ئۈرۈمچىدە ساختا تۇخۇم بايقالدى
مۇخبىر تۇخۇم سېرىقىنى ئۈستەلگە تاشلىغاندا، تۇخۇم سېرىقى خۇددى ئېلاستىكىلىق توپتەك قاڭقىپ چىقتى
10-مارت، ئۈرۈمچى جيەنچۈەن كوچىسىدا ئولتۇرۇشلۇق ۋاڭ لى شىنجاڭ گېزىتخانىسىغا تېلېفون قىلىپ، بىر تۇغقىنىنىڭ ئۇنىڭغا بىر يەشىك تۇخۇم سوۋغا قىلغانلىقىنى، 3 - مارت ئۆيىدىكىلەر ئۇنى ئېچىپ بىر نەچچە تالنى پىشۇرۇپ يىگەنلىكىنى، قىينانىسىنىڭ بىرنى يەپ ئۇ تۇخۇمنىڭ خۇددى قاقلاپ پىشۇرغان سىڭىردەك پىشقانلىقىنى دېگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ يەنە بۇ پىشقان تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى سويىۋەتكەندىن كېيىن تۇخۇم ئېقىنىڭ سۇس ھال رەڭ كۆرۈنگەنلىكىنى، ئوتتۇرىدىن ئىككىگە بۆلگەندە تۇخۇمنىڭ ئۇۋۇلۇپ كەتمىگەنلىكىنى، ئادەتتە تەبىئىي تۇخۇمنى بۆلگەندە تۇخۇم سېرىقىنىڭ ئۇۋۇلۇپ كېتىدىغانلىقىنى دېدى. مۇخبىر ۋاڭ لىنىڭ ئائىلىسىگە بارغاندا، بۇ يەرلىك تۇخۇم قاچىلانغان يەشىكنىڭ سىرتىغا جەمئىي 25 تال دەپ يېزىلغانلىقىنى، ئىشلەپچىقىرىلغان جاي ۋە زاۋۇتنىڭ نامىدىن باشقا، ئىشلەپچىقىرىلغان ۋاقتىنىڭ ئىنتايىن تۇتۇق، ئېنىق ئەمەسلىكىنى كۆردى. مۇخبىر ئىككى پىششىق تۇخۇمنىڭ شاكىلىنى سويىۋەتكەندىن كېيىن تۇخۇم ئېقىنىڭ سۇس ھال رەڭلىكىنى، تۇخۇم سېرىقىنى يەرگە ئاتقاندا، ئۇنىڭ 15 سانتىمېتىر ئېگىزلىككە قاڭقىپ چىققانلىقىنى كۆردى، مۇخبىر بۇ تۇخۇم سېرىقىنى قايتا - قايتا چىمداپ قىسىپ باقسىمۇ ئۇ يەنىلا ئۇۋۇلۇپ كەتمىدى. شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر مۇتەخەسسىسى: تۇخۇمنىڭ راست ياكى ساختىلىقىنى پەرق ئېتىشتە، كەسپىي تەكشۈرۈش ۋە باھالاپ بېكىتىشكە توغرا كېلىدۇ، دېدى. مۇناسىۋەتلىك خادىملار مۇنداق دەپ ئەسكەرتتى: ساختا تۇخۇمنىڭ شاكىلى راست تۇخۇمنىڭ شاكىلىدىن سۈزۈك بولىدۇ، ئەمما ئانچە كۆرۈنەرلىك ئەمەس. يەرلىك تۇخۇمنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى تەكشى ئەمەس، ساختا تۇخۇم تەكشى بىر خىل بولىدۇ؛ يەرلىك تۇخۇمنىڭ سىرتى مەينەت بولۇپ، قان يۇقى، توخو مايىقى چاپلىشىپ قالغان بولىدۇ، ساختا تۇخۇمنىڭ شاكىلى سىلىق، پاكىز بولىدۇ؛ يەرلىك تۇخۇمنىڭ رەڭگى بىر خىل ئەمەس، ساختا تۇخۇمنىڭ بولسا ھەممىسى ئاپئاق ياكى تاماكا سېرىقى رەڭدە بولىدۇ. يەرلىك تۇخۇم سېتىۋالغاندا، تۇخۇمنىڭ سىرتىدىكى سىزىقچىلار نورمال كۆرۈنمىسە، ھېچقانداق سېسىق پۇراق چىقمىسا، سىلىغاندا قولغا يىرىك تۇيۇلسا، سىلكىگەندە بىنورمال ئاۋاز بايقالسا، ئەڭ ياخشىسى بۇنداق تۇخۇمنى ئالماسلىق كېرەك.
مەنبەسى:جۇڭگو رادىيو تورى شىنجاڭ ئۇيغۇرچە قانىلى |