تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 413|ئىنكاس: 31

باھار كەلگەن ئوخشايدۇ..

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

6

ئەگەشكۈچى

1736

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەخمۇت سەلەي..
تۆھپە
1078
مۇنبەر پۇلى
664
ئىشەنىچ
1078
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 09:39:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھاركەلگەن ئوخشايدۇ

قۇشلار تولا سايرايدۇ،باھار كەلگەن ئوخشايدۇ،
قۇرۇق قاخشال دەرەخكە مادار كەلگەن ئوخشايدۇ.

توڭۇپ يۈرگەن جانلارنىڭ بوغۇزىدا شۇ ناخشا،
تەبىئەتكە مۇشۇنداق سادا كەلگەن ئوخشايدۇ.

قاچانلاردىن قاتقانكىن باشلىرىدا تاغلارنىڭ،
مۇزلار ئېرىپ سۇ بوپتۇ،جازا كەلگەن ئوخشايدۇ.

چەت يېقىيدا كۆللەرنىڭ غاقىلدايدۇ بىر نەرسە،
پەرىزىمچە بۇ يەرگە غازلار كەلگەن ئوخشايدۇ.

ئاسماندىكى نېمىدۇ؟-دېدىم چۈشسە سايىسى،
قارىغاندا تۇرنىلار قاتار كەلگەن ئوخشايدۇ.

مەنمۇ شۇلار قاتارى ئىش باشلىدىم ئېتىزدا،
ئىش قوينىدا مېنىڭدەك يانار كەلگەن ئوخشايدۇ..


شەۋكىتى باشقا

كۈلگۈنچەك شۇ قىزنىڭ كۈلكىسى كەبى،
ئەتىياز قۇياشى باقسا شۇ گۈلگە.
قۇشلارغا بېغىشلار ئۆزگىچە شاتلىق،
سۈكۈتلەر بۇزۇلسا-پەيزى ئۆزگىچە..


شۇ گۈلنىڭ ھىدىدىن جان كىرگەي ھامان،
قۇرۇتقا،قوڭغۇزغا،ھەتتاكى تاشقا.
ياپراقتىن شەبنەملەر، بەرگىلەردىن رەڭ،
ئالغان شۇ روھنىڭمۇ شەۋكىتى باشقا..

لەززەت

ئېقىپ كەلسە مەزمۇت قاشلاردىن،
ئالغاچ كەلسە گۆھەر،-تاشلاردىن.
رەڭگىمىزدە رازىمەنلىك يار،
ئېتىزدىكى ئاشلىق-ماشلاردىن.


سىڭىشىشتە يىتەلمەس ئاڭا،
شەبنەب يەردە تىزلىك تالىشىپ.
لاي بولسىمۇ ئىچسە كىشىلەر ،
لەۋلىرىنى ،كەتكەي يالىشىپ..

ئىشىگىڭ بولاي

مېنىلا ئۇرغىنا، ئۇرماي ھايۋاننى،
ماڭىلا قاتقىنا سۆرەم-ساپاننى.
خالىساڭ ئىشىگىڭ ئورنىدا بولاي،
قېنى يۈر!ئۈستۈمگە تاشلا چاپاننى..


بولمىسا،بۇجاننى ئورنۇمدا كۆرگىن،
قوسقىنى ئاچ قويماي قوغلىغىن-سۈرگىن.
نېمىلەر قىل مەيلى-يۈكلەر ئارت لېكىن،
ئۆزۈڭنىڭ يۈكىنى ئۆزۈڭ كۆتۈرگىن..

شەپقەت قىل

بىر خاسلىق ياراتساڭ،سۆيۈشلەردە سەن،
بىزلەرگە نەكېرەك چىراي ۋە ئەڭلىك.
خىياللار ئىلكىدە بەدەنگە-بەدەن-
تېگىشسە،تارتمايمىز ئەمەسمۇ تەڭلىك..


توڭلىساڭ تېنىڭگە يەتكۈزۈپ ئىللىق،
ئوت بولۇپ بېرىمەن پىنھاندا ساڭا.
بارلىقىم،ھاياتىم ساڭىلا تالىق،
سۆيۈشۈپ ئۆتىمىز،شەپقەت قىل ماڭا..

دوملاتماس دەپ تاش

چاقماقتەك يېنىشقا قىلىمەن جۈرئەت،
سېنىڭدىن ئايرىلغان دەملەرگە ئەبەت.
كەينىمچە ماڭساممۇ ئالدىڭدىن يەنە،
يىراقلاپ بارىمەن ئاشۇرۇپ سۈرئەت.


چىقارغۇم كەلمەيدۇ بىھۇدە غەۋغا،
ئىچىمگە سالساڭمۇ تەڭسىز-تىڭىرقاش.
ئازاپلىق بولسىمۇ سۆيدۈم نىمىشقا؟
چۈنكى شۇ، يولۇمغا دوملاتماس دەپ تاش..
مەنبە ئۆز ئىجادىيىتىم مەخمۇت سەلەي(مەيپۇرۇچ)

45

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1988

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1092
مۇنبەر پۇلى
748
ئىشەنىچ
1092
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 10:45:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
باھار ھېدى دىماقلارغا ئۇرۇلماقتا............

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

باھا سۆز

ئاھۇ كۆز بەك چىرايلىق ئىكەن.  يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا

45

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1988

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1092
مۇنبەر پۇلى
748
ئىشەنىچ
1092
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 11:06:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدە شىئىر ھىسسىيات خۇددى بۇلاقتەك تىپچەكلەپ تۇرىدۇ جۇمۇ،يەنىمۇ تىرىشىڭ....

5

تېما

6

ئەگەشكۈچى

1736

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەخمۇت سەلەي..
تۆھپە
1078
مۇنبەر پۇلى
664
ئىشەنىچ
1078
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 11:11:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sakra يوللىغان ۋاقتى  2013-3-12 10:45
باھار ھېدى دىماقلارغا ئۇرۇلماقتا............

ساكىيرە، ماڭا شۇنداك ئىسىل سوغاتنى تەقدىم قىلىپسىز..چەكسىز سۈيۈندۈم..سىزگە كۆپ رەخمەت..

5

تېما

6

ئەگەشكۈچى

1736

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەخمۇت سەلەي..
تۆھپە
1078
مۇنبەر پۇلى
664
ئىشەنىچ
1078
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 11:12:33|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sakra يوللىغان ۋاقتى  2013-3-12 11:06
سىزدە شىئىر ھىسسىيات خۇددى بۇلاقتەك تىپچەكلەپ تۇرىدۇ  ...

رەخمەت سىزگە..

13

تېما

22

ئەگەشكۈچى

2943

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1155
مۇنبەر پۇلى
1155
ئىشەنىچ
1155
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 11:52:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن باھارنى  ياخشى كۆرىمەن ، ئىللىق باھار ئاپتىپىغا چۆمۈلۈپ سىرتنى ئايلىنىش ، گۈل - چېچەكلەرنىڭ خۇش بۇي ھىدىدىن مەستخۇش  بولۇش  نەقەدەر  ھوزۇر - ھە !؟

باھا سۆز

كاپىتان باھار بىزنىڭ مەھەللىدە بۇرۇنراق كىلىدۇ ، پايدىلىۋالامسىز ؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 12:22

5

تېما

6

ئەگەشكۈچى

1736

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەخمۇت سەلەي..
تۆھپە
1078
مۇنبەر پۇلى
664
ئىشەنىچ
1078
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 11:57:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2013-3-12 11:52
مەن باھارنى  ياخشى كۆرىمەن ، ئىللىق باھار ئاپتىپىغا چۆ ...

كۈنلىرىڭىز ھەمىيشە باھار كۈنلىرىدەك ئۆتسۇن!!!..سىزگە رەخمەت.

17

تېما

15

ئەگەشكۈچى

3082

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
542
مۇنبەر پۇلى
1250
ئىشەنىچ
542
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 12:13:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شئېرى  تىلى  ناھايىـى  ھېسياتلىق، سىمۇۋۇللۇق يېزىلغان ياخشى شىئېر كەن . بەھرى ئالدىم.

3

تېما

13

ئەگەشكۈچى

1018

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
281
مۇنبەر پۇلى
560
ئىشەنىچ
281
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 12:19:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئېر ئىلھامىڭىز يۇرۇڭقاشقا سەل كەلگەندەك كىلىۋېتىپتۇدە!!
ياخشى يېزىپسىز، مۇبارەك بولسۇن!!!

باھا سۆز

sarwi گويا پەسىل قۇشلىرىدەك  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 12:39
sarwi باھاردىن قوغلاپ يۈرۈپ ھوزۇرلانسام قانداق ياخشى، قەيەردە باھار بولسا شۇ يەردە مەن بولسام  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 12:39
قۇملۇقتەك جىمجىت تۇرماي دېڭىزدەك ئۆركەشلەپ تۇرساق بولاتتى.

44

تېما

15

ئەگەشكۈچى

1648

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
233
مۇنبەر پۇلى
732
ئىشەنىچ
233
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 12:19:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھارنى كۆرگەندەك بولدۇم،ھەقىقەتەن ئېسىل شېئىر ئىكەن.
ئالمىزاردىكى دوسلار ياخشىمۇ سىزلەر.مەن ھەممىڭلار بىلەن دوس بولماقچى.قىتىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-3-20 13:12, Processed in 0.130396 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش