قەغەز پۇلغا مۇجەسسەملەنگەن مۇھەببەت يېرىم كېچىدە قوشنام ھاسىراپ- ھۆمۈدىگىنىچە ئىشىكنى چېكىپ كىردى، دە- قىسقىغىنە ئامانلىق سوراشقاندىن كېيىن، جىددىي تەلەپپۇزدا يىغىۋېلىنغان سۇ ھەققىنى كۆرۈپ باقسا بولىدىغان- بولمايدىغانلىقىنى سورىدى. بۇ ئايلىق سۇ ھەققى يىغىش نۆۋىتى ماڭا كەلگەن بولۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرگەن ۋاقىتتا ئەمدىلا باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 1- يىللقتا ئوقۇيدىغان ئوغلى تارتما ئىچىنى خېلى ئۇزۇن ئاختۇرۇپ ئاخىرى ئىككى پارچە كونا ئون يۈەنلىك پۇلنى ماڭا بەرگەنىدى. ئۇ يۇۋاش ئادەم بولۇپ نەچچە يىل ئىلگىرى ئايالى بىلەن ئىككىسى كەينى- كەينىدىن توقۇمچىلىق زاۋۇتىدىكى ئىش ئورنىدىن قالغانىدى. ئاھالىلار كومىتېتىنىڭ ماسلاشتۇرۇشى ئاستىدا ئۇلار قايناق بازار رايونىدا ئاچچىق- چۈچۈك شورپا دۇكىنى ئاچقانىدى. ئەر- خۇتۇن ئىككىسى ئەتىگەن تۇرۇپ كەچ قايتاتتى. كۈنلەر مۇشۇ تەرىقىدە ئاددىي ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ لېكىن ئۇلارنىڭ تۇرمۇشى شۇنچىلىك خاتىرجەم ئىدى، لېكىن بۇ خاتىرجەملىك ئۇزۇنغا بارمىدى. ئىككى يىل ئىلگىرى ئۇنىڭ ئايالى سۈت بېزى راكىغا گىرىپتار بولۇپ بايقالغىچە بولغان ئارىلىقتا راك ھۈجەيرىلىرى كېڭىيىپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئالەمدىن ئۆتتى. ئايالى ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن ئۇ بۇرۇنقىغا ئوخشاش ھېلىقى كونا ئۈچ چاقلىق ھارۋىسىنى ھەيدەپ ئاچچىق- چۈچۈك شورپا دۇكىنىنى ئېچىۋەردى. بىراق بارغانچە بەك جىمغۇر بولۇپ قالدى. ئەسلىدىكى قاپقارا چاچلىرىمۇ كۈنسىرى ئاقىرىشقا باشلىدى. سۇ پۇلى يىغقان قاپچۇقنى ئالغىنىمنى كۆرۈپ، ئۇ 20 يۈەننى ماڭا تەڭلەپ ئوغلى بەرگەن ھېلىقى ئىككى پارچە ئون يۈەنلىك پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىشمنى ئېيتتى. مەن قاپچۇقنى ئاختۇرۇپ بولۇپ ئوڭايسىزلانغان ھالدا: «راستىنلا بەك سەت بولدى. كەچۈرۈڭ، ھېلىقى ئىككى پارچە پۇلىنى پارچە پۇل قايتۇرغاندا باشقىلارغا قايتۇرىۋېتىپتىمەن» دېدىم. ئۇ پۇرلىشىپ كەتكەن ھېلىقى 20 يۈەنلىك پۇلنى سىقىمدىغىنىچە ھەيران بولغان ھالدا ئاغزىنى بوشقىنە ئېچىپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. كۆزلىرىدىن ياش چىقىپ كەتكىلى تاسلا قالدى. مەن ئازراق ئەجەبلىنىپ ئۇنىڭدىن پۇلنى ئالماشتۇرۇۋېلىشنىڭ سەۋەبىنى سورىدىم. ئۇ يېشىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ ماڭا بىر ھېكايىنى سۆزلەپ بەردى. ئۇنىڭ تارتمىسىدا 90 پارچە ئون يۈەنلىك پۇل بار بولۇپ، تۇرمۇشتا قانچىلىك قىيىنچىلىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بۇ پۇللارنى ھەرگىز ئىشلەتمەيدىكەن. چۈنكى بۇ پۇللارغا ئالەمدىن ئۆتكەن ئايالىنىڭ مېرى- مۇھەببىتى سىڭگەنىكەن. سۈت بېزى راكى ئۆسمىسى دەپ دېئاگىنور قويۇلغاندىن كېيىن، ئايالى پەقەت ئادەتتىكىچىلا داۋالىنىپ دوختۇرخانىدىن چىقىپ ئۆيدە ئارام ئاپتۇ. ئۇ ئۆيدە تۇرۇپ ئايالىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالماي، يەنىلا ھېلىقى دۇكاننى ئېچىپ بىر ئائىلىدىكى ئۈچ جاننىڭ تۇرمۇش پۇلىنى تېپىپتۇ. ئۇ دوختۇردىن ئايالىنىڭ ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قالمىغانلىقىنى بىلىپتۇ. ئايالىنىڭ پۇشايمان قىلماي ئۆزى بىلەن نۇرغۇن جاپالارنى تارتقانلىقىنى، ئاخىرىدا كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ئىلاجىسىزلىقتىن داۋالىنىشتىن ۋاز كەچكەنلىكىنى ئويلىسا ئۇنىڭ قەلبى پىچاقتا تىلغاندەك ئاغرىپ كېتىدىكەن. ئۇنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغىنى ھەر كۈنى تاپقان پۇللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئايالىغا تاپشۇرۇشكەن، ھەمدە ئىككى پارچە 10 يۈەنلىك پۇلنى تاللىۋېلىپ ئۈستىگە مەخسۇس كۈتۈنۈشكىلا ئىشلىتىلىدۇ، باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ دەپ يېزىپ قويىدىكەن. ئۇ بۇ 20 يۈەن پۇلغا ئايالىنى ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇپ بەدىنىنى قۇۋەتلەندۈرۈشنى ئويلايدىكەن. ئۇ ئايالىنىڭ ئىقتىسادچان ئىكەنلىكىنى، ئەگەر ئالاھىدە تاپىلىمىسا ئايالىنىڭ چوقۇم نەرسە- كېرەك سېتىۋېلىشقا كۆزى قىيمايدىغانلىقىنى بىلىدىكەن. ئايالىنىڭ قۇلىقى يۇمشاق بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك ئۈستىگە خەت يېزىلغان 20 يۈەنلىك پۇلنى خەجلەيدىكەن، كەچتە ئېرى قايتىپ كەلگەندە ئۇنىڭغا تەشەببۇسكارلىق بىلەن بۈگۈن نېمىلەرنى يېگەنلىكىنى، يېگەن نەرسىلىرىنىڭ ناھايتى يېيىشلىكلىكىنى جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىدىكەن. بەخىتكە چۆمگەن ھالدا، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىپ مۇشۇنچىلىك ياخشى نەرسىلەرنى يېيەلىگەنلىكىنى، بۇ ئۆمرىدىن رازى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىدىكەن. ئۈچ ئايدىن كېيىن راك ھۈجەيرىلىرى توختىماستىن كېڭىيىپ ئايالى سىرتلارغا چىقالمايدىغان بولۇپ قاپتۇ. بىر ئاي ئۆتۈپ بىر ئەتىگەنلىكى ئۇ ئېرىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ ئۇنىڭ قوللىرىنى تۇتۇپ كارۋات ئۈستىدىكى يوتقاننى كۆرسىتىپتۇ، دە- رازىمەنلىك بىلەن كۈلۈمسىرىگىنىچە خاتىرجەم كېتىپ قاپتۇ. ئۇ يوتقاننى قايرىشىغىلا ھېلىقى دەستىلەنگەن رەتلىك قىلىپ تىزىلغان ئون يۈەنلىك پۇللارنى كۆرۈپتۇ. راستىنى ئېيتقاندا، ھېلىقى 10 يۈەنلىك ئوزۇقلۇق پۇلى ئايالى ئۆزىگە تەسۋىرلەپ بەرگەن ھېلىقى نازۇ- نېئمەتلەرگە ھەرگىز يەتمەيتى. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ھەممىسىنى ئايالى توقۇپ چىققانىدى. ئۇ بۇ پۇللارنى قولىغا ئېلىپ ھۆڭرەپ يىغلاپ كېتىپتۇ. كىشلىك تۇرمۇشنىڭ ئەگرى-توقايلىقىدىن ئازابلىنىپ، ئايالىنىڭ مھېرىبانلىقىغا، تاكى تىنىقى توختىغىچە ئائىلىسىگە مېھرى- مۇھەببىتىنى بەرگەنلىكىدىن تەسىرلىنىپ قاتتىق يىغلاپتۇ. ئاشۇ كېچىدە مەن ئۆيمۇ- ئۆي ئىشىك چېكىپ يۈرۈپ، ئاخىرى ھېلىقى ئىككى ۋاراق خەت يېزىلغان ئون يۈەنلىك پۇلنى تاپتىم. بۇ پۇل ئۇلارنىڭ مۈشكۈل شارائىتتكى مېھىرى- مۇھەببىتىنىڭ سىموۋولى بولۇپ ئالتۇندىنمۇ قىممەتلىك ئىدى. [ئوقۇرمەنلەر» ژورنىلىنىڭ 2007- يىللىق 21- سانىدىن ئېلىندى
|