تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 304|ئىنكاس: 22

يىللارغا جاۋاب

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

13

ئەگەشكۈچى

1018

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
281
مۇنبەر پۇلى
560
ئىشەنىچ
281
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 17:15:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يىللارغا جاۋاب
(لۇتپۇللا مۇتەللىپ)

ۋاقىت ئالدىراڭغۇ ساقلاپ تۇرمايدۇ،
يىللار ۋاقىتنىڭ ئەڭ چوڭ يورغىسى.
ئاققان سۇلار، ئاتقان تاڭلار قايتىلانمايدۇ،
يورغا يىللار ئۆمۈرنىڭ يامان ئوغرىسى.

ئوغرىلاپلا قاچىدۇ ئارقىغا يانماي،
بىر - بىرىنى قوغلىشىپ، يورغىلىشىپ.
ياشلىق بېغىدا بۇلبۇللار قانات قاقماي،
يوپۇرماقلار قۇيۇلىدۇ پورلىشىپ.

ياشلىق ئادەمنىڭ زىلۋا بىر چېغى،
تولىمۇ قىسقا ئۇنىڭ ئۆمرى بىراق.
يىرتىلسا كالىندارنىڭ بىر ۋارىقى،
ياشلىق گۈلىدىن تۆكۈلىدۇ بىر تال يۇپۇرماق.

يىللار شامىلى يەلپۈنىدۇ، ئىزلار كۆمۈلىدۇ،
يوپۇرماقسىز دەرەخ بىچارە - بولىدۇ قاقشال.
يىللار سېخىي قۇرۇق كەلمەيدۇ ئەكىلىپ بېرىدۇ،
قىزلارغا قورۇق، ئەرلەرگە ساقال.

بىراق يىللارنى تىللاش توغرا كەلمەيدۇ،
مەيلى ئۆتىۋەرسۇن ئۆزىنىڭ يولى.
ئادەملەرمۇ ۋاقىتنى قولدىن بەرمەيدۇ،
چۆللەرنى بوستان قىلغان ئادەملەر قولى.

يىللارنىڭ قوينى كەڭ، پۇرسىتى نۇرغۇن،
تاغدەك ئىشلار يىللار بىلەن ئۆرە تۇرىدۇ.
قاراپ باق ئاخشامقى بوۋاق كىچىككىنە تۇرسۇن،
تۈنۈگۈن ئۆمىلەپ، ھە... بۈگۈن مېڭىپ يۈرىدۇ.

كۈرەشچان بالىلار قوغلىشىپ يىللار،
كۈرەش نەۋرىلىرىنى چوقۇم تاپىدۇ.
ئاخشام بەخت ئۈچۈن قۇربان بولغانلار،
قەبرىسىنى يادلاپ گۈللەر ياپىدۇ.

مەيلى ساقال سوۋغا قىلسا قىلسۇن يىللار،
مەنمۇ تاۋلىنىمەن يىللار قوينىدا.
ئىجادىم شېئىرىمنىڭ ئىز تامغىسى بار،
ئالدىمدىن قېچىپ ئۆتكەن ھەر يىل بوينىدا.

قېرىماسمەن كۈرەشنىڭ كەسكىن چېغىدا،
شېئىرىم يۇلتۇز بولۇپ يانار ئالدىمدا.
ئۆلۈم پەستە قېلىش كۈرەشنىڭ داۋانلىق تېغىدا،
چىدام غەيرەتنىڭ يەڭگىنى ھەريان يادىمدا.

ئېسىلارمەن مىلتىق ئېتىپ تاۋلانغان قولغا،
يېپىشارمەن بايراق بىلەن ئالغا ئاتلىغان يولغا.
كۈرەش باياۋانىدا ھارماسمەن ئەسلا،
كۈرەش بىلەن كېلىپ چىقىمىز كەڭ غالىپ يولغا.

يىللار مەيدەڭنى تۇتۇپ قاقاھلاپ كۈلمە،
ئالدىڭدا قىزىرىشتىن ئارتۇق كۆرىمەن ئۆلۈمنى.
قېرىتىمەن دەپ ئارتۇق كۆڭۈل بۆلمە،
ئاخىرقى جەڭگە ئاتاپ قۇيارمەن ئوغلۇمنى.

يىللار دېڭىزى دولقۇنلۇق بولساڭمۇ،
ئۇپقۇنلىرىڭنى يارىدۇ بىزنىڭ كاراپ.
يىلنىڭ ئۆتۈشى بىلەن قورقىتىپ باقساڭمۇ،
ئىجاد يىللارنى قېرىتىدۇ دەپ بېرىمىز جاۋاب.
قۇملۇقتەك جىمجىت تۇرماي دېڭىزدەك ئۆركەشلەپ تۇرساق بولاتتى.

16

تېما

24

ئەگەشكۈچى

3771

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1101
مۇنبەر پۇلى
1479
ئىشەنىچ
1101
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 17:57:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغداي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-12 18:00  

شائىرنىڭ بەزى شېئىرلىرىنى ساقلاپ قويغان ئىدىم مۇشۇ مۇناسىۋەتتە كاپىتاننىڭ تېمىسىغا قوشۇپ تورداشلارغا سۇنغۇم كەلدى.
چال ،سازەندىم 
(مۇخەممەس)

ئاپتۇرى : لۇتپۇللا مۇتەللىپ

_مەشھۇر ناخشىلار ئىجاتچىسى ياش سازەندە زىكرى ئەپەندىگە بېغىشلايمەن  

چال سازىڭنى زوق بىلەن،تىنماي چال ،سازەندىم،   
ھەركىتىڭ تېتىك ،قوللىرىڭ مەجنۇن تال ،سازەندىم،  
ناخشاڭ شىرىن ،تاتلىق سېنىڭ ،گوياكى بال،سازەندىم،   
ياشلىقنىڭ زىلۋا چېغىدا،ئىجاد قىلىپ قال ،سازەندىم.

ئىجاد قىل ۋۇجۇدۇڭدا بار ئوبدان غەزەلنى ،
كۈرەشجان سەنئەت مەيدانىدا باشلىغىن بەلنى،  
سازلىرىڭ روھى بىلەن راست سۇغارغىن ئەلنى،  
سەنئەتتىن مەۋجۇت قىل دولقۇنلۇق سەلنى،
شادىمان ھاياتنىڭ قوينىدا ئوبدان ئەھۋال،سازەندىم.   

بۇ ۋەتەندە جاراڭلىسۇن نەغمەڭ ساداسى،  
ھاۋالارغا ئۆرلەپ كەتسۇن مۇڭلۇق ناۋاسى،
تەسەددۇق ،خويما كەڭ كۈزەللىك دۇنياسى،  
كونا مۇقاملار لەززەتنىڭ ئەڭ چوڭ باباسى،
ئوسۇش ،ئىجاس،يۈكسىلىشكە ئەپلىك ئامال،سازەندىم.

بىھۇدە يات كىرلەرنى تازىلىغاي ئېسىل سەنئەت،  
ئىنكاسىدۇر ھاياتنىڭ،جان ئۈچۈن لەززەت،  
ئىلھام بېرىپ ۋىجدانغا،تەۋرەتسۇن خسلەت،  
سازەندىنىڭ قولىغا بەرمىسۇن ھېچ دەرت،   
كۆڭۈل مەيلىنى سازىڭ ئىشقى قىلسۇن ئىشغال،سازەندىم.

مۇقام-سەنەم،سەن بول بىر ئاشىق غېرىپ،
ئۇچرىشىشقا ئالدىرا ۋۇجۇدۇڭ بېرىپ،
مۇھەببەتنىڭ مەنزىلىدە يۈر كۆكىرەك كېرىپ،
ھەر قەدەمدە ئۈنچە-مارجان،ياقۇتلار تېرىپ،
شانۇ-شەۋكەت زىمىنىدا ئوتۇر نىھال،سازەندىم.

ۋەتەن،خەلق ئۈچۈندۇر دائىم بىزنىڭ ئېشىمىز،
ئازات تۇرمۇش ئاشنىسى بولدى ھەر بىر كىشىمىز،   
ھور مەقسەتلەر يولىدا بىزنىڭ ئوي ۋە پىكرىمىز،
ئىجات ئېتشتۇر ھارماي يېپ-يېڭىنى زىكرىمىز،
قوبۇل ئەيلەڭ شېئىرىمنى ،سىز بىمالال،سازەندىم.

شائىر ‹چال،سازەندىم›ناملىق بۇ مۇخەممەسنى 1944-يىل 9-ئايدا ھازىرقى مەشھۇر سازەندىمىز ۋە ئاتاقلىق مۇقامچىمىز زىكرى ئەلپاتتاغا بېغىشلاپ يازغان،گەرچە بۇ چاغدا شائىر لۇتپۇللا ئاقسۇدا،زىكرى ئەلپاتتا غۇلجىدا بولسىمۇ،ئۇنىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتى شائىرغا زور ئىلھام بېغىشلىغان،شائىر ئۆزىنىڭ مەشھۇر ئوپىراسى‹تاھىر -زۆھرە›غەزەللىرىگە ئاھاڭ ئىشلەشتە زىكرى ئەلپەتتانىڭ مۇزىكا ئىجادىيىتىدىن كەڭ تۈردە پايدىلانغان ئىدى.

باھا سۆز

sarwi رەھمەت ، بۇغداي  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 20:03
كاپىتان بۇغدايدىن ھوسۇل كوپقۇ !! رەخمەت جۇمۇ !!  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 18:54
تۇپراق بىلەن قان يۇغۇرۇلسا ۋەتەن بولىدۇ....

16

تېما

24

ئەگەشكۈچى

3771

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1101
مۇنبەر پۇلى
1479
ئىشەنىچ
1101
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 17:58:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىيالچان تىلەك
لۇتپۇللا مۇتەللىپ


تېڭىرقىمايمەن،دوستلار،تىلەيمەن ئالىي تىلەكلەرنى،
چۈشۈرمەيمەن كۈرەشكە دەپ تۈرگەن بۇ بىلەكلەرنى.

مەرد باغۋەن خازان قىلمايدۇ ۋاقىتسز باغنى،
تەربىيسىز سۇلدۇرۇپ گۈل -چىچەكلەرنى.

خىيالىم خۇددى تەلپۈنۈپ تۇرغان بىر سەبىي بالا،
ئىمىش ئۈچۈن قەدىردان ئانىدىكى قوش ئەمچەكلەرنى.

لەززەتلىك خىيال ئارسىدا بېقىپ ئاسىمانلارغا،
تەپەككۇر كۆزى بىلەن كۆرىمەن روشەن بۇرجەكلەرنى.

جانان ناز ئۇيقۇدا يېتىپ نېچۈن تولغانماس؟
ئاشقى كۈتۈپ تۇرسا ئېچىپ يورۇق رۇجەكلەرنى.....

نىمشىقا يازماي تىلەك ئارىلاش مۇڭلۇق لىرىكىلارنى،
سۆيگۈ ئىشقى ئۆرتەپ كۆيدۈرسە بۇ  يۈرەكلەرنى.

ئەزەلدىنلا خىيالچان.....مۇڭلۇق بىر يىگىت ئىدىم،
تىڭشىغاچقا مومام ئاغزدىن ساماۋى چۆچەكلەرنى.

سۆيگۈ دېڭىزى چوڭقۇرلۇقىدا مەن قاينام تۇرسام،
ئۇسسۇزلۇقۇم قانداق قانسۇن ئىچىپ كىچىك كۆلچەكلەرنى.
تۇپراق بىلەن قان يۇغۇرۇلسا ۋەتەن بولىدۇ....

16

تېما

24

ئەگەشكۈچى

3771

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1101
مۇنبەر پۇلى
1479
ئىشەنىچ
1101
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 18:00:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياشلىق، ئۈگەن

      لۇتپۇللا مۇتەللىپ

ياشلىق،تىرىش-تىرماش ھارماي ئۈگەن،
ئىلىمنىڭ دېڭىزى قاينام ھەم چوڭقۇر.
نادانلىق ئۇ ، ھەممىنى بىلدىم دېگەن،
كۆرۈپ... ۋاراقلاپلا بىر قۇر.

ئىلىم  مۆجىزىلەرنىڭ سىرىن ئاچقۇچى،
بىر كۈن ياشاش ئۈچۈن ئوقى ئون يىل!
كۆزلا ئەمەس ئالدىڭغا نۇر چاچقۇچى،
قاراڭغۇنى يورىتىدۇ يورۇق دىل.

ھەربىر ھادىسە يوشۇرۇن سىر ساقلايدۇ،
توقۇلمىلىرى ئۇنىڭ ئاجايىپ.
ئىلىم ھارماس مەرت ئادەمنى ياقلايدۇ،
ناداننىڭ كۆزىدىن ئۇ ھەرقاچان غايىپ.

راھىپ بول ئىلىمنىڭ نازاكەت چۆلىدە،
مۆجىزىلەر گۈمبىزىگە «شەيىخ».
كۈن-تۈن زىكرى قىل شۇلار تۈۋىدە،
ئىجتىھات سېنى دېگۈزمەس دەرىخ.

ياشلىق،چاقماقسەن، چېقىپ ئۆچىسەن،
ئەۋرىشىم چېغىڭ مۇشۇ،ئۈگەنگىن،ئۈگەن!
قاراڭغۇ دىل چۆلىگە بىر كۈن چۆىسەن،
ئادەم بولۇش دۇلدۇلىغا سالمىساڭ يۈگەن!

   1943-يىل ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى
تۇپراق بىلەن قان يۇغۇرۇلسا ۋەتەن بولىدۇ....

16

تېما

24

ئەگەشكۈچى

3771

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1101
مۇنبەر پۇلى
1479
ئىشەنىچ
1101
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 18:01:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىز شىنجاڭ ئوغۇل-قىزلىرى

لۇتپۇللا مۇتەللىپ

بىز شىنجاڭ ئوغۇل-قىزلىرى،بىز ئۈمىد يۇلتۇزلىرى،
كۈرەش قاينىمىدا ئۆسكەن،كىرسىز-پاك قۇندۇزلىرى.
بىز ئۈمىد يۇلتۇزلىرى،
كەلگۈسىنى كۆزلەيمىز ھامان.

ئالىي بىزنىڭ تىلەكلەر،ئىشچان باتۇر بىلەكلەر،
دائىم ئالغا ئنتىلىدۇ دولقۇنلاپ ياش يۈرەكلەر.
ئالىي بىزنىڭ تىلەكلەر،
ئالغا ئاتلايمىز تىنماي ھەر زامان.

ناخشا ئېيتىمىز تارتىنماي،ۋەتەن يولىدا تىنماي،
بىرلىك سەپتە تەكشى ماڭىمىز،بىر-بىرىمىزدىن قالماي.
ۋەتەن،ئەل يولىدا تىنماي،
قەھرىمانلارچە ماڭىمىز كۆزلەپ مەيدان.

ئېگىز-پەسنى تۈزلەيمىز،يېڭىلىقنى كۆزلەيمىز،
«مەزلۇملار،بىرلىشىڭلار!» دەپ دائىما سۆزلەيمىز.
ئېگىز-پەسنى تۈزلەيمىز،
پۈتۈن جوڭگونى قىلىمىز گۈلىستان.

بىزگە قەدىرلىك ئەمگەك،شۇڭا يېپىشىمىز بەك،
ئەمگەك بىلەن ھەر ئىشىمىز ئالغاماڭار درگەندەك.
بىزگە قەدىرلىك ئەمگەك،
ئەمگەك بىلەن پەيدا بولار ھۆر ماكان.

بىز كۈرەش يارىتىمىز،بىز ئۇنىڭغا جان ئاتىمىز،
كۈرەش بىزگە شۇنداق يېقىن،ئۇ ئاتا-ئانىمىز.
بىز كۈرەش يارىتىمىز،
كۈرەش بىلەن كېلىدۇ بىزگە چوڭ دەرمان.

سازىمىزنى قولغا ئېلىپ،بىرلىك پەدىگەچېلىپ،
خەلقىئارام دىققىتىنى ئۆزىمىزگە جەلپ قىلىپ،
بىرلىك پەدىگە چېلىپ،
قويمايمىز يۈرەكتە ھېچ ئامان.

جەڭ قاينىمىدا قايناپ،جەسۇرانە مەيداندا ئويناپ،
ھەر مىنۇتتا غالىب كېلىپ،ئەزىز تۇپراقنى قوغداپ،
ھەر مىنۇتتا غالىب كېلىپ،
بولىمىز راست ئازادچىل قەھرىمان.



1938-يىل،ئاۋغۇست،غۇلجا
تۇپراق بىلەن قان يۇغۇرۇلسا ۋەتەن بولىدۇ....

16

تېما

24

ئەگەشكۈچى

3771

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1101
مۇنبەر پۇلى
1479
ئىشەنىچ
1101
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 18:03:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خوش  


لۇتپۇللا مۇتەللىپ


ئۆسكەن يېرىم ، مېنى كەتتى دەپ زادى زارلانما ،
ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن ، بىز باردىغان شەھەرنى .
يېڭى ھايات نۇرلىرى ، ئەرك غۇنچىلىرى ،
ئېچىلىپ دولقۇنلاپ قاينىغان شەھەرنى .



كۆرسەڭ ئىدىڭ ، شەھرىم ، ئاندا مەكتەپ ، ئالىي جايلارنى ،
ئاندا زېرەك ، چېۋەر ،تەكشى ئۆسۈۋاتقان كۈچلەرنى .
ئاندا كۈرەش ، ئاندا قايناش ، شەربەتلىك باغلار،
ئاندا پىشىپ ، ئاندا مەي بولۇپ كېلىۋاتقان يېمىشلەرنى .



مانا بۈگۈن مەنمۇ شۇ دولقۇننىڭ كەڭ قوينىغا ،
قىپيالىڭاچ بولۇپ ئۆزۈمنى ئاتىمەن .
شۇ شەھەردە ئوزۇق ئېلىپ دىلىمغا ،
تاۋلىنىپ ، يۈرەككە يېڭى كۈچلەرنى تاپىمەن .



ئېخ ! دولقۇنلۇق ئۈندىكى قاينام نامايىشلار ،
قان بېرىدۇ يۈرەككە ، قىلىدۇ دىلنى مەپتۇن .
قارا مۇشت قوللار سوزۇلغاندا تۇغلارغا ،
سۈرۈلگەندى قېچىپ ئۈندىنمۇ قاپقارا تۈن .


.......................................................
كېلەر مەن يېڭى قۇۋۋەت توپلاپ يۈرەككە ،
ئۆلكەمنىڭ ھەربىر بۇلۇڭىدا ئىشلەش ئۈچۈن .
بىلدۈرۈپ ئاندىن ئالغان ساۋاقلارنى خەلقىمگە ،
ئالىي بالداق مېۋىسىنى پاتراق چىشلەش ئۈچۈن .



مەن كەتسەم ، مېنىڭ ئورنۇمغا مىڭلىغان ياشلار بار ،
بىزدە ھازىر ، شەھرىم ، ئورۇن قالماس ھەرگىز بوش .
سەنمۇ زادى چىقمايسەن ئېسىمدىن ئەسلا - ئەسلا ،
مەن كەتتىم ئۇ شەھەرگە ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن شەھىرىم ، خوش !



