغانتىڭ؟» دەپ چىقىپتۇ، لېكىن ھېچكىم ئۇنىڭغا پەرۋا قىلماپتۇ. ئوقۇش باشلانغان كۈنى ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىسىگە بىر قۇر قارىۋەتكەندىن كېيىن: «بۇ يىل سىنىپىمىزنىڭ ئېنگلىز تىلى نەتىجىسى خېلى ياخشىكەن، پۈتۈن سىنىپتىكى 200 ئوقۇغۇچنىڭ ئىچىدە 140 تىن تۆۋەن ئالغاندىن ئىككسىلا باركەن، بىرسىنىڭ 139، يەنە بىرسىنىڭ 138» دەپتۇ. 4. كىچىك ۋاقتىمدا ئاپام ئاچامغا ئۇكاڭغا ئوبدان قارا دەپ مېنى ئاچامغا بېرىپ قويۇپ ئۆزى ئىشلىگىلى كەتتى. ئاچام بولسا دوستلىرى بىلەن «مېھماندارچىلىق» ئوينىماقچى بولۇپ مېنىڭ قالايمىقانچىلىق چىقىرىپ ئۇلارنى ئوينىغىلى قويماسلىقىمدىن ئەنسىرەپ كۆمۈر دۆۋىسىدىن بىر نەچچە پارچە كۆمۈر پارچىسىنى ئېلىپ كېلىپ ماڭا: «ماۋۇلارنى پاكىز يۇيۇپ ئاقارتىپ بولۇپ كەلسەڭ ئاندىن سېنىمۇ قېتىپ بىللە ئوينايمىز» دېدى... مەن بىچارە ناھايىتى ئەستايىدىللىق بىلەن بىر چۈشتىن كېيىن كۆمۈر يۇيۇپ چىقتىم. ئەمدى چوڭ بولۇپ ھەممىنى چۈشنىپ يەتتىم. 5. مەن باشلانغۇچتىن ھازىرغىچە 13 يىل مەكتەپتە ئوقۇپتىمەن. ئەگەر مەن 13 يىل ناخشا ئېيتىشنى مەشىق قىلغان بولسام مەن چوقۇم بىر داڭلىق ناخشىچى بولالايتىم؛ ئەگەر مەن 13 يىل توپ ئوينىغان بولسام چوقۇم بىر داڭلىق توپچى بولالايتىم؛ ئەگەر مەن 13 يىل مەخسۇس ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئوينىغان بولسام چوقۇم دۇنياۋى مۇسابىقىلەرگە قاتنىشالايتىم، ئەمما ھازىر مەن پەقەت 13 يىللىق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە، سىرتقا چىقسام بېشىمنى تاشقا ئۇرساممۇ خىزمەت تاپالمايدىغان بىر ئاددىي كىشى خالاس، ئېسىت 13يىل!! 6. تېلېفونۇمنىڭ پۇلى تۈگەپ قېلىپ بىر بۇرادىرىمگە ئۇچۇر يوللىدىم: مېنىڭ تېلېفونۇمغا 10 يۈەن قاچلىۋەتكىن، پۇلۇڭنى ئەتە قايتۇرۇپ بېرىمەن. ئېھتىياتسىزلىقتىن توپ ئۇچۇرى قىلىپ ئەۋەتىپ قاپتىمەن. ئەتىسى ئەتىگەندە قارىسام تېلېفونۇمغا 28 پارچە ئۇچۇر كەپتۇ. ئۇنىڭ ئىچىدە 15 پارچىسىدا: «قايتۇرمىساڭمۇ بولىدۇ» دەپتۇ، 4 پارچىسىدا: «ئەتە قايتۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالما» دەپتۇ، قالغانلىرى: «قاچلىۋەتتىم» دەپتۇ. مېنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغىنى بىر قىز: «سىزگە 20 يۈەن قاچلىۋەتتىم، يەنە بىر ئىش بار، مەن سىزنى ياخشى كۆرىمەن» دەپتۇ، شۇنداق قىلىپ مەن ئېھتىياتسىزلىقتىن بىر ئۇچۇرنى توپ ئۇچۇرى قىلىپ ئەۋەتىپ قالغان باھانە بىلەن 150 يۈەن سۆزلىشىش ھەققى ۋە بىر دانە قىز دوستقا ئىگە بولۇپ قالدىم. بۇنى ناھايىتى قاملاشقان مۇكەممەل خاتالىق دېيىشكە بولامدۇ - يوق؟ 7. ئەدەبىيات ئىمتىھانىدىن چىقىپ مەن ئازابلانغانلىقىمدىن يىغلىۋەتتىم، ئەتىسى ئالىي ماتېماتىكا ئىمتىھانىدىن چىقىپ مەن تۈنۈگۈن سەل بۇرۇن يىغلاپ قويغانلىقىمنى ھېس قىلدىم. 8. ئۆي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىزنى تېخىمۇ تىرىشىپ ئىشلەيدىغان قىلىش ئۈچۈن؛ ماي باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىزنى تېخىمۇ تېجەشلىك قىلىش ئۈچۈن؛ گۆش باھاسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىزنى تېخىمۇ ئورۇق - ساغلام قىلىش ئۈچۈن؛ گۆرلۈك ھەققىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى بىزنى ئۆلمەي تېخىمۇ ئۇزاق ياشاشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن. بىزنى خۇشال - خۇرام، بەختلىك تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن دۆلەت كۆپ بېشىنى قاتۇرۇپتۇ، پارتىيەگە رەھمەت، دۆلەتكە رەھمەت، ھۆكۈمەتكە رەھمەت! مەنبەسى: تىڭشۈن مىكروبىلوگى |
|