- تىزىملاتقان
- 2013-2-13
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-7-2
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 365
- نادىر
- 0
- يازما
- 21
 
- تۆھپە
- 27
- مۇنبەر پۇلى
- 293
- ئىشەنىچ
- 27
| گېزىت ئۆز نۆۋىتىدە دۇنيا مىقياسىدا ئىنسانىيەت جەمىئىيتىگە ناھايىتى زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كەلدى.گەرچە تۇنجى گېزىت مەيدانغا كېلىپ ھازىرغىچە نۇرغۇن ئىسىسق - سوغۇقنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ، 80-يىللاردىن كېيىن رادىيو-تېلېۋىزورلارنىڭ كەسكىن رىقابىتىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ تا بۈگۈنكىچە تارقىتىلىپ كېلىۋاتىدۇ، بىراق گېزىتلەرنى ھۆكۈمەت قوللاپ بەرمىسە ئۆز -ئۆزىنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قامداپ نورمال ماڭالماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى بۈگۈنكى دەۋر ئۆتمۈشكە، تەرەققى قىلمىغان ۋاقىتلارغا ئوخشىمايدۇ، بۈگۈنكى دەۋر جاھاننىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ئىش بولسىمۇ ھازىرلا خەۋەر تاپالايدىغان، شەرت شارائىت ھازىرلانغان ئىنتېرنىت ئۇچۇر دەۋرى. شۇڭا بۇ دەۋردە قەغەز گېزىتچىلىكى زامانغا ماسلىشالمايدىغان بولۇپ قالدى، سەۋەب گېزىتنى بېسىپ پوچتا ئارقىلىق يولغا سېلىپ گېزىت قوبۇل قىلغۇچىغا تەگكۈچە مۇئەييەن ۋاقىت كېتىدۇ، قەغەزگە نۇرغۇن پۇل سەرپ قىلىدۇ، پوچتىغا پۇل سەرپ قىلىدۇ، بېسىشقا پۇل كېتىدۇ، تەننەرخىمۇ ئاشىدۇ، ۋاقىتمۇ ئىسراپ بولىدۇ. مەن يېقىندا مەلۇم ھۆكۈمەت ئورگىنىغا ئىش بېجىرگىلى بېرىپ نۇرغۇن گېزىتلەرنىڭ دۆۋىلىشىپ تۇرغانلىقىنى پوچتىدىن كەلگەن پېتى ئورامدىن يېشىلىپ باقمىغانلىقىنى كۆردۈم. گېزىتلەرنى توپا بىسىپ كەتكەن ئىدى .بۇ شۇ يەردىكى كىشلەرنىڭ خەۋەرگە قىزىقماس بولۇپ قالغانلىقىدىن ئەمەس بەلكى ھەممە ئىشخاندا تور بولغانلىقى سەۋەپلىك .مېنىڭچە قەغەز گېزىتچىلىكىگە خوش دەيدىغان ۋاقىت بوپ قالدىغۇ دەيمەن، چۈنكى تورغا چىقالايدىغان ئەقلىفۇن ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ سانى ئومۇمىي تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ نىسپىتى ئىچىدە بۇ يىل 50%دىن ئاشىتى. دېمەك ئەمدى گېزىتنى يانفوندىن كۆرىدىغان ۋاقىت كەلدى .شىنجاڭ گېزىتى،شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى ھەرقايسى ۋىلايەت گېزىتلىرىنى يانفونىمىزدا كۆرسەك تېخمۇ ياخشى ئەمەسمۇ؟ بۇنىڭدا گېزىتمۇ دەۋر بىلەن ماس قەدەمدە تەرەققىي قىلىدۇ، خەلىقنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجىمۇ تېخمۇ يۇقىرى دەرىجىدە قانىدۇ، شۇڭا تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. |
|