1939 - يىل ئاۋغۇست ، غۇلجا




شائىر بۇ شېئىرنى 1939 - يىل 8 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئىلىدىن ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا ماڭغان ۋاقتىدا يازغان  ، شېئىر <<ئىلى گېزىتى >> دە بېسىلغان - مۇھەررىدىن .
تۇپراق بىلەن قان يۇغۇرۇلسا ۋەتەن بولىدۇ....

16

تېما

24

ئەگەشكۈچى

3771

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1101
مۇنبەر پۇلى
1479
ئىشەنىچ
1101
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 18:04:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەل باھار

لۇتپۇللا مۇتەللىپ


كۆكلەم باغرىم ،كەل ، سېغىندىم سېنى ،
يېشىل قوينۇڭغا تارتىۋال مېنى .
قۇشلىرىڭنىڭ سايرىشى ئارامى جاننىڭ ،
سۇلىرىڭنىڭ شارقىرىشى ھەرىكىتى تەننىڭ .
كۆكلەم ، بول چاپسان ، تەبىئەتكە جان سال ،
چىرماشسۇن تىرىلىپ ، ماڭا مەجنۇنتال .
كۆكلەم ، جىگىرىم سەن ، ئاچ ئېتىزلارنى ،
كەڭ سەھنەڭگە تارتىۋال ئىشچان قىزلارنى .
سەيلە قىلسۇن ھەر ياندا باھار پەرۋازى ،
جاراڭلىسۇن ئېتىزدا ئەمگەك ئاۋازى .
كەتمەن ئالسۇن دېھقان ، تىلغىسۇن يەرنى ،
ئالتۇن تېپىش ئۈچۈن تۆكسۇن ساپ تەرنى .
تورغايلار ئىلھام بەرسۇن چىرىلداپ ھاۋاغا ،
ھەرياندا شادلىقتىن ھېسلار ھۇۋەيدا ،
كۆكلەم  ، يەرگە دەم سال ، ئويغانسۇن قۇش - قۇرت ،
دەرەخلەر پەخىرلەنسۇن تارتىپ ساقال - بۇرۇت .
يېىشل باغلار ، ئارام چاغلار يۈزى ئېچىلسۇن ،
كەڭ ھاۋانىڭ قاتلىمىغا نۇرلار چېچىلسۇن .
دېھقان بالىسى چولپان بىلەن بەسلىشىپ تۇرسۇن ،
بوستان قىلىش ئۈچۈن يەرگە كەتمەننى ئۇرسۇن .
مەرۋايىتتەك تەرلىرى ماڭلايدىن ئاقسۇن ،
ئىشقا تويۇپ يەرلىرى قەنتىنى چاقسۇن .
بۇ قىياپەت ، بۇ كۆرۈنۈش شائىرغا ئىلھام ،
ھېچ تويماسمەن بۇلارنى زوق بىلەن يازسام .
كەل باھار ! مەرھابا ، كۈتىمەن سېنى ،
يېشىل ئىلھام قوينىغا ئورىدىڭ مېنى .


1944 - يىل ماي ئاقسۇ
تۇپراق بىلەن قان يۇغۇرۇلسا ۋەتەن بولىدۇ....

16

تېما

24

ئەگەشكۈچى

3771

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1101
مۇنبەر پۇلى
1479
ئىشەنىچ
1101
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 18:37:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دۆلەت ئەلا، مىللەت ئەلا

لۇتپۇللا مۇتەللىپ



قارا بۇلۇتلار ئۇچۇرشىپ،  چاقماقلار چاقسۇن،

مۆلدۈر يېغىپ،  دەريالار سەل بۇلۇپ ئاقسۇن.

چىش ھىڭگايتىپ ئەجەللەر ئالىيىپ باقسۇن،

مەنزىل توسۇپ جاڭگاللار كۆكسىنى ياقسۇن.

شۇ چاغدىمۇ دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!


دېڭىز ئۇپقۇن ياساپ قىرغاقتىن تاشسۇن،

جاھان قاپساپ جۇت بورانلار ھەددىدىن ئاشسۇن.

تاغلار ئۆرۈلۈپ ئۆتكەل،  يوللارنى باسسۇن،

يولدا پۇتلاش ئەجدىھا،  لۆجىلەر ياتسۇن.

يەنە بەرىبىر دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!


مىليون ئېغىر قورال_توپلار بىردىن ئېتىلسۇن،

زەھەر گازلار،  ئىس_تۈتەكلەر ھەريان چېچىلسۇن.

ئاندا چەكسىز جەڭۇ جېدەل مەيدانى ئېچىلسۇن،

سىناشتا تەقدىرنىڭ تۈگۈنلىرى يېشىلسۇن.

مەيلى ئوخشاش دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!


يەرلەر تىترەپ،  تاغلار بىر_بىرىگە ئۇرۇلسۇن،

سوقۇش (ئەۋلىيالىرى) نىڭ قارا كۈلى سورۇلسۇن.

تاڭ نۇرىدا قارا زۇلمەت قوينى يورۇلسۇن،

بىز كۈتكەن يېڭى گۈلباغ پارقىراپ قۇرۇلسۇن.

شۇندىمۇ بىزگە دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!


لۆجى ياپۇن مىجىقلىنىپ زىرى_زوبون بولسۇن،

گىتلېردىنمۇ دۇنيادا نامۇ ئەسەر قالمىسۇن.

زۇلمەت،  غەۋغا تائەبەتكە كەتسۇن_يوقالسۇن،

ئۇجۇقسۇن زومىگەرلەر ھېچ قوپالمىسۇن.

ھەر سىناشتا دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!


ۋەتەن ئىشقى كۆكرىكىڭدە بولسا ئەگەر،

ھەر غېرىچ يەر سىنىڭ ئۈچۈن بىباھا گۈھەر.

بەس،  ھەم شۇ يەردە ياش ۋە ئاداققى قان تۆكىلەر،

تامچە قاندىن چۆل قۇچاقلاپ چىمەنلەر كۆكلەر.

ھەر مىنۇتتا دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!


جانلىنىش،  كۆرەش ھاياتلىقنىڭ ئاچقۇچى،

ۋەتەن پەرۋەرلىك خەلققە نۇرلار چاچقۇچى.

بولغىن شۇڭا گاڭ ئىرادىلىك بىر جەڭچى،

بولسۇن ساڭا بۈگۈن ھەربىر يېڭىش بىرىنچى.

ئالغا چامدا،  دۆلەت ئەلا،  مىللەت ئەلا!
تۇپراق بىلەن قان يۇغۇرۇلسا ۋەتەن بولىدۇ....

45

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1988

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1092
مۇنبەر پۇلى
748
ئىشەنىچ
1092
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 18:37:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىرنىڭ بۇ نادىر شىئىرسى تارىقنىڭ مەڭگۈلۈك ئابىدىسىدۇر......

باھا سۆز

كاپىتان شۇنداق، ھەر بىر ئەقىل ئىگىسى قەدىرلەشكە تىگىشلىك شىئېر بۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 18:40

16

تېما

24

ئەگەشكۈچى

3771

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1101
مۇنبەر پۇلى
1479
ئىشەنىچ
1101
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 18:41:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

پادىشاھ سامۇرايلىرى ئېغىر ھالسىرايدۇ


لۇتپۇللا مۇتەللىپ



ياپون پادىشاھ ئەسكەرلىرىنى باسقان زور سوقۇش پاراخوتى ئۇلۇغ ئوكيان فرونتىنىڭ ئالدىنقى لىنىيىلىرىگە قاراپ كېتىپ بارىدۇ. تۈن قاراڭغۇ، دېڭىز دولقۇنلۇق...

پاراخوتتىكى 15 ياشلىق ئەسكەر يېنىدىكى 70 ياشلىق قېرى دې بوۋايدىن سوراپ قالدى:

_ ئاكا، نېمىشقا بىزنىڭ بايرىقىمىزنىڭ بەلگىسى قىزىل ھەم دۈگىلەك؟

_ كىم بىلىدۇ دەيسەن ئۇكا ئۇنى؟

_ سەنمۇ ماڭا ئوخشاش بىلمەيدىغان ئوخشايسەن؟

_ مەن كىتاب ئوقۇشنىمۇ بىلمەيمەن، _ دېدى بىر پەس ئويلىۋالغاندىن كېيىن قېرى، _ شۇنداق بولسىمۇ پەرەز قىلىمەنكى، ئۇنىڭ قىپ - قىزىل بولۇشى قان بولۇپ، دۈگىلەك بولۇشى داغ، يەنى قىزىل داغ دېگەن سۆزمىكىن، دەيمەن.

_ ئەمىسە، بىزنىڭ ليەننىڭ سىياسى رەھبىرى بىزگە "ئۇ نۇرىنى چېچىپ تۇرغان قىزىل كۈن" دەپ چۈشەندۈرىدىغۇ؟

_ بەلكى قىزىل قان چاچىدىغان دۈگىلەك كۈندۇر. مەن تۇغۇلۇپ بۇ يېشىمغا كەپتىمەن، بۇ بايراقنىڭ ئۇرۇش ھەم قان چاچقىنىنى كۆردۈم، نۇر چاچقىنى يادىمدا يوق، _ دېدى قېرى ئۇنىڭ سۆزىنى كېسىپ.

_ مۇنداق دەڭ!

_ مېنىڭچە شۇنداق... يەنە قانداق نېمىلىرىڭ بار، سورا!

قېرى ماختانغاندەك ئۇنىڭغا قارىدى. خىيالى باشقا نەرسىلەرگە بېرىلىپ كەتكەن ياش ئەسكەرنىڭ قىياپىتى ئۇنىڭغا ئايانچ كۆرۈندى.

_ ئۇ، بىر قىزىل داغ بولسا، بىر بالا-قازا دېگىن ئەمىسە؟ _ يەنە بىر جۈملە سۆزنى قوشۇپ قويدى ياش ئەسكەر.

_ بۇ توغرا ئەمەس، بالا بىلەن قازا بۇنىڭ ئىچىگە كىرمەيدۇ.

_ ئەمىسە، بالا دېگەن نېمە؟

_ بىزنىڭ ئۇلۇغ ئوكيانغا سوقۇشقا كېتىپ بېرىشىمىز بالا بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

_ ھە، قازاچۇ؟

_ ئەگەردە جۇڭگو فرونتىغا سوقۇشقا ماڭساق، بۇ قازا بولىدۇ.

_ ھە، ئەگەر ئىككىسى قوشۇلسىچۇ؟

_ بالا بىلەن قازا قوشۇلسا نېمە بولاتتى، ئىشنىڭ كارى تامام، ۋەسسالام.

كىچىك ئەسكەرنىڭ كۆزلىرى يوغان ئېچىلدى. ئۇنىڭ ئالدىنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندەك بولدى، تەرىنى تۈرۈپ يەنە سورىدى:

_ ئىككىسى قوشۇلسا گۈم بولىسەن، دېگىنە؟

_ گۈم بولۇش بۇياقتا تۇرسۇن، مىجىقىڭ چىقىپ قۇم بولىسەن.

بۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇرغان ھەممە پادىشاھ ئەسكەرلىرى بۇ گەپنى ئاڭلاپ، بىر-بىرىگە مەيۈسلۈك بىلەن قاراشتى.

دېڭىزنىڭ تۇزلۇق سۈيى يىراقلاردىن دولقۇنلىنىپ كېلىپ، قەھرى بىلەن پاراخوتنى ئۇراتتى.


1942-يىل، ئۈرۈمچى
تۇپراق بىلەن قان يۇغۇرۇلسا ۋەتەن بولىدۇ....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-3-20 13:12, Processed in 0.120240 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش