بۇنداق تەسىرلىك پائالىيەتنىمۇ كۆرۈپ باققانمۇ؟
18 - قۇرۇلتاينىڭ روھىنى قىزغىن ئۆگىنىۋاتقان مۇشۇ ۋەزىيەتتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا – ئانىسى بىلەن بولغان مېھرى - مۇھەببىتىنى كۈچەيتىش، ئوقۇتقۇچىلار بىلەن بولغان مېھرى - مۇھەببەتنى ۋە ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بولغان قارشىلىشىش پىسخىكىسىنى يېڭىش مۇناسىۋىتى بىلەن خوتەن شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپ، خوتەن شەھەرلىك 5 - باشلانغۇچ مەكتەپ چوڭ تىپتىكى «دۇنيا مېھرى - مۇھەببەتكە تولسۇن، كۆڭۈل - كۆڭۈللەردىن سۇ ئىچسۇن» دېگەن تېمىدىكى چوڭ تىپتىكى كوللېكتىپ پىسخىك مەسلىھەت بېرىش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى. بۇ پائالىيەتتە خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن دۆلەت 3 - دەرىجىلىك پىسخولوگىيە تەتقىقاتچىسى ئالىي دەرىجىلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى سالامەت ئىمىن نۇتۇق سۆزلىدى. پائالىيەتكە خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى، شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتە خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ مەسئۇللىرى، شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىكى تەتقىقاتچىلار شەھەرلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى، خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تىخنىكومى، خوتەن مائارىپ ئىنىستىتۇتى، شىنجاڭ رادىيو - تېلېۋىزىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خوتەن تارماق مەكىتىپىدىكى ئالاقىدار ئوقۇتقۇچىلار ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 5000 نەپەردىن كۆپرەك كىشى قاتناشتى. پائالىيەتتە ئاتا - ئانا ئوقۇتقۇچى توغرىسىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق، ئۇلارنى تەسىرلەندۈرۈپ، «ئانا، دادا مەن سىزگە ئامراق، رەھمەت سىزگە، جاپا تارتتىڭىز، مېنى كەچۈرۈڭ»، «مۇئەللىم، مەن سىزگە ئامراق، جاپا تارتتىڭىز، رەھمەت سىزگە» دېگەن پىسخىكلىق بىشارەتلەر ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تىلى ئارقىلىق تىلغا تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانا، ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، ئەجىر - مېھنىتىگە رەھمەت بىلدۈرەلەيدىغان كۆيۈمچان، مېھرىبان، ئەخلاق - پەزىلەتلىك قىلىپ يېتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. خوتەن شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى
|