تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1340|ئىنكاس: 24

غۇلجىدىكى تۆت باغ

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

189

تېما

9

ئەگەشكۈچى

6110

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3068
مۇنبەر پۇلى
2464
ئىشەنىچ
3068
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-26 18:01:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇلجا شەھىرىدىكى مەشھۇر تۆت چوڭ باغ  

     غۇلجا شەھىرى- ئىلى  ۋادىسىدىكى قەدىمكى  شەھەرلەرنىڭ بىرى، ئۇ مىلادىيە  1763- يىلى   بىنا قىلىنغان، شۇنىڭدىن بۇيانقى 200 يىلدىن  ئارتۇق  زامانلار مابەينىدە، بۇ شەھەردە  سەلتەنەت   سۈرگەن  ھۆكۈمدارلار  ئىلى خەلقىنىڭ قان- تەر بەدىلىگە بۇ شەھەردە  داڭلىق تۆت چوڭ  باغ  بىنا قىلدۇرغان.
     ھەرەمباغ غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدىكى ئەڭ  ئېگىز  يەرگە جايلاشقان بولۇپ، ئۇ   ھازىرقى ھەرەمباغ مەھەللىسىدىكى چوڭ مەسچىت كوچىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى كەڭ  ئورۇنلارنى  ئۆز  ئىچىگە  ئالاتتى. ئۇنىڭ شىمالىي تەرىپى ھازىرقى ئايرودۇرۇم بىلەن، شەرقىي تەرىپى  لەڭشاڭ بۇتخانىسى بىلەن، غەربىي  تەرىپى سايبويى بىلەن، جەنۇبىي تەرىپى ھازىرقى ئىلى ئالىي  مېھمانخانىسىنىڭ ئارقا تەرىپى  بىلەن  تۇتىشاتتى.
     ھەرەمباغ تۈرلۈك مېۋىلىك دەل- دەرەخلەر بىلەن پۈركەنگەن كاتتا ۋە ھەشەمەتلىك ئۆي- ئىمارەت ھەمدە باغنىڭ ئوتتۇرسىدىكى توپا- تاشلار بىلەن شەكىللەنگەن تەبىئىي دۆڭلۈكلەرنىڭ ئۈستىگە سېلىنغان چىرايلىق، كۆركەم، ئازادە، يورۇق ئۆي- ئىمارەتلىرى بىر نەچچە ھەيۋەتلىك ، ئېگىز، نەپىس نەقىشلەر چېكىلىپ ياسالغان  شىپاڭ- راۋاقلىرى بىلەن داڭق چىقارغان، بۇ باغ  1899- يىللىرىغىچە ئىلگىرىكى ھالىتىنى ساقلاپ كەلگەن. 1900- يىللاردىن كېيىن، غۇلجا شەھىرىنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ،  بوش  يەرلەرگە  ئۆي- ئىمارەتلەر  ياسىلىپ، ھازىرقى ھەرەمباغ  مەھەللىسى  شەكىللەنگەن.
    بۇ باغنى 1800- يىللاردىن  كېيىن  ئىلىنىڭ تۆتىنچى ھاكىمبېگى خالزاتخاننىڭ ئورنىغا ھاكىمبەگ بولغان باقى ھاكىمبەگ  بىنا  قىلدۇرغان ۋە باقى ھاكىمبەگنىڭ  ئائىلە  تاۋابىئاتلىرى  مۇشۇ باغدا  تۇرغانلىقى  ئۈچۈن «ھەرەمباغ» دەپ ئاتالغان. كېيىنكى  زامانلارغا  كەلگەندە، بۇ باغ  ئەسكەر تۇرغۇزۇلىدىغان گازارما بولۇپ كەلگەن. باقى ھاكىمبەگ ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى  ھەرەمباغنى كىچىك قىزى خانكىشى خېنىمغا مىراس قالدۇرغان. خانكىشى خېنىم شۇ زامانلاردىكى تونۇلغان داڭلىق مۇددەرس مەسئۇد مۇپتى ھاجىم داموللا  خۇدابەردى  ئەلەمگە  ياتلىق قىلىنغان. ئۇنىڭ ئوغلى ھېزىماخۇن ئاتىسىنىڭ مىراسىغا ۋارىسلىق قىلىپ كەلگەن. ھېزىماخۇننىڭ  ئوغلى- ھازىرقى ھەرەمباغ  مەسچىتىنىڭ  ئىمامى  ئابدۇرشېت  مەخسۇم  ئەينى ۋاقىتتا  ئاشۇ  ھەرەمباغدىن   بۆلۈپ  بېرىلگەن  قورۇ- جايىدا  ھازىرغىچە  ياشاپ  كەلمەكتە.
     روشەنباغ ھازىرقى ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى باشقۇرۇشىدىكى ئىلى ئالىي مېھمانخانىسىنىڭ ئورنىدا بولۇپ، ئۇ يەر ئەسلىدە باقى ھاكىمبەگنىڭ چوڭ قىزى روشەن خېنىمغا ئاتاپ بىنا قىلدۇرۇلغان  باغ ئىدى. باقى ھاكىمبەگ ۋاپات بولۇشنىڭ  ئالدىدا بۇ باغنى روشەن خېنىمغا مىراس قالدۇرغان، روشەن خېنىم شۇ زامانلاردىكى قازىكالانلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدىغان سېيت جالالىدىن شەيخ  ھەزرەتكە ياتلىق بولغان، ئۇلارنىڭ بىر قىزى بولۇپ، بۇ  قىز  ھېيت مۇھەممەت خەلپەم دېگەن كىشىگە ياتلىق قىلىنغان. روشەن  خېنىمنىڭ يالغۇز  قىزى پەرزەنت يۈزى كۆرمىگەچكە، ئۇ ۋاپات بولغاندا، روشەنباغ سېيت جالالىدىن شەيخنىڭ ئاكىسى مۆتىۋەللى ئاخۇنۇم دېگەن كىشىنىڭ ئوغلى ھاپىز خەلپەم  دېگەن كىشىگە مىراس قالغان. 1881- يىلى« جوڭگو - روسىيە ئىلى شەرتنامىسى» بويىچە روسىيە  غۇلجا  شەھىرىدە كونسول تۇرغۇزغاندا مۇشۇ روشەنباغ  روسىيەنىڭ  ئىلىدا  كونسۇلخانا سېلىشىغا كۆرسىتىپ بېرىلگەن. روسىيەدە ئۆكتەبىر ئىنقىلابى غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، 1920-يىلى روسىيەنىڭ كونسولخانىسى ئۆزلۈكىدىن تارقالغان. 1922- يىلى كۈزدە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى غۇلجىدىكى  بۇ  كونسولخانىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن ۋە كېركوف دېگەن رۇسنى تۇنجى كونسوللۇققا ئەۋەتكەن.1962- يىلى غۇلجىدا «29-ماي» ۋەقەسى يۈز بېرىپ، شۇ يىلى 8- ئاينىڭ 16- كۈنى سابىق سوۋېت ئىتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسولخانىسى جوڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مەجبۇرىي تاقىۋېتىلگەچكە بۇ باغ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ غۇلجىدىكى كونسولخانىسى بولۇپ  كەلگەن. كونسولخانا    تاقالغاندا ئۇنىڭ مال مۈلكى ئوبلاستلىق جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى تەرىپىدىن پېچەتلەنگەن. 1969- يىلى 11- ئايدا خەلقىمىز تەرىپىدىن بىر ئەسىرگە يېقىن «كونسولباغ» دەپ ئاتالغان بۇ قەدىمكى باغ ئىلى ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىختىيارىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلگەن.  شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ جاي دەسلەپ «چەتئەللىكلەر  مېھمانخانىسى» دەپ ئاتالغان. 1973-يىلى 10- ئايدىن كېيىن «ئوبلاستلىق  مېھمانخانا» دەپ ئاتالدى، 1995- يىلى 1- ئايدىن تارتىپ « ئىلى  ئالىي مېھمانخانىسى» دەپ  ئاتالماقتا.
     ھازىرقى بۇ  مېھمانخانىنىڭ  يەر  كۆلىمى  12  گېكتار، قۇرۇلۇش كۆلىمى 23  مىڭ كۋادىرات مېتىر كېلىدۇ، ئۇنىڭ شەرقىي تەرىپى « غالىبىيەت» كوچىسىغا، شىمالىي تەرىپى كۆككۆۋرۈك يەرلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىغا، غەربىي تەرىپى سۇلتانباغنىڭ شەرقىي پاسىلىغا، جەنۇبىي تەرىپى  مېھمانكۈتۈش كوچىسىغا تۇتىشىدۇ. باغنىڭ  ئىچىگە داچا فورمىسىدا  12 كورپۇس ھەر خىل  ئىمارەتلەر ياسالغان، بۇ ئىمارەتلەر ئالىي، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجە بويىچە  250  ئېغىزلىق  ياتاققا ئايرىلغان ۋە 631  كارۋات سەپلەنگەندىن  سىرت،  1000  كىشىلىك كۇلۇب،  يەتتە چوڭ- كىچىك تاماقلىنىش زالى، ساتىراشخانا، ماگىزىن، مۇنچا قاتارلىق  مۇئەسسەلەر سەپلەنگەن.
     بۇ مېھمانخانا ئىلگىرى -ئاخىر بولۇپ جۇۋ ئېنلەي،  نۇردۇم سىخانۇك، خۇ ياۋباڭ،  جياڭ زېمىن، لې پېڭ، لى رۈيخۇەن، جخ دېڭكۈي، ۋاڭ جاۋگو، تيەن جىيۈن،  نەزەربايف قاتارلىق پارتىيە ، ھۆكۈمەت  رەھبەرلىرى  ۋە  چەتئەللىك  مېھمانلارنى كۈتۈۋالغان.
     مېھمانخانىنىڭ دەرۋازىسىدىن كىرگەندە  بىرىنچى بولۇپ  كۆزگە  تاشلىنىدىغان لېنىننىڭ باش ھەيكىلى ۋە ئۇنىڭ كەينىدىكى رۇس پاسونىدىكى ئىمارەتلەر ئىلى خەلقىنىڭ سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى خەلقلىرى بىلەن بولغان  ئۈزۈلمەس دوسلۇقىنىڭ تارىخىي شاھىتىدۇر.
        سۇلتانباغ تارىختا ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە گۈزەللىكى بىلەن ئالاھىدە داڭلىق ئىدى. بۇ  باغ  ئەينى  زاماندىكى غۇلجا شەھىرىنىڭ ئىككى چاقىرىم شىمالىدىكى جايدا بولۇپ، شەرقىي تەرىپى روشەنباغقا، شىمالىي تەرىپى «ئالتۇنلۇق» مازىرىغا، غەربىي تەرىپى پەنجىم غولىنىڭ سۈيى كېلىدىغان سايبويىغا، جەنۇبىي تەرىپى ھازىرقى«دوستلۇق» دوختۇرخانىسىنىڭ شىمالىي پاسىلىغا تۇتىشاتتى. بۇ باغ 1867- يىلى ئىلى سۇلتانلىقىنىڭ ئىختىيارلىقىغا ئۆتكەنلىكتىن،«سۇلتانباغ» دەپ ئاتالغان. 1871- يىلى چارروسىيە ئىشغالىيەتچىلىرى ئىلىنى بېسىۋالغاندا، چارروسىيەنىڭ ئىلىدىكى ئىش بېجىرىش ئورنى قىلىپ پايدىلىنىلغان.1900- يىلىدىن تارتىپ روسىيە سودىگەرلىرى بۇ باغنى «غۇلجا مويكىسى» دەپ ئاتىغان ۋە ئامبالارنى ياساپ، يۇڭ تېرە، ئۈچەي پىششىقلاپ ئىشلەيدىغان ئورۇن قىلىپ پايدىلانغان .
1937- يىلى  ئىلگىرى  كۈرە  شەھىرىدە  شېڭ شىسەي تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان  بوز   يەر  ئېچىش مەھكىمىسى   غۇلجىغا كۈچۈپ كېلىپ، مۇشۇ باغنى مەھكىمە قىلدى. شۇنىڭدىن   تارتىپ   روشەنباغ    1944- يىلى 11- ئايغىچە  گومىنداڭ قوشۇنلىرىنىڭ  قوماندانلىق  شىتابى  بولۇپ  كەلدى. 1944- يىلىدىن 1949- يىلغىچە بۇ  يەردە  ئۈچ  ۋىلايەت ئىنقىلابى ھۆكۈمىتى  تۇردى، كېيىن ئىلى ۋالىي مەھكىمىسى، ئازادلىق ئارمىيە  5- جۈنىنىڭ  قوماندانلىق  ئىشتابى تۇردى، ھازىر بۇ جايدا خەلق  ئازادلىق ئارمىيىسى ئىلى شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ قوماندانلىق  ئىشتابى ۋە  غۇلجا شەھەر مۇداپىئە گارنىزونىنىڭ  قوماندانلىق  ئىشتابى  تۇرىدۇ.
      گۈلشەنباغ.  غۇلجا شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىدە « قارا دۆڭ» دەپ ئاتىلىدىغان دۆڭلۈك ئىلى  تارىخىدىكى  نۇرغۇن  ۋەقەلەرنىڭ  شاھىتى  سۈپىتىدە  قەد  كۆتۈرۈپ تۇرىدۇ. مۇشۇ  دۆڭلۈكنىڭ  ئېگىز  يېرىدە  تۇرۇپ،  تۆت  ئەتراپقا  تىكىلسىڭىز  بۇ دۆڭلۈكنىڭ  شەرقىي جەنۇب  يان باغرى  ئاستىدىكى ياپيېشىلىققا پۈركەنگەن تۈزلەڭلىكلەرگە كۆزىڭىز  چۈشىدۇ. مانا مۇشۇ جاي ئەينى زامانلاردا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ جەڭ تۆگىلىرى بېقىلىدىغان جاي ئىدى، يەرلىك    خەلق بۇ جاينى  « تۆگە مەھەللىسى»،« بۇغراخانا» دەپ ئاتىشاتتى.
چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ئىلىدا جۇڭغارلار ۋە خوجىلار توپىلاڭىنى تىنچىتقاندىن كېيىن، ئىلىغا تۇنجى  ھاكىمبەگە قىلىپ تەيىنلىگەن تۇرپانلىق ئىمىن  ۋاڭنىڭ ئوغلى  مۇسا چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى دائىرلىرى ئۈچۈن  كۆرسەتكەن خىزمىتى ئۈچۈن يۇقىرىقى«تۆگە مەھەللىسى»،« بۇغراخانا» دېگەن جايدىن  ئىلى دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى كەڭ زېمىنغا ئىگە بولغان، مۇسا ھاكىمبەگ  بولۇپ تۇرغان  زامانلاردىن 1877- يىللىرىغىچە   بۇ  جايلار   تېرىلغۇ   يەر  قاتارىدا پايدىلىنىلغان. مۇسانىڭ تۆتىنچى نەۋرىسى ئىلياسخان غوجا بۇ يەرنىڭ  سۈيى ئەلۋەك، ھاۋاسى ساپ، مەزىرىسى گۈزەل بولغاچقا، بۇ يەرگە باغ  بىنا قىلىشنى ئويلاپ، بۇ ئىشنى قول  ئاستىدىكى تاھىر  ئىسىملىك  كۆكبېشىغا تاپشۇرىدۇ. تاھىر بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن  كېيىن، بۇ يەرنىڭ  تۆت  ئەتراپىغا ئىھاتە ئورمان بەرپا قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئىچىدىكى ياۋا  دەل-دەرەخلەرنى كولىۋېتىپ،  ئۇنىڭ ئورنىغا  مېۋىلىك كۆچەت تىكىپ چىقىدۇ. شۇ زامانلاردا بۇ باغ غۇلجا شەھىرىدە بىنا قىلىنغان باغلارنىڭ ئەڭ چوڭى ۋە ئەڭ  گۈزىلى بولغاچقا « گۈلشەنباغ» دەپ ئاتالغان.
زامانلارنىڭ  ئۆتۈشى بىلەن بۇ باغدىكى مېۋىلىك دەرەخلەر قېرىپ كەتكەن، ئورنىغا ياش كۆچەتلەر  تىكىلمىگەنلىكى، باشقا  ياۋا تېرەك، قارىياغاچلار كولىۋېتىلمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن  گۈلشەنباغ  بارا- بارا قۇچاق يەتكۈسىز  يوغان دەرەخ بىلەن قاپلىنىپ كەتكەن، بۇنىڭ بىلەن بۇ يەر توختىماي ئېقىپ تۇرىدىغان  دەل- دەرەخلەر، رەڭگارەڭ  گۈلچىمەنلەر بىلەن كىشىنىڭ كۆڭلىگە  شاد- خوراملىق، ھوزۇر ئاتا قىلىدىغان  بىر چىمەنزارلىققا  ئايلانغان. شۇنىڭدىن  كېيىن، ئويۇنخۇمار  كىشىلەر  توپلىشىپ مەشرەپ  ئوينايدىغان، باراۋەت  ئۆتكۈزىدىغان، مەدداھ، ئاشىقلار سورۇن قۇرۇپ سۆھبەت ئۆتكۈزىدىغان ، يېتىمچىلار، ماكانسىزلار، سەرگەردانلار  يېتىپ -قوپىدىغان، كارۋان- يولۇچىلار ئارام ئالىدىغان  ئارامگاھقا ئايلانغان، شۇنداق  قىلىپ گۈلشەنباغ  ئۆتكەن  ئەسىرنىڭ 40- يىللىرىنىڭ ئاخىرلىرىغا قەدەر سابىق ئىلى ھاكىمبېگى مۇسانىڭ ئالتىنچى نەۋرىسى چوڭ پاشا خوجامنىڭ باشقۇرىشىدا بولۇپ كەلگەن.
                                                  « ئالتە  شەھەرگە داڭ كەتكەن،
                                                     گۈلشەنباغنىڭ سەيلاسى.
                                                      تاڭ  قالدۇرار  بۇلبۇلنى،
                                                       نەغمە- ناۋا  ساداسى»
               دېگەن مىسرالار گۈلشەنباغنىڭ داڭقىنى ئىلىغا  ئەمەس، ھەتتا پۈتۈن شىنجاڭغا تارقاتقان.
مەنبە:شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانىسى تور بېتى

82

تېما

15

ئەگەشكۈچى

2029

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
337
مۇنبەر پۇلى
897
ئىشەنىچ
337
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 10:01:30|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                   « ئالتە  شەھەرگە داڭ كەتكەن،
                                                     گۈلشەنباغنىڭ سەيلاسى.
                                                      تاڭ  قالدۇرار  بۇلبۇلنى،
                                                       نەغمە- ناۋا  ساداسى»
                                             
             نىمە دىگەن لەرىكىلىق ھىسىياتلار بۇ،دىمىسىمۇ دۇنياغا داڭلىق بۇ تۆت باغ قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا.   
ئالمىزاردىكى دوسلار ياخشىمۇ سىزلەر.مەن ھەممىڭلار بىلەن دوس بولماقچى.قىتىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

96

تېما

33

ئەگەشكۈچى

8767

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3220
مۇنبەر پۇلى
4029
ئىشەنىچ
3220
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 10:22:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلىنىڭ تارىخىغا شائىت بۇباغلار گۇزەل مەنزىرسى بىلەن نۇرغۇنلىغان سەيلى-ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلغان.

21

تېما

37

ئەگەشكۈچى

7606

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
بۇغداي
تۆھپە
3038
مۇنبەر پۇلى
3400
ئىشەنىچ
3038
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 10:46:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹ئىلى ئالمىسى داڭلىق ،ئىلى باغلىرى ھاۋالىق...› دېگەن ئىبارىلەر شۇنداق باغلارنىڭ بولغانلىقىدىن چىققاندە!!
پەزىلەتلىرىڭنىڭ قىممىتىگە تەمەننا قىلماي، ئۇنىڭ قىسمەتلىرىگە پەخەس بول.

39

تېما

15

ئەگەشكۈچى

3665

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
Jackie
تۆھپە
1561
مۇنبەر پۇلى
1815
ئىشەنىچ
1561
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 11:31:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن پەقەت ھەرەمباغنىلا ئاڭلاپتىكەنمەن.

0

تېما

4

ئەگەشكۈچى

2856

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
802
مۇنبەر پۇلى
1972
ئىشەنىچ
802
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 13:09:37|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
غۇلجىنىڭ ئۆزى بىر تەبىئىي باغ.ماي ئېيىدا گۈپۈلدەپ تۇرغان سېرىن ھىدىغا تولىدۇ،ئىيۇندا  كېچىسى ئىپار-ئەنبەردەك قىزىل گۈل،ئەتتىرگۈل  پۇراقلىرى دىماققا ئۇرۇلغاندا،ئەتتىر چاچمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،سەھەردە بۇلبۇل ناۋاسى شەھەرنى چاڭ كەلتۈرىدۇ...بۇنداق سەھەرلەردە بەزىلەر  مىسكىنلىشىپ يىغلايدۇ،بەزىلەر ئىنسانغا  ئيتقىلى بولمايدىغان سىرلىرىنى ئاللاغا ئېيتىپ مۇڭدىشىدۇ. بەزىلەر ۋە يەنە بەزىلەر......................
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 18:06:41
بۇ باغلا قاتارىدا ۋاڭ قادىرنىڭ بېغى يوقمىكە؟

5

تېما

24

ئەگەشكۈچى

4203

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
شىرىن
تۆھپە
2146
مۇنبەر پۇلى
1780
ئىشەنىچ
2146
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 19:06:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن غۇلجا توغرىسىدا خېلى ئۇچۇرلارغا ئىگە بولدۇم.......ھارمىغايسىز  سەھرا ئەپەندى!
ۋۇجۇد ئېزىتقۇ،ئەقىل تىزگىن !دوستلىرىڭ دوست بولغىنىدۇر ئېشىڭغا،
يەتسە مېھنەت بىرى كەلمەس قېشىڭغا.
بولسا كىم مېھنەتتە دوست ئۇ جانغا دوست،
دوست ئەمەس دۆلەتتە دوست،ئۇ نانغا دوست!

11

تېما

26

ئەگەشكۈچى

5844

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2182
مۇنبەر پۇلى
3107
ئىشەنىچ
2182
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 19:38:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   مەنمۇ پەقەت ھەرەمباغنىلا ئاڭلىغان ئىدىم ، بۇ تىمىدىن غۇلجىغا ئائىت
خىلى نۇرغۇن يېڭى ئىشلارنى بىلىۋالدىم .

2

تېما

3

ئەگەشكۈچى

1185

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
140
مۇنبەر پۇلى
793
ئىشەنىچ
140
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-27 22:19:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھەرەمباغنى يەنە ۋاڭ قادىرنىڭ بېغىن ئاڭلاپتىكەنمەن ، غۇلجا  ھەقىقەتەن بىر گۈزەل يۇرت
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-14 23:20, Processed in 0.110920 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش