لۇنىڭدىكى 5 شاكىچىك ئەزىمەت بىلەن سۆھبەت
كەڭ تورداشلارغا مەلۇم بولغىنىدەك بۇلتۇر ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى ( غۇلجا شەھەرلىك 12- باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى ئەزىمەتلىرى ) شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىگە بېرىپ مەملىكەت بويىچە ئېلىپ بېرىلغان <<لۇنىڭ لوڭقىسى >> مەملىكەتلىك ئۆسمۈرلەر پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتنىشىپ قوش چىمپىيون بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئارقىدىنلار بۇ ئەزىمەتلەردىن 5 نەپىرىنىڭ شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپى تەرىپىدىن تاللىنىپ، شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىگە ئوقۇشقا كەتكەنلىگىنى، ھازىر شەندۇڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىپىدە تەربىيەلىنىۋاتقان ئانا يۇرت ئەزىمەتلىرى 9 نەپەر بولغانلىقىنى ( 4 نەپىرى ئالدىنقى يىلى قوبۇل قىلىنغان) خەۋەر قىلغان ئىدۇق. بۇ يىل قىشلىق تەتىلدە بۇ يىل قوبۇل قىلىنغان 5 نەپەر ئانا يۇرت ئەزىمىتىمىز تەتىل ئۆتكۈزۈش ۋە چەتئەلدىكى مۇسابىقە ۋە مەشىقلىنىشكە تەييارلىق قىلىش مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرىنى بېجىرگىلى غۇلجىغا قايتىپ كەلدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئەلقۇت ئېلانچىلىقى ۋە مەستانە تور بەت گۇرۇپپىمىزدىكى خادىملار ئۇلار بىلەن ئالاھىدە سۆھبەت ئېلىپ باردى ۋە ئۇلارنىڭ شەندوڭ لۇنىڭ پۇتبول مەكتىۋىدىكى ئوقۇش، مەشىقلىنىش ۋە تۇرمۇش ئەۋالىنى ئىگىلىدى.
|