تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2085|ئىنكاس: 23

«رەنانىڭ تويى» فىلىمى توغرىسىدا

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

217

تېما

5

ئەگەشكۈچى

3929

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1244
مۇنبەر پۇلى
1991
ئىشەنىچ
1244
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 20:59:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«رەنانىڭ تويى» فىلىمى توغرىسىدا













    (بۇ فىلىمنى تەڭرىتاغ كىنو ئىستودىيەسى 1982 - يىلى ئىشلىگەن)
    سىنارېست - گۇاڭ چۈنلەن، ئابلىمىت.
    رېژىسسور - گۇاڭ چۈنلەن.
    ئاساسلىق روللاردا:
    رەنا - مېھرىگۈل ئەمەت.
    ياسىن - ھەسەن.
    شۆھرەت - فېردەۋس ئېزىز.
    ئامىنە - ئايشەم كېرىم.
    پاتەمخان - ئاپرېل سەمەت.
    قادىر - كامىل تۇرسۇن قاتارلىقلار.
    فىلىم ھەققىدە چۈشەنچە:
    بۇ فىلىمدە نىكاھ ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈش ئاساسىي تېما قىلىنغان. ئايال باش قەھرىمان رەنا جانلىق، ئوچۇق - يورۇق، قىزغىن خاراكتېرگە ئىگە بولۇپ، تاماشىبىنلارغا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدۇ. فىلىمدە 60 -، 70 - يىللاردىكى سىنپىي زىددىيەت ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. كونا ۋە يېڭى ئىدىيە ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەن. ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە بولۇپ، گۇاڭ چۈنلەننىڭ ئۇيغۇرلار كىنوچىلىقى جەھەتتە موھىم ئورۇنغا ئىگە.
    فىلىمنىڭ قىسقىچە ۋەقەلىكى:
    گۈزەل سېسترا قىز رەنا ئوقۇتقۇچى ياسىن بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن، بۇ ئىككى ياش بىر - بىرىنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. شۇڭا ياسىننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر رەنانىڭ ئائىلسىگە بىر قانچە قېتىم ئەلچى ئېۋەتىدۇ. دەل شۇ پەيتتە ئاشۇ يۇرتتىكى سودىگەر شۆھرەت قادىرنىڭ تويىدا رەنا بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، قىزنىڭ گۈزەللىكىگە مەپتۇن بولۇپ، ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ. شۆھرەت ئۆزى بىلەن بىللە يۈرۈۋاتقان قىز دوستى سوپىيەنى تاشلىۋېتىپ، يوشۇرۇن ھالدا رەنانى قوغلىشىدۇ. مەھەللىدىكى تام قوشنىسى پاتەمخان رەنانىڭ ئانىسى ئامىنىخانغا شۆھرەتنى ماختاپ، رەنانى ئۇنىڭغا بېرىشكە قارىتا قۇتراتقۇلۇق قىلىدۇ. ياسىن بىلەن قىلىدىغان توي يېقىنلىشىپ قالغاندا شۆھرەتلەر قولىدىكى پۇلىغا ۋە زوراۋانلىقىغا تايىنىپ، ئامىنىخاننى ئالداپ، رەنانى شۆھرەتكە بېرىشكە ماقۇل كەلتۈرىدۇ ھەمدە رەنانىڭ قوشۇلماي قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، رەنانى چوڭ ئانىسىنىڭ قېشىغا ئەۋەتىۋېتىدۇ. شۆھرەت تويلۇقنى ئەكىلىپ بېرىدۇ. رەنا بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن يۇرتىغا كېلىپ، شۆھرەت بىلەن بولغان توي ئىشىغا قارشى تۇرىدۇ. شۆھرەتنىڭ ھىيلىگەر، ساختا نىقابى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئۇ سوپىيەنى ئۆلتۈرمەكچى بولغاندا قانۇن تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىدۇ. ياسىن ۋە ئەلىلەرنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا شۆھرەت بىلەن بولغان توي ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، تويلۇقنى ياندۇرۇپ بېرىشىدۇ. ئاخىرىدا رەنا بىلەن ياسىننىڭ توي ئىشى بىرلىككە كىلىپ، ئەركىن نىكاھ ئىشى يولغا قويۇلۇپ، ئوقۇتقۇچى ياسىن بىلەن سېسترا رەنانىڭ تويى  بولۇپ، مۇراد - مەقسىىتىگە يېتىشىدۇ.
    يازغۇچى: ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

217

تېما

5

ئەگەشكۈچى

3929

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1244
مۇنبەر پۇلى
1991
ئىشەنىچ
1244
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-6 21:02:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىم تاماشىبىنلارنىڭ ياقتۇرۇپ كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولغان نادىر فىلىم بولۇپ ھىساپلىىدۇ. فىلىمدە رول ئالغان ئاكتىيرلىرىمىزغا تەشەككۇرىمىزنى بىلدۈرىمىز. مەرھۇم ئايشەم كېرىمنى چوڭقۇر ياد ئېتىمىز.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

9

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
4
مۇنبەر پۇلى
5
ئىشەنىچ
4
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 12:20:27|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن كىنولاردە بۇ، 80-يىللار رايۇنمىز كىنوچىلىقىنىڭ گۇللەنگەن،مولھوسۇللۇق يىللىرى ئكەن،بىراق يىقىنقى يىللاردىن بۇيان رايۇنمىز كىنۇچىلىقى سۇسلىشىپ قالدى ،مانا مۇشۇنداق تۇرمۇشقا يىقىن،چىنلىق تۇيغۇسى كۇشلۇك ،خەلقىمىز ياخشى كوردىغان كىنولار كەمدىن-كام ئىشلىنىۋاتىدۇ،بۇنىڭدىكى سەۋەپ،مەبلەغدىمۇ،ياكى سىنارىسىتلىرىمىزدىمۇ،ۋەياكى ئاكتۇر -رىجىسورلىرىمىزدىمۇ ھىچ بىلەلمىدۇق،

11

تېما

13

ئەگەشكۈچى

2636

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
597
مۇنبەر پۇلى
1618
ئىشەنىچ
597
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 12:40:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىم 80يىللاردىكى نادىر فىلىم ئىدى كەنىتلەردە  يەردە ئولتۇرۇپ گازىر چېقىپ كۈرەتتۇق

3

تېما

23

ئەگەشكۈچى

4517

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1315
مۇنبەر پۇلى
2733
ئىشەنىچ
1315
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 13:10:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھازىر نىمىشقا مۇشۇنداق ياخشى كىنولارنى ئىشلىمەيدىغاندۇ.
تەكبۇر ئەيلىمە ھەرگىز، سىنىڭدەكتىن كۇر مىڭى ئۆتكەن. سىنىڭدەكلە تۆرەلمەيمۇ، پەلەكنىڭ چەرقى چۆگىلەپ ئۆت...

39

تېما

15

ئەگەشكۈچى

3665

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
Jackie
تۆھپە
1561
مۇنبەر پۇلى
1815
ئىشەنىچ
1561
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 13:52:41|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھــــەي، ئېسىل فىلىم ئىدى-دە.  ئۇزۇن بولدى قويۇلمىدى.
مەن بۇفىلىمدىكى شۆھرەت ئوبرازىنى ياقتۇرىمەن. فىردەۋىس ئەزىزى بۇ رولنى بەك ياخشى ئالغان.

21

تېما

37

ئەگەشكۈچى

7606

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
بۇغداي
تۆھپە
3038
مۇنبەر پۇلى
3400
ئىشەنىچ
3038
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 14:26:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىلى بولۇپ قويىدۇ،   مەنمۇ ياقتۇرىمەن.
پەزىلەتلىرىڭنىڭ قىممىتىگە تەمەننا قىلماي، ئۇنىڭ قىسمەتلىرىگە پەخەس بول.

5

تېما

24

ئەگەشكۈچى

4203

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
شىرىن
تۆھپە
2146
مۇنبەر پۇلى
1780
ئىشەنىچ
2146
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 14:39:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەب مېنىڭمۇ كۆرگۈمنى كەلتۈرۋەتتىڭلار...............
ۋۇجۇد ئېزىتقۇ،ئەقىل تىزگىن !دوستلىرىڭ دوست بولغىنىدۇر ئېشىڭغا،
يەتسە مېھنەت بىرى كەلمەس قېشىڭغا.
بولسا كىم مېھنەتتە دوست ئۇ جانغا دوست،
دوست ئەمەس دۆلەتتە دوست،ئۇ نانغا دوست!

17

تېما

15

ئەگەشكۈچى

1381

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
141
مۇنبەر پۇلى
823
ئىشەنىچ
141
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 17:04:04|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەينى ۋاقىتتىكى ئېسىل كىنولارنىڭ بىرى بۇ ھەممە ئادەم شۇنداق ياقتۇرۇپ كۆرەتتى.
شۇ چاغلار شىنجاڭ كىنوچىلىقنىڭ يۇقۇرى پەللىسى بولۇپ قالىدىغان ئوخشايدۇ.

5

تېما

0

ئەگەشكۈچى

329

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
ئىمىنجان تۇرسۇن
تۆھپە
25
مۇنبەر پۇلى
285
ئىشەنىچ
25
يوللىغان ۋاقتى 2013-2-7 18:10:22|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ فىلىم 30 يىل ئىگىرىكى سەۋىيە،شارائىتلارنى ئويلىغاندا  ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەنگەن فىلىم ھىساپلىنىدۇ،مۇمكڭن بولسھ مەن بىر كۆرسەم دەيمەن يەنە.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-14 00:04, Processed in 0.122114 second(s), 32 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش