تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 375|ئىنكاس: 17

خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار توقمەھەللە كەنتىدىكى دېھقانلارنى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

3

ئەگەشكۈچى

404

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
28
مۇنبەر پۇلى
322
ئىشەنىچ
28
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-11 21:06:34|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار توقمەھەللە كەنتىدىكى
دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى

    ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى روھىنى كەنت، ئائىلىلەرگىچە يەتكۈزۈش تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، ئاپتونوم رايون ۋە ئاقسۇ كەسپىي تېخنىكا ئىنستىتۇتىدىن ئارقا - ئارقىدىن باي ناھىيە سايرام بازىرى توقمەھەللە كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار نۇقتىغا يېتىپ كەلگەندىن بۇيان، ئاساسىي قاتلامغا، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، بىر تەرەپتىن ئائىلىلەرگىچە كىرىپ، دېھقانلار بىلەن خىزمەتتە، تۇرمۇشتا، ئۆگىنىشتە بىرگە بولۇپ، پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى روھىنى ۋە پارتىيەنىڭ خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلسا، يەنە بىر تەرەپتىن خەلق ئاممىسى بىلەن ئەستايىدىل سۆھبەتلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋاللىرى، ئارزۇ - ئۈمىدلىرىنى ئىگىلەپ، ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇپ، تەشۋىقات - تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇردى. كەنتنىڭ 2013 - يىللىق ۋە كەلگۈسى پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈشكە ياردەملىشىپ، كەنتنىڭ ئىلمىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. نامرات، قىيىنچىلىقى بار ئائىلىلەرنى ئىنچىكىلىك بىلەن ئېنىقلاپ، ئۇلارگە يار - يۆلەك بولدى، 10 - مارت بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار 2500 يۈەن چىقىم قىلىپ، ۋالىبول، تىكتاكتوپ، ئارقان تارتىشىش، توخۇ سوقۇشتۇرۇش، مىللىي مەشرەپ، زېھىن سىناش مۇسابىقە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، بۇ كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتتى.

پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر:



تىكتاكتوپ مۇسابىقىسى





توخۇ سوقۇشتۇرۇش مۇسابىقىسى



ۋالىبول مۇسابىقىسى



ئارقان تارتىشىش مۇسابىقىسى



مىللىي مەشرەپ



ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتتىن چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسدىكى كادىرلار يېزا، كەنت كادىرلىرى
بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

16

تېما

24

ئەگەشكۈچى

3771

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1101
مۇنبەر پۇلى
1479
ئىشەنىچ
1101
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 12:27:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى ياخشى پائالىيەت بولۇپتۇ. بىراق ھايۋانلارنى سوقۇشتۇرۇپ، تالاشتۇرۇپ كۆڭۈل ئاچىدىغان ئەخلاققا، ئىتىقادقا يات ئىشلارنى تۈگەتسەك بولاتتى!
تۇپراق بىلەن قان يۇغۇرۇلسا ۋەتەن بولىدۇ....

45

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1988

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1092
مۇنبەر پۇلى
748
ئىشەنىچ
1092
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 12:51:08|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەت گۇرۇپپىسى ياخشى ئىش قىپتۇ،ئەمما دېھقانلارغا مەنىۋىي تۇرمۇشتىنمۇ ماددى تۇرمۇش بەك مۇھىم.ئالدى بىلەن تائام ئاندىن كالام دېگەن گەپ بار.تىمىڭىزغا رەخمەت.

13

تېما

22

ئەگەشكۈچى

2943

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1155
مۇنبەر پۇلى
1155
ئىشەنىچ
1155
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 12:53:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمسىمۇ مۇشۇ خوراز سوقۇشتۇرۇش ، ئىت تالاشتۇرۇش ، قوچقار سوقۇشتۇرۇش دىگەندەك تۈرلەرگە ئەرلەر بەك ئامراقمىكىن دەيمەن ، بەك ھوزۇرلىنىپ كورسە كېرەك ؟ بىز ئىنسانلار ئۆز ئارا ئۇرۇشقاننى ئاز دەپ ، ھايۋانلارنى ئۆزئارا سوقۇشتۇرۇپ كۆڭۈل ئاچىمىز ، ئۇلارنىڭ سوقۇشۇپ بىر بىرىنى قان قىلىشقان بىچارە ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنىمىز ، بىز ئىنسانلارنىڭ باغرى  بەزىدە نىمانچە قاتتىق بولۇپ كېتەر دەيمەن !؟

  

45

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1988

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1092
مۇنبەر پۇلى
748
ئىشەنىچ
1092
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 12:58:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راس دەيسىز ئادەملەر ئۆزىنىڭ جىنىنى تازىمۇ ئاسرايدۇ-يۇ ھايۋانلارنى جانسىز كۈرەمدىكىن،،تاڭ.

3

تېما

13

ئەگەشكۈچى

1018

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
281
مۇنبەر پۇلى
560
ئىشەنىچ
281
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 13:09:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2013-3-12 12:53
دىمسىمۇ مۇشۇ خوراز سوقۇشتۇرۇش ، ئىت تالاشتۇرۇش ، قوچقا ...

ئەرلەر مۇشۇنداق ھايۋانلانى سوقۇشتۇرۇپ ئۆزىدە ئازراق ۋەھشىلىك روھى يىتىلدۇرمىسە بولمايدۇدە.
ھەممىسى توختام سۇدەك، پارنىك مايسىسىدەك بۇلىۋالسا  غىنى باتۇر، ئەنجانبايلارنىڭ روھى قۇرۇنمامدۇ؟

باھا سۆز

sarwi ئۇنداق خاراكتېرنى ھايۋانلارنى سوقۇشتۇرمايمۇ ئېرىشكىلى بولىدۇ ئەمەسمۇ ، كاپىتان  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 13:25
قۇملۇقتەك جىمجىت تۇرماي دېڭىزدەك ئۆركەشلەپ تۇرساق بولاتتى.

3

تېما

0

ئەگەشكۈچى

216

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
86
مۇنبەر پۇلى
122
ئىشەنىچ
86
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 13:30:48|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقىرىدىن چۇشكەن كادىرلار ئالدى بىلەن دىھقانلىرىمىزنىڭ ئارسىغا چوڭقۇر چوكۇپ،ئۇللار يولۇقۋاتقان قىيىن نۇختا،قىزىق نۇختا مەسلىرىنى ھەل قىلىپ بىرىش،تۇرمۇش قىيىنچىلىقى ئىغىر بىر قىسىم ئائىلەرنىڭ ئەتىيازدىكى سىرىقتال كۇنلەردىن ئوتۇۋىلىشىغا ئىقتىزادىي جەھەتتىن مەدەت بىرىش كىرەك،مەنىۋى مەدىنيەتمۇ مويۇم بىراق مادىدي مەدىنيەت ئۇنۇڭدىنمۇ مويۇم،ئىنساننىڭ قوسققى توق،كىيىممى پۇتۇن ،غىممى يوق بولسا ئاندىن تۇرلۇك كوڭول ئىچىش پاھالىيەتلىرىگە ئىشتىراك قىلالايدۇ،ھوزۇر ئالالايدۇ،شۇڭلاشقا يۇقىرىدىن چۇشكەن كادىرلار يىزىلىرىمىزنىڭ ئەملىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ،دىھقانلىرىمىزنى چۇشۇنىشى، مال باھاسى  شىدەت بىلەن ئورلەۋاتقان بۇگۇنكى كۇندە قانچىلىك دىھقانلىرىمىزنىڭ ئايدا بىر كىلو گوشكىمۇ قۇربى يەتمەۋاتقانلىقىنى چۇشۇنىشى لازىم

13

تېما

22

ئەگەشكۈچى

2943

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1155
مۇنبەر پۇلى
1155
ئىشەنىچ
1155
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 13:32:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاپىتان يوللىغان ۋاقتى  2013-3-12 13:09
ئەرلەر مۇشۇنداق ھايۋانلانى سوقۇشتۇرۇپ ئۆزىدە ئازراق  ...


  غېنى باتۇردەك ، ئەنجانبايدەك ئەزىمەتلەرنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئۈچۈن ، ئوغۇللارنى ساغلام ئوزۇقلاندۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىرگە ، ئۇلارنى كۆپ چېنىقتۇرۇش  ، بولۇپمۇ ئېغىرلىق كۆتۈرۈش ،  چېلىشىش ، تاغقا چىقىش ، ئات مىنىش ، سۇ ئۈزۈش ....تەك تەنھەركەت تۈرلىرىنى ئۆگىتىش ، ئۇلارنىڭ ئىرادىسىنى چېنىقتۇرۇش ، ئۇلاردا جاپاغا چىداش روھىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك ، شۇنداق قىلغاندىلا كۆپلەپ ‹ غېنى باتۇر، ئەنجانباي › لار مەيدانغا كېلىدۇ . بولمىسا ، ئۇلارغا ئارىسلانلارنىڭ سوقۇشقىنىنى كۆرسەتسىڭىزمۇ يەنىلا مۇشۈكتەك چوڭ بولىدۇ ، ھەرگىزمۇ ئارسلانلاردەك بوللالمايدۇ .
توغرا دىدىممۇ ، كاپىتان  ؟

باھا سۆز

ئىسىل: 0.0
فارارى ئىسىل: 0
ئىنكاسنى ھەجەپ ياخشى يازىدىكەنسىز .  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 16:42
كاپىتان توغرا.  يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 13:41

1

تېما

21

ئەگەشكۈچى

2019

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
569
مۇنبەر پۇلى
904
ئىشەنىچ
569
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 13:51:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىۋىي تۇرمۇش ماددى تۇرمۇشقا تايىنىدۇ ، ئادەمنىڭ ماددى تۇرمۇشى تولۇق كاپالەتكە
ئىگە بولغاندىلا ، ئاندىن ئۇنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجى بارلىققا كېلىدۇ .

45

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1988

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
1092
مۇنبەر پۇلى
748
ئىشەنىچ
1092
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-12 15:02:03|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇغرا ناينىناڭلىرى تەرەقىي قلىپ،كىيىدىغانغا ئىشتىنى بۇلمىسا،ئۇنداق ئادەم تۇلىمۇ بىچارە ئادەمدۇر..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-3-20 13:11, Processed in 0.129798 second(s), 30 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش